ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىرادە
ئۇ سۆزىدە: «ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن پۇقرالار ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالىدىمۇ دېگەن مەسىلە دائىم مۇنازىرە قىلىنىپ كەلگەن. بىراق، خىتاينىڭ بۇ قانۇنىدا بىزنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ئۇنىڭدىكى تەدبىرلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ بولۇشى ۋە بۇنىڭ ئۆكتىچى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقىدۇر» دېگەن.
ماقالىدە يەنە داڭلىق خىتاي ئۆكتىچى خۇجىيانىڭ سۆزىگىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەخسۇس كونترولنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى بەلكىم تېررور ھۇجۇملىرىدىن نارازى بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا ياخشى ئاڭلىنىشى مۇمكىن. بىراق بۇ قانۇن پەقەت شى جىنپىڭنىڭ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىش سىياسىتىنى قوللاش ئۈچۈنلا يېزىپ چىقىلغان. ئەگەر سەن، سىياسىي ھوقۇقىدىن پايدىلىنىمەن دەيدىكەنسەن، قىزىل سىزىققا دەسسەپ، تورغا چۈشكىنىڭ چۈشكەن. ئەگەر سەن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش ۋە ياكى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنسەڭ، ئۇ ھالدا سېنىڭ ئادۋوكات ياللاش ھوقۇقۇڭمۇ بولمايدۇ. تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلىكىدە، شۇڭا ئۇلار سېنى نېمە بىلەن قارىلىسا قارىلىيالايدۇ. ئۇلار سېنى تېررورچى دېسە، ئۇ ھالدا سەن بىر تېررورچى»
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى مۇلاھىزىسىنىڭ داۋامىدا، يۇقىرىدىكى بۇ سۆزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ماقالىدە مۇنداق مۇلاھىزە قىلىنغان: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنى چەكلەش، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە پۇقرالىق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، ئۇيغۇرلارنى قېيىن – قىستاققا ئېلىش، مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش ۋە ئۇلارنى ھەر ساھەدە كەمسىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. دەرۋەقە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قاماققا ئېلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ۋە ياكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن سۆز قىلغان ھەرقانداق بىر كىشىگە بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى دەپ قالپاق كىيدۈرۈلۈش خەۋپى مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. بۇ قانۇندا تېررورلۇققا بېرىلگەن تەبىر ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇ پەقەت «ھەرىكەت» نىلا ئەمەس بەلكى «ئوي – پىكىر» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي، تېررورلۇق بىلەن دىنى ئەسەبىيلىكنى بىرلەشتۈرۈۋەتكەن. خىتاينىڭ تەبىرى بويىچە دېگەندە بالىلارنى دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاشمۇ دىنى ئەسەبىيلىك، دەپ قارىلىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىگە بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىكى تېررورلۇق كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ ئىنتايىن كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «خىتايغا ئوخشاش ئادەتتىكى بىر جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىمۇ ئادىل سوتلىنىش پۇرسىتى ئاز بىر دۆلەتتە، ئەگەر بىر كىشى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنسە، ئۇ ھالدا ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى قوغداش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس دېيەرلىك» دېگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتايدا ئىش قىلىۋاتقان تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ماسلىشىپ، ئۇلارنى قوللانغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان ماددىلار يەر ئالغان. يەنە، خىتايدىكى بارلىق ئىجتىمائىي ئورگانلار، فوندى جەمئىيەتلەر ۋە چەتئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان جەمئىيەتلىرىنىڭ بانكا ھېسابلىرىنى، ئۇلارنىڭ مالىيىسىنى تەقىب قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە خەلقئارادىن كۈچلۈك قارشىلىق كەلگەندىن كېيىن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى فۇ يىڭ قانۇن لايىھەسىدىكى بەزى ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنى يېتەرلىك دەپ قارىمايدىكەن. ئۇلار، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىپ، خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە باشتىن يېزىپ چىقىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/america-uyghur-03062015213615.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.