ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 29-سېنتەبىردىن 2-ئۆكتەبىرگىچە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. قۇرۇلتايدا خىتاي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى ئۈچۈن مەخسۇس بىر بوش ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ، ئىلھام توختىنىڭ سىزما رەسىمى قويۇلغان بىر سىمۋوللۇق ئورۇندۇق، تۆت كۈن داۋام قىلغان بۇ خەلقئارالىق يىغىن پائالىيەتلىرىدە، باشتىن-ئاخىرى يىغىن سەھنىسىدە تۇرغان.
خەلقئارادىكى قەلەمكەشلەرنىڭ بۇ دۇنياۋى يىغىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ شىۋېتسىيەگە قايتىپ كەلگەن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە ھوقۇقى كومىتېتى رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80 - قۇرۇلتىيىدا كۈن تەرتىپكە كىرگەن ئاساسلىق تېما بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەيسەر ئەپەندى يەنە، خەلقئارا قەلەملەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە ئېلىنغان مۇھىم قارارلار ھەمدە ئۆزىنىڭ قۇرۇلتاي تەسىراتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ قەيسەر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ
قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي ھاكىمىيىتى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشى كېرەك
ئىلھام ماھمۇت: ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ
ئالماتادا «ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ژۇرنىلى» نىڭ يېڭى سانلىرى يورۇق كۆردى
د ئۇ ق تەشكىلاتلىرىنى «ئىلھام توختى قويۇپ بېرىلسۇن» نامىدا بىر يۈرۈش پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇردى
ئىلھام توختى مەسىلىسى ئىسلام دۇنياسىدا قايسى دەرىجىدە تونۇلدى؟
فىرانسىيە خەلقئارا ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا «يەكەن ۋەقەسى» ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى
ئانجېلا مېركېل خانىم خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
ئىلھام توختى يۇقىرى سوتقا رەسمىي ئەرز سۇنغان
قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيى سەھنىسىدە ئىلھام ئۈچۈن بوش ئورۇندۇق قويۇلدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10142014164851.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.