ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 19 – ماي كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئون مىڭ كىشىلىك ئۇسۇل ئويناش پائالىيىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كوللېكتىپ سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
«19 – ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى_ قەشقەر سىزنى قارشى ئالىدۇ» نامىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلەپ قەشقەرگە كېلىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ۋە قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان.
خىتايدىكى ئاممىۋى تورلاردىكى ۋە تەڭرى تاغ تورىدىكى سۈرەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچىسىغا ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرى، باشلىرىغا دوپپا كىيگەن كوپ ساندىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، كۆرۈنۈشىدىن ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھېيتگاھ مەيدانىدا كوللېكتىپ ئۇسۇل ئويناشقا تەشكىللەنگەن.
«نۇر تورى»نىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئون مىڭ كىشىلىك ئۇسۇلدىن باشقا يەنە توي مۇراسىمى پائالىيىتى، دوپپا سېرىك ئويۇنى، يىپەك يولى كارۋىنى قاتارلىق تۈرلۈك مىللىي ئۆرپ – ئادەت نامايان قىلىنىدىغان پائالىيەتلەر تەشكىللەنگەن.
ھېيتگاھ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ئەڭ چوڭ قەدىمى مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسچىت ئالدىدىكى مەيداندا ئەسلىدە ئۇيغۇر ياش ئەرلىرى ھەر ھېيت – بايراملاردا ئۆزلىكىدىن توپلىشىپ، كوللېكتىپ شەكىلدە ھەر ساما ئۇسۇلى ئوينايتتى. ئالدىنقى يىلى ھېيتگاھ مەيدانىدا دىنىي ساھەدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ ئالما ئۇسۇلى ۋە خىتاي مىللىتىنىڭ ‘ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى ئويناشقا تەشكىللەنگەن ئىدى.
ئىلگىرى قەشقەر قەدىمى شەھەر رايونى چېقىش پىلانى باشلانغاندا، خەلقئارادا بۇنىڭغا نىسبەتەن كۈچلۈك تەنقىدى ئىنكاسلار پەيدا بولغان شۇنىڭدەك قەشقەردە يۈزبەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەردىن كېيىن، بۇ جاي خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسى بولغانلىقى مەلۇم
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/heytgah-usul-05222016214238.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.