logo

trugen jacn

تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ جەنۇبتا كۆرگەن-بىلگەنلىرى

ata-bala-echinishliq-resim

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق جايىدا ئۇچرىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ياش رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆز سۆزىنى يۇقىرىقى جۈملە بىلەن باشلىدى.

«2014-يىلىنىنىڭ ماي ئايلىرىدىن ئېتىبارەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەچچە ئون مىڭلىغان ھۆكۈمەت خادىملىرى، كادىرلار، كەسپىي ساھەدىكى كىشىلەر ھەمدە ھەرقايسى ئىدارە-جەمئىيەتلەردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىنتايىن زور داغدۇغا بىلەن تۆۋەنگە-ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتتى. مەن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ تەتقىقاتچى خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ۋەزىپىگە تاللاندىم ھەمدە بىر يىللىق مۇددەت بىلەن جەنۇبتىكى مەلۇم ناھىيەگە چۈشۈرۈلدۈم.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز مېڭىشنىڭ ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، بىزنىڭ تۆۋەندە نېمىلەرنى قىلىش ۋە نېمىلەرنى قىلماسلىقىمىز ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى. ئاتالمىش ‹مۇقىملىق› نى ساقلاش ۋە ‹ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈش› بىزنىڭ تۆۋەندە قىلىدىغان مۇھىم ۋەزىپىمىز ئىدى. ھالبۇكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ، ‹تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن كادىرلارنىڭ ھەرقانداق ئىشنى يەرلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىش› نى ئالاھىدە ئۇقتۇردى. بىز تەقسىم قىلىنغان جايلارغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن بىزنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيەتتە يەرلىك پارتكومنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق بىر ئىشنى ئۆز ئالدىمىزغا ئېلىپ بارالمايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «بىز بارغان ناھىيەدە بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ناھىيەدىكى ئاتالمىش ‹مۇقىملىق› قا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ‹ئەرزخور› ياكى ‹دەۋاگەر› لەرنى تىزگىنلەش، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ناھىيە ئاتلاپ ئەرز قىلىشىنى توسۇش بولدى. ناھىيەدىكى باشقا كونكرېت ئىشلارغا بىزنى ئارىلاشتۇرمىدى. يەر-سۇ دەۋاسى بۇ ناھىيەدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەر-سۇ ۋە ھاياتلىق مۇھىتىنى بارغانسېرى تارايتىپ بېرىۋېتىپتۇ. بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ ھېچ بىرى يەرلىرىگە ئۆزى خالىغانچە زىرائەت تېرىيالمايدىكەن، بەلكى يېزا ۋە ناھىيە سېكرېتارىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە دېھقانچىلىق قىلىدىكەن. ناھىيە سېكرېتارى بىلەن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تەكلىپ قىلىپ مەزكۇر ناھىيەدە پەمىدور ۋە قىزىلمۇچ قىيامى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت قۇرغان ئىكەن. ناھىيە ئەتىيازدا دېھقانلار بىلەن ھەر كىلوگرام پەمىدۇرنى 50 تىيىندىن سېتىۋالىمىز دەپ توختام تۈزىگەن ئىكەن. ھالبۇكى، كۈزگە بارغاندا دېھقانلار پەمىدورلىرىنى ھەتتا 20-30 تىيىندىنمۇ ساتالماي زىيان تارتىدىكەن. مەزكۇر زاۋۇتلارنىڭ خىتاي خوجايىنلىرى پەمىدور، قىزىلمۇچ ۋە باشقا يەرلىك مېۋە-چېۋىلەرنى يوقنىڭ ھېسابىدا ئىنتايىن ئەرزان سېتىۋېلىپ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئىچكىرىگە توشۇپ قىممەت باھادا سېتىپ ھەسسىلەپ پايدا ئۈندىرىدىكەن.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ناھىيەدىكى ئاساسلىق پارنىكلارنى خىتايلار ئىگىلىۋالغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇنىڭ بېشى خىتايلارغا بېرىلىپ، ئۇلاردىن ئاشقان سۇلارنى ئاندىن ئۇيغۇر دېھقانلار ئىشلىتىدىكەن. ئۇيغۇر دېھقانلار يىلدا 15 كۈندىن بىر ئايغىچە خىتايلارنىڭ پارنىكلىرى ئۈچۈن ھەقسىز ھاشارغا ئىشلەيدىكەن. ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يىل بويى ئىشلەپ، تاپقىنىنىڭ تىزىنى ياپالمىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.»

ئۇ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «تۆۋەنگە چۈشۈپ، ‹ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈش› دېگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە قۇرۇق شوئار ئىكەنلىكىنى، شۇنچە كۆپ كادىرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەتكەن مەبلەغ ۋە تەمىناتنى شۇ بىچارە دېھقانلارنىڭ قولىغا بەرسە كۆپ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق.»

«بىر يىل تۇرۇش جەريانىدا كۆزىمىز كۆرگەن، قۇلىقىمىز ئاڭلىغان ئەھۋاللار ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلاپ يۇقىرىغا سۇنماقچى بولغان ئىدۇق. ھالبۇكى، يۇقىرىدىن بىزنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىمىزغا باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ قويغان خىتاي كادىر بۇ دوكلاتنى ئەۋەتىشىمىزنى توسۇپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ‹ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرىمىز› دەپ ئاۋارە بولۇپ ئاساسىي قاتلامدا ئۆتكۈزگەن بىر يىللىق ئىشىمىز ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈم بەرمەي ئاخىرلاشتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/uyghurda-muqimliq-08192015144246.html

Share
1897 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.