logo

trugen jacn

خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرگەن مېھمانخانىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئۆتكەن ھەپتە فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقالغان 3 ياشلىق ئۇيغۇر گۆدەكنىڭ ئائىلىسىنىڭ يايمىسىنى قوغداش ئۈچۈن بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا تاياق كۆتۈرۈپ قارشىلىق قىلىش ۋەقەسى ئىپادىلەنگەن سىنئالغۇ فىلىمىدىن كېيىن، فېيسبوكتا يەنە، خىتاينىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن «شىنجاڭلىقلار» غا ياتاق بەرگەن مېھمانخانىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆھبەت مەزمۇنى ئاشكارىلاندى.

مەزكۇر فىلىمدا بىر مېھمانخانىنىڭ ئايال مۇلازىمەتچىسى بىلەن كىملىكىدە «شىنجاڭلىق» دەپ يېزىلغان بىر نەچچە خېرىدار ئارىسىدىكى دىئالوگ خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدا مېھمانخانىنىڭ ئايال مۇلازىمەتچىسىنىڭ « بىزدە شىنجاڭلىقلارغا ياتاق بېرىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بار. سىلەر تىزىملاتقاندىن كېيىنلا ساقچىلار بىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ، شۇڭا باشقۇرۇش تۈزۈمى بوشراق مېھمانخانىلارغا بارغان بولساڭلار» دېگەن سۆزى ۋە خېرىدارلار ئۇنىڭدىن «نېمە ئۈچۈن شىنجاڭلىقلارغا ياتاق بەرمەيسىلەر» دەپ قىستاپ سورىغاندا، مېھمانخانىنىڭ تىزىملىتىش ئورنىدىكى بۇ ئايال خادىم «ئەگەر شىنجاڭلىقلارغا ياتاق بەرسەك ، ئۇلار بىزگە جەرىمانە قويىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

فىلىمدا يەنە، ئايال مۇلازىمەتچىنىڭ مۇئامىلىدىكى قوپاللىقىغا قارىتا خېرىدارلارنىڭ راۋان ، ئەمما ئۇيغۇر تەلەپپۇزىدىكى خىتاي تىلى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈپ « بىزگە بولغان مۇئامىلەڭ نېمانداق ناچار، بىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلما» دېگەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان، ئەمما خېرىدارلارنىڭ چىرايى ئېكراندا كۆرسىتىلمىگەن.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى » تەشۋىقاتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ بازار باشقۇرۇش خادىملىرى تەرىپىدىن قوغلىنىشى، ئۆي ئىجارىگە ئالالماسلىقى، مېھمانخانىلاردا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش، ھەتتا تۇتقۇن ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جىددىي دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurlargha-yataq-04212016182830.html

Share
828 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.