logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ قىزى، ساخاروف مۇكاپاتى دادىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى

cevher

ياۋروپا ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان قىزى جەۋھەر ئىلھام، ساخاروف مۇكاپاتى ئىلھامنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ، ئىلھام توختى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا تاللانغاندىن بېرى، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر. جەۋھەر ئىلھام بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە،، دادىسىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئۇنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىكەن. ئۇ، ئۆگەي ئاپىسى ۋە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياۋروپا پارلامېنتى يېقىندا ئىلھام توختى قاتارلىق 4 كىشىنىڭ 2016‏-يىللىق ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا تاللانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى ئۇيغۇر ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

جەۋھەر ئىلھام، ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزاتلىق دادىسىنىڭ تەقدىرىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق «بۇ، ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما تېخىمۇ نۇرغۇن كىشى دادامنىڭ ئۆتكەن نەچچە يىللاردىن بېرى نېمىگە كۈرەش قىلغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى 2014‏-يىلى 1‏-ئايدا بېيجىڭدا قولغا ئالغان. شۇ يىلى 9‏-ئايدا «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۈرۈمچىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/saxarov-ilham-toxti-09232016160815.html

Share
2932 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.