ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
مەملىكەت، دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە سۈرگۈندى ھۆكۈمەت
(پارچە)
نەزەر
مەملىكەت بولسا بىرەر دۆلەتنى تەشكىل قىلىدىغان تېررىتورىيەدۇر. دۆلەت بولسا ھاكىمىيەتنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىش فورماتسىيىسىدۇر. دۆلەت مۇئەييەن بىر تېررىتورىيە ۋە ئاھالىگە ئىگە بولغان بىر مەملىكەتتە تەسىس قىلىنىدۇ. ئۇ ھاكمىيەتنى ساقلاش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرىدىن ئىبارەت بىر سىستېمىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىدىغان قۇرۇلما دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتىدۇر. گەرچە لۇغەت فوندى جەھەتتە دۆلەت سۆزى نىسپىي ھالدا مەڭگۈلۈك خاراكتېرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادىكى باشقا شەيئىلەرگە ئوخشاش مۇئەييەن بىر دۆلەتتىن ئىبارەت بۇ شەيئىمۇ ئەمەلىيەتتە مەڭگۈ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا موئەييەن بىر مەملىكەتتە قۇرۇلغان ۋە قۇرۇلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ناملىرى ۋە سىياسى تۈزۈلمىلىرىدە دايىم ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، رۇسىيەدىن ئىبارەت بۇ مەملىكەتتە چار رۇسىيە دۆلىتى، سوۋېت دۆلىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيە دۆلىتى قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرۇلغان. خىتايدىن ئىبارەت بۇ مەملىكەتتە چىڭ دۆلىتى، جۇڭخۇا مىنگۇ ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرۇلغان. شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ مەملكەتتە قاراخانىيلار دۆلىتى، يەكەن سەئىدىيە خانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرۇلغان. بىرەر دۆلەتنى تەشكىل قىلىدىغان مەملىكەت نىسپىي تۇراقلىق بولسىمۇ، لېكىن مۇئەييەن مەملىكەتكە نىسپەتەن ئېيتقاندا ئۇمۇ مەڭگۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ناتايىن. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى مەلۇم بىر مەملىكەتنىڭ نامى دۇنيادىن غايىپ بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە كۆپۈنچە دۆلەتلەر مەملىكەت نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، نۆۋەتتىكى ئىران مەملىكىتىدە قۇرۇلغان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئادەتتە ئىران دەپ ئاتىلىدۇ. ھىندىستان مەملىكىتىدە قۇرۇلغان ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى ئادەتتە ھىندىستان دەپ ئاتىلىدۇ. خىتاي مەملىكىتىدە قۇرۇلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەتتە خىتاي دەپ ئاتىلىدۇ. سۈرگۈندى ھۆكۈمەت بولسا مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تېررىتورىيەسى مەلۇم بىر دۆشمەن دۆلەت تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى ياكى بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلگە قاچقان بەزى ھۆكۈمەت ئەزالىرى تەرىپىدىن بۇ ھاكمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۈچۈن تەشكىللىگەن ۋاقىتلىق بىر ھۆكۈمەتتۇر. ئەگەر مەلۇم بىر دۆلەت تارىخ سەھنىسىدىن يوقالسا، ئۇنىڭ ھاكمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمىتى تۇرماق، ئۇنىڭ سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.
2024- يىلى ماي
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.