تارىخنىڭ ساۋاقلىرى
ئەركىن سىدىق
-2024يىلى -5ئاينىڭ -28كۈنى
كىرىش سۆز
ئامېرىكىدا ياشاپ، ئىنسانالرنىڭ 5000 يىللىق يازما تارىخىنى بىرلەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇنى
ئىنسانىيەتكە ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش يولىدا ئاالھىدە تۆھپە قوشقان بىر كىشى بار. ئۇنىڭ
ئىسمى ۋىللىيەم جەيمىز دۇرانت )1981 – 1885 ,Durant James William). ئۇ ھەم
تارىخشۇناس، ھەم پەيالسوپ بولۇپ، »مەدەنىيەتلىشىشنىڭ ھېكايىسى« دېگەن ئىسىمدىكى 11
توملۇق كىتابى بىلەن دۇنيادا مەشھۇر بولغان، ھەمدە -1977يىلى ئامېرىكىنىڭ »پىرېزىدېنتلىق
ئەركىنلىك مېدالى« غا ئېرىشكەن. ۋىللىيەم ئەپەندى ئايالى ئارىئېل دۇرانت ) Durant Ariel )
بىلەن بىرلىكتە ئىنسانالرنىڭ 5000 يىللىق يازما تارىخىنىڭ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، »تارىخنىڭ
ساۋاقلىرى« )History of Lessons The )دېگەن ئىسىمدا بىر 100 بەتلىك كىتاب يېزىپ، ئۇنى
-1968يىلى ئېالن قىلغان بولۇپ، بۇ كىتابمۇ ۋىللىيەمنىڭ باشقا ئەسەرلىرىگە ئوخشاشال دۇنياغا
كەڭ تارقالغان ۋە دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان. مەن مەزكۇر ماقالىدا »تارىخنىڭ ساۋاقلىرى«
دىكى بىر قىسىم مەزمۇنالرنى تونۇشتۇرىمەن. مەن تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنالر يەر شارى،
بىيولوگىيە، مىللەت، ئەخالق ۋە دىن قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ۋىللىيەمنىڭ كىتابىدىكى مىسالالردا تارىخىي كىشىلەر ۋە تارىخىي جايالرنىڭ ئىسىملىرى ناھايىتى
كۆپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مېنىڭ ئۇالرنى ئۇيغۇرچىغا توغرا تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيىتىم يوق.
شۇڭالشقا مەن مەزكۇر ماقالىدە كىتابتىكى ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان يەرلەرنىڭ ئاساسىي
مەزمۇنىنى بايان قىلىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلمايمەن. ئەگەر ئۆزۈمنىڭ
سۆزىنى قوشماقچى بولسام ، ئۇنى بىر »ئىالۋە« شەكلىدە قوشىمەن. مەن ئىنگلىزچە بىلىدىغان
قېرىنداشالرغا ئەسلىدىكى كىتابنى بىۋاسىتە ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بىز ھازىر تارىخنىڭ بىر ناھايىتى ھالقىلىق پەيتىدە ياشاۋاتىمىز. بىز ئۇيغۇرالر تارىختا بىر مىللەت
سۈپىتىدە گۈللىنىپ باققان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر ھۆكۈمران مىللەت بولۇپ دۇنيانى
سوراپ باققان. ئەمما كېيىن ئارقىمىزغا چېكىندۇق. ئاجىزالشتۇق. بىر مەزگىل »ئۇيغۇر«
دېگەن مىللەت نامىنىمۇ يوقىتىپ قويدۇق. ھازىر بولسا بىر مىللەت سۈپىتىدە يەر شارىدىن
يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدۇق. مېنىڭ مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئوقۇرمەنلەرنى »تارىخنىڭ
ساۋاقلىرى« دىن خەۋەردار قىلماقچى بولغىنىمدا مۇھىم سەۋەب بار. ئۇ بولسىمۇ ئوقۇرمەنلەرنى
تارىخنىڭ ساۋاقلىرى ئاساسىدا ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى توغرا ئانالىز قىلىش ۋە توغرا چۈشىنىش
بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەش. بۇ بىلىملەر ئۆزىمىزنى ھازىرقى ناچار تەقدىردىن قۇتۇلدۇرۇشقا
يەتمەيدۇ. ئەمما ئۇ ئەگەر بىز ئۆز تەقدىرىمىزنى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتمەكچى بولساق، ئەگەر
بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالماقچى بولساق، ياكى ئەگەر بىز ئۇيغۇر بولۇپ يەر شارىدا
داۋاملىق ياشىماقچى بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلساق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىزگە بىر
قىسىم ياخشى ئىدىيەلەرنى ئۆگىتىدۇ. مانا بۇ مېنىڭ مەزكۇر ماقالىنى تەييارالشتىكى يەتمەكچى
بولغان ئارزۇيۇم.
ھازىر ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى -2024يىللىق »ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە« پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش
ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بىز مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن يېزىلغان ماقالىلەرنى توپالپ،
»دەۋر ۋە بىز — 2024« دېگەن ئىسىمدا بۇ يىل -9ئايدا بىر كىتاب چىقىرىمىز، ھەمدە ئۇنى
لېكسىيەگە كەلگەن قېرىنداشالرغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىمىز. مەزكۇر كىتاب ئۈچۈن ۋەدە
قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ سانى ھازىر 40 پارچىگە يېقىنالشتى. مەن تەييارالۋاتقان مەزكۇر ماقالىمۇ
ئاشۇ كىتابقا كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنىنى بۇ يىل
-9ئاينىڭ -21 ۋە -22كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان »ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە — 2024«
پائالىيىتىدىمۇ بىر لېكسىيە قىلىپ سۆزلەيمەن. مەزكۇر لېكسىيە پائالىيىتى 2 كۈنلۈك ھەقسىز
ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا باراۋەر بولۇپ، مەن ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشالرنىڭ ھەممىسىگە
مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ھەمدە بۇ ئىشتا بىزنى قولالپ بەرگەن بارلىق
قېرىنداشالرغا ئالدىن ائال رەھمەت ئېيتىمەن.
-1رەسىم: »تارىخنىڭ ساۋاقلىرى« دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ۋىللىيەم دۇرانت.
https://en.wikipedia.org/wiki/Will_Durant
.1 تارىخنىڭ ساۋاقلىرى: يەر شارى
تارىخقا »ئۆتمۈشتىكى ئىشالر« ياكى »ئۆتمۈشنىڭ خاتىرىسى« دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.
ئىنسان تارىخى ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كىچىك جايغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى ساۋىقى،
ئۇنىڭ ئاددىي )modesty )بولۇشىدىن ئىبارەت. ھەر قانداق بىر پەيتتە، بىر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يەر
شارىغا ناھايىتى يېقىن كېلىپ، بىزنىڭ كىچىك شارىمىزدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىشى، ياكى
ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئادەم ۋە ھايۋانالرنى يالقۇن ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تۇنجۇقتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن؛
ياكى بولمىسا قۇياشنىڭ بىر پارچىسى بۆلۈنۈپ چىقىپ، بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ، يەر
يۈزىدىكى بارلىق غەم ۋە ئازابالرنى ئاخىرالشتۇرۇشى مۇمكىن — بەزى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە،
بىرقانچە ئاسترونومىيەلىك دەۋرلەردىن بۇرۇن يەر يۈزىدە ئاشۇنداق ئىشالر يۈز بېرىپ باققان
ئىكەن. بىز تارىختىكى ئاشۇنداق مۇمكىنچىلىكلەرنى قوبۇل قىلىمىز.
تارىخ جۇغراپىيەگە باغالنغان بولىدۇ. ھەر كۈنى دېڭىز سۈيى مەلۇم جايالردا قۇرۇقلۇققا بۆسۈپ
كىرىدۇ، ياكى قۇرۇقلۇق دېڭىزغا بۆسۈپ كىرىدۇ. شەھەرلەر سۇ ئاستىدا غايىب بولىدۇ. تاغالر
ئېگىزلەيدۇ ياكى ئۆرۈلىدۇ. دەريا سۇلىرى كۆپىيىدۇ ۋە كەلكۈن پەيدا قىلىدۇ، ياكى قۇرۇپ
كېتىدۇ، ياكى بولمىسا ئېقىم يوللىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئويمانلىقالر چۆللۈككە ئايلىنىدۇ، ۋە بويۇن
)ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان تار يەر( الر تۈز يولالرغا ئايلىنىدۇ. جۇغراپىيە كۆزى
بىلەن قارىغاندا، يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى ئاقما جىسىمغا ئوخشاش بولۇپ، ئىنسانالر ئۇنىڭ
ئۈستىدە خەتەرلىك مۇھىت ئىچىدىكىگە ئوخشاش ماڭىدۇ.
كىلىمات بىزنى ھازىر بۇرۇنقىالر ئېيتقاندەك قاتتىق كونترول قىاللمايدۇ، ئەمما ئۇ بىزنى
چەكلەيدۇ. ئىنسانالرنىڭ چېۋەرلىكى كۆپىنچە ۋاقىتالردا جۇغراپىيەنىڭ نۇقسانلىرى ئۈستىدىن
غالىب كېلىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانالر چۆللۈككە سۇ باشالپ كېلەلەيدۇ، ھەمدە سەھرايى كەبىرنىڭ
ھاۋاسىنى ھاۋا تەڭشىگۈچ بىلەن سوۋۇتااليدۇ. تاغالرنى تۈزلىۋېتەلەيدۇ. دۆڭلۈكنىڭ
يانتۇلۇقلىرىدا پەلەمپەي ئېتىزالرنى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈم ئۆستۈرەلەيدۇ. دېڭىز يۈزىدىكى بىر
يەردىن يەنە بىر يەرگە بارااليدىغان لەيلىمە شەھەرلەرنى ياسىيااليدۇ، ھەمدە بىر جايدىن يەنە بىر
يىراق جايغا ئۇچۇپ بارىدىغان گىگانت قۇشالرنى ياسىيااليدۇ. ئەمما بىر چوڭ قۇيۇن ياساشقا
ئەسىرلەر كەتكەن بىر شەھەرنى بىر سائەت ئىچىدىال ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ. بىر مۇز تاغ بىر
لەيلىمە ساراي )يەنى نەچچە مىڭ كىشىلىك ساياھەت پاراخوتى( نى ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ
ئۈستىدىكى مىڭلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۇچۇرۇپ سۇغا تاشلىۋېتەلەيدۇ. ئەگەر يامغۇر ئازالپ
كەتسە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكىگە ئوخشاش مەدەنىيەتلەشكەن شەھەر-كەنتلەر قۇم ئاستىدا غايىب
بولىدۇ. ئەگەر يامغۇر بەك كۆپ يېغىپ كېتىدىكەن، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش
مەدەنىيەتلەشكەن شەھەر-كەنتلەر تۇنجۇقۇپ جاڭگالغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر بىز گۈللەپ
ياشناۋاتقان زېمىندا تېمپېراتۇرا 20 گىرادۇس ئۆرلەپ كېتىدىكەن، بىز مۆڭدەپ قالغان ياۋايى
مەخلۇقالرغا ئايلىنىپ قالىمىز. يېرىم ئىسسىق بەلباغ كىلىماتىدا يېرىم مىليارد ئىنسان چۈمۈلىگە
ئوخشاش كۆپىيىپ ياشىيااليدۇ، ئەمما ھاۋا سوۋۇپ كەتسە ئۇالر كىلىماتى ياخشى يەرلەردىن
كەلگەن تاجاۋۇزچىالرغا ئاسانال يەم بولۇپ كېتىدۇ. ئىنسانالر بىر ئەۋالدتىن يەنە بىر ئەۋالدقىچە
يەرنى بويسۇندۇرۇش قابىلىيەتلىرىنى بارغانسېرى كۆپلەپ يېتىلدۈرۈپ ماڭىدۇ، ئەمما ئۇالر ئەڭ
ئاخىرىدا ئاشۇ يەرنىڭ ئىچىدە تاشقا ئايالنغان جىسىمالرغا ئۆزگىرىپ ياتىدۇ.
جۇغراپىيە — تارىخنىڭ ماترىتساسى ياكى قېلىپى، تارىخنىڭ ئوزۇقالندۇرغۇچى ئانىسى، ھەمدە
تارىخنىڭ تەربىيە بېرىدىغان ئۆيى. دەريا، كۆل، قۇملۇقتىكى يېشىل بوستانلىق ۋە ئوكيانالر
ئۆزلىرىنىڭ قىرغاقلىرىغا كۆچمەن ئىنسانالرنى جەلپ قىلىپ ئەكېلىدۇ. سەۋەبى، سۇ —
ئورگانىزمالر ۋە كەنت-مەھەللىلەرنىڭ جېنى بولۇپ، تىرانسپورت ۋە سودا ئىشلىرىنىمۇ ئەرزان
قاتناش يوللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كولۇمبۇ )Columbus )ۋە ۋاسكو )Vasco )نىڭ -1492يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دېڭىز
سەپەرلىرى ئىنسانالرنىڭ دېڭىزغا جەڭ ئېالن قىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن
دۇنيانىڭ مەدەنىيەتلىشىش ۋە گۈللىنىش ئەھۋالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئايروپىالننىڭ
تەرەققىياتى مەدەنىيەتلىشىشنىڭ خەرىتىسىنى قايتا ئۆزگەرتىدۇ. دەريا ۋە دېڭىزالرنىڭ سودا
قاتناش يولى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى بارغانسېرى ئازالپ، ئادەم ۋە سودا مەھسۇالتلىرىنى بىر
يەردىن يەنە بىر يەرگە توشۇشتا ئۇالرنىڭ ئورنىنى ھاۋا قاتنىشى ئالىدۇ. كەڭ كۆلەمدىكى دېڭىز
قىرغاق زېمىنلىرىغا ئىگە ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەگە ئوخشاش ئەللەر ئۆزلىرىنىڭ خەلقائرا
سودىدىكى پايدىلىق ئورنىنى يوقىتىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقالرنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايالشقان رۇسىيە،
خىتاي ۋە بىرازىلىيەگە ئوخشاش ئەللەر ئايروپىالن ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سودا قاتناش يولى
ساھەسىدىكى مېيىپلىقىنى ئازايتىدۇ. دېڭىز قىرغىقىغا جايالشقان شەھەرلەر سودا
مەھسۇالتلىرىنى پاراخوتتىن پويىزغا ياكى پويىزدىن پاراخوتقا توشۇش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان
بايلىقلىرىنىڭ مىقدارى ئازىيىدۇ. تىرانسپورت ۋە ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان دېڭىز كۈچىنىڭ
ئورنىنى ھاۋا كۈچى ئالغاندا، بىز تارىختىكى بىر چوڭ ئىنقىالبنى كۆرگەن بولىمىز.
تېخنولوگىيەنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ جۇغراپىيەلىك ئامىلالرنىڭ تەسىرلىرى ئاجىزاليدۇ. يەر
شەكلىنىڭ خاراكتېرى ۋە تۈزۈلۈشى يېزا ئىگىلىك، كانچىلىق ياكى سودىغا پۇرسەت يارىتىپ
بېرىشى مۇمكىن، ئەمما پەقەت لىدېرالرنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى ۋە يېڭى ئىدىيەلىرى، ھەمدە
ئۇالرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ساغالم ئەمگەكلىرىال ئاشۇنداق مۇمكىنچىلىكلەرنى رېائللىققا
ئايالندۇرااليدۇ. شۇنداقال، خۇددى ھازىرقى ئىسرائىلىيەدىكىگە ئوخشاش، ئاشۇنداق ئامىلالرنىڭ
بىرىكمىسىال مىڭلىغان توسالغۇالرنى يېڭىپ، بىر يېڭى كۈلتۈر ياكى بىر يېڭى مەدەنىيەتنى
شەكىللەندۈرەلەيدۇ. مەدەنىيەتنى تۇپراق ئەمەس، ئادەم ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
)
تارىخنىڭ ساۋاقلىرى (داۋامى-2)
تارىخ — بىيولوگىيەنىڭ بىر قىسمى. يەنى، ئىنسان ھاياتى ئورگانىزملارنىڭ ياكى جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئۆزگىرىشىنىڭ بىر قىسمى. ئورمانلىقتا ماڭساق سانسىزلىغان قۇشلارنىڭ ئوخشىمىغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلايمىز، ۋە بىزدىن ئۈركۈپ تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىشلىرىنى كۆرىمىز. دېڭىز ئاستىغا كىرسەك ئوخشىمىغان بېلىق ۋە باشقا سۇ ھايۋانلىرىنىڭ بىزدىن ئۈركۈپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىشلىرىنى كۆرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز ئىنسانلار يەر شارى ئۈستىدىكى جانلىق مەۋجۇداتلار ئىچىدىكى بىر ئاز سانلىققا تەۋە قوۋم ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئىنسان يىلنامىلىرى ۋە ئىنسانلار ياراتقان نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى باسقۇچلۇق ھاياتنىڭ تارىخىغا ۋە كۆرۈنۈشلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
بىيولوگىيە قانۇنىيەتلىرى تارىخنىڭ تۈپ ساۋاقلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. بىز تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانلىرى ۋە سىناقلىرى ئىچىدە ياشايمىز. شۇنداقلا مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ تەقدىرىمىزنىڭ قانداق بولۇشىنى زامان ۋە ماكانغا ئەڭ ماسلاشقان جانلىق مەۋجۇداتلار ھايات قالىدۇ، دېگەن قانۇنىيەت بەلگىلەيدۇ. ئەگەر بەزىلىرىمىز ھاياتلىق توقۇنۇشلىرىدىن ساق-سالامەت قېچىپ چىقالىغان بولساق، ئۇ بىز تەۋە بولغان ئادەم گۇرۇپپىسىنىڭ بىزنى قوغدىغانلىقىدىن بولىدۇ. ئەمما ئاشۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش سىناقلىرىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.
تارىخنىڭ بىر قانچە بىيولوگىيەلىك ساۋاقلىرى بار. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
(1) ھاياتلىق دېگەن رىقابەت دېمەكتۇر
رىقابەت يالغۇز سودىنىڭ ھاياتى بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە ھاياتنىڭ سودىسى. يېمەكلىكلەر يېتەرلىك ۋاقىتلاردا بىز تىنچلىق ئىچىدە ياشايمىز، قورساقنىڭ سانى يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەندە بىز زوراۋانلىققا پاتىمىز. ھايۋانلار ھېچ بىر ئەندىشە قىلماستىن بىر-بىرىنى يەيدۇ. مەدەنىيەتلەشكەن ئىنسانلار بولسا مەۋجۇت قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ بىر-بىرىنى ئىستېمال قىلىدۇ. ھەمكارلىق ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ئېشىپ ماڭىدۇ. سەۋەبى، ھەمكارلىقمۇ رىقابەتنىڭ بىر خىل قورالى ۋە شەكلى. بىز ئۆز گۇرۇپپىمىز ئىچىدە ھەمكارلىشىمىز، يەنى ئائىلىمىزدە، جامائەت ئىچىدە، تەشكىلاتلار ئىچىدە، مەسچىتتە، سىياسىي پارتىيە ئىچىدە، ۋە مىللەت ئىچىدە ھەمكارلىشىمىز. مەقسەت ئۆز گۇرۇپپىمىزنىڭ باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. ئۆزئارا رىقابەتلىشىدىغان گۇرۇپپىلار ئۆزئارا رىقابەتلىشىدىغان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ. يەنى، ئۇلاردىمۇ ئاچ كۆزلۈك، ئۇرۇشقاقلىق، بۆلۈنۈش، ۋە ئىپتىخارلىق بار بولىدۇ. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ كىملىك ماھىيىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىپ، بىز قىلماقچى بولغان ياخشى ۋە يامان ئەمەللەرنى چوڭ دائىرە ئىچىدە قىلىدۇ. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللاپ ھايات قېلىش يولىدا ئۆزئارا قوغلىشىش، سوقۇشۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئىشلار بىزنىڭ قېنىمىزدا ساقلىنىپ قالغان. شۇڭا بىز سوقۇشقاق كېلىمىز، پىخسىق كېلىمىز، ۋە تويماس كېلىمىز. ئۇرۇش بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتنى يېيىش شەكلى. ئۇرۇش رىقابەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھەمكارلىقنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ئۈنۈملۈك ھالدا قوغدىيالايدىغان بىر چوڭ گۇرۇپپا ياكى قوۋمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمىگۈچە، بىز يەنىلا ئوۋ-ئوۋلاپ ھاياتلىقنى ساقلايدىغان ئايرىم-ئايرىم كىشىلەر ۋە ئائىلىلەرگە ئوخشاش ياشايمىز.
(2) ھاياتلىق دېگەن تاللىنىش دېمەكتۇر
تەبىئەتتىكى جانىۋارلار يېمەكلىك ئۈچۈن، جورا ئۈچۈن ۋە ئۈستۈنلۈك ھوقۇقى ئۈچۈن ئۆزئارا رىقابەتلىشىدۇ. ئاشۇنداق رىقابەت جەريانىدا بەزى جانىۋارلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، بەزىلىرى بولسا مەغلۇپ بولىدۇ. مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشىدە بىر قىسىم كىشىلەر باشقىلارغا قارىغاندا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش سىنىقىدىن ئۆتۈشنىڭ شەرتلىرىنى ياخشىراق ھازىرلىغان بولىدۇ. تەبىئەت «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» غا ئوخشاش ئىنسانلار يېزىپ چىققان ھۆججەتلەر بويىچە ئىش كۆرمەيدۇ. شۇڭلاشقا بىز ھەممىمىز ئەركىن ئەمەس ۋە باراۋەر ئەمەس يارىتىلغان بولىمىز. بىز تۇغۇلغاندىن كېيىن قانداقراق بىر ھالەتكە كىرىپ قالىدىغانلىقىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان جىسمانىي ۋە پىسخولوگىيەلىك خاراكتېرىمىز، بىزنىڭ قوۋمىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىلىرى، ساغلاملىقىمىز ۋە جىسمانىي قۇدرىتىمىز، روھىي قابىلىيەتلىرىمىز ۋە خاراكتېرىمىزنىڭ سۈپەتلىرى قاتارلىقلار بەلگىلەيدۇ. تەبىئەت ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى تولىمۇ ياقلايدۇ، سەۋەبى ئاشۇنداق پەرقلەر ھاياتلىقلارنى تاللاش ۋە شاللاشنىڭ، ھەمدە تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ زۆرۈر ماتېرىيالىدىن ئىبارەت. ئوخشاش نەسىللىك نەرسىدىكى ئۆزئارا پەرقلەر بىر ئومۇمىي ھادىسە. مەسىلەن، بىر جۈپ قوشكېزەك بالىمۇ بىر-بىرىدىن 100 دىن ئارتۇق تەرەپلەردە پەرقلىق كېلىدۇ.
تەڭسىزلىك بىر خىل تەبىئىي ئەھۋال بولۇپ، ئۇ مەدەنىيەتلىشىشنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ ئېغىرلاپ ماڭىدۇ. ئەجدادلاردىن قالغان تەڭسىزلىك ئىجتىمائىي ۋە سۈنئىي تەڭسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر بىر كەشپىيات ئادەتتىن تاشقىرى كىشىلەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن نەرسە بولۇپ، ئۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۈچلۈكلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ، ئاجىزلارنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەر خىل فۇنكسىيەلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ، قابىلىيەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئايرىيدۇ، ۋە كىشىلەرنى ئۆز قوۋمى ئۈچۈن باراۋەر بولمىغان دەرىجىدە ئەتىۋارلىق قىلىدۇ. ئەگەر بىز ئۆز قوۋمىمىزغا تەۋە ئادەملىرىمىزنى تولۇق چۈشەنسەك، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قابىلىيەتلىرىنى توپلىغاندا پۈتۈن قوۋمنىڭ قابىلىيەتلىرىگە تەڭ كېلىدىغان 30 پىرسەنت سەرخىللارنى تاللاپ چىقالايمىز. ھايات ۋە تارىخ دەل شۇنداق قىلىدۇ.
تەبىئەت بىزنىڭ خىيالىي دۇنيايىمىزدىكى ئەركىنلىك بىلەن باراۋەرلىكنىڭ بىرىكمىسىنى زاڭلىق قىلىدۇ. سەۋەبى، ئەركىنلىك بىلەن باراۋەرلىك ئۆزئارا قەتئىي چىقىشالمايدىغان دۈشمەنلەردىن بولۇپ، ئەگەر بىرى ھۆكۈم سۈرىدىكەن، يەنە بىرى چوقۇم غايىب بولىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ئەركىن قويۇۋېتىلىدىكەن، ئۇلاردىكى تەڭسىزلىك شىددەت بىلەن كۈچىيىدۇ. تەڭسىزلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئەركىنلىكنى قۇربان قىلىش كېرەك. 1917-يىلىدىن كېيىن رۇسلار دەل شۇنداق قىلدى. ئېزىلىش دەۋرلىرىدىمۇ تەڭسىزلىك كۈچىيىپ ماڭىدۇ. ئىقتىسادىي قابىلىيەتنىڭ ئوتتۇرا ھال سىزىقىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان كىشىلەر باراۋەرلىكنى ئىستەيدۇ، ئۇ سىزىقنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان كىشىلەر بولسا ئەركىنلىكنى ئىستەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا قابىلىيىتى ئۈستۈن تۇرىدىغان كىشىلەر يېڭىدۇ. بىيولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، باراۋەرلىك پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا كۆيۈمچان پەيلاسوپلار قولغا كەلتۈرۈشنى ئىستەيدىغان نەرسە قانۇنىي ئادالەت سىستېمىسىدىكى تەخمىنىي باراۋەرلىك ۋە ھەممە ئۈچۈن ئوخشاش بولغان ئوقۇش پۇرسەتلىرى. يوشۇرۇن قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆز روللىرىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يول قويۇلغان قوۋمنىڭ باشقا قوۋملار بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
(3) جانلىقلار چوقۇم بالا تۇغۇپ كۆپىيىشى كېرەك
بالا تۇغۇپ كۆپەيمەيدىغان جانلىقلار ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ ھېچبىر كېرىكى يوق. تەبىئەتنىڭ سۈپەتلىكلەرنى تاللىشى ئۈچۈن جانلىقلار سانىنىڭ كۆپ بولۇشى شەرت. تەبىئەتنىڭ تاللىشى ئايرىم-ئايرىم جانلىقلار ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى جانلىقلار تۈرى ئۈستىدە بولىدۇ. تەبىئىي تاللىنىش جەريانى مەدەنىيەتلەشكەن ئىنسانلار بىلەن ياۋايى ئىنسانلارنىڭ پەرقىگە پەرۋا قىلمايدۇ. يەنى، پەقەت زامان ۋە ماكانغا ئەڭ ماسلاشقان ئىنسانلارلا ھايات قالىدۇ، قالغانلىرى ھالاك بولىدۇ.
مەدەنىيەت جەھەتتىن بەكرەك تەرەققىي قىلغان ئىنسانلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولىدۇ.
ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىيىشىدىن تېز بولۇپ كەتكەندە، مۇنداق 3 نەرسە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا ئېلىپ بارىدۇ: ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈش، يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلۈش، ۋە ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈش. ئىشلار تارىختا ئەنە شۇنداق بولۇپ كەلگەن. ھازىر ئۇنىڭ بەزى تەرەپلىرى بىرئاز ئۆزگەردى. مەسىلەن، ئەگەر يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى تولۇق ئىشقا سېلىنىدىكەن، ھازىر دۇنيادا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان يېمەكلىكلەر ھازىرقى دۇنيا نوپۇسىدىن بىر ھەسسە كۆپ ئىنسانلارنى بېقىشقا يېتىدۇ.
تۇغۇتنى كونترول قىلىش ۋاسىتىلىرى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئەقىللىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتەمدۇ؟ سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلىدارلىقنى كونترول قىلىش ۋاسىتىسىنى ئاددىي ئىنسانلارغا قارىغاندا ئەقىللىق ئىنسانلار بەكرەك ئىشلىتىشى مۇمكىن. يەنى، كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ھامىلىدارلىقنى كونترول قىلىش ۋاسىتىلىرى بالىلارنىڭ ئەقىللىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەيدۇ. بالىلارنىڭ ئەقىللىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان نەرسە ئوقۇش، پۇرسەت، ۋە ئېرىشكەن تەجرىبە-ساۋاقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ھازىرغىچە ئەقلىي كۈچنىڭ ئادەم گېنى ئارقىلىق بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادتا ئۆتىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچ قانداق پاكىت يوق. دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار ئادەمنىڭ بالىلىرىمۇ پەقەت ئوقۇش ۋە باشقا ھەر خىل زۆرۈر جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ئەقىللىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرەلەيدۇ. بىيولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك بالا بولۇپ تۇغۇلۇشى ئۇلارنىڭ كىمنىڭ بالىسى بولۇپ تۇغۇلغانلىقىغا ياكى ئەجدادىنىڭ ئەقىللىق كىشىلەردىن بولغىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىمراق ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، دېھقانلارنىڭ قېنى ئەڭ ياخشى بولۇپ، پەيلاسوپلاردىن تۇغۇلغان بالىلار دېھقانلارنىڭ بالىسىغا يەتمەيدۇ.
تارىختا جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ياكى بايلار تۇغۇتنى كونترول قىلىپ ئاز تۇغۇپ، جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەر ياكى كەمبەغەللەر كۆپ تۇغۇپ كۆپىيىپ، ئاخىرىدا كەمبەغەللەر ھۆكۈمدار ئورۇنغا چىقىۋالغان ئەھۋاللار كۆپ.
(داۋامى بار)
May be an image of text