ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى خوڭكوڭدىكى «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى ئۇچۇر مەركىزى» 8-مارت كۈنى بىر ئۇچۇر تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم 128-دېۋىزىيەسىدىن 1000 نەپەر قوراللىق ساقچىنى ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىگە يۆتكىگەنلىكىنى، رايوندا بەلكىم چوڭ بىر ۋەقە چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. «خوڭكوڭدا ئىقتىساد گېزىتى» تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان. ئەمما خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ بىرەر ۋەقە بولۇپ -بولمىغانلىقى دەلىللەنمىگەن.
14-فېۋرال كۈنى گۇمىدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن خوتەن، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ كىشىلىك قوراللىق ساقچى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسەتكەن. ئارقىدىن قەشقەر ۋىلايىتى يۇقىرى مائاش بىلەن 3000 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بىراق يۇقىرىدىكى خېنەن ئۆلكىسىدىن قوراللىق ساقچى يۆتكەش ۋەقەسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تېخى خەۋەر قىلىنمىدى، ئەمما 2009-يىلىدىكى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىچكىرى خىتايدىن بىر قىسىم قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارمۇ مەيدانغا چىققان ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/herbiy-yotkesh-03092017155214.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.