ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
مەھمەتىمىن ھەزرەت
يەمەنلىك ئايال جورنالىست،سىياسى پائالىيەتچى تەۋەككۇل كەرمان 2011 يىلى نوبىل تىنىچىق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.ئۇ قارا پەرەنجە (جىلباب)كىيىدۇ.ئىسلامى قائىدە بويىچە تۇلۇق يۆگۈنىدۇ.نوبىل مۇكاپات كومىتىتى،تەۋەككۇل كارماننىڭ كىيىنىشى توغرۇلۇق ھىچقانداق سەلبىي قاراشتا بولمىدى ۋە 2011.يىللىق نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىنى ئۇنىڭغا بەردى.تەۋەككۇل كارمان نوبىل مۇكاپاتىنى تەسەتتۇر كىيىمى بىلەن ئالدى.پۈتۈن دۇنيا ئالقىشلىدى
ئامما خىتاي ھۈكۈمىتى تەۋەككۇل كارماندەك كىيىنگەن ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنى تىرور گۇنامدارى سۈپىتىدە زەربە بىرىش نىشانى دەپ قارىماقتا ۋە زەربە بەرمەكتە. سوت مەھكىمىلىرىدە ئۇ كىيىملەرنى “تىرورنىڭ دەلىلى” دەپ كۆرسەتمەكتە
شەرقى تۇركىستاننىڭ ھەممە شەھەرلىرىنىڭ كوچىلىرىدا ئىلان چاپلاپ تەسەتتۇر كىيىملەرنى چەكلەنگەن تىرور سىموۋىلى سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە
دۇنيادا بۇ خىل كىيىمنى كىيگۈچى مۇسۇلمان ئاياللار ھىچقانداق ئىيىپلەشكە،كەمسىتىشكە ئۇچۇرىماي،ھەتتا نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىشكىمۇ توسالغۇ بولمىغان بىر شارايىتتا،خىتاي ئىشخالىيىتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئاياللىرى پەقەتلا ئىسلامغا ئۇيغۇن تەسەتتۇر كىيىم كىيىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈنلا “تىرور گۇماندارى” قارىلىپ زەربە بىرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قىلىشى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قاناۋاتقان جاراھىتى ھالىتىگە ئايلانماقتا
ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرى،بىز ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ ئىپپىتىمىزدۇر.ئۇلارنىڭ ياغلىقىغا ئۇزاتقان قولنى توسۇش ئەلبەتتە بىزئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ دىنى ۋە مىللىي بۇرچىمىز
دۇنيادا نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ياغلىق،خىتايدا تىرورنىڭ دەلىلى بولماقتا
بۇ مەسىلە يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ،پۈتكۈل مەدىنىي دۇنيانىڭ مەسىلىسىدۇر
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئۆزىنى قوغداش كۆرىشى توغرا،ھەققانى كۈرەشتۇر
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.