logo

trugen jacn

ئىسلام دىنى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇ بىلىگ

يۈسۈپ-خاس-ھاجىپ

ئىسلام دىنى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇ بىلىگ


ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» ئۆزىگە سىغدۇرغان ئىلاھىي ھېكمەت، تۈگىمەس – پۈتمەس ئىلىم – ئىرپان بىلەن بارلىق مۇسۇلمان ئالىملار، كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئەقلىگە ئەقىل، كۈچىگە كۈچ، ئىرادىسىگە جاسارەت بەخش ئېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات،سەھى ئىجتىھاتلىرىغا كەڭ يول، ئەخلاقى ئۈچۈن نۇرلۇق چىراغ بولۇپ، چەكسىز پەخىرلىنىش ۋە ئۇلۇغلىنىشقا مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى. چەكسىز ئالەمنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشى، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، تەقدىر – ئىرادە، تەبىئەت، جەمئىيەت ھەققىدىكى يۈكسەك ئىزدىنىشلەرگە كۈچلۈك نۇرلۇق چىراغ ۋە چەكسىز ئىلھام مەنبەسى بولدى. ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىدىغان، چۈشەنگەن ئالىملار ئۈچۈن بىلىم – ئىرپان مەنبەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئىزدىنىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرىگە ئىككى ئالەملىك يۈكسەك شان – شەرەپلەرنى بەردى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېتۈك ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» نىڭ پارلاق ئىلھامى ۋە ئۇلۇغ ئىزنىسى بىلەن، يۈكسەك ئىجتىھات بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە زور تۆھپە قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئالىملىق بۇرچىنى ئادا قىلغان، ئىسلامىيەتنىڭ ئۇلۇغ ئەھكاملىرىنى چىن ھەقىقەت بىلەن تەبلىغ قىلغان پارلاق ئابىدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەخمىنەن 1019 – يىلى قاراخانىيلار پايتەختى ئوردۇ كەنت – قەشقەر يېنىدىكى قۇرز ئوردۇ – بالاساغۇندا دۇنياغا كېلىپ، 1085 – يىلى قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ دۇنياغا مەشھۇر شاھ ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» «بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ساپ ئۇيغۇر تىلى، قەشقەر تىلى بىلەن يېزىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىتابنى قاراخانىيلارنىڭ خانى ئەبۇ ھەسەن سۇلايمان بۇغراخانغا تەقدىم قىلغان بولۇپ، خاس ئۇنىڭغا خاس ھاجىپ، يەنى مەخسۇس مەسلىھەتچى مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلغان. پۈتكۈل داستان 85 باب، 6654 بېيىت، 13 مىڭ 300 دىن ئارتۇق مىسرادىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مەسنەۋى (ئىككىلىك شەكىل)، ئارۇز ۋەزىننىڭ مۇتەقارىپ بەھىردە يېزىلغان. ئۇ ئەرەب – پارس تىللىرىنى پەقەت ناھايىتى چوڭ زۆرۈرىيەت ئاستىدىلا ئىشلەتكەن بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان. داستان ھەجمىنىڭ چوڭلۇقى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، بايان قىلىش شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن جاھان مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات – سەنئىتى ساھەسىدە مىسلىسىز كاتتا ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلارنىڭ ئىلىم – مەرىپەت راۋاج تاپقان، داڭلىق ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن مەدرىس – مەكتەپلىرىدە ئاجايىپ دانا پىكىرلىك، قابىل ئالىم – ئۆلىمالاردىن ئۇستاز تۇتۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىلمىي، ئەدەبىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغان. نۇرغۇن پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى پىششىق تەتقىق قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى قابىلىيىتى، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن؛ شۇنداقلا ئۇ قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت دىنى بولغان ئىسلام دىنىنىڭ پارلاق مۇھىتىدا تەربىيە ئېلىپ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدس شەرىفنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن؛ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرگەن، كامىل قابىلىيەتلىك ۋە ئەخلاقىي پەزىلەت جەھەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر شەرەپلىك بىر شەخسكە ئايلانغان. ئۇنىڭ ئەقىل – پاراسەت، بىلىم – مەلۇمات، ئەقىل – تەپەككۇرلىرىنىڭ يۈكسەك نامايەندىسى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىنى ھەقىقەت كۆزى، تارىخ ئەينەنلىكى بىلەن كۆرگەن، ئۆگەنگەن، چۈشەنگەن، ئۇنىڭ ھەربىر باب، ھەربىر بېيىت، ھەربىر مىسرادىن ئىبارەت باغۇ بوستان، گۈل – گۈلستانىغا قەدەم قويغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىكى ئىلىم – ھېكمەت، پەند – نەسىھەت ۋە ئىماننىڭ كۈچلۈك نۇرى، ھەقىقەتنىڭ جاراڭلىق ساداسىدىن ئالىمنىڭ ئۇلۇغ ۋە سائادەتمەن سېيماسىنى، يېتىشكەن پاك، مۆمىن مۇسۇلماننىڭ قىياپىتىنى كۆرگەندەك بولىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ يېگانە ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» نى ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئىزناسى ۋە يۈكسەك ئىلھامى بىلەن ئۆز ۋۇجۇدىدىكى مۇستەھكەم ئىسلام ئېتىقادىنى چىقىش قىلىپ يېزىپ چىققان بولۇپ، داستاننىڭ مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ تاكى خاتىمىسىغىچە بولغان ئۇزۇن مۇساپە جەريانىدا بارلىق مۇسۇلمان ئالىملار قوللىنىپ كەلگەن روھ ۋە ئەنئەنە ئادەتلەرنى قوللىنىپ، داستاننىڭ قۇرۇلما – ئۆلچەملىرىنى پۈتۈنلەي ئۇسۇلى ئىسلامغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان.

«قۇتادغۇ بىلىگ» داستانى شېئىر – نەزمە بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ھەدىس شەرىفتىكى سۆھبەتلەرنى ئەينەن كۆچۈرمە جۈملە شەكلى بىلەن ئېلىشقا مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئاجايىپ سۆز سەنئەتكارى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈستۈن تىل ماھارىتى، بەدىئىي تالانتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كالامى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆھبەتلىرىنىڭ روھىنى ئۇستىلىق بىلەن ناھايىتى مۇۋاپىق، دەل جايىدا ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. مۇنداق يېزىقچىلىق ئىستىلى ئالىمنىڭ مۇۋاپىق مۇسۇلمانلىق، سادىق مۆمىنلىك ئىمان ئېتىقادى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ۋە ئۇنىڭ شەكىل قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلغان.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر ئىش بىسمىللاھ بىلەن، ھەمدى بىلەن باشلانمىسا ئۇ ئىش مۇكەممەل بولماي قالىدۇ». يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇسۇلمان ئالىملارغا خاس پەزىلەت بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۇسۇلى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئاساسىي نۇقتىسى «قۇرئان كەرىم» دىكى باشلانما ئايەت «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم»، يەنى «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن ئايەت بلەن باشلىغان. پۈتكۈل باب 33 بېيت، 66 مىسرا بولپ، خۇددى ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ «سۇبھان ئاللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دىن ئىبارەت تەسبىھى 33 قېتىمدىن ئېيتقان ئۆلچەم بويىچە ئاللاھقا چىن كۆڭۈل، سەمىمىي نىيەت بىلەن ھەمدۇسانا ئېيتقان. ئۇ ئاللاھنى ئەزىزلەپ ۋە ئۇلۇغلاپ ئاللاھنى پۈتكۈل ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى، ياراتقۇچىسى، پادىشاھى، پۈتكۈل مەخلۇقات ۋە مەۋجۇدات ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ۋە تەسەررۇپىدا دەپ قىلچە مۈجىمەللەشمىگەن، دۇدۇقلىمىغان ھالدا قايتا – قايتا مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

خۇدا ئاتى بىرلە سۆزۈم باشلىدىم،
تۆرەلتكەن، ئۆستۈرگەن، كەچۈرگەن ئىزىم.
(1 – بېيت)

تولا مەدھى بىرلە تۈمەنمىڭ سەنا،
قادىر بىر خۇداغا، ئاڭا يوق پەنا.
(2 – بېيىت)

قوڭۇر يەر، يېشىل كۆك، كۈن، ئاي بىرلە تۈن،
ياراتتى زامان، ۋاقىت، مەخلۇق ۋە كۈن.
(3 – بېيت)

ئۇ خالاپ ياراتتى، يارالدى پۈتۈن،
ئۇ بىرلا دېدى «بول»، بار ئولدى پۈتۈن.
(4 – بېيت)

بۇ بارچە يارالغان موھتاجدۇر ئاڭا،
ئىگەم سەن بىھاقەت، يوق ھەمراھ ساڭا.
(5 – بېيت)

ئەي قادىر ۋە مەڭگۈ بىھاجەت بايات،
سېنىڭدىن بۆلەككە ياراشماس بۇ ئات.
(6 – بېيت)

ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇرنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق مىسرالار بىلەن ئىپادىلەيدۇ:

ئىچۇ تاش بىلۇچى، ئەي ھەققۇليەقىن،
كۆزۈمدىن يىراقسەن، كۆڭۈلگە يېقىن.
(11 – بېيت)

ئۇ يۈرمەس، ئۇ ياتماس، ئويغاق، ئۇخلىماس،
ئۇنىڭدىن يىراقتۇر تەسەۋۋۇر – قىياس.
(17 – بېيت)

ئورۇن ئول ياراتتى، ئورۇن يوق ئاڭا،
ئۇنىڭسىز ئورۇن يوق، ئىشەنگىن بۇڭا.
(19 – بېيت)

ئايا ھەققە پۈتكەن، ئاچ ھەمدىگە تىل،
دىلىڭ پۈتسە شەكسىز، يۇرۇتمە ئەقىل.
(25 – بېيت)

ئۇ قانداق دېمەكتىن كۆڭۈلنى كۈزەت،
پۈتۈپ بارلىقىغا ئاسايىشقا يەت.
(26 – بېيت)

نىچۈك، قانچە دەپ يۈرمە، تۇتقىن ئۆزۈڭ،
نىچۈك، قانچىسىز بىل، ئۇزارتما سۆزۈڭ.
(27 – بېيت)

داستاننىڭ مۇقەددىمىسىلا ئەمەس، بەلكى باشقا بابلارنىڭ بېشى ۋە ئاخىرلىرىدا داۋاملىق ھالدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش، ئاللاھدىن مەدەت ۋە ياردەم تىلەش، قىلغان سۆز – ھەرىكەتلىرىدىكى سەھۋە – خاتالىقلارغا مەغپىرەت تىلەشتەك بىر مۇسۇلماننىڭ سەمىمىي، قىزغىن كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدۇ.

داستاننىڭ ئىككىنچى بابى ئۇسۇلى ئىسلام بويىچە نەبۇۋەت، يەنى پەيغەمبەرلەرگە ھۆرمەت – ئېھتىرامنى مەزمۇن قىلغان ماۋزۇسى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدھىيەسى بايانىدا» بولۇپ، 15 بېيت، 30 مىسرا ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سالام ۋە دۇرۇد ئېيتىلغان:

ئەۋەتتى رەسۇلنى رەھىملىك ئىگەم،
كىشى ياخشىسى، تاللىنىلغىنى ھەم.
(34 – بېيت)

چىراغ ئىدى خەلققە قاراڭغۇ تۈنى،
يورۇقلۇقنى چاچتى، يورۇتتى سېنى.
(35 – بېيت)

خۇدادىن دەۋەتچى ئىدى ئۇ ساڭا،
يىگىت، توغرا بىر يولنى تاپتىڭ، شۇڭا.
(36 – بېيت)

ئۇنىڭ مەن يولىغا كۆڭۈل باغلىدىم،
ئىشەندىم، سۆيۈپ ھەم سۆزىن ئاڭلىدىم.
(46 – بېيت)

داستاننىڭ قالغان قىسىملىرىنىڭ مۇۋاپىق جايلىرىدا يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى، سۆھبەتلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، قىزغىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىنغان.

ئۈچىنچى باب «تۆت ساھابىنىڭ مەدھىيەسى بايانىدا» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىن ساھابىلىرىدىن بولغان چاھاريارلار – ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر پارۇق، ئوسمان زەينۇرەيىن، ھەزرىتى ئەلى قاتارلىقلارغا ئاتاپ 14 بېيت، 28 مىسرا قاتارلىق قىزغىن سالام ۋە ھۆرمەت بىلدۈرگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستاننىڭ ئاۋۋالقى ئۈچ بابىدا 62 بېيت، 124 مىسرادا بىر مۇسۇلمان شائىرنىڭ بەجا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىپتىدا سۆزىگە ئورۇن بەرگەن. داستاننىڭ مۇنداق ئايرىم بابلىرىدىن باشقا بابلىرىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشلىرىدا ئالدى بىلەن ئاللاھقا سېغىنىش، پەيغەمبەرلەرگە سالام – دۇرۇت، چاھاريارلارغا ھۆرمەت مۇھىم تەشكىلىي قىسىم قىلىنغان بولپ، بۇنداق كومپوزىتسىيەلىك تەشكىلىي قۇرۇلما نوقۇل ھالدىكى ئەنئەنە، ئۇسلۇب، يېزىقچىلىق ئادىتى بولۇپ قالماي، بەلكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى مۇستەھكەم بولغان مۆمىن مۇسۇلمان ئالىم، مۇسۇلمان شائىر ئىكەنلىكىنى روشەن ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.

ھەرقانداق بىر تارىخىي دەۋردىكى ئالىم ۋە ئىجادىيەتچىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، ئىدىيە پەلسەپىلىرى ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى، ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نامايەندىلىرى بولغان ئەسەرلىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. 11 – ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەشھۇر مۇسۇلمان ئالىم. ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى، ئىلىم پەلسەپىسى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئىسلامىي دۇنيا قاراش ۋە ئىسلامىي پەلسەپە. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» تە كەڭ ساھە، نۇرغۇن مەسىلىلەر، جۈملىدىن مۇھىم قانۇنىيەتلەر، مۇكەممەل پەلسەپىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ بېيت – نەزمىلىرىدە ئۆزىنىڭ ئاساسىي كۆز قارىشى ۋە ئىمان – ئېتىقادىغا ماس كەلمەيدىغان، يەنى ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى، پۈتكۈل ئالەمنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقى، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئاللاھنىڭ تەسەررۇپىدا ئىكەنلىكىگە زىت ياكى مۈجىمەل بولغان ئىدىيە – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۈجىمەللىك ۋە شۈبھىگە قەتئىي ئورۇن قالدۇرمىغان. مۇنداق قىلچە مۈجىمەللىك بولمىغان مۇستەھكەم دۇنيا قاراش ۋە ئاساسىي ئىدىيە پۈتكۈل داستاننىڭ ھەربىر باب، ھەربىر قىسىملىرىغا باشتىن – ئاخىر سىڭگەن بولۇپ، داستاندا چاقناپ تۇرغان پارلاق ئەقىل، پارلاق ئىماننىڭ ئالتۇن نۇرى ئۇنى تېخىمۇ يۈكسەك مەرتىۋە، ئۇلۇغ شان – شەرەپ، قەلبلەرنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، ئاللاھ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى، (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى. قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەدى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق.
– سۈرە «ئەنئام» (6 – سۈرە) 96- 97 – ئايەتلەر

ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە (ۋاقىتلارنىڭ) ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايغا مەنزىللەرنى (يەنى بۇرجلارنى) تەيىن قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق (بەلكى بۈيۈك ھېكمەت ۋە زور پايدىلىق ئۈچۈن ياراتتى)، ئاللاھ ئايەتلىرىنى (قۇدرىتى ئىلاھىنى) بىلىدىغان (ۋە ھېكمەتنى پىكىر قىلىدىغان) قوۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندا ۋە كەڭ زېمىندا ياراتقان شەيئىيلەردە (ئاللاھتىن) قورقىدىغان قوۋم ئۈچۈن ھەقىقەەتەن (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.
– سۈرە «يۇنۇس» (10 – سۈرە)، 5 – 6 – ئايەتلەر

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ بەشىنچى بابى «يەتتە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرج بايانىدا» ئۇ ئىسلام ئېتىقادىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئالىملارغا خاس پىكىر يۈرگۈزىدۇ. يەنى قۇياش بىلەن ئاينىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەت، ئاللاھنىڭ: «بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق» [سۈرە «ساففات» (37 – سۈرە)، 6 – ئايەت] دېگەن سۆزى ۋە «ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇق كۆرەمسەن» [سۈرە «مۇلىك» (67 – سۈرە)، 3- ئايەت] دېگەن سۆزى ھەققىدە پاك قەلبى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، 24 بېيت، 48 مىسرا ئارقىلىق گۈزەل مەنزىرىلەرنى سىزىدۇ. بۇ رەسىمدە ئاسمان كۆكىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ نامى، ئۇلارنىڭ بىپايان كۆكتىكى ئورنى، پەسىل، ۋاقىت ئۆزگىرىشلىرى ئاجايىپ ئوخشىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دانىشمەن مۇنەججىم – ئاسترونوم زاتىنىڭ قىياپىتىنى نامايان بولىدۇ. بۇ بابتا بىر قىسىم يۇلتۇزلارنىڭ دەۋرلىكى ھەققىدە خېلىلا ئېنىق مەلۇمات بېرىلىدۇ. ئاددىي قوراللار، ئىنسان كۆزى بىلەن بىپايان كائىناتقا نەزەر سېلىپ ئېرىشىلگەن مۇنداق مەلۇمات ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىدىغان زامانىۋى قوراللار تۈگۈل، ھەتتا گالىلىينىڭ تۇنجى تېلېسكوپىدىن 6 – 7 يۈز يىل مۇقەددەم نەچچە يۈز مىڭ كىلومېتىر يىراقتىدىكى سەييارىلەرنىڭ ئورنىنى دەل ھېسابلاپ چىقىش بولۇپ، ھازىرقى زامان ھېسابلاش ئىلمىدا ھېسابلانغىنى بىلەن خاتالىق پەرقى چوڭ ئەمەس. بۇ زامان ھېسابلاش ئىلمىدا ھېسابلانغىنى بىلەن خاتالىق پەرقى چوڭ ئەمەس. بۇ پەقەت ساپ ئەقىلنىڭ قۇدرىتى، ھېسابلاش ئىلمىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن بولغان. تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدە ھېسابلاش ئىلمى – ئالگېبرا، گىئومېتىرىيە (ھىندەسە) ۋە ماتېماتىكا ئانالىز قاتارلىق ساھەلەر خېلىلا تەرەققىي قىلغان ۋە ئۇلار بىر ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگەن ھەم چوڭ مەدرىسلەردە ئوقۇلىدىغان دەرسلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنداقلائىلمىي نۇجۇم يۇلتۇزلارنى تۈركۈملەرگە ئايرىپ، ئۇلاردىن يىل – پەسىل قاتارلىقلارنى تولۇق ھېسابلاپ چىققان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستاندا يەتتە يۇلتۇزنىڭ تىزىلىشىنى قىزىقارلىق قىلىپ تەسۋىرلەنگەن:

قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىدا سەكەنتىر (ساتورىن) بولۇپ، بىر بۇرجىدا ئىككى يىل، سەككىز ئاي تۇرىدۇ. ئىككىنچى قاتاردا ئوڭاي (يۇپىتېر) بولۇپ، بىر بۇرجىدا 12 ئاي تۇرىدۇ. ئۈچىنچىسى كۇرۇد (مارس) بولۇپ، ئۇ ئاپەت – ئوت يۇلتۇزى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆتىنچىسى، ياشىق (قۇياش) بولۇپ، ئۇ خۇشاللىق يۇلتۇزى دەپ ئاتىلىدۇ. بەشىنچىسى، سەۋىت (ۋېنېرا) يۇلتۇزى بولۇپ، ئۇ زۆھە يۇلتۇزى ياكى چولپان يۇلتۇزى دېيىلىدۇ. ئالتىنچىسى، ئارزۇ (مېركورى) بولۇپ، ئۇ بەخت يۇلتۇزى دېيىلىدۇ. يەتتىنچىسى، يالچىق (ئاي) بولۇپ، ئۇ تولۇن، غەيرىي تولۇن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. داستاندا تەسۋىرلەنگەن 12 بۇرج (ئۈكەك) مۇنداق ئىپادىلەنگەن: ئۇلار قوزى (ھەمەل)، ئۇي (سەۋر)، ئەرەندىز (جەۋزا)، قۇچى (سەراتان)، ئارسلان (ئەسەد)، بۇغداي بېشى (سۇمبۇلە)، ئۈلگۇ (مىزان)، چايان (ئەقرەب)، يا (قەۋس)، ئوغلاق (جەدى)، سوغا (كونەك، دەلۋە)، بېلىق (ھۇت) تىن ئىبارەت. 12 بۇرج يۇلتۇزلار تۈركۈمى تۆت پەسىلدە ئۈچتىن كۆرۈنۈپ، پەسىل ئالامەتلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ ھەمەل، سەۋر، جەۋزا يۇلتۇزلىرىنى باھارلىق؛ سەرەتان، ئەسەد، سۇمبۇلە يۇلتۇزلىرىنى يازلىق؛ مىزان، ئەقرەب، قەۋس يۇلتۇزلىرىنى كۈزگى؛ جەدى، دەلۋە، ھۇت يۇلتۇزلىرىنى قىشقى يۇلتۇزلار تۈركۈمى دەپ قارىغان ھەمدە بىپايان ئاسماندىكى بىر قىسىم يۇلتۇزلارنىڭ ناملىرىنىمۇ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئالەمدىكى يۇلتۇزلار ھەمدە ئۇلار ھەققىدىكى ھېسابلاشلىرى ھازىرقى زامان يۇلتۇز ئىلمى – ئاسترونومىيەدىكى ئىلمىي ھېسابلاش ۋە پەرەزلەرگە تامامەن ئۇيغۇن. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ يۇلتۇزلارنىڭ ناملىرىنى پۈتۈنلەي نام بىلەن ئاتىغان. داستاندا مۇنداق يېزىلىدۇ:

ياراتتى پەلەك، كۆر، دائىم ئايلىنۇر،
ھايات ھەم ئۇ بىرلە تىنماي چۆرگىلۇر.
(126 – بېيت)

ھازىرقى زامان ئىلىملىرى ئىسپاتلاپ چىقتىكى، ھايات مېتابولىزىمى (ماددا ئالمىشىش) يەر شارىنىڭ ئايلىنىش ۋاقتى بىلەن توغرا تاناسىپ بولىدۇ، يەنى پەلەكنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھاياتلىق ۋە ماددا ئالمىشىش ماس قەدەمدە بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» دىكى ئاللاھنىڭ ھاياتلىق ۋە دۇنيا ھەققىدىكى ئۇلۇغ كالاملىرىدىن ئىلھاملىنىپ، 1000 يىل مۇقەددەم ئالەم بىلەن ھاياتلىق ھەققىدىكى پەلسەپىۋى ۋە ئىلمىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرقى زامان ئالەم ئىلمى ۋە ئالەم تەتقىقاتى بۇ قاراشنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ياراتتى يېشىل كۆكتە يۇلتۇزنى ئۇ،
ياراتتى قاراتۈن ۋە كۈندۈزنى ئۇ.
(127 – بېيت)

كۆكتىكى يۇلتۇزلار بەزىسى بېزەك،
يول باشلار بەزىسى، بەزىسى يەزەك.
(128 –بېيت)

تۆتىنچى قۇياشتۇر يورۇتار جاھان،
يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان.
(134 – بېيت)

بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالچىق تۇرار،
قۇياشقا ئۇدۇل باقسا، تولۇن بولار.
(137 – بېيت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا ناھايىتى روشەن ۋە ئوچۇق پىكىرلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە مۇناسىپ ھالدا ئەينى زاماندىكى مۇسۇلمان ئالخىمىيە ئالىملىرى، مېدىتسىنا – تېبابەت ھەكىملىرىنىڭ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان ۋە راۋاجلادۇرۇلۇپ، ئىلمىي ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگەن «تۆت زات» (تۆت تادۇ) ئاناسىر – ئابى، ئاتەش، بادى، خاك يەنى سۇ، ئوت، شامال ۋە تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت ماددا ھەمدە تېبابەتتىكى تۆت خىلىت، يەنى قان، سەپرا، سەۋدا، بەلغەم ۋە ئىنسان مىجەزىدىكى ھۆل، قۇرۇق، ئىسسىق، سوغۇق قاتارلىق مىجەز، ئىنسان ھاياتىدىكى بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك (ياشلىق)، ئوتتۇرا ياشلىق، قېرىلىقتىن ئىبارەت تۆت مەزگىل ھەققىدە توختىلىپ، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:

ئۈچى سۇ، ئۈچى يەل، ئۈچى بولدى ئوت،
ئۈچ تۇپراق، بۇلاردىن دۇنيا ۋۇجۇت.
(143 – بېيت)

يېغىدۇر بۇلارنىڭ بىرىگە بىرى،
قويۇپ ياۋغا ياۋ، قىلدى جەڭنى نېرى.
(144 – بېيت)

ئۇرۇشماس بۇ ياۋلار، ياراشقان ئۈچۈن،
كۈرەشمەس بۇ ياۋلار كۆتۈرگەچ ئۈچۈن.
(145 – بېيت)

يېتىشلىك ئىلاھىم سېلىپ ئىزغا ئۇز،
ياراتتى ئۇلارنى، ياراشتۇردى تۇز.
(146 – بېيت)

تېگىدۇر قوڭۇر يەر بىلەن يېشىل سۇ،
ئۈستى سۈپسۈزۈك يەل بىلەن ئوتتۇر ئۇ.
(3725 – بېيت)

قۇرۇق، ھۆل بىلەن بۇ ئىسسىق، سوغۇقنى،
ياراشتۇردى، بەدى خەلققە رىزىقنى.
(3726 – بېيت)

مىجەزىڭنى ئېيتاي ئوچۇق ساڭا بىل،
سېرىق،ئاق، قارادۇر ۋە ياكى قىزىل.
(4632 – بېيت)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىدا پۈتكۈل كائىناتنى، ئاسمان سەييارىلىرىنى، ھاياتلىقنى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇنداق سەھىپە ئاجرىتىشى ئۆز داستانى ئۈچۈن گۈزەل مەنزىرىلەرنى سىزىپ كۆرسىتىش ياكى تەسۋىرىي يول بىلەن سۆز ئويۇنى قىلىش بولماستىن، بەلكى بىر ئۇلۇغ ئىلاھىي ھېكمەت، ئاللاھنىڭ يەنە بىر ئۇلۇغ ئىجادىيىتى بولغان پۈتكۈل تەبىئەت، ئۇنىڭدىكى ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن زور پايدىلىق بولغان تەرەپلەر، روشەن ئالامەت ۋە پاكىتلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش، ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن قايىل بولۇش، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە، ئىنسان ئۈچۈن بەرگەن رەھمەت ۋە نېمەتلىرىگە چوڭقۇر تەشەككۇر بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمگىكى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» تىن ئىبارەت بۇ سەلتەنەتلىك ئىمارەتنى ھەيۋەتلىك تۆت تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرغان. بۇ غايەت زور تۈۋرۈك ئەدلى، ئىلىم، ئەقىل ۋە سەۋردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئەۋۋەلقى ئىككىسى بولغان ئەدلى بىلىم بىلەن ئىلىم ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ زات سۈپەتلىرى بولۇپ، ئەدلى – ئادالەت، ئىلىم – ھېكمەت ئاللاھقا مەنسۇپ. كېيىنكى ئىككىسى بولغان ئەقىل بىلەن سەۋر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بەرگەن سۈپەتلىرى بولۇپ، ئەقىل – پاراسەت، سەۋر – قانائەت ئىنسانغا مەنسۇپ. پۈتكۈل مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى، ئىنساننىڭ خەلق ئېتىلىشى، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆلچەملىك ۋە قانۇنلۇق بولۇشى، ئۇنىڭدىكى مۆجىزە – سىر ھېكمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئادالتى ۋە ئىلىم – ھېكمىتىدىن بولغان. ئىنسان ئاللاھ بەرگەن ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئاللاھنىڭ ئەدلى – ئادالىتى، ئىلىم – ھېكمەتلىرىنى، ئاللاھ بىلدۈرۈشكە ئىرادە قىلغان شەيئىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ماھىيەتلىرىنى تونۇيدۇ، ئاللاھقا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن قۇلچىلىق ۋە ئىبادەت قىلىدۇ، يەنى ئاللاھنىڭ ئەدلدىن قورقۇپ، پەزلىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ، ئىككى ئالەملىك بەخت – سائادەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇلۇغ سۆز سەنئەتكارى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەدەبىياتنىڭ مەجازى ۋاسىتىلىرى، ئوبرازلىق تەپەككۇر شەكلى بىلەن بۇ تۆت سۈپەتنى تۆت زات – تۆت پېرسۇناژ قىياپىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا نامايان قىلىپ، ھېكايە شەكلى بىلەن ئۇلۇغ ئىسلامىي ھەقىقەتنى مۇكەممەل شەرھلەپ بەرگەن. ئۇ ئەدلى – ئادالەتكە ئۇلۇغ پادىشاھنى تەمسىل قىلغان، ئۇنىڭ ئىسمى كۈنتۇغدى ئىلىك؛ ئىلىم – ھېكمەتكە ۋەزىر تەمسىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئايتولدى؛ ئەقىل – پاراسەتكە ۋەزىرنىڭ ئوغلى تەمسىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئۆگدۈلمىش؛ سەۋر ۋە قانائەتكە ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى تەمسىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئودغۇرمىش دەپ ئاتالغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ داستانىنىڭ ھەربىر بۆلەك، ھەرقايسى بابلىرىدا ئۆزىنىڭ ھېسابسىز باي تەپەككۇرى بىلەن ئۆز قەلبىدىكى ئۇلۇغ ئىمان – ئېتىقاد، تەسەۋۋۇرلىرىنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، كىتاب مەزمۇنىنى يۇقىرىقى تۆت سۈپەت قىياپىتىدىكى تۆت زات – تۆت پېرسۇناژ ئەتراپىدا تەرتىپلىك ھالدا دەۋر قىلدۇرىدۇ. داستاندىكى ۋەقەلىك – داستان سيۇژىتى باشتىن – ئاخىر مۇشۇ تۆت شەخس ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك سوئال – جاۋاب، مۇنازىرە ئارقىلىق راۋاجلىنىپ بارىدۇ. مۇشۇ مۇنازىرە جەريانىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ تەشۋىق قىلماقچى بولغان دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى قانۇن، بىلىم، ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە باشقۇرۇش ھەققىدىكى ئۇلۇغ ئىسلامىي ئەقىدىگە خاس غايە ۋە قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بىلىم – ھېكمەت ۋە ئەخلاقنى پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. بىلىمگە ئىگە بولغاندا ئادالەتنى جارى قىلدۇرغىلى، قانۇنغا ئەمەل قىلىپ ئۇنى يۈرگۈزگىلى، قالايمىقانچىلىق، نەپسانىيەتچىلىك، جىنايەتنى چەكلىگىلى، خەلقنى، دۆلەتنى ھەقىقىي بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. بىلىمگە سەل قاراش قانۇن، ئادالەت، ئەخلاق – پەزىلەت، بەخت – سائادەتنىڭ ئاساسىنى ۋەيران قىلغانلىق بىلەن باراۋەر دەپ ھېسابلايدۇ.

مەشھۇر دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئىمان – ئېتىقادىغا مۇناسىپ ھالدا ئۆزىنىڭ دۆلەت، قانۇن ۋە ئادالەت ھەققىدىكى دادىل تەسەۋۋۇر، ئىلمىي تەشەببۇسلىرىنى شېئىر – نەزمىسى بىلەن داستان شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ غايىۋى دۆلەت تەسەۋۋۇرى دېموكراتىك خاراكتېرگە ئىگە دۆلەت فورمىسى بولۇپ، قانۇن بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەر بولۇش، ئادالەت، ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىش دەپ قارايدىغان ئىدىيە ئۆزىنىڭ تارىخىي ئورنى، تارىخىي شارائىتى بولغان 1000 يىل مۇقەددەم ئۆتكەن خاقانىيە دەۋرى ئېتىبارى بىلەن يۈكسەك ئىلغارلىق ۋە تەرەققىيپەرۋەرلىككە ئىگە. بۇنداق شانلىق نامايەندە ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارنى، قانۇنشۇناسلارنى ئاجايىپ ھەيرەتتە قالدۇردى. ئۇلار بىردەك: «بۇ ئاجايىپ يۈكسەك تارىخىي نامايەندە، ئۇلۇغ تۆھپە» دەپ ھېسابلىدى.

«قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدىكى ئادالەتنىڭ سۈپەتلىرى، تەسۋىرلىرى  كىيىنكى يازمىدا ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ (نىسىب قىلسۇن)
«ھىدايەت گۈلزارى» 2–توم، 275–بەتتىن 305 –بەتكىچە ئېلىندى. مۇھەررىر : مۇھەممەتجان ئىبراھىمجان

http://bbs.bagdax.cn/thread-49450-1-1.html

Share
2824 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.