ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر قېتىملىق خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشلار ياكى مەملىكەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار داۋاملىق تۈردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نىشانىغا ئايلىنىۋاتامدۇ-قانداق؟
بۇ سوئال نۆۋەتتە خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەر، سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.
«20 دۆلەت گۇرۇھى» باشلىقلىرىنىڭ بۇ يىللىق ئۇچرىشىشى ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرى ۋە بۇ يەردىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۈر پوزىتسىيەسى بۇ سوئالنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقماقتا.
يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە خاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلارغا چۈشۈرگەن بىر جىددىي ئۇقتۇرۇشى تارقالغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا: «شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار بايقالغان ھامان شۇ يەردىكى يەرلىك ساقچىخانىغا بىۋاسىتە مەلۇم قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق سالاھىيىتى ئېنىقلانسا مەلۇم قىلغۇچىغا 500 سوم مۇكاپات بېرىلىدۇ،» دېيىلگەن.
رادىيومىز توردا تارقالغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى دەلىللەپ كۆرۈش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن خاڭجۇ شەھىرى مىشىخاڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدى. تېلېفونىمزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى ساقچى بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ خاڭجۇدىكى ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى: «شۇنداق، بۇ مىشىخاڭ ساقچىخانىسى. بۇ ئۇقتۇرۇشنى بىز چىقارمىغان، بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ ساقچى ئورگانلىرىدىن چىقىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنى كىمنىڭ قىلغانلىقى ۋە توردا تارقاتقانلىقىدىن شەخسەن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. توردا تارقالغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا گەرچە بىزنىڭ ساقچىخانىنىڭ تېلېفون نومۇرى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى بىز چىقارمىغان. مەن پەقەت بۇنداق ئەھۋال يوق، ساقچى ئورگانلىرى بۇنداق ئۇقتۇرۇشنى چىقارمايدۇ دېيەلەيمەن، خالاس. ئۇ ئۇقتۇرۇشتىكى ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن ھامان ساقچىغا خەۋەر بېرىش ياكى خەۋەر بەرگۈچىگە مۇكاپات بېرىش دېگەن گەپلەر ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس. بىز تەكشۈرۈۋاتىمىز، سىز بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.»
بىز مەزكۇر نۆۋەتچى ساقچىدىن يەنە: «ئۇنداق بولسا، يۇقىرىدىن بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ كىمنىڭ قىلغانلىقىنى تېپىپ چىقىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىلدىمۇ-يوق؟ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئىنكاسى نېمە؟ ئاممىدىن سىلەرنىڭ ساقچىخانىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ تېلېفون قىلغانلار ياكى مۇكاپات تەلەپ قىلغانلار بولدىمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مەن سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم. ئىشقىلىپ، بۇ ئۇقتۇرۇشنى ساقچى تەرەپ چىقارمىغان. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى مەن شەخسەن بىلمەيمەن. بۇ ئىشنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى مەن سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى بۇ ساقچىخانىنىڭ ئىچكى ئىشى. بۇ ئىشنىڭ ئېنىق بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى ھەققىدە مەن ھېچنېمە دېيەلمەيمەن. مەن پەقەت سىزنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىڭىزنى خاتىرىلەپ، باشلىقلارغا دوكلات قىلىدىغانلىقىمنىلا دېيەلەيمەن. بۇ ئىشنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى ھەققىدە مەن سىزگە دەرھال جاۋاب بېرەلمەيمەن.»
بىز ئارقىدىن خاڭجۇ شەھىرىنىڭ خۇڭشىبەن ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئايال خادىم بۇ ئۇقتۇرۇش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى، مەزكۇر ھۆكۈمەت ئىشخانىنىڭ بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى ئەسلا چىقارمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنداق ئىش يوق، بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى بىزنىڭ ئىشخانا چىقارمىغان. مېنىڭ بۇ ئىش توغرىلىق پەقەتلا خەۋىرىم يوق، خەۋىرىم يوق! مەسئۇل خادىم دەمسىز؟ ھازىر ھەممىسى ئىشتىن چۈشۈپ كەتتى، بۇ ئاھالىلەر كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئۆزى شۇ، لېكىن بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى بىز چىقارمىغان. كەچۈرۈڭ، بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى بىز چىقارمىغان، مەن بۇ توغرىلىق سىزگە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرەلمەيمەن.»
خاڭجۇدىكى ساقچى دائىرىلىرى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى گەرچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىزمەت ۋە يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 21-يانۋار كۈنى خىتاي جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە باش شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىسى ئەكبەر مەمەت ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا ساقچىلارنىڭ قوپاللىق بىلەن تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەن. خىتاي ساقچىلار ئۇنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى مەجبۇرىي ئاقتۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ، سۈرەتكە ئالغان ھەمدە بارماق ئىزىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن قويۇپ بەرگەن.
بىرقانچە ئاي ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ياشمۇ ئۆتكەن يىلى تىجارەت ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغىنىدا بىر تورخانىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ شۇ يەردىكى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدى.
ئۇندىن باشقا، بۇ يىل 27-يانۋار كۈنى بىر شىركەتنىڭ تەكلىپى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان بىر ئۇيغۇر ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوپاللىق بىلەن تەكشۈرۈشىگە يولۇققانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارا بولغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە يولۇقۇۋاتقان خورلۇقلىرى ۋە قانۇنسىز تەقىب قىلىنىشلىرى ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن چېن پوكۇڭ ئەپەندى، «بۇ خىتاي دۆلەت تېررورچىلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى» دېدى.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەينى چاغدىكى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitayda-uyghur-08022016141658.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.