logo

trugen jacn

يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقوقى ھەققىدىكى ب دت باياناتنامىسى

UN-LOGO-20

ئومومىي كەڭەشنىڭ 61/295 نومۇرلۇق قارارى بىلەن ماقۇللانغان.2007-يىلى 13-سىنتەبىر

ب دت ئومومىي كەڭەشى

بدت نىزامنامىسىنىڭ روھى ۋە ئەزا دەۋلەتلەرنىڭ مەزكۇر نىزامنامىنىڭ بەلگۇلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قەلىش توغرىسىدىكى جاۋاپكارلىقىغا ئىشەنج قىلغان ئاساستا،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ باشقا بارلىق خەلقلەر بىلەن تەڭ بارابەرلىكىنى جەزملەشتۇرۇش بىلەن تەڭ، ئىنسانلارنىڭ ئوزلىرىنى پەرقلىق دەپ قاراش ۋە دەل باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۇچۇن ھورمەت قەلىنىشقا مۇيەسسەر بولۇشىنى ئىتىراپ قەلغان ئاساستا،

بارلىق خەلقلەرنىڭ، ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى(چىۋىلىزاتىون) ۋە ئىلغارلىقىدىن(چۇلتۇرە) شەكىللەڭەن ئومۇمىي بايلىققا توھپە قوشۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي مەدىنىيەت مىراسىنى شەكىللەندۇرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۇرگەن ھالدا،

يەنىمۇ ئىلگىرلەپ مىللى، ئەرقىي كىلىپ چىقىشى، دەنىي ئىتىقاتى، ئەتنىك ۋە مەدىنىيەت ئوزگىچىلىكىنى چىقىش قەلغان ھالدا بىراۋنى ۋە ياكى باشقالارنى بىراۋدىن ۋە ياكى باشقىلاردىن ئۇستۇن كورۇدىغان، ئۇستۇن كورۇشكە تۇرتكىلىك رول ئوينايدىغان سىياسەت ۋە بەلگۇلىمەرنى بىر تۇتاش ھالدا ئەرقچىلىق، ئىلمىي جەھەتتىن تۇپتىن خاتا، قانۇنىي جەھەتتىن ئىناۋەتسىز، ئەخلاقىي جەھەتتىن ئەيىپلىنىشكە تەگىشلىك ۋە ئىجتىمايى جەھەتتىن ئادالەتسىز دەپ ھوكۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھىچقانداق ئايرىمچىلىققا دۇچ كەلمەستىن ئوزلىرىنىڭ ھەق ھوقوقلىرىنى ئىجرا قەلىش جەريانىدا ئەركىن ئىكەنلىكىنى مۇەييەنلەشتۇرگەن ئاساستا،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ، مۇستەملىكە قەلىنىش، يەرلىرىدىن، مال مۇلۇكلىرىدىن، تەرىتورىيەلىرىدىن ۋە شۇ جايدىكى بايلىقلىرىدىن مۇسادىرە قەلىنىش، بولۇپمۇ ئوزلىرىنىڭ تەبىي ئىھتىياجىغا ۋە مەنپەەتلىرىگە قاراپ تەرەققى قەلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىش نەتىجىسىدە تارىخىي بىر ناھاقچىلىقنىڭ زۇلمىغا دۇچار بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوزلىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمياى قۇرۇلمىلىرىنى بەرپا قەلىشى، ئوزلىرىنىڭ مەدىنىيىتى، مەنىۋى مىراسى، تارىخى ۋە پەلسەپىسىنى، بولۇپمۇ ئوزلىرىنىڭ تەررىتورىيەسى، تۇپرىقى ۋە تەبىي بايلىقىغا ئىگە بولۇشىدەك ئەنئەنىۋى ھوقۇقىغا ھورمەت قەلىش ۋە ئۇنى تەرغىپ قەلىشنىڭ ناھايتى جىددى ئىھتىياج ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ دەۋلەتلەر بىلەن ئاللىقاچان پۇتۇشكەن توختامنامىلىرى، كىلىشىملىرى ۋە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ھورمەت قەلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۇرۇشكە بولغان جىددى ئىھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوزلىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمايى ۋە مەدىنىي جەھەتتىن تەخىمۇ كۇچلەندۇرۇش، قايسى جايدا يۇز بەرىشىدىن قەتئى نەزەر بارلىق بەسىم ۋە ئايرىمچىلىقلارنى تەل-توكۇس ئاياغلاشتۇرۇش ئۇچۇن بۇرۇنقىدىن ئەۋزەل ھالەتتە تەشكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئىتىبارغا ئەلىپ،

تەرەققىيات غايىسى ئاستىدا يەرلىك خەلقلەرنى كونترول قەلىشنىڭ ئەمىلىيەتتە ھەم يەرلىك خەلققە ھەمدە ئۇلار ئىگە بولغان تۇپراق، تەررىتورىيە ۋە بايلىقلارغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ھالدا بۇ خەلقلەرنىڭ ئوزلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىھتىياجىغا قاراپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرۇشىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىلىرى، مەدىنىيەتلىرىنى، ئورپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قەلىشىنىڭ ئىمكانسىزلىشىدىغانلىقىنى تونۇغان ئاساستا،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ بىلىمى، مەدىنىيىتى ۋە ئورپ-ئادەتلىرىگە ھورمەت قەلىشنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئادىل تەرەققىيات ھەمدە مۇھىت مەسىلىرىنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا توھپە قوشىدىغانلىقىنى مۇەييەنلەشتۇرۇش بىلەن بىللە،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ زىمىنى ۋە تەررىتورىيەلىرىنى ھەربىيسىز ۋە قورالسىز رايۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەمىلىيەتتە تىنچلىق، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمياى تەرەققىياتقا ھەم ئىلگىرلەشكە، دۇنيادىكى دەۋلەتلەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئوز-ئارا دوستلۇق ۋە چۇشۇنۇشنى ئىلگىرى سۇرۇشكە بولغان رولىنى ئۇرغىلىغان ئاساستا،

بولۇپمۇ يەرلىك خەلق ئاىلىلىرى ۋە جاماەتلىرىنىڭ، ئوز پەرزەنتلىرىنىڭ يەتىشتۇرۇلىشى، تەربىيلىنىشى ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقى قاتارلىقلار مەسىلىلەردە زىممىسىگە ئالغان مەسۇلىيەتلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ ھەق-ھوقوقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن تەڭ،

يەرلىك خەلقلەر ۋە دەۋلەت ئوتتۇرىسىدا تۇزۇلگەن توختامنامىلار، ئاڭلاشمىلار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ بەزى ھاللاردا خەلقارا كوڭۇل بولگەن، قىزىققان، مەسۇلىيەت دەپ قارىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى،

ۋە شۇنداقلا مەزكۇر توختامنامىلار، ئاڭلاشمىلار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن دەۋلەتنىڭ ئورتاقلىقىنى كۇچەيتىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قەلىپ،

بدت نىزامنامىسى (ئۇن چارتەر)، ئىقتىسادىي، ئىجتىمايى ۋە مەدىنىي ھوقوقلار خەلقارا ئەھدىنامىسى (ئىنتەرناتىونال چوۋەنانت ئون ئەچونومىچ، سوچىال ئاند چۇلتۇرال رىغتس)، ئاممىۋىي ۋە سىياسى ھوقوقلار خەلقارا ئەھدىنامىسى (ئىنتەرناتىونال چوۋەنانت ئون چىۋىل ئاند پولىتىچال رىغتس) ۋە ۋىينا (ۋىەننا) ھەركەتكە ئوتۇش پروگراممىسى ۋە ئەھدىنامىسى (ۋىەننا دەچلاراتىون ئاند پروگراممە ئوف ئاچتىون) قاتارلىق ئاساسلىق خەلقارا ھوججەتلەرنىڭ، خەلقلەرنىڭ ئوزلىرىنىڭ سىياسى تەقدىرىنى ئەركىن ھالدا بەلگۇلەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمايى ۋە مەدەنىي تەرەقىياتىنى ئەركىن ھالدا يولغا قويۇشنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق خەلقلەرنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئوزى بەلگۇلەش ھوقۇقىنىڭ ھالقىلىق موھىم ئىكەنلىكىنى مۇەييەنلەشتۇرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ،

مەزكۇر باياناتنىڭ، ھىچ بىر خەلقارالىق قانۇن ھىمايىسى ئاستىدىمۇ ھىچقانداق بىر خەلقنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئوزى بەلگۇلەش ھوقۇقىنى ئىنكار قەلىش ئۇچۇن قوللىنىلالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئاساستا،

مەزكۇر باياناتتىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقوقلىرىنى ئىتىراپ قەلىش پىرىنسىپىنىڭ، ئادالەت، دىموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇققا ھورمەت قەلىش، ئەسلا ئايرىمچىلىق قىلماسلىق ۋە ئالىيجاناپلىق بولۇشنى چىقىش قەلىش ئاساسىدا دەۋلەتلەر بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىناق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۇچلەندۇرىدىغانلىقىغا ئىشەڭەن ھالدا،

يەرلىك خەلقلەر بىلەن كەڭەشكەن ۋە ھامكارلاشقان ئاساستا، بارلىق دەۋلەتلەرنىڭ خەلقارالىق ئورگانلار، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئالدىدىكى مەسۇلىيىتىنى يەرلىك خەلقلەر ئۇچۇن ئىجرا قەلىشى كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقوقىنى قوغداشتا ۋە ئىلگىرى سۇرۇشتە بدتنىڭ ناھايتى موھىم ۋە ئۇزلىكسىز رول ئوينايدىغانلىقىنى خاتىرلىتىپ،

مەزكۇر باياناتنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقوقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۇرۇش ۋە قوغداش ھەمدە بدت سىستىمىسى ئىچىدە بۇ توغۇرلۇق ھىزمەتلەرنى يەنمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتىن ناھايتى موھىم بىر قەدەم باسقۇچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ،

ھەر بىر يەرلىك خەلق ئەزاسىنىڭ ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھىچقانداق ئايرىمچىلىققا دۇچار بولماستىن خەلقارا قانۇنلاردا ئىتىراپ قەلىنغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇقلاردىن، بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ساغلام تەرەققىياتى ۋە خەلق بولۇپ بىر پۇتۇن ئىلگىرلىشى ئۇچۇن كەم بولسا بولمايدىغان كوللىكتىپ ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇەييەنلەشتۇرۇش ۋە ئىتىراپ قەلىش ئاساسىدا،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرۇشلۇق رايۇنى ۋە دەۋلىتى، شۇنداقلا يەرلىك ۋە مىللى ئالاھىيدىلىكلىرىنىڭ دەۋلەتتىن دەۋلەتكە، رايۇندىن رايۇنغا قاراپ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھەر خىل تارىھىي ۋە مەدىنىي ئارقا كورۇنۇشلىرىنىڭ دىققەتكە ئەلىنىش لازىملىقىنى ھىس قىلغان ئاساستا،

بىز، توۋەندە ئاستىدا ئىمزاسى بولغان دەۋلەتلەر، تولۇق شەرھىيلەڭەن “يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى بدت باياننامىسىنى” ئوز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ھورمەت روھىي ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئورتاق ئولچەم سۇپىتىدە جاكارلايمىزكى:

ماددا 1
يەرلىك خەلقلەر شەخسى ياكى كوللىكتىپ ھالدا بدت نىزامنامىسىدا ئىتىراپ قەلىنغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئەركىنلىكلەردىن، كىشىلىك ھوقۇق ئومومي باياننامىسىدىن ۋە خەلقارالىق قانۇنلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا، ھوقۇقلۇق.

ماددا 2
يەرلىك خەلقلەر ۋە كىشىلەر باشقا خەلقلەر ۋە كىشىلەرگە ئوخشاھ ئەركىن ۋە بارابەر بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخىسلەر، بولۇپمۇ ئوزلىرىنىڭ يەرلىك كىلىپ چىقىشى ۋە مىللى كىملىكىدەك ئالاھىيدىلىكلەر ئاساسىدىكى ھەق ھوقۇقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، ھىچ قانداق بىر شەكىلدىكى ئايرىمچىلىققا ئۇچرىماسلىققا تولۇق ھوقۇقلۇق.

ماددا 3
يەرلىك خەلقلەر ئوز تەقدىرىنى ئوزى بەلگۇلەشكە ھوقۇقلۇق. بۇ ھوقۇققا بىناەن، ئۇلار ئوزلىرىنىڭ سىياسى ئورنىنى ئەركىن ھالدا بەكىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمايى ۋە مەدىنىي تەرەققىياتلىرىنى ئەركىن بەلگۇلەشكە ھوقۇقلۇق.

ماددا 4
يەرلىك خەلقلەر ئوز تەقدىرىنى ئوزى بەلگۇلەش ھوقۇقىنى يۇرگۇزگەندە، ئوزلىرىنىڭ ئىچكىي ۋە يەرلىك مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قەلىش، ئوزلىرىنىڭ ھوكۇمىتىنىڭ مالىيە فۇنكىتسىيەلىرىنى بەكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونومىيە ۋە ياكى ئوزىنى ئوزى ئىدارە قەلىش يوللىرىنى تاللىيالايدۇ.

ماددا 5
يەرلىك خەلقلەر ئوزىگە ھاس بولغان سىياسى، قانۇنىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمايى ۋە مەدىنىي ئورگانلىرىنى ساقلاپ قەلىش ۋە كۇچەيتىشكە، قاتنىشىش ھوقۇقى تامامەن ئوزلىرىگە تەۋە بولغان شەرت ئاستىدا، ئەگەر ماقۇل دەپ قارالسا تەۋەلىكىدىكى دەۋلەتنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمايى ۋە مەدىنىي تۇرمۇشىغا ئارللىشىشقا ھوقۇقلۇق.

ماددا 6
ھەر بىر يەرلىك خەلقنىڭ ۋەتەنداشلىق(پۇقرالىق) ھوقۇقى بار.

ماددا 7
1. ھەر بىر يەرلىك پۇقرانىڭ ياشاش، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك بىھەتەرلىك ھوقۇقى بار.
2. باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۇچۇن يەرلىك خەلقلەر ئەركىنلىك، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە كوللىكتىپ بولۇپ ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە ھىچ بىر شەكىلدىكى قىرغىنچىلىققا، زوراۋانلىققا، مەجبۇرىي ھالدا بالىلىرىنىڭ بىر يەردىن بىر يەرگە يوتكىۋىتىلىشىگە ئۇچرىماسلىقى كىرەك.

ماددا 8
1. يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخىسلەر ھىچ بىر شەكىلدىكى ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچرىماسلىق ۋە ئوزلىرىگە تەۋە مەدىنىيەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا يول قويماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.
2. دەۋلەتلەر توۋەندىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئەلىش ئۇچۇن تەدبىر ئەلىشى ۋە يىتەرلىك ئاپاراتلارنى بەرپا قەلىشى زورۇر:

(ئا) ئۇلارنى، ئوزلىرىنىڭ ئايرىم خەلق بولۇشتەك بىر پۇتۇنلۇكىدىن ئايرىيدىغان، شۇ ئۇنۇمنى پەيدا قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ مەدىنىي ۋە مىللىي مىراسلىرىدىن ئايرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان بارلىق ھەركەتلەر،

(ب) ئۇلارنى ئوزلىرىگە تەۋە يەرلىرىدىن، تەررىتورىيەلىرىدىن ۋە بايلىقىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان ھەر قانداق قىلمىشلار،
(چ) ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا چىقىلىشنى مەقسەت قىلغان ياكى شۇنداق ئۇنۇم كەلتۇرىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي نوپۇش كوچۇرۇش قىلمىشلىرى،
(د) ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە ۋە بىر پۇتۇنلەشتۇرۇش (ئىنتەگراتىون)،
(ئە) ئەرقىي ۋە مىللىي ئايرىمچىلىقنى چىقىش قىلغان ۋە يەرلىك خەلقنى نىشان قىلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى تەشۋىقاتلار،

ماددا 9
يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسىلەر، ئوزلىرىنىڭ ۋە ياكى تەۋەلىكتىكى دەۋلەتنىڭ ئەن-ئەنىسى ۋە ئورپ-ئادەتلىرى بويىچە، ئوزلىرىنىڭ كوممۇناسىغا(جاماىتىگە) ۋە ياكى تۇرۇشلۇق دەۋلەتكە تەەللۇق بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتىگە قارىتا ھىچقانداق شەكىلدىكى ئايرىمچىلىق سىياسىتى قوللۇنۇلماسلىقى شەرت.

ماددا 10
يەرلىك خەقلەر ئوزلىرىنىڭ زىمىنى ۋە تەررىتورىيەسىدىن ھىچ بىر شەكىلدە مەجبۇرىي يوتكىۋىتىلمەسلىكى شەرت. تولۇق چۇشەندۇرۇش ئاساسىدىكى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىيارلىقى بولماي تۇرۇپ، زورۇر بولغان ئاڭلاشمىلار ئىمزالانماستىن، كىرەكلىك تولەملەر تولەنمەستىن ۋە ئەڭ موھىمى ئۇلارغا كىيىنچە قايتىپ كىلىش ئۇچۇن ئىمكانىيەت يارىتىلماستىن تۇرۇپ، ھىچ قانداق بىر شەكىلدە ئۇلارنىڭ باشقا جايلارغا ماكانلاشتۇرۇلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ماددا 11

1. يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىگە تەۋە مەدىنىي ئەنئەنە ۋە ئورپ-ئادەتلىرىنى ئىجرا قەلىش ۋە گۇللەندۇرۇشكە ھوقۇقلۇق. بۇ دىگەنلىك ئوزلىرىگە تەۋە ئوتمۇشتىكى، ھازىرقى ۋە كەلگۇسىدىكى تارىھى يالدامالىرىنى، ئارخىلوگىيەلىك ئاسارە ئەتىقىلىرىنى، سەنئەت ئەسەرلىرىنى، ھەر ھىل مۇراسىملىرىنى، تەخنىكىلىق ئىلغارلىقلىرىنى، كورۇنۇشلۇك(ۋىسۇال) ۋە ئىجرا قەلىنىدىغان(پەرفورمىڭ) ئەدەبىي سەنئەت لىرىنى قوغداش، تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. دەۋلەت چوقۇم، ئۇلارنىڭ ئىھتىيارلىقىسىز، رازىلىقىسىز ۋە قانۇنغا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئورپ ئادەتلىرىگە خىلاپ ھالدا يەرلىك مىللەتلەردىن تارتىۋىلىنغان مەدەنىي، تەتقىقات خاراكتىرلىق، دىنىي ۋە مەنىۋىي قىممىتىدىكى مال مۇلكلەرنى ئەسلىگە كەلتۇرىدىغان، ياسايدىغان ۋە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ھەر خىل مىخاينىزىملارنى بەرپا قەلىشى كىرەك.

ماددە 12
1. يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىنىڭ مەنىۋى ۋە دىنىي ئادەتلىرىنى، ئورپ ئادەتلىرىنى ۋە ھەر خىلدىكى مۇراسىملىرىنى ھوججەتلەشتۇرۇش، ئىجرا قەلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئۇگۇتۇشكە؛ ئوزلىرىگە ئاىت بولغان مەدىنىي ۋە دىنىي ماكانلارنى ساقلاپ قەلىش ۋە قوغداشقا، بۇ ماكانلارغا باشقىلارنىڭ قارشىلىقىسىز كىرىپ چىقىشقا؛ ئوزلىرىنىڭ مۇراسىم خاراكتىرلىق ئەنئەنىلىرىنى ئىجرا قەلىش ۋە كونترول قەلىشقا؛ ئولگەن جەسەتلىرىنى قايتۇرىۋىلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق
2. دەۋلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەرگە ئاىت بولغان مۇراسىم ماددىلىرىنىڭ ۋە ئولگەن جەسەتلەرنىڭ تاپشۇرۇپ ئەلىنىشى ۋە تاپشۇرۇپ بەرىلىشى ئۇچۇن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ رۇقسىتىنى ئەلىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ۋۇجۇتقا چىقارغان ئۇنۇملۇك ۋاستىلارنى ئىشقا سەلىپ پۇتۇن جەريانلارنىڭ ئادىل، ئاشكارا ۋە ئۇنۇملۇك بولىشىغا كاپالەتلىك قەلىشى كىرەك.

ماددا 13
1. يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىگە ئاىت بولغان تارىخ، تىل، ئەغىزاكى ئەنئەنەلەر، پەلسەپىلەر، يازما سىستىمىسى (يەزىق) ۋە ئەدەبىيات مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇش، ئىشلىتىش، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئوتكۇزۇپ بەرىشكە، ئوزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى جاماەتچىلىك ئىچىدە ساقلاش ۋە جاماەت ئورۇنلىرىغە، جايلارغا ۋە شەخىسلەرگە بەرىشكە ھوقۇقلۇق.
2. دەۋلەت چوقۇم بۇ ھەق ھوقۇقلارنىڭ قوغدىلىشى ئۇچۇن، يەرلىك خەلقلەرنىڭ پۇتۇن سىياسى، قانۇنىي ۋە مەمۇرىي جەريانلارنى چۇشۇنىشىگە ۋە چۇشەڭەنلىكىگە كاپالەتلىك قەلىش ئۇچۇن زورۇر تەپىلغاندا تەرجىمان ۋە باشقا ۋاستىلارنى قوللۇنۇش ھەققىدە يىتەرلىك تەدبىرلەرنى ئەلىشى شەرت.

ماددا14
1. يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى مەدىنىي سىستىمىسىغا ماسلاشقان ھالدا ئوزلىرىنىڭ تىلىدىكى ئەلىپ بەرىلىدىغان ماارىپ سىستىمىسىنى بەرپا قەلىش ۋە كونترول قەلىشقا ھوقوقلۇق.
2. يەرلىك شەخىسلەر، بولۇپمۇ بالىلار ھىچ قانداق ئايرىمچىلىقتىن خالى ھالدا پۇتۇن سەۋىيەدىكى ۋە شەكىلدىكى دەۋلەت ماارىپىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا ھوقوقلۇق.
3. دەۋلەت چوقۇم، يەرلىك خەلقلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ چەت ياقا يەرلەردە ياشايدىغان بالىلارنىڭ ئوز تىلىدا ۋە ئوز مەدىنىيەت موھىتىدا ماارىپ تەربىيەسى ئەلىشى ئۇچۇن بارلىق چارە تەدبىرلەرنى ئەلىشى كىرەك.

ماددا 15
1. يەرلىك خەلقلەر ئوزىنىڭ غۇرۇرىنى، مەدىنىيتىنىڭ كوپخىللىق بولىشىنى، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى، مەدىنىيەتلىرىنى، تارىخىنى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق بولۇپ، يۇقارقىلار يەرلىك خەلقلەرنىڭ ماارىپ سىستىمىسىدا ھەم ئاممىۋى ئورۇنلىرىدا گەۋدىلىنىشى كىرەك.
2. دەۋلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر بىلەن ماسلاشقان ھالدا يەرلىك خەلقلەرگە قارىتىلغان بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلارنى، ئايرىمچىلىقلار يوقۇتۇس، يەرلىك خەلقلەر ئىچىدىكى ھەمدە يەرلىك خەلقلەر بىلەن جەمىيەتنىڭ باشقا قىسمىدىكىلەر ئارىسىدىكى ئوز-ئارا قوبۇل قەلىشنى ۋە چۇشۇنۇشنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۇچۇن بارلىق تەدبىرلەرنى ئەلىشى كىرەك.

ماددا 16
1. يەرلىك خەلقلەر ئوز تىلىدا ئوزلىرىگە ئاىت ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بەرپا قەلىشقا ۋە ھىچ قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا يەرلىك خەلقلەرنىڭ بولمىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ئەرىشىشكە ھوقۇقلۇق.
2. دەۋلەت چوقۇم دەۋلەت ئىگىلىگىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدىنىيەتلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۇرىشىگە قارىتىلغان تەدبىرلەرنى ئالىدۇ. دەۋلەت بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوز ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قەلىش، خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بولسا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۇرۇشىگە رىغبەتلەندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇق تەدبىرلەرنى ئالىدۇ.

ماددا17
1. يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخىسلەر خەلقارالىق ۋە دەۋلەتلىك ئەمگەك قانۇنلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. دەۋلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر بىلەن مەسلەھەتلەشكەن ئاساستا يەرلىك خەلقلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىكسپلاتسىيە قەلىدىنىشىدىن، بالىلارنىڭ تەلىم تەربىيەسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىجتىمايى ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلارنى كۇچلەندۇرۇش ئۇچۇن ماارىپ تەربىيەسىنىڭ موھىملىقىنى تونۇغان ئاساستا بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمايى جەھەتلەردىن ساغلام ئوسۇپ يەتىلىشىگە زىيانلىق ھەرقانداق ئىجرااتلەرنى چەكلىشى شەرت.
3. يەرلىك خەلقلەر ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش، مۇاش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەسلا چەتكە قەقىلماسلىق، ئايرىمچىلىققا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.

ماددا18
يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ئوزلىرى تەرىپىدىن سايلانغان شەخىسلەر ۋاستىسى بىلەن ئوزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ ئەلىنىشىغا تولۇق ئىشتىراك قەلىش ۋە شۇنداقلا ئوزلىرىنىڭ قارار چىقىرىش ئورگانلىرىنى تەسىس قەلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ماددا 19
دەۋلەت، يەرلىك خەلقلەرگە مۇناسىۋەتلىك قارارلاردا چوقۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالاھىيەتلىك ۋەكىللىرى بىلەن ياخشى نىيەتتە مەسلەھەتلىشىشى، ئۇلارغا تەسىر قىلىدىغان ھەر بىر قانۇنىي ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن ھىچ بىر بەسىمسىز، تولۇق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەش ئاساسىدا ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئەلىنىشى شەرت.

ماددا 20
1. يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىگە خاس تەرەققىياتلاردىن، بارلىق ئەنئەنىۋى ۋە ئىقتىسادىي پاالىيەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئۇچۇن، ئوزلىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمايى سىستىمىلىرىنى، ئورگانلىرىنى مۇھاپىزەت قەلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. يەرلىك خەلقلەرنىڭ، ئوز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە مەرھۇم قالدۇرۇلغان ھوقۇقلىرى ئادىل شەكىلدە تۇزۇتۇلىشى ۋە ئەسلىگە كەلتۇرۇلىشى كىرەك.

ماددا 21
1. يەرلىك خەلقلەر ھىچ بىر ئايرىمچىلىققا دۇچار بولماستىن، ماارىپ، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش، ئىش ئۇچۇن تەربىيلىنىش ۋە قايتا تەربىيلىنىش، ئوي-ماكانلىق بولۇش، پاكىز سۇ ئىشلىتىش، سالامەتلىك ۋە پاراۋانلىق كاپالىتى(سوچىال سەچۇرىتي) قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىماي شارايىتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. دەۋلەت، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمايى شارايىتلىرىنىڭ ئۇزلىكسىز ياخشىلىنىشى ئۇچۇن ئۇنۇملۇك تەدبىرلەرنى، ھەتتا زورۇر تەپلىغاندا ئالاھىيدە تەدبىرلەرنى ئەلىشى كىرەك. بولۇپمۇ يەرلىك خەلقلەر ئىچىدىكى ياشانغانلار، ئاياللار، ياشلار، بالىلار ۋە مەجرۇھ كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ئۇچۇن پەۋقۇلاددە تەدبىرلەرنى ئەلىش كىرەك.

ماددا 22
1. مەزكۇر باياننامىنى ئىجرا قەلىش ئۇچۇن ئالھىيدە ئىھتىياجى بولغان كىشىلەر ئۇچۇن، يەنى ياشانغانلار، ئاياللار، ياشلار، بالىلار ۋە مەجرۇھلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ئۇچۇن ئالاھىيدە دىققەت بەرىلىشى كىرەك.
2. دەۋلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ماسلاشقان ھالدا يەرلىك خەلق ئاياللىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ھەر تۇرلۇك زوراۋانلىقتىن قوغدىلىنىشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قەلىنىشى ئۇچۇن تولۇق تەدبىر ئەلىشى كىرەك.

ماددا 23

يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنى ئىشلەتكەندە قانداق سىتىراتىگىيە قوللۇنۇش ۋە قايسى تۇرلەرنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش توغۇرلۇق ئىشلاردا ئوزلىرىنىڭ قارارلىرىنى ئوزلىرى بەلگۇلەشكە ھوقۇقلۇق. بولۇپمۇ ئوزلىرىگە تەسىر قىلىدىغان پروگراملاردىن سەھىيە، ئوي-ماكانلىق بولۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمايى ساھالاردىكى پروگراملىرىنى تۇزۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرشتا، ھەمدە مەزكۇر پروگراملارنى ئوزلىرىگە تەۋە بولغان ئورگانلار ئارقىلىق يۇرۇتۇشتە تولۇق ھوقۇققا ئىگە.

ماددا 24
1.يەرلىك خەلقلەر، ئوز تەۋەلىكىدىكى مىنىراللارنى (كان بايلىقىنى)، ھايۋاناتلارنى، ئوزلىرىگە خاس بولغان تىببىي زاۋۇت كارخانىلىرىنى ئوخ ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەن-ئەنىۋى مىللى تىبابەت ئۇسۇللىرىنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرىنى قوغداپ قەلىشقا ھوقۇقلۇق.
يەرلىق خەلقلەر يەنە ھىچ قانداق ئايرىمچىلىققا دۇچار بولماستىن بار بولغان بارلىق ئىجتىمايى ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
2. يەرلىك خەلقلەر ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى قولغا كەلتۇرۇش ۋە بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. دەۋلەت چوقۇم ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن شەرت بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئەلىشى كىرەك.

ماددا 25
يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرى ئىگەلللىگەن، ئەنئەنىۋى جەھەتتىن ئوزلىرىگە تەەللۇق بولغان تۇپراقلىرى، تەررىتورىيەلىرى، سۇ ۋە دەڭىز ساھىللىرى قاتارلىق بارلىق بايلىقلىرىغا بولغان مەنىۋى مىھرىنى ساقلاش، كۇچلەندۇرۇش ھوقۇقىغا، ۋە بۇلارنى كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغا ئوتكۇزۇپ بەرىشتەك مەسۇلىيەتلىرىنى ئادا قەلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ماددا 26
1. يەرلىك خەلقلەر تارىختىن بۇيان ئىگە بولغان، ئىشلەتكەن ۋە قولغا چۇشۇرگەن ترۇپراقلارنى، تەررىتورىيەلىرىنى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قەلىشقا ھوقۇقلۇق.
2. يەرلىك خەلقلەر ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئىگە بولغان، ئىگەللىگەن، ئىشلەتكەن ۋە ياكى باشقا تۇرلۇك شەكىلدە قولغا چۇشۇرگەن بارلىق تۇپراقلارنى، تەررىتورىيەلەرنى، يەر بايلىقلىرىنى ئوز ئىگىدارچىلىقىدا تۇتۇشقا، ئىشلىتىشكە، تەرەققى قىلدۇرۇشقا ۋە ئەچىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.

3. دەۋلەت چوقۇم بۇ تۇپراقلارنىڭ، تەررىتورىيەلەرنىڭ ۋە بايلىقلارنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئىتىراپ قەلىنىشى ھەققىدە قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۇرۇشى لازىم.
بۇ خىل قانۇنىي قوغداش ۋە ئىتىراپ قەلىش خىزمىتى چوقۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئورپ-ئادىتى، ئەنئەنىىسى ۋە زىمىندارلىق بولۇش توغرىسىدىكى ئادەتلىرىگە ماس ھالدا ئەلىپ بەرىلىشى كىرەك.

ماددا 27
دەۋلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەرگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۇزگەندە، ئىجرا قىلغاندا، بولۇپمۇ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەجۇت قانۇنلىرى، ئەنئەنىلىرى، زىمىندارلىق بولۇش ئادەتلىرى قاتارلىقلارغا چىتىشلىق ئىشلاردا ئادىل، مۇستەققىل، تەرەپسىز، ئوچۇق-ئاشكارا بولىشى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوزلىرى تارىختىن بۇيان ئىگە بولۇپ كەلگەن، ئىشلەتكەن، ئىگەللىگەن ۋە باشقا يوللاردىن قولغا چۇشۇرگەن زىمىن، تەررىتورىيەلىرىنى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنى تولۇق تونۇشى، ئىتىراپ قەلىشى ۋە شۇنداقلا پۇتۇن بۇ سىياسەتلەرنىڭ بەلگۇلىنىشىگە يەرلىك خەلقلەرنى قاتناشتۇرۇشى كىرەك.

مادا 28
1. يەرلىك خەلقلەر، ئوزلىرىنىڭ ھىچ بىر رازىلىقى، ئەركىن ھالدىكى قارارى ۋە تولۇق مەلۇماتلىق شەرتى ئاستىدىكى ماقۇللۇقىسىز، تارىختىن بۇيان ئىگە بولغان، ئىگەللىگەن ۋە ئىشلەتكەن تۇپراقلىرىنىڭ ۋە يەر بايلىقلىرىنىڭ مۇسادىرە قەلىنىشى، تارتىۋىلىنىشى، ئىشغال قەلىنىشى، قوللۇنۇلىشى ۋە ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلىشىدىن كىلىپ چىققان بارلىق زىيانلارنى، ئىمكان بار بولسا قايتا ئەسلىگە كەلتۇرۇش، ئەگەر ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە ئىمكانىيەت بولمىسا، بۇ زىيانلار ھەققىدە ئادىل ھەم مۇۋاپىق تولەمگە ئەرىشىشكە ھوقۇقلۇق.
2. ئەگەر باشقا تۇرلىك ئىختىلاپلار بولمىغان ئەھۋالدا، تولىنىدىغان تولەم ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ۋە قىممەتتىكى يەر، تەررىتورىيە ۋە بايلىقلار ئۇچۇن ئوخشاش قىممەت ۋە چوڭلۇقتىكى يەر، تەررىتورىيە ۋە بايلىق شەكلى بىلەن، ئەگەر بۇ ئەھۋال مۇمكىن بولمىسا باشقا تۇرلىك ئۇسۇللار بىلەن زىياننى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ۋە ياكى تەڭ قىممەتتىكى قىتىسادىي تولەم تولەش شەكلى بىلەن ئىجرا قەلىنىشى كىرەك.

ماددا 29
1. يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىگە تەەلۇق يەرلەرنى، تەررىتورىيەلەرنى ۋە ئوز يەرلىرىدىكى بايلىقلىرىنى، بۇ جايلارنىڭ موھىتىنى ھەمدە بۇ زىمىنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىغىمچانلىقىنى ساقلاش ۋە مۇھاپىزەت قەلىشقا ھوقۇقلۇق.
دەۋلەت ھىچ قانداق ئايرىمچىلىققا يول قويمىغان ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوز ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ يەرلەرنىڭى ساقلىنىشى ۋە مۇھاپىزەت قەلىنىشى ئۇچۇن پۇتۇن تەدبىرلەرنى ئەلىشى شەرت.
2. دەۋلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەرگە ئاىت بولغان زىمىن، تەررىتورىيەلەردە، ئۇلارنىڭ ئەركىن ۋە تولۇق چۇشۇنۇش ئاساسىدىكى بولماي تۇرۇپ، ھەر قانداق زەھەرلىك ماتىرياللارنىڭ ساقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئەلىش ئۇچۇن پۇتۇن تەدبىرلەرنى ئەلىشى كىرەك.
3. دەۋلەت چوقۇم، ئەگەر شۇنداق زورۇرىيەت ھاسىل بولغان بولسا، يۇقاردىكى زەھەرلىك ماتىرياللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەرلىق خەلقلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۇزىتىدىغان، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۇرىدىغان پۇتۇن تەدبىرلەرنى ئەلىشى ھەمدە بۇ تەدبىرلەرنى ئىجرا قەلىشى شەرت.

ماددا 30
1. ئۇلارنىڭ ماقۇللىقى ۋە ياكى تەلىۋى بولمىغان شارايىتتا، ۋە ياكى تولۇق ھەققانىي سەۋەپلەرگە تايانمىغان شەرت ئاستىدا، دەۋلەت يەرلىك خەلقلەرنىڭ زىمىنى ۋە تەررىتورىيەسىدە ئەسكىرى ھەركەت ئەلىپ بارماسلىقى شەرت.
2. دەۋلەت زورۇر بولغان ئەسكىرى ھەركەتلەرنى ئەلىپ بەرىشتىن بۇرۇن، چوقۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرى بىلەن مەسلەھەتلىشىشى، مۇۋاپىق قانۇنىي باسقۇچلارغا ھورمەت قەلىشى كىرەك.

ماددا 31
1. يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىنىڭ مەدىنىي مىراسلىرىنى، ئەنئەنىۋى بىلىملىرىنى، ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئادەتلىرىنى شۇنداقلا ئوزلىرىگە ئاىت تىببىي بىلىملەرنىڭ يالداماىلىرىنى، تەخنىكا ئىلغارلىقلىرىنى، ئىنسان ۋە ئىرسىيەت ھەققىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى، قەدىمىي ھايۋانات ۋە ئوسۇملۇك بايلىقلىرىغا بولغان ئىگىدارچىلىقىنى، ئەدىبىيەت، لاھىيلەش، تەنھەركەت، ھەر خىل ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنى ساقلاش، كونترول قەلىش، ئاسراش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ئۇلار يەنە ئوزلىرىنىڭ ئىجادىي بايلىقلىرىنى، مەدىنىي مىراسلىرىنى ۋە ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ساقلاش، كونترول قەلىش، قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ماسلاشقان ھالدا دەۋلەت چوقۇم ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتىشىنى ئىتىراپ قەلىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قەلىش ئۇچۇن بارلىق تەدبىرلەرنى ئەلىشى كىرەك.

ماددا 32
1. يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرگە تەەلۇق زىمىن ۋە تەررىتورىيەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۇچۇھن موھىم ستىراتىگىيەلەرنى قارارلاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. ئۇلارغا ئالدىن ئالا بارلىق مەلۇماتلارنى تولۇق تەمىنلىگەن، ئۇلارنىڭ ئوز ئىختىيارلىقى ھەمدە رازىلىقىنى ئالغان ئاساستا، ئۇلارنىڭ زىمىنى، تەررىتورىيەلىرى ۋە مەۋجۇت بايلىق مەنبەلىرىگە تەسىر ئەلىپ كىلىدىغان بارلىق پلان-پروگراممىلارنى، تەرەققىيات لاھىيەلىرىنى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئىشلىتىش، بايلىق مەنبەلىرىنى ئەچىش، سۇ مەنبەلىرىنى قوللۇنۇش قاتارلىقلاردىن بۇرۇن، دەۋلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئورگانلىرى بىلەن سەمىمىي ھالدا مەسلەھەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشى شەرت.
3. دەۋلەت چوقۇم، يۇقارقىدەك پلان ۋە لاھىيەلەرنىڭ ئىجرا قەلىنىشىن كىلىپ چىققان زىيانلارنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ئادىل، يوللۇق ۋاستىلارنى ۋە شۇنداقلا ئۇنۇملۇك چارە تەدبىرلەرنى قوللۇنشى، مۇھىتقا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمايى، مەدىنىي ۋە مەنىۋى ساھالارغا بولغان زىيانلارنى تولدۇرۇش ئۇچۇن قانۇنىي تەدبىرلەرنى قوللۇنۇشى شەرت.

ماددا 33
1. يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىنىڭ ئورپ ئادەتلىرىگە بىناەن ئوزلىرىنىڭ مىللى كىملىكىنى (سالاھىيتىنى) تاللاش ۋە شۇ كوممۇنانىڭ ئەزاسى بولۇشقا ھوقۇقلۇق. بۇ بەلگۇلىمە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوزلىرى تۇرۇشلۇق دەۋلەتنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۇرۇشىگە توسالغۇلۇق قىلماسلىقى كىرەك.
2. يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرگە قاراپ ئوزلىرىگە تەۋە بولغان ئىجتىمايى قۇرۇلمىلارنى تاللاش، ئوزلىرىنىڭ ھەر خىل ئورگانلىرىغا ئەزا بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

ماددا 34

يەرلىك خەلقلەر، ئوزلىرىنىڭ ئورگان قۇرۇلمىلىرىنى، ئوزلىرىگە خاس ئەنئەنەلىرىنى، مەنىۋى مىراسلىرىنى، ئورپ-ئادەتلىرىنى، ئىجتىمايى تەرتىپلىرىنى ۋە بۇلارنى ئىجرا قەلىشتىكى ئەمىلىي مىتودلارنى، ئەگەر مەۋجۇت بولسا، ئوزلىرىگە خاس بولغان ئەدلىيە سىستىمىلىرىنى ۋە ئەدلىيە ئادەتلىرىنى خەلقارارلىق كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا ئاساسەن ئىلگىرى سۇرۇشكە، تەرەققى قىلدۇرۇشقا ۋە ساقلاپ قەلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.

ماددا 35
يەرلىك خەلقلەر ئوز ئەزالىرىنىڭ ئوزلىرىنىڭ كوممۇناسىغا بولغان مەسۇلىيەتچانلىقى ۋە جاۋاپكارلىقلىرىنى بەكىتىشكە تولۇق ھوقۇقلۇق.

ماددا 36
1. بولۇپمۇ چىگرالىرى خەلقارالىق لىنىيەلەر بىلەن ئايرىلغان يەرلىك خەلقلەر، مەنىۋى، مەدىنىي، سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمايى مەقسەتلەرنى ئاساس قىلغان پاالىيەتلەرنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا تاشقىي دۇنيا بىلەن، بولۇپمۇ ئوزىنىڭ چىگراسىغا خوشنا بولغان خەلقلەر بىلەن بولغان ئالاقىلارنى ساقلاپ قەلىشقا، ھەر خىل ھەمكارلىقلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.
2. دەۋلەت يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ۋە مەسلەھەتلەشكەن ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ ھوقۇقىنىڭ ئىزچىللىشىشى ئۇچۇن بارلىق تەدبىرلەرنى ئەلىشى شەرت.

ماددا 37
1. يەرلىك خەلقلەر، تەۋەلىكىدى دەۋلەت ۋە مەزكۇر دەۋلەتلەرنىڭ كەلگۇسى ۋارىسلىرى بىلەن تۇزۇلگەن ھەر تۇرلۇك توختامنامىلارنى ۋە كىلىشىمنامىلارنى تۇزۇشكە ھوقۇقلۇق بولۇپ، دەۋلەت مەزكۇر توختامنامىلارغا ۋە كىلىشىمنامىلارغا سادىق بولىشى شەرت.
2. بۇ باياناتنامىدىكى ھىچقانداق بىر ماددا مەزكۇر توختامنامىلارنىڭ ۋە كىلىشىمنامىلارنىڭ ئىناۋەتسىز قەلىنىشى ۋە يوق قەلىنىشۇ ئۇچۇن باھانە قەلىنالمايدۇ.

ماددا 38
دەۋلەت بۇ باياناتنامىنىڭ ئىناۋەتسىز قىلىنالىشى ئۇچۇن، يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ۋە مەسلەھەتلەشكەن شارايىت ئاستىدا مەۋجۇت قانۇننى ئوزگەرتىش ۋە ياكى يەڭىدىن قانۇن ماقۇللاشنى ئوز ئىچىگە ئالغان بارلىق زورۇر تەدبىرلەرنى قانۇنلاشتۇرتۇشى كىرەك.
.
ماددا 39
يەرلىك خەلقلەر بۇ باياناتنامىدا كورسۇتۇلگەن ھەق ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولىشى ئۇچۇن خەلقارالىق ھەمكارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئوزى تۇرۇشلۇق دەۋلەتنىڭ مالىيە ۋە تەخنىكىلىق ياردەملىرىگە ئەرىشىشكە ھوقۇقلۇق.

ماددا 40
يەرلىك خەلقلەر، دەۋلەت ۋە مەزكۇر دەۋلەتتىكى مەلۇم بىر سىياسى پارتىيە(لەر) بىلەن بولغان توقۇنۇشۇنى ھەل قەلىش ئۇچۇن، شۇنداقلا تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان شەخسى ۋە كوللىكتىپ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۇرۇلىشى ئۇچۇن ئادىل ۋە ھاققانىي قانۇنىي تەرتىپلەردىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
بۇ خىلدىكى قانۇنىي تەرتىپلەر، خەلقارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئورپ-ئادەتلىرىگە، ئەنئەنىلىرىگە، يەرلىك قانۇنلىرىغا ۋە ئوزلىرىنىڭ ئەدلىيە سىستىمىلىرىغا تولۇق ماسلاشقان بولىشى كىرەك.

ماددا 41
بارلىق ئورگانلار ۋە بدت تەركىۋىدىكى مۇتىزەسىسلەشكەن ئاگەنتلىقلار ۋە شۇنداقلا ھوكۇمەتلەر ئارىسى كوۋرۇك تەشكىلاتلار (ئىنتەرگوۋەرنمەنتال ئورگانىزاتىونس) چوقۇم بۇ باياناتنامىنىڭ ئىزچىللىشىشى ئۇچۇن مالىيە جەھەتتىن ھەمكارلىشىش ۋە تەخنىكا جەھەتتىن ياردەملىشىش ئارقىلىق زورۇر ھەسسىلەرنى قوشۇشى كىرەك.
بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ ھەققىدىكى قارارلارنىڭ ئەلىنىشى جەريانلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىشتىراك قەلىنىشىنى كاپالەتلىك قەلىشنىڭ يوللىرى ۋە ئۇسۇسللىرىنى تەپىپ چىقىش كىرەك.

ماددا 42
يەرلىك خەلقلەر ھەققىدىكى بدت داىمى فورۇمئىنى ئوز ئىچىگە ئالغان بدت ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى، دەۋلەت ئىچىدىكى ۋە خەلقارالىق سەۋىيەدىكى مۇتىزەسىسلەشكەن ئاگەنتلىقلار ھەمدە بارلىق دەۋلەتلەر مەزكۇر باياناتنامىنىڭ بارلىق ماددىلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قەلىنىشىغا تۇرتكە بولىشى ۋە مەزكۇر باياناتنامىنىڭ ئۇنۇمى ھەققىدە تەۋسىلەرنى يوللىشى كىرەك.

ماددا 43
مەزكۇر باياناتنامە ئوز ئىچىگە ئالغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھاياتتا قەلىشى، ساقلىنىپ قەلىشى ۋە شان-شەرەپلىرىنى قوغداق قەلىشى ئۇچۇن بەلگۇلەڭەن ئەڭ توۋەن ئولچەمدىن ئىبارەت.

ماددا 44
بۇ باياناتنامىدا بىكىتىلگەن بارلىق ھەق ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىكلەر ئورتاق ھالدا بارلىق ئەر ۋە ئاياللار يەرلىك خەلقلەر ئۇچۇن تۇزۇلگەن.

ماددا 45
بۇ باياناتنامىدىكى ھىچ بىر ماددا يەرلىك خەلقلەر ئاللىقاچان ئىگە بولغان ۋە كەلگۇسىدە ئىگە بولىدىغان ھىچ بىر ھەق ھوقۇقلارنى يوق قىلىدىغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان رولغا ئىگە ئەمەس.

ماددا 46
1. بۇ باياناتنامىدىكى ھىچ بىر ماددا مەلۇم دەۋلەت، خەلق ، گرۇپ ۋە يا كىشىلەرنىڭ بدت نىزامنامىسىغا قارشى تۇرىشىغا قارىتىلغان ھەرقانداق بىر پاالىيەت ئەلىپ بەرىشى ۋە ياكى بدت نىزامنامىسىغا قارشى ئىش بەجىرىشى ئۇچۇن سالاھىيەت تەشكىل قىلىدىغان شەكىلدە چۇشەندۇرۇلمەسلىكى، ۋە شۇنداقلا مەلۇم مۇستەققىل دەۋلەتنىڭ قىسمەن ۋە ياكى تولۇق ھالدىكى زىمىن پۇتۇنلىكى، سىياسى بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى تۇرىدىغان بىر ۋاستە سۇپىتىدە قوللۇنالماسلىقى كىرەك.
2. بۇ نىزامنامىدا بىكىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسلىق ئەركىنلىكلەر تولۇق ھورمەت قەلىنىشى كىرەك. بۇ نىزامنامىدا كورسۇتۇلگەن ھەق ھوقۇقلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى پەقەتلە خەلقارا قانۇنلارغا ماس ھالدا چىقىرىلغان قانۇنلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇسلىشى كىرەك. بۇنداق چەكلىمىلەر پەقەتلا باشقىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ھورمەت قەلىشنى كاپالەتلەندۇرۇش ۋە دىموكراتىك بىر جەمىيەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولغان ئادالەتنى بەرپا قەلىشنىڭ تەقەززاسى بولغان شەرت ئاستىدىلا يولغا قويۇلىشى كىرەك.
3. بۇ باياناتنامىنىڭ بەلگۇلىمىرلى ئادالەت، دەموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇققا ھورمەت قەلىش، بارابەرلىك، ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئادىل دەۋلەت باشقۇرۇش ۋە سەمىمىيەت پرىنسىپلىرى ئاستىدا شەرھىيلىنىشى كىرەك.

Share
1794 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.