logo

trugen jacn

ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ تولۇق تېكىستى

116-نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى تۈزۈپ چىقتى.

1-باب قىسقىچە ماۋزۇ

بۇ قانۇن لايىھەسى «2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن.

2-باب مەقسەت ھەققىدە

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنى ھەرقايسى كۈچلەرنى تەشكىللەپ، ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلەش. جۈملىدىن خىتاي تېررىتورىيەسىدىكى ئون مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋە گىراژدانلىرىغا تەھدىت سېلىش ۋە قورقۇتۇش قىلمىشلىرى.

3-باب مۇۋاپىق بولغان پارلامېنت كومىتېتى

بۇ بابتىكى «مۇۋاپىق بولغان پارلامېنت كومىتېتى» دېگەن ئىبارىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا:

1) (كېڭەش پالاتاسى) تاشقى ئىشلار كومىتېتى، قوراللىق قىسىم كومىتېتى، ئاخبارات ئالاھىدە كومىتېتى، بانكا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر خىزمەتلىرى كومىتېتى ۋە ئەدلىيە كومىتېتى ۋە كېڭەش پالاتاسى پۇل ئاجرىتىش كومىتېتى.

2) (ئاۋام پالاتاسى) تاشقى ئىشلار كومىتېتى، قوراللىق قىسىم كومىتېتى، ئاخبارات دائىمىي كومىتېتى، مالىيە كومىتېتى، ئەدلىيە كومىتېتى، ئاۋام پالاتاسى پۇل ئاجرىتىش كومىتېتى.

4-باب پارلامېنت تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن نەتىجىلەر

1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى (PRC) ئۇزۇندىن بېرى نامدا ئاپتونۇم رايون دەپ ئاتالغان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى 13 مىليونغا يېقىن تۈركىي، مۆتىدىل سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلدى. بۇ قىلمىشلار «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»، «پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئورتاق كېلىشىمنامىسى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپ كېلىدۇ.

2) يېقىنقى نەچچە ئون يىل مابەينىدە مەركەز ۋە يەرلىكتىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇيغۇر، قازاق ۋە شىنجاڭدىكى باشقا مۇسۇلمانلارنى ئىرقىي جەھەتتىن كەمسىتىپ، ئۇلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، پائالىيەت ئەركىنلىكى ۋە ئادىل سوتلىنىش قاتارلىق ئەقەللىي پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلدى.

3) مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە شىنجاڭ رايونىدا قالايمىقانچىلىق كۈچىيىپ كەتتى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۋېلچە «تېرورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك»نىڭ دەلىل-ئىسپاتى قىلىندى ۋە بۇنى باھانە قىلىپ، يەنە بىر قەدەم چەكتىن ئاشقان ھالدا باستۇردى.

4) خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت خەلقىگە قارىتا «زوراۋانلىققا، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى قوزغىدى. بۇنىڭدا كەڭ كۆلەملىك، خەلقئارالىق تېررورلۇق تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان چەكلىمىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى.

5) بۇ سىياسەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

A) بارلىق رايوندا يۇقىرى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، جۈملىدىن بالىلارنىڭ DNA ئۇچۇرىغا ئوخشاش بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى پۇقرالار بىلمىگەن ۋە ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ھالدا يىغىش.

B) چىراي ۋە ئاۋاز تونۇش دېتالى ۋە ئۇچۇر ئامبىرى

C) بارلىق رايوندا پائالىيەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش.

6) خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تا ھازىرغىچە ئالاقاغا (2014)، خانئېرىق (2013)، سېرىقبۇيا (2013)دىكى چوڭ كۆلەملىق قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى ۋە ئابدۇلباسىت ئابلىمىت (2013) ۋە روزى ئوسماننى (2014) قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى ھەققىدە ئىشەنچلىك دوكلات تەمىنلىيەلمىدى.

7) (A) 2016-يىلى 8-ئايدا شىزاڭ ئاپتونۇم رايونى(تىبەت-ت)نىڭ پارتىيە دائىمىي كومىتېت سېكرىتارى چېن چۇەنگو شىنجاڭنىڭ پارتىيە دائىمىي كومىتېت سېكرىتارى بولۇپ تەيىنلىپ، بۇ رايوندىكى باستۇرۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈلدى.

(B) شىنجاڭدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان ئاتالغۇلار بىلەن سىياسىي نىشانلىرىنى سۈپەتلەپ كەلدى. مەسىلەن: ئۆسمىنى ئېلىۋېتىش، خىمىيەلىك ئۇسۇل ئارلىق ئوت يوقىتىش دېگەنگە ئوخشاش.

(C) ئۇيغۇرلار چاغانغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقام ۋە مەشرەپكە ئوخشاش مەدەنىي مىراسلىرى دۆلەت تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغاچقا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوقىتىۋېتىلىشكە قاراپ يۈزلەندى.

8) 2017-يىلىدىكى ئىشەنچلىك دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان خىتاي ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. خىتاي دائىرىلىرى چەتئەلدىكىلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، قايتىپ كېلىشكە زورلىغان، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان.

9) زىيالىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇخبىرلار ۋە ئەقىل ئامبىرى گۇرۇپپىلىرى تەمىنلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇماتلار خىتايدا «سىياسىي تەربىيەلەش» مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن.

10) مۇستەقىل تەشكىلاتلار قايرات سەمەرقەند، ئۆمەر بېكالى، مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە بۇ جايدا قامىلىپ باققان باشقا كىشىلەرنى زىيارت قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىغان. ئۇلار مەجبۇرىي سىياسىي ئىدىيە ئۆزگەرتىش، قىيىن-قىستاق، تاياق، يېمەكلىك كەمچىللىك، ئايرىم قاماش، شۇنداقلا ۋاقىتنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە قامىلىش، ھاقارەت قىلىنىش، ئېتىقادى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈپەتلەپ بەرگەن. ساقچىلار ئۇلارغا بىردىنبىر قۇتۇلۇش يولىنىڭ يېتەرلىك سىياسىي سادىقلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

11) بۇ جايلارنىڭ شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ۋە داۋالىنىش شارائىتىنىڭ كەمچىللىكى ياشانغانلار ۋە كېسەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ھەسەن ئىمىن (2017) ۋە ساۋۇت راھمان (2017) ھېچقانداق تەكشۈرۈش باسقۇچىدىن ئۆتمەيلا، «سىياسىي ئۆزگەرتىش» لاگېرىغا سولانغان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتكەن.

باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىقىغا ياكى مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەنچىلىك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

12) خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ قىلمىش قايتۇرۋەتمەسلىك پىرىنسىپىغا زىت كېلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋەتكەن دۆلەتلەر مىسىر (2017)، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى (2017)، مالايشىيا (2011، 2013)، تايلاند (2011، 2015)، لائوس (2010)، بىرما (2010)، كامبودژا (2009)، ۋىيېتنام (2014)، قازاقىستان (1999، 2001، 2003، 2006)، ئۆزبېكىستان (2007)، تاجىكىستان (2011)، پاكىستان (2003، 2009، 2011)، نېپال (2002) ۋە ھىندىستان (2016) قاتارلىقلار.

13) ئەركىن ئاسىيا رادىيو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئالتە ئۇيغۇر مۇخبىر خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى پاش قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئائىلە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

14) بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى شىنجاڭدىكى دائىرىلەر بىلەن تىجارەت ھەمكارلىقى ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سودا پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ياكى ياردەم بېرىشتىن ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تەدبىرلەر يېتەرلىك ئەمەس.

15) خىتاي ھۆكۈمىتى بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىغا ئاساسەن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئەمما سىياسەت، مەدەنىيەت ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ھوقۇقىنى نەزەرگە ئالمايۋاتىدۇ.

16) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، پارلامېنت خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، شۇنداقلا مەمۇرىي تارماقلار ۋە پارلامېنتنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى شىنجاڭدا ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى ۋە «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلمەكتە.

17) 2018-يىلى 8-ئايدا ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش كومىتېتى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

18) 2018-يىلى 8-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي دائىرىلىرى بۇ شىكايەتكە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ شىكايەتلەرنى ئىنكار قىلدى ياكى بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى.

19) 2018-يىلى 9-ئايدا يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت تۇنجى قېتىملىق نۇتقىدا: «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى، يەنى شىنجاڭدىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرى ھەققىدىكى شىكايەتلەر كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېدى.

20) 2018-يىلى 18-سېنتەبىر ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى تەھرىر ھەيئىتى: «مۇھىم بولغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەملىكىلا ئەمەس، بەلكى 21-ئەسىردىكى تېخنولوگىيەنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ۋەيران قىلىشقا ئىشلىتىلەمدۇ يوق، دېگەن مەسىلىدۇر» دەپ كۆرسىتىپ ئۆتتى.

21) 2018-يىلى 12-ئايدا كېڭەش پالاتاسى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىدارىسى مۇئاۋىن ياردەمچى سىكوت باسبىنىڭ شەرقىي ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ۋە تور بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيە ھەيئىتى گۇۋاھلىق بېرىپ، 2017-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە لاگېرلاردا ئاز دېگەندە 800 مىڭ كىشىنىڭ قامالغانلىقىنى، ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى دەلىللىگەن.

22) 2018-يىلى 12-ئايدا مۇستەقىل تاراتقۇلار كۆپلىگەن دەلىللەرنىڭ لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. شۇنداقلا دوكلاتلاردا لاگېردىن قويۇۋېتىلگەنلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇتلاردا تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى، بولمىسا لاگېرغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

23) 2018-يىلى 12-ئايدا ۋە 2019-يىلى 1-ئايدا خىتاي ئەمەلدارلىرى غەرب دۆلەتلىرى قاتارىدىن بولمىغان 12 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرىنى ۋە دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نى زىيارەت قىلغۇزدى. زىيارەتتىن بۇرۇن خەلقئارالىق تاراتقۇلار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دىكى بىر قىسىم بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىزىنى يوقاتقانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ۋە خەلقنىڭ لاگېرلار ھەققىدە سەلبىي پىكىرلەرنى قىلماسلىقى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. دوكلاتتا يەنە زور تۈركۈمدىكى تۇتقۇنلارنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى قاماقخانىلارغا يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

24) مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ رايونىنى «شىمالىي كورىيە بىلەن تەڭداش كېلىدىغان ساقچى دۆلىتى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكىگە ئوخشاش ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، ئاستا شەكىلدىكى تيەنئەنمېن باستۇرۇشى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىدى.

 

5-باب پارلامېنتنىڭ پىكىرى

1) پىرېزىدېنت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى خورلاۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىشى كېرەك. شۇنداقلا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى خىتايدىكى سىياسەتنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ئۇزۇنغا سوزۇلغان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا، «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نى تاقاشقا، پۈتۈن رايوندىكى چەكلىمىلەرنى يوقىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىكى قىلىشقا، قايتىدىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىشى كېرەك.

2) ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى بىر ئىستراتېگىيە پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي ئەمەلدارى ۋە ب د ت دىكى مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭغا، جۈملىدىن «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە قارىتا دەرھال ۋە چەكلىمىسىز كىرىپ تەكشۈرۈش چاقىرىقىنى قوللىشى، ب د ت دىكى ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ پىكىر بېرىش ۋە بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىشى كېرەك.

3) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھوقۇقلۇق ئورگانلاردىن، جۈملىدىن ماگنىتىسكىي قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى، ھۆكۈمەتتىكى كومپارتىيە ئەزالىرىغا قاراتمىلىق چەكلەش يۈرگۈزۈشنى، خىتاي ھۆكۈمىتى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، شىنجاڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ شىنجاڭ ۋە باشقا جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى ئەرز قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.

4) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «فرانك ۋولف خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشقا، شۇنداقلا بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئىستراتېگىيەلىك ھالدا جازا تەدبىرلىرى ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

5) سودا مىنىستىرلىكى ھەرقانداق ئامېرىكا مەھسۇلاتىنى ۋە مۇلازىمىتىنى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ۋاكالەت ئورگانلىرىغا سېتىپ بەرمەسلىكىنى، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى كومپارتىيە ئورگانلىرىنى، ساقچى ئورگانلىرىنى، شىنجاڭدىكى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنى ياكى خىتايغا ۋاكالىتەن تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئورگانلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى قاراپ چىقىشى ۋە ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.

6) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ چىقىپ، ئامېرىكا پۇقراسى ياكى مەڭگۈلۈك گىراژدانى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىشى، ئۇنى قەرەللىك ھۆكۈمەتكە يوللاپ تۇرۇشى ۋە خىتايدىن سورىقىنى قىلىشى، مۇۋاپىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلەشتۈرۈشى كېرەك.

7) شىنجاڭدا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتقان ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە شەخسلەر زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىلىشى، جۈملىدىن مالىيە پىلانىدىكى سودا پائالىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىغا ئارىلىشىپ قالماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا باغلىنىشلىق بولماسلىقى كېرەك.

8) فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئامېرىكىدىكى باشقا قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئامېرىكا پۇقراسى ياكى مەڭگۈلۈك گىراژدانى بولغان تۈركىي مۇسۇلمانلار، ئۇيغۇلار ۋە خىتايلارغا، شۇنداقلا ئامېرىكىدا قانۇنلۇق خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى ئوقۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا تەھدىت سالغان ۋە قورقۇتقان ۋە ئاۋارە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك.

9) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن ئوخشاش قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق، قاراتمىلىق جازالاش ۋە ۋېزا چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

10) ئەركىن ئاسىيا رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەش كېرەك. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا تەھدىت سالغان، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ قورقۇتقان بولسىمۇ، ئۇلار توغرا ۋە تەپسىلىي ھالدا ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنى تونۇشتۇرۇپ كەلدى.

 

6-باب دۆلەت بىخەتەرلىكى دوكلاتى

a) ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ 180 كۈن ئىچىدە دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پارلامېنتقا مەخپى ۋە ئالاھىدە مەخپىي دوكلات يوللاپ، شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ دۆلەتكە ۋە رايونغا بولغان بىخەتەرلىك تەھدىتىنى، شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىش ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلگەن ساقچى سىگنال سىستېمىسى، چوڭ ئۇچۇر ئامبىرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش تېخنىكىلارنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھالاپ چىقىشى كېرەك.

b) قوشۇمچە: (a) ماددىدا تەلەپ قىلىنغان دوكلاتقا يەنە بىر ھۆججەت قوشۇمچە قىلىنىشى، ئۇ ھۆججەتتە «سىياسىي تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنى قۇرۇش، خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىگەن كۆزىتىش تېخنىكىسى ياكى مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك.

 

7-باب ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنى تەھدىت ۋە قورقۇتۇشقا ئۇچراشتىن قوغداش

a) ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ 90 كۈن ئىچىدە دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى باشلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مۇۋاپىق ھالدا پارلامېنت كومىتېتىغا دوكلات سۇنۇشى، دوكلاتتا ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ياكى ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتقان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان ۋە ياكى خىزمەت قىلغانلىقى ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەھدىتكە ئۇچرىغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ۋە قوغداش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلار بايان قىلىنىشى كېرەك.

b) ئامېرىكا پۇقرالىرى ياكى ئاھالىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇچۇر ئامبىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇۋاپىق مېخانىزم ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئىختىيارى خاراكتېرلىك ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ چىقىشى، بۇنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە مەڭگۈلۈك گىراژدانلىرى ئۈچۈن تەمىنلىنىشى، ئائىلە ئەزالىرى يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىشى، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ شىكايەت قىلىشىنى تېزلىتىشكە قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

 

8-باب ئاممىۋى دېپلوماتىيە دوكلاتى

a) مەزكۇر قانۇن ئېلان قىلىنىپ 120 كۈن ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ھەرقايسى تاراتقۇلىرىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى پارلامېنتقا تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە دوكلات سۇنۇشى كېرەك:

1) ئامېرىكا رادىيوسىنىڭ دۇنيادىكى ئۇيغۇر تىللىق رايونلارغا تارقىلىش ئەھۋالى ۋە دائىرىسىنى، خەۋەرلەرنىڭ بۇ رايوندا تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللارنى، بۇ رايونلارغا تارتقۇلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان تەمىنلىنىشكە تېگىشلىك تېخنىكا ۋە مالىيە ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بايان قىلغان بولۇش.

2) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىكى مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇچرىغان تەھدىتلىرىنى بايان قىلغان بولۇش.

3) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ خەلقئارادىكى مەركەزلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان يالغان خەۋەر ۋە تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەقەللىي ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەت ياكى پىلانلارغا چاپان يېپىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولۇش.

b) پارلامېنتنىڭ پىكىرى: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىكى مۇخبىرلار خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ئېغىزىنى ئەتمەكچى بولۇشى ياكى تەھدىت سېلىشىغا قارىماي، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنى خەۋەر قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. پارلامېنت ئۇلارنى قاتتىق ئالقىشلاشقا تېگىشلىك دەپ قارايدۇ.

 

9-باب يىللىق دوكلات

a) مەزكۇر قانۇن ئېلان قىلىنىپ 180 كۈن ئىچىدە ۋە بۇندىن كېيىن ھەر يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالاقىدار فېدېراتىپ ئورگانلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن ئۇچۇر ئىگىلەش ئارقىلىق، پارلامېنت كومىتېتىنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىللىق دوكلات بىلەن تەمىنلىشى كېرەك:

1) شىنجاڭ رايونىدىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»غا قامالغانلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش، لاگېرلارنىڭ شارائىتىنى باھالاش، جۈملىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنامدۇ، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنامدۇ ۋە باشقا خورلاشلارغا ئۇچرامدۇ دېگەندەك.

2) ئامال بار تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە قامالغان كىشىلەرنىڭ سانىنى پەرەز قىلىش.

3) خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋە قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا مەسئۇل ئورگانلارنىڭ قامالغان ئۇيغۇرلارنى قانداق ئۇسۇلدا «قايتا تەربىيەلەيدىغانلىقى»نى چۈشەندۈرۈش.

4) سوراق قىلىش ياكى تۈرمىگە قاماش ئۈچۈن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىش.

5) تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا ياكى يەرلىك زاۋۇتلاردا قايتا لاگېرغا قايتۇرۇلۇش تەھدىتى ئارقىلىق تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنى ئېنىقلاپ چىقىش.

6) بۇ خىل ئەمگەكلەردىن پايدىغا ئېرىشكەن زاۋۇتلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش.

7) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، مۇخبىرلار ۋە باشقا شەخسلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ تەكشۈرۈشگە رۇخسەت قىلىش ئەھۋالىنى باھالاپ چىقىش ۋە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تەدبىرلىرىنى بايان قىلىش.

8) شىنجاڭدىكى ساقچى دائىرىلىرى قوللانغان باستۇرۇش خاراكتېرلىك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش ئۇسۇللىرىنى باھالاپ چىقىش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماشقا مەسئۇل بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش.

9) شىنجاڭدىكى ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن دېپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى، جۈملىدىن تۈرلۈك ئورگانلار، خىتاي، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى بايان قىلىش.

b) ئاخىرلاشتۇرۇش: ئەگەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارلامېنتقا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، (a) ماددىدىكى تەلەپ قىلىنغان دوكلاتنى توختاتسا بولىدۇ.

 

10-باب دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى

a) ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشىدە يېڭى ۋەزىپە ئورنى تەسىس قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك. مەزكۇر ۋەزىپە ئورنى دېپلوماتىك ياراشتۇرۇش، سىياسەت، ئاممىۋى دېپلوماتىيە، مالىيە ياردىمى، جازالاش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك مەنبەلىرى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى ئاقلاش قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

b) ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش: ئەگەر تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى (a) ماددىدىكى يېڭى ۋەزىپە ئورنى تەسىس قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرسە، دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشىدىكى ئەمەلدار ۋە خادىملاردىن ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىنى تاللاپ، ۋەزىپىگە قويسا بولىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ماسلاشتۇرغۇچى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ئەمەلدار ياكى خادىمنىڭ ئەسلىدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسا بولىدۇ.

(c)  تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇمىيۈزلۈك دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى پارلامنېتقا ئىسپاتلاپ بەرگەندىن كېيىن ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنى توختىتىدۇ.

(d) مەسلىھەتلىشىش: يۇقىرىقى ماددىغا ئاساسەن ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارلامېنت كومىتېتى رەئىسى ۋە ئاز سانلىق پارتىيە ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك.

ئوقۇرمەنلەر سەمىگە؟ قانۇنى ھۆججەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسىملار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى بويىچە ئەينەت تەرجىمە قىلىنىدى. توغرا چۈشەنگەيسىلەر!

http://turkistantimes.com/uy/news-11500.html

Share
3144 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.