ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
قۇتلان
مۇقەددىمە: ئەركىنلىك مەنزىلى ئىزدەپ (ئا)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرىدە جىددىي رەۋىشتە شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇر كۆچمەن توپلۇقلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ جامائىتى گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە بولسىمۇ، ئەمما 1950-يىللاردىن كېيىن تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر كۆچمەنلەر توپى تېز سۈرئەتتە زورايماقتا.
بۈگۈنكى ھايات شاھىتلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ۋە بۇ يەردىن غەرب ئەللىرىگە كېلىشىنى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى زور ھىجرەت دولقۇنىغا باغلايدۇ.
شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشى بىلەن نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ يات ئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. زېمىستان قىش پەسلىدە ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتكەن مىڭلىغان كۆچمەنلەر ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مۇشەققەتلەر بىلەن ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىغا يېتىپ بارىدۇ.
بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى نيۇيوركتىكى ئۆيىدە تۇرۇپ بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇنىڭدىن 67 يىل ئىلگىرىكى كەچمىشلىرىنى ئەسلىمە قىلدى:
«مەن 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان مىڭلىغان كىشىلەرگە قوشۇلۇپ زىمىستان قىشتا ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتتۈم ۋە ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى سىرىناگار شەھىرىگە كەلدىم. شۇ چاغدا ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونى ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلار بىلەن تولغان ئىدى. نۇرغۇن كىشى ھىمالايا تاغلىرىدا سوغۇقتىن مۇزلاپ ياكى ئىس-تۈتەكلىك ھاۋادىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى. مەن كەشمىرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ يەردە قۇرۇلغان ‹شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسى› غا رەئىس بولۇپ سايلانغان تاغام ئەبەيدۇللادىن ‹11 مىڭ 500 كىشىنىڭ كەشمىرگە يېتىپ كەلگەنلىكى، يولدا 400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى› نى ئاڭلىدىم.»
غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئەينى چاغدىكى ھىندىستان ھۆكۈمىتى زىمىستان قىشتا كەشمىرگە يېتىپ كەلگەن بۇ زور ساندىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى باشقا ئەللەرگە كېتىشكە قىستايدۇ.
مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن رەھبەرلىكىدە كەشمىردە قايتا تەشكىللەنگەن «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار كومىتېتى» ئەينى ۋاقىتتا دوكلات يېزىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىدىن جاۋاب كېلىدۇ. بۇ چاغدا كەشمىردە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى يا تۈركىيەگە كېتىش ياكى غەرب ئەللىرىگە كېتىش توغرىلىق قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 7 نەپەر ياش ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش يولىنى تاللايدۇ. قالغانلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيەگە بېرىپ يەرلىشىش يولىنى تاللايدۇ. ئامېرىكىغا كەتكەن ياشلار كېيىنچە تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە داۋۇت ئوسمان ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش ئامېرىكىغا يەرلىشىپ، بۇ يەردىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بولۇپ قالىدۇ.
ھازىر ئىستانبۇلدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئەينى چاغدا كەشمىردە قامىلىپ قالغان ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىدىن 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن 1952-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىگە يەرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرىنچى تۈركۈمدىكى بۇ كۆچمەنلەر پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئالدى بىلەن ئىراقنىڭ بەسرە قولتۇقىغا، ئۇ يەردىن پويىز بىلەن تۈركىيەگە كۆچۈرۈپ كېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىگە يەرلەشتۈرۈلىدۇ.
ھامىدخان ئەپەندى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا ئەسلىمە بېرىپ، ئەينى چاغدا ئافغانىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ 1965-يىلىغا كەلگەندە ئىككىنچى تۈركۈمدە تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈپ يەرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئائىلىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھازىر گېرمانىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 1967-يىلى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە ئەكېلىپ يەرلەشتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەنۋەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئىككىنچى تۈركۈمدە، يەنى 1967-يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈرۈپ كېلىنىدۇ ھەمدە قەيسەرى ۋىلايىتىگە يەرلەشتۈرۈلىدۇ.
تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم ياشلار 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئوقۇش ياكى باشقا يوللار بىلەن ياۋروپاغا بارىدۇ. غۇلامىدىن ئەپەندى ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1954-يىلى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرىگە، جۈملىدىن گېرمانىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1974-يىلى گېرمانىيەگە بارغانلىقى ۋە بۇ يەردىكى «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدا 20 يىل خىزمەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غەرب دۇنياسىدا شەكىللەنگەن تۇنجى ئۇيغۇر جامائىتى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ئىكەن
مۇقەددىمە: ئەركىنلىك مەنزىلى ئىزدەپ
1952-يىلى ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىن تۈركىيەگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن 2500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق كۆچمەنلەر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى «تۈركىستانلىقلار» مەھەللىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن 64 يىل ئىلگىرىكى تارىخىي مەنزىللەرنى ئەسلەپ ئۆتكەن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: «1952-يىلى ھىندىستاندا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان 2500 نەپەر مۇھاجىر تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ، قەيسەرى ۋىلايىتىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى. شۇ چاغدا مەن دادام بىلەن بىللە ئىستانبۇلدىن قەيسەرىگە بېرىپ يۇرتداشلار بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارغا تۈرك ھۆكۈمىتى بېغى بار ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەرنى ياساپ، تاكى يەرلىشىۋالغىچە باجنى كەچۈرۈم قىلغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ جايدا مەلۇم كۆلەمدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى شەكىللەنگەن. مەن يېقىنقى يىللاردا قەيسەرىگە بارسام، بۇ مەھەللىلەرگە ئون نەچچە قەۋەتلىك ئېگىز بىنالار سېلىنىپ، كاتتا شەھەر بولۇپ كېتىپتۇ…»
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى 2009-يىلىدىن بۇرۇن ئىستانبۇلدا تەخمىنەن 800 دىن 1000 غا يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى شۇ چاغدا 3500 دىن 5000 نەپەرگىچە دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھامىدخان ئەپەندى يەنە 2009-يىلىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2015-يىلىدىن بۇيان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكىنى، بۈگۈن پۈتۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئومۇمىي سانىنى تەخمىنەن 12 مىڭدىن 15 مىڭغىچە دەپ ئېيتىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
گېرمانىيە -ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر جامائىتى شەكىللەنگەن دۆلەت. 1950-يىللاردىن 1970-يىللارغىچە بولغان جەرياندا گېرمانىيەگە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە ئارقىلىق كېلىپ يەرلەشكەن.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىي ھەققىدە بايان بەرگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ميۇنخېندىكى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن تەدرىجىي كۆپىيىپ زورايغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ مەلۇماتلىرى ئاساسىدا بايان بەرگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۆۋەتتە پۈتۈن گېرمانىيەدە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ميۇنخېندا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شىۋېتسىيەدە يەرلىشىش تارىخىنىڭ 1996-يىلىدىن باشلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئۆزى ئېرىشكەن مەلۇماتلار ئاساسىدا شىۋېتسىيەدە بۈگۈن تەخمىنەن 3 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.
گوللاندىيە -غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر جامائىتى تېز سۈرئەتتە زورىيىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئەيسا داۋۇت ئەپەندى نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن 1500 دىن 2 مىڭغا قەدەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ رەئىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندىمۇ پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ 2001-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيەدە ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
1999-يىلى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى بىلەن سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى تاغلىق ئەل -نورۋېگىيەگە تۇنجى بولۇپ قەدەم باسقان. «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى تۇرسۇن نىغمەت ئەپەندى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە نورۋېگىيەدە تەخمىنەن 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى تەستىقلايدۇ
بىرىنچى قىسىم: ئافغانىستانغا سەپەر (ئا)
1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1950-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق مۇساپىرلار مەسىلىسى ئەينى چاغدىكى دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى 1952-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۈركىيەگە كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ. قەپ قالغان قىسمى پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىگە كېتىدۇ.
ھالبۇكى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈرگۈزگەن بىر قاتار يۇقىرى بېسىملىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى يەنە چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق مىللىي سىياسىتى مەزكۇر رايونلاردا جىددىيچىلىك پەيدا قىلىدۇ. 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتايدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاچارچىلىق يۈز بېرىدۇ. شۇ يىللاردا يەنە خىتاي بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ. ئېغىر دىپلوماتىك كرىزىسقا پاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ئاسىيا، ئافرىقىدىكى 3-دۇنيا ئەللىرىدىن ئۆزىگە ئىتتىپاقچى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ. دەل مۇشۇ مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستان بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ بىرقانچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ ئافغانىستانغا كۆچۈپ كېتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلايدۇ.
سېيىت رىزۋان تۈمتۈرك قەيسەرىدىكى «تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» (بۈگۈنكى «ئەھمەت يەسەۋىي مەھەللىسى») دە ياشاۋاتقان بىرىنچى ئەۋلاد كۆچمەن ئۇيغۇرلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ پېشقەدەم ئۇيغۇر بوۋاي بۇنىڭدىن 55 يىل بۇرۇنقى ئافغانىستانغا كۆچۈش تارىخى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يۇرتىمىزنى ئىدارە قىلغان كۈندىن ئېتىبارەن بىزدە خاتىرجەملىك بولمىدى. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۆز يۇرتىمىزدا خاتىرجەم ياشايدىغان ھېچ بىر ئىمكانىيەت بولمىدى. 1958-1959-يىللىرى خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي ئافرىقا زىيارىتىدىن كېيىن ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. كېيىنكى يىلى ئافغانىستان ۋەكىللىرى بېيجىڭغا بارىدۇ. ئەنە ئاشۇ ئۇچرىشىشلار داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى گېزىتتە ئېلان قىلىدۇ. شۇ مەزگىللەردە ئافغانىستانغا كۆچۈپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلغان نەچچە يۈزلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئىلتىماسى تۇيۇقسىزلا تەستىقلىنىپ ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئەسلىدە « قۇشمۇ ئۇچۇپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان» خىتاي چېگراسى بىردىنلا بىزگە ئېچىپ بېرىلدى. ئاچارچىلىق زامانى بولغاچقا ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن ئېشەك، ھەر نوپۇسقا 50 دانە گىردە نان سېتىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە يۈزلىگەن مۇساپىرلار بىرقانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئافغانىستانغا سەپەر قىلدۇق.»
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىمۇ ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، ئەينى چاغدىكى قىيىن شارائىتتا ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئافغانىستان يولىنىڭ قانداق ئېچىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە، شۇ يىللاردا ئافغانىستاننىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مۇھەممەت داۋۇتخان خىتايغا قىلغان سەپىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ئافغانىستانغا كۆچۈپ كېتىش ئىلتىماسىمىز بىردىنلا تەستىقلىنىپتۇ. مەن شۇ چاغدا ئاران 8 ياشتا ئىدىم. مېنىڭ ئىنىم خەيرۇللا بىلەن سىڭلىم بەك كىچىك بولغاچقا، ئۇلارنى سېۋەتكە سېلىپ ئات، ئېشەككە ئارتىپ ماڭغانلىقى ئېسىمدە. بىر كۈنى پامىر تېغىدا گىلەم، يوتقانلارغا پۈركۈنۈپ ئۇخلىغان ئىدۇق، ئەتىسى ئويغانساق، ئۈستىمىزنى قېلىن قار باسقانلىقىنى ھازىرمۇ ئەسلەيمەن…»
بۈگۈن چاچ، ساقاللىرى ئاقارغان مۇھەممەتخان ئەرگىنەقۇن ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئۆيىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا 1961-يىلىدىكى ئافغانىستانغا قىلغان ھىجرەت مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ 18 ياشلىق بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى، تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن ۋەتەننى تەرك ئەتكەن بۇ سەپەردە 83 كۈنلۈك يول ئازابى تارتىپ كابۇلغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
قەيسەرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» دە باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇلھەمىد سەلچۇق ئەپەندى 1961-يىلى ئاتا،ئانىسى بىلەن بىللە، تۇغۇلغان يۇرتى يەكەن دىيارىدىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق بالا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى: «مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇلھېكىم، فامىلەم سەلچۇق. مەن يۇرتتىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان يىللاردا 6 ياشتا ئىكەنمەن. شۇڭا ھىجرەتنىڭ مۇشەققەتلىك جەريانلىرىنى تولۇق ئەسلىيەلمەيمەن. ھازىر 60 ياشقا كىردىم. بىزنىڭ ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغىنىمىزغا بۇ يىل 55 يىل، تۈركىيەگە كەلگىنىمىزگە توپ-توغرا 50 يىل بولدى.»
قەيسەرىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن ھازىر «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» دە ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان رابىيە ئىلكتۈرك خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مېنىڭ ئاتا، ئانام 1961-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان ئىكەن. ئۇ يەردىن 1965-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ يەرلىشىپتۇ. مەن قەيسەرىدە تۇغۇلغان، 2-ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن بولىمەن. كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتا،ئانامنىڭ ئېغىزىدىن ئافغانىستان ۋە تۈركىيەگە قىلىنغان ھىجرەت ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم.»
ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئاتا، بوۋىلىرىنىڭ 1961-يىلىدىكى ئافغانىستان ھىجرىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئاشۇ قېتىملىق ئافغانىستان ھىجرىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.