ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى رايونغا 1950-يىللاردا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن 8000 نەپەر خۇنەن قىزىنىڭ 66 يىللىق خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا جاڭ چۈنشيەن سۆز قىلىپ مەزكۇر يۇرتداشلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا قوشقان ئاتالمىش تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە خىتاي قىزلىرىنى ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەرقايسى مەتبۇئاتلىرىدا 8000 خۇنەن قىزى ھەققىدە تەشۋىقات دولقۇنى داۋام قىلماقتا.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، دائىرىلەرنىڭ 8000 خۇنەن قىزىنى يۆتكەش غەرىزىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى ۋە رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر 8 مىڭ خۇنەن قىزىنىڭ ئەينى چاغدىكى كەسپىي ۋە ئەخلاقىي ساپاسىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ھەمدە رايوننىڭ مۇقىملىقىدا بۇزغۇنچى رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى شۇنداقلا جاڭ چۈنشيەننى تارىخىي خاتالىقلارنى تەكرارلاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى ۋە يەر شارى ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە مەزكۇر 8000 نەپەر خۇنەن قىزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ۋە مۇقىملىقىغا پەۋقۇلئاددە ھەسسە قوشقانلىقى تەنتەنە قىلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى ۋە باستۇرۇلۇشىدا بەزىدە ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتكەن دىلشات رىشىت، جاڭ چۈنشيەننىڭ خۇنەن قىزلىرىدىن ئۆگىنىش چاقىرىقىنى نىكاھ ۋە مۇھەببەتنىمۇ سىياسىيلاشتۇرۇش دەپ تەنقىد قىلدى.
دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي 1950-يىللاردىن باشلاپ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن قىلىپ يۆتكىگەن. ئۇلار، بولۇپمۇ ئايال جىنايەتچىلەر ئەينى چاغدا ئەخلاقىي جەھەتتىكى مەسىلىلىرى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلار، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىققا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار رايوندىكى ئىشغالىيەتچى ئارمىيەگە تۇرمۇش جەھەتتىن ياردەمدە بولۇش ئارقىلىق، رايوندىكى باستۇرۇشنىڭ سالمىقى ۋە ئىزچىللىقىنى ئاشۇرغان. دىلشات رىشىت يەنە، جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئاساسەن، رايوندا يېقىنقى يىللاردىن بېرى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سانى ۋە ئۇلارنى يەرلەشتۈرۈشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنىمۇ تەخمىن قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە، 8 مىڭ خۇنەن قىزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىمۇ ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى تۆھپىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئەمما، كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خۇنەن قىزلىرى ئۇيغۇر رايونىدا پەقەت نوپۇس ئىشلەپچىقىرىش، يەنى خىتاي نوپۇسىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينىغان، بۇ كۆچمەنلەر، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىش ئورۇنلىرىنى تارتىۋېلىش ۋە ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەر ئارقىلىق رايوندا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە رول ئوينىغان.
ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى پۈتۈنلەي قانۇنسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يەنىمۇ قانۇنسىز ھالدا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، جاڭ چۈشيەننىڭ مەزكۇر چاقىرىقى رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن خەتەرلىك بىر چاقىرىق.
يۇقىرىدا جاڭ چۈنشيەننىڭ «8 مىڭ خۇنەن قىزى» تەشۋىقاتىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/xunen-qizi-08102016144312.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.