logo

trugen jacn

ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتى» گە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

be1c20e2-5976-45dd-a115-db71842ce0b3

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى «13 – بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2020 – يىلىغا بارغاندا 2 مىليون 610 مىڭ نامرات ئاھالىنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 35 نامرات ناھىيىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئۈمىدسىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى ئېيتىشماقتا.

باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ باش خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلانغان «13 – بەش يىل» مەزگىلىدە، نامرات يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا خىتاي مەركىزىي كومىتېت بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىغان. ئاپتونوم رايونمۇ دەرىجىمۇ – دەرىجە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى دەرىجىمۇ – دەرىجە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدە كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغىمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى قەتئىي ھەل قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاساسىي خىزمەت سۈپىتىدە تاپشۇرغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2020 – يىلىغا بارغاندا، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە نامرات ئاھالىلەرنىڭ قورساقتىن، كىيىم – كېچەكتىن غەم قىلماسلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قارىغاندا، ھازىرقى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئاھالە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ %85تىنى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى 35 نۇقتىلىق ناھىيەنىڭ 26سىمۇ مۇشۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا بولۇپ نۇقتىلىق نامرات ناھىيىلەرنىڭ %74تىنى ئىگىلەيدۇ. 2020 – يىلىغا بارغاندا، نامراتلىق تەدرىجىي تۈگىتىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى يىلىغا 800 يۈەن كۆپەيتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 81 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى ما چېڭ 2014 – يىلى ئاپتونوم رايونىدا 2 مىليون 610 مىڭ نامرات ئاھالە بولۇپ، نامراتلىشىش نىسبىتى %21 كە يېقىنلىشىپ قالغانلىقى،، رايوننىڭ خىتايدىكى نامراتلىشىش نىسبىتى %15تىن ئاشقان بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ما چىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۆلەتنىڭ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2300 سوم بولۇش نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە، ھازىر جەنۇبتىكى نامرات ئاھالە 1 مىليون 590 مىڭ. بۇ نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى تەبىئىي شارائىت، ئاپەت، كېسەللىك سەۋەبلىرى، مىللەت، دىن، تارىخ، جەمئىيەت، ئىقتىساد قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ جۇغلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىقنىڭ ئېغىر بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى باشقىچە چۈشەندۈرىدۇ.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 35 ناھىيىنىڭ ھازىرغا قەدەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرىۋېتەلمىگەنلىكىنىڭ ئۆزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ۋە خىتاي مىللىي سىياسىتى مەغلۇبىيىتىنىڭ ئىقرارى. ئۇ يېرىم ئەسىردىن بۇيان نامراتلىق ئازابىنى چېكىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بەش يىل ئىچىدە نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كېتىشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن چېن پوكۇڭ ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە، «تەلتۆكۈس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەنلىك، «بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق» دېگەنلىكتۇر.

ئۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «نامرات ئاھالىنى تەلتۆكۈس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» پىلانىنىڭ ئەسلى مەقسىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، نەتىجىسىدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن خىتاينىڭ نامراتلىق ئۆلچىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن نامراتلىق ئۆلچىمىدىن زور تۆۋەن، پۈتۈن خەلقئارانىڭ ئۆلچىمىدىنمۇ تۆۋەن. بۇنداق بىر ئۆلچەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرنىڭ نامراتلىقىنى قايسى دەرىجىدە ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا سوئال قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت پۇرسەتلىرىنى، يېرىنى بارلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلايمەن دېگىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بار، بۇنىڭ ئارقىسىدا بىر سىياسىي سۇيىقەست بار دەپ قارايمەن.»

چېن پوكۇڭنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقىنى پۇل ئارقىلىق ياپىمەن، ئالداپ كېتەلەيمەن دېيىشى ئەخمىقانىلىك.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى باي – نامراتلىق پەرقى كېڭەيمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ كىرىم پەرقى كېڭەيمەكتە. نامراتلار ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار، بۇ جايلارغا كۆچۈۋاتقان خىتايلار بولسا بارغانچە بېيىپ ئىقتىسادنىڭ تومۇرىغا ئايلانماقتا. ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئەمەل ۋە پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ بېيىماقتا. ئۇيغۇرلار بارلىق پۇرسەتلەردىن چەتكە قېقىلىپ بارغانچە نامرات قالدۇرۇلماقتا. يەنە بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى جايلىرىدىن يۆتكەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى دەپ كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ زىچلىقى خىتاينىڭ ئىچىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنى يۆتكەشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق، دېھقانلارنى يېرىدىن ئايرىپ باي قىلىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ تېخىمۇ نامراتلاشتۇرۇش. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ زور نارازىلىق ۋە قارشىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاستا – ئاستا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سۇيىقەستلىك خاتا سىياسەتلەرنى توختاتماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالىشى، نارازىلىقىنىڭ بېسىلىشى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ ھەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-namrat-01132016225715.html

Share
1274 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.