ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
پاسپورتى تارتىۋېلىنغان بۆرتالالىق رابىخان مۇسا ئانا ئىككى ھەپتىدىن بېرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئوغلىنى كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ توسقۇنلۇق ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان ۋە دۇنيا جامائىتىدىن ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى دەردىگە دەرمان بولۇشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى رابىخان ئانىنىڭ دۇنياغا تارقالغان بۇ ئاۋازىغا دەسلەپكى 10 كۈندە قۇلاق يوپۇرۇپ باققان بولسىمۇ، ئاخىرى بىئارام بولۇشقا باشلىغان. رابىخان ئانىنىڭ دېيىشىچە، ساقچىلار 4 كۈننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاخبارات زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە يوشۇرۇن ئاگاھلاندۇرغان، بۈگۈن بىر نەپەر ساقچى ئۇنى ئۆيىگە ئىزدەپ كېلىپ پاسپورتى ھەققىدىكى ئەرز – شىكايىتىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆزىنىڭ رابىخان ئانىنىڭ پاسپورتىنىڭ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تۆۋەندە مۇخبرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار يۇقۇرىدا ئاڭلىغىنىڭلار، رابىخان مۇسا ئانا بىلەن 4 كۈننىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىز، تۆۋەندە بۈگۈنكى سۆھبەت خاتىرىمىز دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقارقىلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ بۆرتالادىكى ساقچىلىرى رابىخان مۇسا ئانىنىڭ پاسپورت ھەققىدىكى ئەرز – شىكايەتلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشتا تېڭىرقىماقتا. بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ رابىخان ئانىغا پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەت ئالدىدىكى سەتچىلىكتىن ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى پەرەز قىلسا، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 82 ياشلىق رابىخان ئانىغا قارىتا زوراۋانلىقىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/rabixan-ana-09262016222217.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.