ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
ئابدۇمۇتائالى كامال خەلپەت(1868-1962) 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا پۈتۈن ئىلى ۋادىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە دىنىي ئىلىمگە كامىل ئەرباب شۇنىڭدەك مەرىپەتپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك تەرەققىيپەرۋەر زات بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ خەلق ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەتتا قازاقلار، تۇڭگانلار، ئۆزبېك ۋە تاتارلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخس ئىدى. ئۇنداقتا 1944-يىلى نويابىردا شەرقىي ئىنقىلابى پارتلاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ ئىنقىلابتىكى ئاساسلىق تايانچ كۈچ-ئۇيغۇرلار ۋە ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى بولغان باشقا مۇسۇلمانلار ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنى جۇمھۇرىيەت رەئىسلىكىگە سايلىماي، ئەكسىچە ئىلى دىيارىدا ياشىغانلىقىغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت بولمىغان، نامى ئابدۇمۇتائالى خەلپەتتەك كەڭ تونۇلمىغان ئەلىخان تۆرە رەئىس بولدى؟ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى ئۇيغۇرلاردىن بىرەر كىشى رەئىس بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىدىمۇ؟دېگەندەك سوئاللار مەۋجۇت ئىدى. ھەقىقەتەن، بۇ مەسىلە، يەنى جۇمھۇرىيەتكە كىم رەئىس بولۇشى كېرەك دېگەن مەسىلە ئەينى ۋاقىتتىمۇ ئوتتۇرىغا چىققانىدى.
ھازىرچە نەق ھۆججەت ئاساسى بولمىسىمۇ، ئەمما مەلۇم پاكىتلارغا تايانغاندا ئابدۇمۇتائالى خەلپەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى بولۇشنى رەت قىلىپ، ئەلىخان تۆرىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەكسىچە ئۇ دىنىي ئىشلار نازىرىلىق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. نۇ ئۇچۇرنى ئابدۇمۇتائالى خەلپەت ئوزى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن.
ئەلۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى غەنى باتۇر، ئەكبەر باتۇر، فاتىخ باتۇردەك كۆپلىگەن باتۇرلارنىڭ نىلقا ۋە غۇلجىدىكى قەھرىمانلىقلىرى، يول باشلىشى ، مىڭلىغان غۇلجا خەلقىنىڭ قوزغىلىپ كۈرەش قىلىشى بىلەن قۇرۇلغان. ھەرگىزمۇ 12 ئادەم ياكى بۇ تەشكىلاتنىڭ بېشىدىكى بىر ئادەم قۇرۇپ چىققان ھاكىمىيەت ئەمەس، ئۇلار پەقەت تەشكىلىي ئىشلارنى ئېلىپ باردى ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ئىدارە قىلغۇچىلار بولدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئەسلىدە ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ 80پىرسەنتكە يېقىن قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى باش بولۇشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، سوۋېت تەرەپنىڭ ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنى ئويلىشىشى ھەم شۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىنغان، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قان قېرىنداشلىرى بولغان ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى ئىلى ۋىلايىتىدىكى سانى 5 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى ۋە ئەلىخان تۆرە باشلىق كۆپىنچىسى قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىن قېچىپ كەلگەنىدى، قېرىنداش ئۆزبېك خەلقى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلەندى ۋە قەدىرلەندى. ئەلىخان تۆرە رەئىس بولغاندىن كېيىنمۇ مۇستەقىللىققا تەشنا ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەر ئوخشاشلا ئۇنى ھۆرمەت قىلغان، ئەگەشكەن ۋە قەدىرلىگەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبەك، تاتار، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەر ئەڭ يېقىن قېرىنداشلىقتا بولغانىدى. شۇنىڭدەك باشقا خەلقلەر بىلەنمۇ بىردەك دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىلغانىدى.
ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنىڭ رەئىسلىكنى رەت قىلىشى يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردىكى ھاكىمىيەت ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، 1933-1934-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ مىللەتلىك ئەھۋاللار، 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدىكى كۆپ مىللەتلىك ئەھۋال بىر تەرەپتىن بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردىكى ئازادلىق، ئىستىقلالىيەت كۈرەشلىرىدە ۋە ئادەتتە باشقا مىللەتلەرنى يەكلىمەسلىك، چەتكە قاقماسلىق،قېرىنداشلىق، دوستلۇق روھىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىمۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئابدۇمۇتائالى خەلپەت 1868-يىلى ئىلىدا تۇغۇلغان، دەسلەپ مەدرىسە ھاياتىنى غۇلجادا ئۆتكۈزۈپ، 1882-يىلىدىكى كۆچ-كۆچتە يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى ياركەنتكە كەتكەن ۋە بۇ يەردىمۇ جەدىدچىلىك ئېقىمىغا مەنسۇپ دىنىي زاتلاردىن تەلىم ئالغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا غۇلجاغا قايتىپ كەلگەن ۋە 1911-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن «تائالىيە مەكتىپى» ناملىق مەكتەپنى قۇرغان. ئۇ غۇلجادا ئاساسلىق داۋاملىق مەكتەپ ئېچىش، دىنىي تەربىيە بېرىش، تالىپ تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1930-يىللاردا 2 يىل ھەج سەپىرىدە بولغان ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىلىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ئاقارتىش ئىشلىرىدىكى باشلامچىلاردىن بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئابدۇمۇتائالى خەلپەت خەلق ئىچىدە «خەلپەم ھەزرەت» دېگەن نام بىلەنمۇ مەشھۇر ئىدى. ئۇنداقتا ئابدۇمۇتائالى خەلپەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلدى؟ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلام دىنىدىن باشقا دىندىكىلەرنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكى ئاستىدا ياشىشى ئۈچۈن ئەۋزەل دىنىي ۋە مىللىي باراۋەرلىك سىياسىي يۈرگۈزۈشىدە قانداق رول ئوينىدى؟ ئەلىخان تۆرە ، ئەخمەتخان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ خەلق ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خىزمەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشىدا ئابدۇمۇتائالى خەلپەت قاتارلىق يەرلىك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زاتلىرى قانداق مۇھىم رول ئوينىدى؟ بۇ ئەلۋەتتە ئوقۇرمەنلەر دىققەت بېرىشكە تېگىشلىك يەنە بىر تېمىدۇر.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.