مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
لىكوكنىڭ تۇرپان-قەشقەرسەپىرىدە لۈكچۈن ۋاڭلىقىنىڭ مۇھىم مىرابلىرىدىن مەممەت سېتى ئىسىملىك بىر كىشى ھەمراھبولۇپ ماڭىدۇ. سەپەر ئۈستىدە بۇ كىشى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن چۆچەك، رىۋايەت،قوشاق، ماقال-تەمسىل،لەتىپىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ. كېيىنكى ۋاقتىلاردا لىكوك بۇ ئاڭلاپخاتىرلىۋالغانلىرىنى « تۇرپان تېكىسىتلىرى » نامىدا كىتاپ قىلىپ يازىدۇ. لىكوك قەدىمكىتىللارنىلا تەتقىق قىلغۇچىلاردىنلا ئەمەس، شۇ نەتىجىلىرى بىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىتەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدىغان شەخىسكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
لىكوك بۇ قېتىملىق سەپەر جەريانىدا ئاقسۇ قۇمتۇرانى كۆرۈپ ئۆتكەن بولسىمۇ، قېدىرىپ تەكشۈرەش خىزمىتى ئېلىپ بارمىغان. بۇقېتىملىق سەپەردە لىكوك بىلەن بارتوس كەلگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئۇلارغا خېلى بۇرۇنلا يېتىشىپ كەلمەكچى بولغان گرۈنۋېدىل بىلەن پورت ئىككىسى گېرمانىيەدىن يولغا چىقىپ، قىرغىزىستان ئوشتا كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئوغرىغا بېرىپ ئاۋارىچىلىككە يولۇققانلىقتىن، 1904-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە قەشقەرگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان لىكوك، بارتوسلار بىلەن جەم بولىدۇ. مانا بۇ تەتقىقات ساھەسىدە گېرمانىيە ئالىملىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدىتىسيەسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، بىرىنچى قېتىم كەلگەنلەر ئىچىدىكى خۇت ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى سەۋەبلىك لىكوك، بارتوس، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈلگۈرۈپ كەلگەن گرۈنۋېدىل،پورتلار ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلار ئۈچىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيەدە كۇچا قىزىل، سۇبېشى، سىم-سىم قاتارلىق جايلاردا ناھايتى چوڭ دائىرىلىك قېزىپ تەكشۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، زور بايقاشلارغا ئىگە بولغان ۋە ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى.
1905-يىللار، گرۈنۋېدىل، لىكوك، بارتوس، پورت كۇچا قىزىل مىڭ ئۆيلىرى ئەتىراپىدىكى ئورمانلىقتا ۋە شۇ دەۋىردىكى ئۇلارغا ياردەملەشكەن ئۇيغۇر كىشىلەر
بۇ مەزگىلدە گرۈنۋېدىل ساقسىز بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۈچىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدىتىسيە ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ، تاكى گرۈنۋېدىل ساقىيىپ بولغۇچە قەشقەردە بولغان ئەتىرەت ئەزالىرى، 1905-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى پىلان بويىچە ئۈچىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە ئۈچۈن قەشقەر مارالبېشىدىن شەرىققە ئاتلىنىدۇ.ئۇلار كۇچاغا يېتىپ كېلىپ قۇمتۇرا خارابىلىكىدە قېدىرىش بىلەن شوغۇللىنىدۇ، ئۇ يەردىكى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان تام رەسىمى ۋە يېزىقلارنى ئېلىپ ساندۇقلىرىغا قاچىلايدۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار شۇ يەردە تارىختىكى داڭلىق شورچۇق مىڭئۆيلىرى ھەققىدىكى خۇشخەۋەرلەرنى ئاڭلايدۇ. بۇ مىڭئۆي كورلىدىن قاراشەھەرگە ماڭغان يول ئۈستىدە بولۇپ،ھازىرقى كىشىلىرىمىزدىن سورىسىمۇ بىلمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارمۇ بۇ تارىخى ئورۇننىڭ ئەسلى ئاتىلىشىنى ئۇنتۇپ « چىگېشىڭ » دەپ ئاتىۋالدى. توقسۇندىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان يولنىڭ سول تەرپىدە« چىگې شىڭ خارابىلىكى » دەپ يېزىلغان يەر دەل تارىخىمىزدا شانلىق مەدەنىيەتلەر يارىتىلغان شورچۇق(مىڭئۆي) شۇدۇر. شورچۇقتا بىر كۆل بولۇپ، سۈيى تۇزلۇق ، قىزغۇچ رەڭدە كۆرۈنىدۇ. ئەسلىدە يەرلىكلەر تەرپىدىن مىڭئۆي ياكى شورچۇق دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يەرنى، بىز ئەسلى ئەڭ توغرا ئاتىلىشى بولغان مىڭئۆي دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىشىمىزنىڭ ئۆزى تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ھۆرمەتلىگىنىمىز ھەم قوغدىغانلىقىمىزغا باراۋە رئىدى. بۇ يەر چەتئەللىك ئېكىسپىدىتسىيىچىلەردىن سېۋىن ھېدىن، گرۈنۋېدىل، لىكوك،ئولدىنبېروگ Oldenburgقاتارلىقلار تەرپىدىن بەزىدە مىڭ ئۆي، بەزىدە شورچۇق يەنە بەزىدە « دا چىگى شىڭ » دېگەندەك ئوخشىمىغان ئىسىملاردا خاتىرلەنگەن.
قاراشەھەر 1905-1906 -يىللار، شورچۇق مىڭ ئۆيى ناكشاتراغارىدىن تېپىلغان 5-ئەسىرگە تەۋە ئايالنىڭ ھەيكىلى
1906-يىلى گرۈنۋېدىل قاراشەھەر مىڭ ئۆيىدىكى بىر بۇددا غارى ئالدىدا
1906-يىلى كۇچا قىزىلدىكى بىر بۇددا غارىنىڭ ئالدىدا
بېزەكلىك غارىدىن ئېلىپ كېتىلگەن، 8-9-ئەسىرلەرگە تەۋە بىر ئۇيغۇر بېگىنىڭ رەسىمى
كۇچا قىزىل 77-نومۇرلۇق غاردىن ئېلىپ كېتىلگەن بۇتساتىۋانىڭباش ھەيكىلى 4-5-ئەسىرلەرگە تەۋە
كۇچا قىزىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر غاردىن ئېلىپ كېتىلگەن 4-5-ئەسىلەرگە تەۋە، دېۋاسانىڭ ھەيكىلى، بۇ ھەيكەللەرنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم ۋە سالاپەت، چەكسىز خاتىرجەملىكنىڭ جىلۋىسىنى ھازىرقى ھەيكەلتاراشلارنىڭ ئىپادە قىلالىشى ناتايىن.
ئۇلار قاراشەھەر يەنى كورلىغان يېقىن بولغان بۇ مىڭئۆيلىردە جىددىي قېدىرىش بىلەن شوغۇللۇنۇپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان نۇرغۇن قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى قېزىپ چىققاندىن سىرت،ئەلۋەتتە، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغىمۇ يولۇققان. مەسلەن، لىكوك بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئېغىركېسەل بولۇپ، يەنى گرۈنۋېدىل بىلەن پىكىر ئىختىلاپىمۇ كۆرۈلگەنلىكتىن،1906-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن گېرمانىيەگە قايتىشقا تەييارلىنىپ، 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆزى يالغۇز قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. 7- ئاينىڭ 30- كۈنى قەشقەرگە كېلىپ، 8-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبىدىن ياركەنتكە قاراپ مېڭىپ، 1906-يىلى 8-ئاينىڭ25-كۈنى خوتەنگە بارىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە ياركەنتكە قاراپ يولغا چىقىپ، كەشمىرنىڭ سىناكار يولى بىلەن لاداق يولىغا چىقىپ، ھىندىستان بومباي ۋە پارىس زىمىنلىرىنى كىسىپ ئۆتۈپ، 1907-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇزاق سەپەرلەرنى بېسىپ بېرىلىنغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق ئېكىسكۈرسىيە مۇشۇ ۋاقىتتا پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
گرۈنۋېدىل لىكوكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ھەمراھلىرى پورت ۋە بارتوس بىلەن ئۈچىنچى قېتملىق ئېكىسپىدىتسىيە ھەركىتىنى داۋاملشتۇرىدۇ. ئۇلار تۇرپان ۋە قاراشەھەرلەردە داۋاملىق قېدىرىش بىلەن شوغۇللۇنىدۇ. بولۇپمۇ تۇرپاندىكى قۇرتقا، ياقۇتۇ ۋە بۇيلۇق قاتارلىق جايلاردا ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك بىر قاتار قېدىرىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئويلاپمۇ باقمىغان غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ.
گرۈنۋېدىل 1906- يىلى 7- ئاينىڭ 16-كۈنىدىن، 8- ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە ئۆزىنى قوللاۋاتقان روسىيە كونسۇلى بىلەن كۆرۈشۈش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە بولىدۇ. 8-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇرپانغا قايتىپ، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى قومۇلغا قاراپ مېڭىپ، قومۇلنىڭ ئىلىكۆل ( ئىلىكۆل – قارادۆۋە بازىرى ئەسكىشار تەرەپتە )،ئاستانە قاتارلىق ئورۇنلاردا قېدىرىشتا بولغان بولسىمۇ، تىرشچانلىقى نەتىجىلىك بولمىغانلىقتىن، پائالىيەتلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن توختۇتۇپ ھەمراھلىرى بىلەن،9-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇرپانغا قايتىپ كېلىدۇ. تۇرپاندا قاراغوجا، مۇرتۇق،ئاستانىلەردە بىر قاتار مۇۋاپىقىيەتلىك قېدىرىپ تەكشۈرەشتە بولىدۇ. 1907- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى تۇرپاندىكى ئىشلىرىنى تاماملاپ، 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن گرۈنۋېدىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى چۆچەككە كېلىپ، روسىيە ئارقىلىق مېڭىپ، 1907-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدابېرىلىنغا قايتىپ ئۈچىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيىسىنى ئاياقلاشتۇرىدۇ.
قومۇل قارادۆۋە ئەسكىشار يارداڭلىقلىرى، ئىلىكۆل ئەتىراپلىرى
ئۈچىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيەجەريانىدا جەمئىي 118 ساندۇق تارىخى ئەسەرلەرنى يىغىپ يۆتكەپ كەتكەن.
|