logo

trugen jacn

سېغىنشلىق تۈركچە ھايات

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

يۇرتداشلىقتىن باشلانغان يوللار
كانزاس ئۇنۋىرىستېتىدىكى تۈركلەر بىلەن ئىچ قويۇن، تاش قويۇن بولۇپ سىڭىشىپ كېتىشىمدە قېرىنداشلىقتىن باشقا ”يۇرتداشلىق“ مۇ بار ئەلۋەتتە. تۈركىيە تۈركچىسىدە يۇرت دىگەن سۆز دۆلەت، ۋەتەن دېگەندىن باشقا ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى دېگەن مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ. تۈركىيەدە سىتۇدېنتلار ئۈچۈن ئېچىلغان دۆلەت يۇرتلىرىدىن باشقا ساخاۋەتچىلەر ئوقۇغۇچىلارغا يارىدەم بېرىش ئۈچۈن ئاچقان خۇسۇسىي يۇرتلارمۇ كۆپ ئىدى. مەن تۈركىيەدە بولغان چاغلاردا بايلار مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ۋەخپە قىلىۋەتكەن ئازادە بىنادا تەسىس قىلىنغان بىر يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرى بىلەن بىللە تۇرغان ئېدىم. بۇنداق يۇرتلاردا تۇرۇشقا سالاھىيەتلىك ئوقۇغۇچىلار دەرستە ئەلا، ئەخلاقتا ئۈلگىلىك بولۇپ ھەرقايسى ئۇنۋىرسىتىتلاردىن تاللانغان ئەلاچىلار ئېدى.
بۇنداق ياتاقتا تۇرۇشقا شەرتى توشقان ئوقۇغۇچىلاردىن تاماق پۇلى ۋە ئىسىنىش پۇلىدىن باشقا ھەق ئېلىنمايتتى. ئۇلارغا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇش بىرىنجى تەلەپ ئىدى. ئەگەر خالىسا شۇ مەھەللىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا كەچلەردە ۋە ئارام كۈنلىرىدە دەرس تەكرار قىلىپ بىرىشتىن ئارتۇق تەلەپ قويۇلمايتتى. مەنمۇ ئېنگىلىزچىدىن تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئىككى كۈرت بالىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئىدىم. يۇرتتا ھەر جۈمە كۈنى كەچتە لېكسىيە بولاتتى. لېكسىيەچىلەر بەزەن ھەرقايسى ئلمىي ئورگانلاردىن تەكلىپ قىلىنسا بەزەن يۇرتداش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن چىقاتتى. ھەرقايسى يۇرتلاردىكى سىتۇدېنتلاردىن دەرس ئىلىۋاتقان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇنازىرە، زىھىن سىناش، ماقالە يېزىش ۋە نۇتۇق مۇسابىقىلىرىگە تەشكىللىنەتتى. ئامېرىكىدا مەن ئىزدىشىپ ئۆتكەن تۈرك ئوقۇغۇچىلار دەل مۇشۇنداق يۇرتلاردا تەربىيلەنگەنلەر ئېدى. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمى مول ، قىزىقىشى كەڭ، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ئىدى. كانزاس ئۇنۋىرسىتىدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مۇكاپات ئېلىپ ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئاشۇنداق يۇتلاردىكى سىتۇدېنتلارنىڭ قولىدا يېتىشكەنلەر ئىكەن.
تۈركىيەدىكى چېغىمدا تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىمىزدا بىخلانغان يۇرتداشلىق مىھرى ئامېرىكىدا چېچەكلەپ ھاياتىمغا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى بەخش ئەتتى. بۇ ئەسلىمىلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلىسام بىرىنجى قۇردىن ناشتا، ناماز ۋە پۇتبۇلنى، ئىككىنجى قۇردىن كىتاب ۋە سۆھبەتنى، ئۈچىنجى قۇردىن پائالىيەت ۋە خىزمەتنىڭ سېغىنشلىق مەزمۇنلىرى كۆزۈمگە تاشلىنىدۇ.

ناشتا، پۇتبۇل ۋە ئىبادەت
تۈرك ئوقۇغۇچىلار ھەر جۈمە نامازدىن كېيىن مەسجىدتە يېغىلىپ شەنبە ئەتىگەندە كىمنىڭ ئۆيىدە ناشتىدا بولۇپ قايسى پۇتبۇل مەيدانىغا بارىدىغانلىقىمىزنى مەسلىھەتلىشەتتۇق. تۈركچىدە ناشتىلىق كاھۋالتى دېيلىدۇ. تۈركىيەدە كىشىلەر ناشتىغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلدۇ. ھەسەل، سالات، مۇراببا، پىشلاق، زەيتۇن، شاكلات قاتارلىقلار رەڭگى بويىچە ماسلاشتۇرۇلۇپ داستىخانغا تىزىلىدۇ. (بەرەڭگە، تۇخۇم، پەمىدۇر بىلەن ئېتىلىدىغان بىر ناشتىلىق بولىدىغان تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدا شۇنچە ئۇزاق بەھىرلەندىم. ئەمما ئىسمىنى دائىم ئۇنتۇپ قالىمەن) تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدىمۇ شۇنداق، مەيلى ئائىلىسى يىنىدا ياكى ئامېرىكىدا بولسۇن بولمىسۇن، بارچىل ياكى يوقسۇل بولسۇن ئەتىگەندە يۇقىرىدا ئىسمى تىلغان ئىلىنغان يىمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىش دائىملىق ئىش.
ئەتىگەنلىك ناشتىمىز ئادەتتە بىر قانچە سائەتكە سوزۇلاتتى. شۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا بولغان يېڭىلىقلار، يېڭى نەشىر قىلىنغان كىتابلار ، غۇلغۇلا قوزغىغان ماقالىلار ۋە تۈرلۈك پىكىرلەر ھەققىدە مۇلاھىزە، مۇنازىرە قىلىشاتتۇق. ناشتىدىن كېيىن قاچا-قومۇچلارنى قول-قول يۇيۇپ داستىخاننى يىغىپ بولغاندىن كېيىن چاچ ئېلىش باشلىناتتى. بۇنىڭدا ئامېرىكىدا چاچ ياسىتىشنىڭ قىممەتلىكى بىر سەۋەپ، يەنە بىرى بىز ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنىڭ چېچىنى ياساش كۆڭۈللۈك بىر ئىش ئىدى. ئايالىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ مىھماندارچىلىقنى ياقتۇرۇپ قالدى. بولۇپمۇ داستىخانغا داخىل بولغانلارنىڭ قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ، جايى-جايىغا تىزىشىپ بىرىدىغانلىقى ئۇنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. ناشتا باھانىسىدە يەپ-ئىچىپ ھوزۇرلانغاندىن كېيىن، پۇتبۇل ئويناشقا ماڭىمىز. ئارىمىزدا مەن تەۋە بولغان كوماندا تولا ئۇتتۇرىدۇ ياكى ئاران تەڭلىشىدۇ. چۈنكى مەن توپنى ياخشى ئوينىيالمايمەن. بەزىدە خىجىللىقىمنى بىلدۈرۈپ ئۆزرە سورايتتىم. بىراق تۈرك ئىنىلەرنىڭ مەنسىز كۆڭلى ئۇنىمايتتى. بىرەر سائەت توپ ئويناپ ھارغاندىن كېيىن پىشىن نامىزىنى جايىمىزدىلا ئوقۇپ ئۆيلىرىمىزگە قايتاتتۇق. نامازدا بىر ئىنىمىز پەرزنىلا ئوقۇپ سۈننەتلىرىنى ئوقۇمايتتى. مەن باشقىلار نىمە دەركىن دىسەم ھېچكىم چىش يېرىپ بىر نەرسە دىمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلسام ئۇلار دىن توغرىسىدا بىلمىگەنلىرىنى ئۈگىنىدىكەن. ئەمما بىر-بىرىنى مەلۇم بىر شەكىلگە ياكى يولغا قىستاپ زىدىيەتلەشمەيدىكەن.
ئارىمىزدىكى تۈرك قىز-ئاياللار ئىچىدە ياغلىق چىگىپ ئورىنىدىغانلارمۇ، مودا ياسىنىپ يۈرىدىغانلارمۇ، ياغلىق چەگمىسىمۇ بەك قىسقا ۋە ئوچۇق كىيىنمەيدىغانلارمۇ بار ئېدى. بىز بىلەن دائىم ئارلىشىدىغانلار ئىچىدە بەك ئوچۇق يۈرىدىغانلار يوق بولۇپ كۆپىنچىسى نامازنى تەرك ئەتمەيتتى. بىر قانچە يېقىن دوستۇمنىڭ ئايالى ھىمراق، ئۇزۇنراق كېيىنىپ يۈرەتتىيۇ ياغلىق ئارتمايتتى. ئۇلار بىلەن بىللە بولغان سورۇنلاردا ئىسلامدىكى ئىلىم روھى، ئىنسانىي ھوقۇق، خەلقچىل تۈزۈم، مۇرەسسىز باراۋەرلىك، كىشىلىك ھۆرلۈك، بەدەلسىز كۆيۈم قاتارلىق تېمىلاردا مۇنازىرىلەر بولدى، لېكىن يېمەك، كىيمەك ۋە دېمەكلەر ھەققىدە تۆۋەن سەۋىيىلىك بىرەر تالاش – تارتىش بولغانلىقىنى ئاڭلاپ باقىمىدىم. مۇنازىرىلەردىن دىنىمىز ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلىق بولدۇم. قۇرئانىمىزدا ئىلىم ۋە ئىلمىيلىكنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا كالامىمىزدا ئاللاھ كەلىمىسىدىن قالسىلا ئىلىمنىڭ ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلىۋالدىم. پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزىدە ۋە ھەرىكىتىدە ئۈنسىز كۈچىيىشنىڭ تەرغىپ قىلىنىپ بىۋاقىت كۈچىنىشنىڭ توسۇلغانلىقىدەك نۇرغۇن تاكتىكىلاردىن خەۋەردار بولدۇم. دوستلىرىم دائىم ”بىز تۈركلەر ئەمدى ئىنسانلىققا قاراپ كېتىۋاتىمىز مۇسۇلمانلىق بىزدىن تېخى ئۇزاق ”دېگەنلىرىدە ئويلىنىپ قالاتتىم. ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىدا ھەر بىر ئىنساننىڭ ھۆر ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلىكىگە بولغان ئىمان ئىپادىلىنەتتى، ئەمما ھەرقانداق زورلۇق، زالىملىق ۋە نەزەربەنتلەرگە قەتئىي نەپرەتلىنەتتى. ئەرلەر پۇتبۇل ئوينىغانلىرىمىزدا ئاياللار ئۆز پاراڭلىرى بىلەن بولاتتى ئاندىن ھەممىمىز جەم بولۇپ ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار تەڭ ئىشتىراك قىلالايدىغان پائالىيەتلەرنى قىلاتتۇق. ئۇچاغلاردا بىز ھەممە پىكىرلەرگە يول قويۇپ، بارلىق پەرقلەرنى سىغدۇرۇپ، ھەممە ئەقىدىلەر ھۆرمەتلىنىدىغان ئامېرىكىدا ئۆزىمىزنىڭ دېموكراتىك كىچىك تۈركىيەسىنى قۇرۇپ چىققانىدۇق

كىتاب ۋە سۆھبەت
شەنبە چۈشكىچە بىللە پۇتبۇل ئويناپ ناماز ۋە ناشتىلىقلاردىن ھوزۇرلىنىپ، چۈشتىن كېيىن بالىلارنى ئوينىتىپ كەچتە كانزاس شەھرىگە جايلاشقان تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىگە يىغىلىشاتتۇق. تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى مەكتىپىمىز جايلاشقان لاۋرىنىس شەھرىگە بىرەر سائەت يىراقلىقتا ئېدى. ھەر شەنبە بۇ يەرگە كانزاس شىتاتىدىكى ھەرقايسى ئۇنۋىرسىتىتلاردا ئوقۇۋاتقان تۈرك مىللەتلىرىگە تەۋە ئوقۇغۇچىلار ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەزكۇر شىتاتتا ياشاۋاتقانلار جەم بولاتتى. مەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ھەر مەۋسۇمدا تەتىلدىن بۆلەك شەنبە ئاخشاملىرىنى مۇشۇ يەردە ئۈنۈملۈك ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۈم. ئايالىم مەخسۇس قىز ئاياللار سورۇنىغا ئىشتىراك قىلدى. قىزىم مەسئۇدە تۈرك بالىلار بىلەن كۆڭۈللۈك پائالىيەتلەر ئىچىدە دوستلاشتى.
كانزاستىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ تەشكىللىگۈچى ۋە قاتناشقۇچىلىرى ئاساسەن تۈركىيە تۈركلىرى بولۇپ ئازەرى تۈركلىرىمۇ خېلى كۆپ ئىدى. مەركەزگە كېلىدىغانلار ئېچىدە بىر تاجىكىستانلىق ئۆزبىك بالىدىن باشقا ئورتا ئاسىيا تۈركلىرىگە تەۋە يالغۇز مەن بار ئېدىم. بۇ يەردىكى پائالىيەتتە ئاۋال ئالدىن تاللانغان بىرەر كىتابتىن ھالقىلىق بىر ئىككى مەزمۇن تاللىۋىلىناتتى. تەشكىللىگۈچى شۇ مەزمۇننى قاتناشقۇچىلارغا ئوقۇپ بەرگەچ يېشىپ ماڭاتتى، ئاندىن مۇنازىرە قىلىناتتى. ھەر ئايدا ئوقۇلىدىغان كىتابلار ۋە مۇنازىرىلىك مەزمۇنلار بىر ئاي بۇرۇن تاللىنىپ ھەممەيلەننىڭ ئىلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتىلەتتى. شۇنىڭ ئوقۇرمەنلەردە تەييارلىق بولاتتى-دە تالاش-تارتىش قىززىپ كىتەتتى. مەن بۇرۇن ئوقۇغان كىتابلارنى ئۆزۈم ئوقۇپ ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە قىزىققۇچىلارغا سۆزلەپ بېرىپ كەلگەنىدىم. ئەمما بۇنداق بىر كىتابنى بىر توپ ئوقۇرمەن بىلەن بىللە ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىش بېشىمدىن ئۆتمەپتىكەن. بۇ يەردىكى مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزىلەر جەريانىدا بايقىدىمكى كىتابنى مۇنداق بىرلىكتە ، مۇنازىرلىك ئوقۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئوقۇش ئۇسۇلى ئىكەن. بۇنىڭدا كىتابتىكى مەزمۇن ئاچقۇچ بولۇپ ھەر بىر قاتناشچىنىڭ بىلىم خەزىنىسىنى ئاچسا، ئوقۇرمەنلەر سورۇنى پىكىرلەرنىڭ داستىخېنىغا ئايلىنىدىكەن. ئوخشىمىغان كەسىپ ياش ۋە كەچۈرمىشتىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بىر كىتابنى تەھلىللىك ئوقۇپ چىقىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن كەڭ تەپەككۇر، مول بىلىم ۋە چوڭقۇر چۈشىنىش ھەممەيلەنگە مەنپەئەتلىك ئىكەن. كىتاب ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن كۆڭۈللۈك سۆھبەت باشلىنىدۇ. چاي ئارلىقىدا بىرەر ئىككى پىچىنە ياكى مىۋە تارقىتىلىدۇ. سۆھبەت ۋە كىتاب ئوقۇش بىرەر ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلىنىدۇ. جامائەت ئىچىدە مۇنازىرە قىلىپ قايىل بولۇشمىغان، چۈشىنشەلمىگەن ۋە چۈشەندۈرەلمىگەنلەر چاي ئىچكەچ سۆھبەتلىشىپ مۇرادلىرىنى ھاسىل قىلىشىدۇ.

خىزمەت ۋە ھىممەت
خىزمەت دىگەن سۆز تۈركچىدە ئۇيغۇرچىدىن سەل پەرقلىق مەنىدە قوللۇنىلىدۇ. ئادەتتە ۋەتەن ، مىللەت ۋە دىن ئۈچۈن قىلىنغان خالىس ئەمگەكلەر خىزمەت دىيىلىدۇ. مەكتىپىمىزدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىللىشىدە ئىككى خىزمەت بار، بىرى ھەقسىز تۈركچە دەرس يەنە بىرى مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگ مۇنبىرى. دىئالوگ مۇنبىرى تۈرك مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرۇش؛ مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەردە ئۆسكەن ئالىملار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىنسانلار ئارىسىدىكى تىنچلىق، باراۋەرلىك، ھەمدەملىك، ھۆرلۈكنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تىمىلاردا لىكسىيە ئويۇشتۇراتتى. دائىم لىكسىيە جەريانىدىكى ئارام ۋاقتىدا ۋە پائالىيەت ئاياقلاشقاندا تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۆيلىرىدە پۇشۇرۇپ تەييارلاپ كەلگەن تۈركچە تاتلىق تۈرۈملەر تىزىلىپ، تۈرك قەھۋەسى ۋە چاي دەملىنەتتى. يەنە بىرى ھەقسىز تۈركچە كۇرۇس ئىدى. مەدنىيەتلەر ئارا دىئالوگ مەن كېلىشتىن بۇرۇن باشلانغان ئىكەن. تۈركچە ئۈگىتىشنى مەن كېلىپ باشلىدۇق. ئاۋۋال تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە دەرسىنى قانداق ئۆتۈش ، قانداق تەييارلاش، تاپشۇرۇقلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلىشەتتۇق. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلىدۇق. دەرس ھەپتىدە ئۈچ قېتىم بىر سائەتتىن ئۆتىلىدىغان بولدى. مەكتىپىمىزدە تۈركچە ئۈگەنگەن بىر ئوقۇغۇچى بىرەر يىللاردىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان ئېدى. بىرايىن ئىسىملىك بۇ بالا شۇندىن كېيىن ئىسمىنى باھاۋىددىن دەپ ئۆزگەرتىپ پائالىيەتلىرىمىزگە دائىم داخىل بولۇپ يۈردى. ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى قارار قىلغان كۈنىنى تۇغۇلغان كۈنى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ، تۈركچە ناشتىلىق تەييارلاپ بىزنى ئۆيىدە كۈتۈۋالغاندىكى ئاپتاپتەك ئېچىلغان چىرايى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.
مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگ مۇنبىرىگە دائىم داڭلىق مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى قەدەم تەشرىپ قىلاتتى. ساقاللىق مۇسۇلمان ئەرلەر ، ياغلىقلىق مۇسۇلمان خانىم قىزلار، مودا كېيىنگەن سېرىق چاچ، كۆك كۆزلەر، بۈدۈر چاچ، قارا كۆزلەرنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇرۇپ پەرقلىق مەدەنىيەتلەردىكى خاسلىقلار ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلاۋاتقان ھالىتى ماڭا تولىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلاتتى. بىر قېتىم بىر خىرىستىيان ئالىمىنىڭ ”خۇدا بىزنى سۆيۈپ ياراتتى، سۆيگۈ ئۈچۈن سۆيۈنۈپ ياراتتى، خۇدا روھنى ئىنساننىڭ تېنىگە پۈۋلەپ جانغا ئىگە قىلدى. مۇھەممەد پەيغەمبەر قەلىبلەرگە سۆيگۈ ئۇرۇقلىرىنى تېرىپ خۇدالىق، مۇھەببەتلىك دۇنيادىن بىخۇد قالغان كىشىلەرنى ئويغاتتى. ئەيسا پەيغەمبەر كىرىستقا مىخلىنىش ئالدىدىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلارغا پەرۋەردىگاردىن مەغپىرەت تىلەپ ئۇلارنىڭ نادانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى. خۇدا ئەزىزلىگەن ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلغان بۇ دۇنيادا ئىنسانلار ئازاپتىن نېمە بىلەن قۇتۇلىدۇ؟ خۇدا ئاتا قىلغان روھ بىلەن، ئۈگەتكەن، بۇيرىغان، ئىنئام قىلغان سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن. سۆيگۈ ۋە روھ بىلەن ئىنسانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى، ئاندىن كائىناتىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. ھازىر دۇنيادا پۇل، ھوقۇق ۋە ھالاۋەت ئۈچۈن ياشايدىغانلار كۆپ بولغاچقا خۇداسىز، دىنسىز ھاكىميەتلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇراپ كېتىۋاتىدۇ. ھاياتلىقىمىزدىن دىرەك بېرىۋاتقان تىنىقىمىزنىڭ ئەسلى خۇدا تېنىمىزگە پۈۋلىگەن روھ ۋە سۆيگۈ ئىكەنلىكىنى ئەتراپىمىزدىكىلەرگە كۆپرەك بىلدۈرەلىسەك ئۆمىد بۇلاقلىرىنىڭ كۆزىنى ئاچقان بولىمىز. “ دېگەن ئىدى. پوپتىن كيىن سۆزگە چىققان تۈرك ئۆلىما ، خېمىيە مۇتەخەسىسى ئابدۇلباقى دىگەن كىشى يۇقۇرقى بايانلارنى ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن تەستىقلاپ ، چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەنىدى. شۇ قېتىمقى پائالىيەت ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا. ھەر قېتىم شۇ كۈنى قالدۇرغان خاتىرىلىرىمنى ۋاراقلىسام ھاياجانلىنىمەن.

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بەزى يېقىن –يورۇقلار ئامېرىكىنى سېغىنغان – سېغىنمىغانلىقىمنى سوراشتى. شۇنداق چاغلاردا ئامېرىكىدا ئىنسانلار ئارىسىدىكى مىھىر، ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە باراۋەرلىكتىن باشقا مېنى تەلپۈندۈرگىدەك نېمىلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ قالىمەن. ئەگەر سېغىنىش دىگەن دېگەن سۆزگە مۇناسىپ مۇھەببەتلىك تۇيغۇلىرىمغا كەلسەم ھەممىسى دىگۈدەك تۈرك دوستلار بىلەن ئۆتكەن ھاياتتىن ئېرىشكەنلىرىم ئېسىمگە كېلىدۇ. ئايالىمنىڭ بەزەن تۈرك قىزلاردىن كەلگەن تېلفۇنلاردىن كېيىن بىر قانچە كۈنگىچە تۈركچە ناخشىلارنى غىڭشىپ يۈرۈشلىرىگە قاراپ ئۇنىڭمۇ كۆرۈشۈپ قانمايدىغان تۈرك دوستلىرىنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى ھىس قىلىمەن

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-35738-1-1.html

Share
1477 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.