logo

trugen jacn

خوتەن تەۋەسىدىكى ئاشخانىلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى

image (1)

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ىگىلىشىمىزچە، بۇ يىللىق رامىزان باشلانغاندىن بۇيان، خوتەن تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ نورمال تىجارەت قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى، ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ كۈندۈزدە ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئاشخانىنى تاقاپ قويۇشىغا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامىزان ھارپىسىدا «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ھالبۇكى، رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىنغان نەق مەيدان ئۇچۇرلىرى دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ئاقتاشلىق كىتابىدىكى بايانلىرىنىڭ چىرايلىق ئىبارىلەرگە تولغان قەغەز يۈزىدىكى «سىياسىي تەشۋىقات» ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلماقتا.

بىز رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خوتەن تەۋەسىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، رامىزان مەزگىلىدە ئەگەر ئاشخانىلار تىجارەتتىن توختىسا ئاشخانا ئىگىلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدىغان ياكى قويۇلمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردۇق.

خوتەن قاراقاشنىڭ ئاقساراي يېزىلىق ساقچىخانىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىلارغا بولغان چەكلىمىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئەمما مەزكۇر ساقچى تەۋەلىكتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ئىشلىرىغا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت دىققەتتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

haraq-tamaka-uqturush

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن خوتەن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مەلۇم بىر تىجارەتچىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا خوتەندىكى ئاشخانىلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە بىردەك تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى، ئەگەردە ئاشخانا ئىگىلىرى تىجارەتتىن ۋاقتىنچە توختىسا تىجارەت كىنىشكىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، ئاشخانىسىنىڭ پېچەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئارقىدىن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە قاراشلىق مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ جۈمە نامىزىغا قاتنىشىشىغا ۋە روزا تۇتۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-06232016154404.html

Share
1374 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.