ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى تۈپەيلى قىرغىزىستان ساختا پاسپورتى بىلەن ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان 98 نەپەر ئۇيغۇر بۈگۈن 17-ماي كۈنى چۈش مەزگىلىدە ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان.
سەئۇدىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەت مۆمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن جىددىدە ئايرودرومىغا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇشلىرىنى كۈتۈۋېلىش چىققان 40-50 چە ئۇيغۇر ئايرودرومدىن قۇرۇق قول قايتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، توسۇۋېلىنغان 98 ئۇيغۇرنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا جازالىنىش ئېھتىماللىقى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئەھۋالدىن يېڭىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ۋە بۇنى تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/olgen-uyghur-saqchi-05172016142233.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.