logo

trugen jacn

فىرانسىيەلىك يازغۇچى: مەن ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تاللىدىم

9120a566-c430-4639-84a0-e58414ffc4b5

رۇقىيە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

فىرانسىيەلىك مۇخبىر، يازغۇچى ۋە فوتو سۈرەتچى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلىرى تەتقىقاتچىسى سيلۋە لاسسەررە يۇسازاى ئۆز تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشقا ئاجراتتى.

ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى «ئۇيغۇر دۆلىتىگە ساياھەت» دېگەن تۇنجى كىتابى 2010-يىلى فىرانسۇز تىلىدا بېسىپ تارقىتىلدى. شۇندىن بېرى ئۇ نۇرغۇن فرانسۇزچە گېزىت ژۇرنال ۋە رادىئو تېلېۋىزىيەلىرى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنى تونۇشتۇردى.

بىز بۈگۈن سيلۋە لاسسەررەنى ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىگە ساياھەت» دېگەن كىتابى ھەققىدە زىيارەت قىلدۇق.

مەن ئۇنىڭدىن كىتابىغا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىگە زىيارەت دەپ تېما قويغانلىقىنى سورىغىنىمدا ئۇ مۇنداق دېدى: سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويماقچى ئەمەسمەن، مېنىڭ بۇ كىتابىم دۆلىتى يوق دۆلىتى قولدىن كەتكەن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە يېزىلغان تەتقىقات ۋە ئەسەرلەرنىڭ جۇغلانمىسىغا بېغىشلانغان. ئۇيغۇرلار دەل دۇنيادا دۆلىتى يوقلۇقى بىلەن تونۇلغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭا مەن كىتابىمغا «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىگە زىيارەت» دەپ ئىسىم قويدۇم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ناھايىتى گۈزەل مەدەنىيەت بولۇپ بۇنى يورۇتۇشتا ئۇلارنىڭ تارىخى ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋە دىننى ئېتىقادىنى ئۆگىنىشكە ۋە يورۇتۇشقا توغرا كېلەتتى.

سيلۋە ئەسلىدە فىزىكا ئىنژېنېرى بولۇپ، بۇ ساھەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، كېيىن ئۇ ھاياتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ كەسپىنى ئالماشتۇرۇپ ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا بەل باغلايدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر قېتىم مەن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن چېچەنىستان توغرىسىدىكى يىغىنغا قاتناشتىم، يىغىندا بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرۇپ سوئال سورىغانلىقىنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇ كىشى ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاتتى ۋە مەندە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىق ۋە قىزىقىش پەيدا قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ، خىتايدىن ئىبارەت كۈچلۈك ۋە رەھىمسىز دۆلەتنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تاللىۋالىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازىنى تارقىتىش قارارىغا كەلدىم. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلغان دەردىنى ھېچكىم ئاڭلىمايۋاتقان، دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا قۇربانلىق بولۇپ كېتىۋاتقان بىر مىللەت ئىدى.

سيلۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىتاب يېزىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زېمىنىغا كېلىدۇ. ئەمما، خىتايچە ياكى ئۇيغۇرچە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كىتابىدىكى زىيارەت قىلىنغان كىشىلەر ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي كونتروللۇقىدىكى تېررىتورىيەنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارلا ئۇيغۇر زېمىنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بىرەر چەتئەللىك بىلەن سۆزلىشىشىنى قاتتىق چەكلەيتتى ۋە ئېغىر جازا بېرەتتى. مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكىمنى دېمىسەممۇ ئۇيغۇرلار مەن بىلەن پاراڭلىشىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلدى، مەنمۇ ئۇلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن ئېھتىيات قىلدىم.

مەن ئۇنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق ۋە مۇھىم دەپ قارالغان بۆلۈمنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا ئۇ مۇنداق دېدى: ساما دېسەم بولىدۇ چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي چەكلىگەن بولۇپ مەن ئۇلارنىڭ پەقەت ساما ئوينىغاندىلا ئوز ھېسسىياتىنى، ئىچكى كۈچىنى ئەركىن ۋە ئاشكارا ئىپادىلىيەلىگەنلىكىنى كۆردۈم. چۈنكى ساما ئۇلارنىڭ دەرد ئەلەملىرىنى غەزەپ نەپرىتىنى، خۇشاللىقىنى، قارشىلىق ۋە باتۇرلۇقىنى، سەۋر تاقەت ۋە سەۋرسىزلىكىنى، تىل بىلەن ئىپادىلىيەلمەيدىغان يەنە نۇرغۇن ھېسسىياتلارنى ئىپادە قىلغان ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر دۆلىتىگە ساياھەت» دېگەن كىتابىنى يېزىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە توختىلىپ: ئەڭ دەسلەپ ھېس قىلغىنىم ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىدە كۈلكە يوق ئىدى، مەن ئۇلارنى كۈلۈشنى بىلمەيدىغان مىللەت ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم. كېيىنچە بۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقتىن ئەمەس بەلكى زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىقىدىن بولغان روھى بېسىم تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، دېدى.

ئۇ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەنقىدى كۆز قارىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇرلاردىمۇ ئامال يوق، ئەمما ئەركىن دۆلەتلەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاش ئىدىيىسى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكىنى ئوز ۋەتىنىنىڭ مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە جىددىيەتسىز مۇئامىلە قىلغۇچىلار ئىكەن. مەن بەزىدە ئۆزۈمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ئۈچۈن يالغۇز توۋلاۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى تاراتقۇچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقىنىمدا مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ياردەمدە بولغان ئۇيغۇر يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇ مېنى بەك ئازابلايدۇ.

ئۇ سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا ھېچقانداق بىر ئۈمىدنىڭ يوقتەك كۆرۈلۈشى يەر شارى خاراكتېرلىك تۇيغۇ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەلگۈسى باشقىچە بولمايدىغانلىقىغا ھېچكىم بىرنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سيلۋە لەسسەررنىڭ كىتابى، يوقىلىشقا يۈزلەنگەن دەپ قارالغان ياكى كرىزىس ئىچىدىكى مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى خاراكتېرى ۋە روھى كۈچىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي تەقدىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئۇ ئەگەر كىتابى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنسا، تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي دەۋاسىنى قوللىشىغا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/firansiye-uyghur-12172014170151.html

Share
1866 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.