ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئەلروھلان
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟
مەن مەزكۇر ماقالىدە پروفېسسور پول دىبب (Paul Dibb) نىڭ «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇشۇشنىڭ ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟» دېگەن تېمىدىكى بىر قېتىملىق ئىلمىي دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن [1]. بۇ دوكلات يۇتيۇب (YouTube) قا 2013-يىلى 27-مايدا چىقىرىلغان. مەن بايان قىلىدىغان ئىدىيىلەرنىڭ ھەممىسى پول دىببقا مەنسۇپ بولۇپ، ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ سۆزلىرىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە ئايرىم ئابزاس قىلىپ يازىمەن. مەن پول دىببنى ئالدىنقى قېتىم توردا ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ» دېگەن يازمامدا ئازراق تونۇشتۇرغان. پول دىبب ئاۋسترالىيە مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىنستىتۇتى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىرلەشمە ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى، ھەمدە مەملىكەتلىك ئاخبارات كومىتېتىنىڭ بىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىكەن. پول دىبب بىر ئالىي دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى ۋە بىر ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى 20 يىل تەتقىق قىلغان، ھەمدە «سوۋېت ئىتتىپاقى—تەلتۆكۈس بولمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ناملىق بىر كىتابنى يازغان. بۇ كىتاب 1986-، 1987- ۋە 1988-يىلى 3 قېتىم نەشر قىلىنغان. پول دىبب ئاشۇ كىتابىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە يىقىلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغۇدەك، ئۇنىڭ پەرىزى توغرا چىقتى.
پروفېسسور پول دىبب مەزكۇر دوكلاتنى بەرگەن سورۇندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھىم ئەمەلدارلىرى، ئاۋسترالىيە ئاخبارات ئىدارىلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، يۇقىرى ئۇنۋانلىق ئاكادېمىكلەر، بىر قانچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە چەت ئەل ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى ۋە بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى بار ئىكەن. ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ يىغىنغا كېلەلمىگەن بولۇپ، پولدىن نۇتۇق تېكىستىنى سوراپتۇ.
تۆۋەندىكىسى پول دىببنىڭ دوكلاتىنىڭ ئۆزۈم تاللىغان ئاساسىي مەزمۇنلىرى.
مەن 1978-يىلى جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم بارغان. مېنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا مەن ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىدىم. شۇ چاغدا مەن جۇڭگو تەكلىپ قىلىپ، شاڭخەيدىكى سۇ ئاستى پاراخوت قورۇسىنى كۆرسەتكەن بىرىنچى چەت ئەللىك بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇ قېتىملىق سەپەردە مەن بادالىڭدىكى تانكا ئارمىيىسى 6-دېۋىزىيىسىنىمۇ زىيارەت قىلدىم. مەن ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا خېلى ئۇزۇن ئىشلەپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئاخبارات توپلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلدىم. مەندە ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەخپىي ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدىغان سالاھىيەت بار ئىدى.
مەن بۈگۈن بىر قانچە تېما ئۈستىدە توختىلىمەن. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلامدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. تۆۋەندە مەن بۇ سوئالغا بىر نەزەرىيىچى سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت ئەمەلىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.
مەن چوڭ كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نەزەرىيىسىگە ئىشىنىدىغان ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر كىشى. دۇنيادىكى چوڭ كۈچلەر ئامېرىكا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپتىن تەركىب تاپقاندا، چوڭ كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى بىر خىل مۇقىمسىز ھالەتتە تۇرغان. ئەمما چوڭ كۈچلەر كۆپ-قۇتۇپلۇق بولغاندا، بىر خىل مۇقىم ھالەت ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. بۇ ئىشتا قانداق كۆز-قاراشتا بولۇش ھەر بىر ئادەمنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئۇسۇلىغا باغلىق. ھازىر ئاۋسترالىيەدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە «ئىككى قۇتۇپلۇق مۇناسىۋەت»، دەپ قارايدۇ. ئەمما، مېنىڭچە ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. ھازىر ئاسىيادا باشقا بىر قىسىم يېڭى كۈچلەر ۋۇجۇدقا كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام، ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىقلار. تەرەققىي قىلىپ بولغان ئاساسلىق كۈچلەردىن يەنە ياپونىيەمۇ بار. شۇنداقلا كەلگۈسىدە ئاساسىي كۈچلەر قاتارىغا كىرىش ئېھتىماللىقى بار دۆلەتلەردىن يەنە رۇسىيەمۇ بار. دېمەك، ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھالەت بىر مۇرەككەپ ۋە كۆپ-قۇتۇپلۇق ھالەتتۇر.
يازغۇچىلار تارىختا ھەر خىل دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكى ۋە يىمىرىلگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن نەرسىلەرنى يازدى. ھەمدە نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقى ھەققىدە ئۆز پەرەزلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراشلار مەۋجۇت. ئالدىنقى 10 يىل ئىچىدە نەشر قىلىنغان مەزكۇر تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ياخشى كىتابلارنىڭ بىرى پول كرۇگمان (Paul Krugman) نىڭ كىتابى بولۇپ، ئاشۇ ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىر دۆلەتنىڭ كۈچىيىشى ياكى ئاجىزلىشىشىدىكى ئاساسىي ئامىل؛ ئەگەر بىر ئەلنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمايدىكەن، ئۇ بىر كۈچلۈك ئارمىيىنى بەرپا قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەسىرىمۇ چوڭ بولمايدۇ. بۇ بىر تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدىغان ھۆكۈمدۇر. پول كرۇگمان كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر بابتا مەخسۇس مېنىڭ كىتابىم ئۈستىدە توختالغان. شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭ كىتابىغا «بىر خېلى ياخشى يېزىلغان كىتاب»، دەپ قارايمەن. ئەمما كرۇگمان دۆلەتنىڭ ئىچكى مەسىلىرى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە بىر ئاز سەل قارايدىغاندەك قىلىدۇ. مەن جۇڭگونىڭ ئاشۇنداق مەسىلىلىرى ئۈستىدە بىر ئازدىن كېيىن ئازراق توختىلىمەن.
ئىلاۋە: پول كرۇگمەن يەھۇدىي مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇ بۇرۇن ئامېرىكىدىكى MIT ۋە پرىنستون قاتارلىق داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئىقتىساد كەسپىنىڭ پروفېسسورى، ھەمدە بەزى داڭلىق گېزىتلەرنىڭ ئوبزورچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 2008-يىلى ئىقتىساد كەسپىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن [2].
(1) ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشتا كۆزدە تۇتۇشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار
ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشتا كۆزدە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىككى مۇھىم ئۇقۇم بار. ئۇنىڭ بىرى، ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيادىكى ئوخشىمىغان ئەللەر تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئۆز-ئارا باغلىنىپ كەتتى. بەزىلەر پەقەت 19-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا دۇنيادىكى ئوخشىمىغان ئەللەر ئىقتىسادىي ساھەدە بىر قېتىم ئۆز-ئارا قاتتىق باغلىنىپ باققان، ھازىر بولسا ئۇنداق ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئەمما ھازىر ئوخشىمىغان ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس. مەسىلەن، بىر ئايفون (iPhone) ۋە ئايپەد (iPad) لەرگە قاراپ باقايلى. ئۇلارنى ھازىر جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى ئىشلىتىدۇ. ئەمما ئۇلار جۇڭگودا ئەمەس، ئامېرىكىدا ئىجاد قىلىنغان. ئايفون ۋە ئايپەدتىكى رەڭلىك مېتاللارنى ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم زاپچاسلار ياپونىيەدە ئىشلەپ چىقىرىلغان. ھەمدە ئايفون بىلەن ئايپەدلەر جۇڭگودا قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇراشتۇرۇش جەريانى ئۇلارغا 15 پىرسەنتلىك قىممەت قوشىدۇ. سىز بىر نەرسە سېتىۋالغاندا ئۇ قەيەردە ئىجاد قىلىنغانلىقى، ۋە ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىشقا قانچە دۆلەت قاتناشقانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. مەن دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدە خىزمەت قىلىمەن. شۇ ساھەلەردىكى بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىشقىمۇ دۇنيادىكى ناھايىتى كۆپ دۆلەتلەر قاتنىشىدۇ.
1910-يىلى نورمان ئەنجېل (Norman Angell) دېگەن بىر داڭلىق پروفېسسور «چوڭ خاتا چۈشەنچە» ناملىق بىر كىتابنى يېزىپ، ئۇنىڭدا گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىقتىساد، تېخنولوگىيە ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز-ئارا چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئۇرۇش پارتلايدۇ، دېيىش كاللىسىدىن كەتكەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان [3]. ئەمما، شۇ كىتاب چىقىپ 4 يىلدىن ئۆتۈپلا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى.
ئەمما ئۇ بۇرۇنقى ئىش. ھازىرقى ئەھۋال ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئوخشىمىغان ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىگە يۆلىنىشى ھازىر 10 ھەسسە، ھەتتا بىر قانچە 10 ھەسسە كۈچىيىپ كەتتى.
ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشتا كۆزدە تۇتۇشقا تېگىشلىك 2-مۇھىم نۇقتا يادرو بومبىسى ئىشلىتىشنى توسۇش. بۇ چارە يېقىنقى 70 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن بۇيان ياخشى ئۈنۈم بەردى. 1962-يىلى ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يادرو-بومبىسى ئۇرۇشى يۈز بەرگىلى تاس قالدى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال 1983-يىلى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. ئاشۇ 2 قېتىم بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتمەكچى بولدى. ھازىرقى زامان ئۇقۇمى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر ئىككى تەرەپ نورمال ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇۋاتقان زامانىۋى جەمئىيەتلەردىن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى پىلانى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى 24 سائەت ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى نوپۇسىنىڭ 50 پىرسەنتىنى يوق قىلىۋېتىش ئىدى. ئۇنى «زامان ئاخىرى» دېيىشكە بولاتتى. ئۇ چاغدا بىز «يادرو زىمىستانى» ئۈستىدە پاراڭلىشاتتۇق. لېكىن ھەقىقىي ئۇرۇش يۈز بەرمىدى. يەنى، يادرو ئۇرۇشىمۇ يۈز بەرمەي، ئەنئەنىۋى ئۇرۇشمۇ يۈز بەرمىدى.
بەزىلەر «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئۇرۇشۇپ قالسا، ئالدى بىلەن جۇڭگو گۇئامغا يادرو بومبىسى تاشلايدۇ. ئۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. سەۋەبى، ئەگەر ئامېرىكا قايتۇرما زەربە بەرسە، لوس ئانژېلىس بىلەن نيۇ يورك خەۋپ-خەتەر ئاستىدا قالىدۇ»، دېيىشىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنداق گەپلەرنى دەۋاتقان كىشىلەر ئامېرىكىنى زادىلا چۈشەنمەيدىكەن. ئامېرىكا بىر دۆلەت بىلەن ئۇرۇشۇش قارارىغا كېلىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ئىراققا قاراپ بېقىڭ. ياپونىيەنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكى رايونلىرىدا نېمە ئىش بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. «دېموكراتىك ئەللەر ئۇرۇش قىلغاندا ھەرگىزمۇ ئۇرۇشنى ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بارمايدۇ، ھەمدە قارشى تەرەپتىن شەرتسىز تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ»، دېيىش، بىر خىل ئەپسانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
(2) ئۇرۇش يۈز بېرىشنىڭ باشقا ئېھتىماللىقلىرى
بىز ئالدى بىلەن 2013-يىللىق جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق دوكلاتىغا قاراپ باقايلى: «تەيۋەن بوغۇزىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ھازىر تىنچلىق ئاستىدىكى بىللە تەرەققىي قىلىش جەريانى ساقلىنىۋاتىدۇ.» بۇ بايان ناھايىتىمۇ توغرا. ئەگەر تەيۋەن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلايدىكەن، جۇڭگو ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ئۇرۇشىدۇ. ئامېرىكا ئۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى ئىستىمەيدۇ. ئەگەر جۇڭگو بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ، ئامېرىكا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدىكەن، ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ھەربىي كېلىشىمى ئىشقا سېلىنىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى ئامېرىكىغا ياردەم قىلىشقا ئۆتىدۇ. ئەمما ئەسلىدىكى ئۇرۇشنى تەيۋەننىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۇ ھالدا ئاۋسترالىيە ناھايىتى مۇرەككەپ دىپلوماتىك مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشى بىر خىل خىيالىي ئەھۋال بولۇپ، ھازىرچە ئۇنداق بىر ئەھۋال ئۈستىدە بەك باش قاتۇرۇپ كېتىشنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى يوق. ھازىرچە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى بىر ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى، ياكى تەيۋەن بوغۇزىدا بىرەر ئۇرۇشنىڭ پارتلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن.
شىمالىي كورېيەنىڭ ئەھۋالى تەيۋەننىڭكىدىن كۆپ خەتەرلىك. شىمالىي كورېيەنىڭ 28 ياشلىق ھەربىي باشلىقى ھاماقەتلىك قىلىپ ۋە چۆچۈرىنى خام ساناپ، بىر يادرو-بومبىسى ئۇرۇشى باشلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. كورېيە يېرىم ئارىلىدا بىرەر ئۇرۇشنىڭ پارتلاپ قېلىشى جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس. جۇڭگو ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىسىز. شۇڭا جۇڭگومۇ يېقىندىن بۇيان شىمالىي كورېيەدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىۋاتىدۇ. ئەگەر شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەگە يادرو-بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىدىكەن، ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. بۇنى مەلۇم كىشىلەر شىمالىي كورېيەگە دەپ قويۇشى كېرەك. شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە ھۇجۇم قىلىشى بىر ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال، ئەمما ئۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىمۇ ئېھتىماللىققا يېقىن ئەمەس.
يېقىندا شەرقىي جۇڭگو دېڭىزى، سېنكاكۇ ئارىلى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزلىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ئىنگلىزچە «ASEAN, Association of Southeast Asian Nations» دەپ ئاتىلىدىغان «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى» گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. يېقىنقى خەۋەرلەردە ئاڭلىغىنىمىزدەك، يېقىندا 8 كېمىلىك جۇڭگولۇقلار سېنكاكۇ ئارىلىغا كەلگەندە، ياپونىيە باش مىنىستىرى «بۇ ئارالغا كەلگەن ھەر قانداق جۇڭگولۇق قوغلاندى قىلىنىدۇ»، دېدى. يەنى، ياپونلۇقلار ئاشۇنداق جۇڭگولۇقلارنى «قانۇنسىز پاناھلانغۇچىلار» دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈردى. قىسقىسى، سېنكاكۇ ئارىلى رايونىدا چۆچۈرىنى خام ساناش سەۋەبىدىن كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلات بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرىدىكى 3 خىل ئېھتىماللىقلارمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئۇ دوكلات ئاخىرىدا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاساسەن يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىلاۋە: پول دىبب دوكلاتىنىڭ بۇ قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم مەزمۇنلار مەن ئالدىنقى قېتىمقى «جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ» دېگەن ماقالىدە تونۇشتۇرغان مەزمۇنلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مەن ئۇلارنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمەن. بۇ يەردە پەقەت بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان يېڭى مەزمۇنلارنىلا بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ياردەمچى سېكرېتارى (deputy assistant secretary of State) ۋە جۇڭگو ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سۇزان شىرك (Susan L. Shirk) خانىم «جۇڭگو—ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» (China: Fragile Superpower) ناملىق بىر كىتابنى يازدى [4]. يەنى، مەن «سوۋېت ئىتتىپاقى—تەلتۆكۈس بولمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» دېگەن كىتابنى يازدىم، سۇزان بولسا «جۇڭگو—ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» دېگەن كىتابنى يازدى. سۇزان ئاشۇ كىتابتا جۇڭگو سىرتقا قارىتا كۈچىيىپ مېڭىپ، ئىچكى جەھەتتە ئاجىزلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مېنىڭچە بۇ بىر ھەقىقەت. ھەربىي جەھەتتە جۇڭگو ئامېرىكىدىن كۆپ ئارقىدا تۇرىدۇ. ھازىرقى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يىللىق ھەربىي خىراجىتى پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى ھەربىي خىراجەتلىرىنىڭ 50 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ مۆلچىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىلى ئىلغار ھەربىي قوراللىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا خەجلەيدىغان پۇلىنىڭ مىقدارى پۈتۈن دۇنيا سەرپ قىلىدىغان پۇلنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېتىپ بارىدۇ. ھازىر بۇ ساھەدە ئازراقتىن تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەللەردىن جۇڭگو، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىقلار بار. ئەمما رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنگە قاراپ مېڭىۋاتقىنىغا ھازىر 20 يىلدىن ئاشتى.
ھازىر GDP جەھەتتە جۇڭگو ئىقتىسادى ياپونىيەنى بېسىپ چۈشتى. كىشىلەر جۇڭگو پۇلىنىڭ نىسپىي قىممىتى ياكى جۇڭگو پۇلىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بويىچە مۆلچەرلەپ، 2020-يىلى دەمدۇ ياكى 2028-يىلى دەمدۇ جۇڭگو ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق مۆلچەر راست بولۇپ چىقتى، دېگەندىمۇ، جۇڭگو ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدەك باي دۆلەت بولالمايدۇ. جۇڭگونىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئىنتايىن قاتمال بولۇپ، تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتلەردە ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا يېقىن كېلەلمەيدۇ. مېنىڭ مۆلچىرىمچە، بىر-بالا سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، 2015-يىلى جۇڭگو ئەمگەك كۈچىنىڭ سانى تۆۋەنلەپ مېڭىشنى باشلايدۇ. بۇ جەھەتتە جۇڭگو قوللىنالايدىغان بىرەر تەدبىر مەۋجۇت ئەمەس. 2040-يىلىغا بارغاندا جۇڭگونىڭ 380 مىليون نوپۇسى 60 ياش ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشقا كىرىدۇ. مۇشۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان پاكىتلارنىڭ ئۆزىدىنلا جۇڭگونىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بىر ئىنتايىن ئېغىر گېئو-سىياسىي مەسىلىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگودىكىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئاللىقاچان ئۆسۈشكە باشلاپ بولدى. بىر قىسىم شىركەتلەر پات يېقىندا ۋىيېتنام، ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق ئەللەرگە كۆچۈشكە باشلايدۇ. 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسنىڭ يېشى 60 تىن يۇقىرى بولۇپ، يەنە كېلىپ بىر ياخشى ساقلىقنى-ساقلاش سىستېمىسى، ياشانغانلاردىن خەۋەر ئېلىش سىستېمىسى ۋە سالامەتلىكنى ياخشىلاش سىستېمىسى يوق بولغاندا، ۋاقتى كەلگەندە ئاشۇ ئىشلارغا كېتىدىغان پۇل بىر ئېغىر مەسىلە بولىدۇ. بۇنى بىز ھەممىمىز ناھايىتى ياخشى بىلىمىز.
جۇڭگودا ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقلار كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ دېڭىز قىرغىقى رايونلىرى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پەرقى ناھايىتىمۇ چوڭ بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا ناھايىتى كەمبەغەل رايونلار ھازىرمۇ ناھايىتى كۆپ. جۇڭگودا ھازىر چىرىكلىشىشمۇ بىر ناھايىتى ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالدى.
ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە، جۇڭگو بىر زامانىۋى ئۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش سەۋىيىسىگە يېتىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن يېڭى قوراللارنى ياساپ چىقىشى ۋە نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇ ھەربىي خىراجەت مىقدارىنى ھازىرقىدىنمۇ خېلىلا كۆپ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما باشقا تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلارمۇ ھازىر خىراجەت مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولغاچقا، ھەربىي ساھە ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىراجەتنى چىقىرىشتا جۇڭگو ھازىر خېلى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ كۆلىمى بىلەن تېزلىكى دۆلەتنىڭ ساغلاملىقى بىلەن دۆلەت بايلىقىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق.
جۇڭگونىڭ ھازىرقى ھەربىي مۇمكىنچىلىكى ۋە كۈچى ھەققىدە مېنىڭ سەپداشلىرىم بىر قانچە پارچە ناھايىتى ياخشى دوكلاتلارنى تەييارلىدى. مەن بۇ يەردە ئۇلارغا قوشۇمچە قىلىپ بىر قانچە ئىشنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىمەن.
جۇڭگونىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئاۋازى ناھايىتى چوڭ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيەدىن كەلگەن بولۇپ، جۇڭگو ھازىرمۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى رۇسىيەدىن ئېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە جۇڭگونىڭ ئۇنداق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ناھايىتى ئاسانلا تاقابىل تۇرالايدۇ. جۇڭگو ئەڭ يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك سەۋىيىگە ئىگە ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساش يولىدا تىرىشىۋاتقىلى 55 يىلدەك ۋاقىت بولدى، ئەمما تېخىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىدى. ئۇلار ھازىر ئاشۇنداق ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ماتورىنى رۇسىيەدىن ئېلىۋاتىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە چېكىنىۋاتقىنىغا ھازىر 20 يىلدىن ئاشتى. جۇڭگو تېخى يېقىندا رۇسىيەدىن بىر 1970-يىللىرى ياسالغان ئاۋىئاماتكا پاراخوتىنىڭ بەدىنىنى سېتىۋېلىپ، ئاۋىئاماتكا پاراخوتى ياساپ چىقىش جەريانىنى شۇنىڭدىن باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىنىغا ھازىر 70 يىل بولدى. بۇ ساھەدە جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ قولىغا سۇمۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ زامانىۋى ئۇرۇش تەجرىبىسى نۆلگە تەڭ. كورېيە ئۇرۇشىدا جۇڭگونىڭ دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان ئەسكەرلىرى ئۇرۇشنى ئانچە قاملاشتۇرالمىدى. مەن ئۇ چاغدا ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇردۇم. 1978-يىلى جۇڭگو ۋىيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىپ قويماقچى بولدى. ئەمما جۇڭگو ئۇلاردىن ئۆزى دەككە يەپ، ۋىيېتنامدىن قايتىپ چىقتى.
قىسقىسى، ھەممە ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بىز تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كېلىمىز:
(1) جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلامدۇ؟
–ياق، ئۇرۇش قىلمايدۇ. ئەمما كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇشلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ.
(2) جۇڭگو توختىماي تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋېرەمدۇ؟ ئامېرىكا چوقۇم ئارقىغا چېكىنەمدۇ؟
–ياق، جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋەرمەيدۇ، ھەمدە ھازىر ئامېرىكا ھەرگىزمۇ بىر ئارقىغا چېكىنىش يولىغا كىرىپ قالغىنى يوق.
(3) بىر قىسىم ئىستراتېگىيىلىك ساھەلەردە ئامېرىكا چوقۇم جۇڭگوغا يول بېرىشى كېرەكمۇ؟
–ياق، ئامېرىكا بولسۇن، ياكى باشقا ئەللەر بولسۇن، ھەرگىزمۇ ئۆز رازىلىقى بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدەك رايونلاردا جۇڭگوغا تەسىر كۆرسىتىش زېمىنى ھازىرلاپ بەرمەسلىكى كېرەك. يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى بەزى كىشىلەر جۇڭگوغا يۇقىرىقىدەك ئىشلاردا يول بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. يېقىندا بىر ئامېرىكىلىق ئاپتورمۇ «ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش» (Survival) دېگەن ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، ئۇنداق قىلىشنىڭ قەتئىيلا ھاجىتى يوق.
(4) ئاۋسترالىيە جۇڭگو بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييارلىق كۆرۈشى كېرەكمۇ؟
–ياق، ئۇنداق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئاۋسترالىيەنىڭ 2009-يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئاق-تاشلىق دوكلاتىدا جۇڭگو بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان. ئەمما ئۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي ئارتۇقچە. ئاۋسترالىيە ھازىر ھەربىي خىراجەت ئۈچۈن GDP نىڭ 1.5 پىرسەنتىنى ئاجرىتىۋاتىدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىسادىي ياخشىلانغاندا، بۇ پۇلنىڭ مىقدارىنى سەل ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمما ئۇ ھازىرلا جىددىي قىلمىسا بولمايدىغان ئىش ئەمەس. ھازىر ئاۋسترالىيە بىر ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
[1] What are the risks of war between China and the US?
https://www.youtube.com/watch?v=YsrzvkG5_KI
[2] Paul Krugman
http://books.wwnorton.com/books/Paul-Krugman/
[3] The Great Illusion, by Norman Angell
[4] Susan L. Shirk, China: Fragile Superpower
https://www.amazon.com/China-Superpower-Susan-L-Shirk/dp/0195373197/ref=sr_1_1?ie=UTF8&qid=1483578534&sr=8-1&keywords=China%3A+The+fragile+superpower
ئاپتور پول دىبب ھەققىدىكى ئىنگلىزچە ئۇچۇر:
Paul Dibb is Emeritus Professor of strategic studies and Chairman of the Strategic and Defence Studies Centre at The Australian National University. He was head of the Strategic and Defence Studies Centre from 1991 to 2003. His previous positions include: Deputy Secretary of the Department of Defence, Director of the Defence Intelligence Organisation, and Head of the National Assessments Staff (National Intelligence Committee).
He is the author of five books and four reports to government, as well as more than 120 academic articles and monographs about the global strategic outlook, the security of the Asia-Pacific region, the US alliance, and Australia’s defence policy. He wrote the 1986 Review of Australia’s Defence Capabilities (the Dibb Report) and was the primary author of the 1987 Defence White Paper. He also published a book in 1986, which was reprinted in 1987 and had a second edition in 1988, entitled TheSoviet Union: the Incomplete Superpower (London: The International Institute for Strategic Studies).
At the request of the Foreign Minister, he has represented Australia at six meetings of the ASEAN Regional Forum’s Experts and Eminent Persons Group between 2006 and 2012 with the most recent one being in Bangkok in February 2012. Under the Howard Government, he was a member of the Foreign Minister’s Foreign Policy Council for 9 years.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.