ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئەبدۇلھەمىد ئۇيغۇر
ئەسلىدە ھازىر بۇ قوزغىلاڭنىڭ كىمگە تەئەللۇق ئىكەنلىگىنى تالاش-تارتىش قىلىدىغان ۋاقىت بولماستىن بارىن روھىدىن ئۆلگە ئېلىپ دىنى ئۆلىما ئۇستازلار ۋە زىيالى ئالىملار ئىتتىپاقلىشىپ خۇددى بارىن جىھادىغا ئوخشاش شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنى ئەركىنلىكى، مىللى مۇستەقىللىقى ۋە ۋەتەن ئازاتلىغى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ھەركەتنى قوزغاش ئارقىلىق دۇنيادىن يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ساقلاپ قېلىشقا تېرىشىدىغان ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك بىر ۋاقىت.ئىدى.
ئەپسۇس تور دۇنياسىدا بەزى ئىنسانلار قىلىدىغان باشقا ئىش تاپالمىغانمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپتىن مەخسۇس پىتنە-پاسات تېرىش ئۈچۈن ياللانغانمۇ؟ بارىن قوزغىلىڭىنى جىھات دېمەيمىز مىللى ئىنقىلاپ دەيمىز دىيىش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى چېچىۋاتىدۇ، ئىتتىپاقسىزلىقلىق ئۇرىغىنى تېرىۋاتىدۇ زېھنى قۇۋۋىتىنى خورىتىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا خەلقىمىز ئۆلگە ئېلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلماستىن بەزى گورۇھلار يىلدا بىرقېتىم خاتىرلەش ئارقىلىق كىرىم توپلاپ جېنىنى بېقىۋاتقان، بەزى گورۇھلار شۇ ۋەقەنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنىڭ تەشۋىقاتتىكى رەسىمىنى كۆرۈش ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قىلغان يالغان تەشۋىقاتىدىن باشقا دەلىل ئىسپات كۆرسىتەلمەيدىغان ئەمما خەلقىمىز يەنە شۇنىڭدەك خەلقىمىزنى دىنى ۋە دۇنياۋى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان ھەركەتكە تەقەززا بولۇۋاتقان بۇ ئۇلۇغ شەرەپلىك قوزغىلاڭ زادى كىمگە تەئەللۇق؟
بۇنى ئايرىش ئۈچۈن بۇۋەقەنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ.
1-بۇ قوزغىلاڭنىڭ باش يېتەكچىسى زەييدىن قارىم كىچىكىدىن باشلاپ دىنى بىلىم ئوقۇش بىلەن شۇغۇللانغان پەننى مەكتەپتە تولۇقسىزدىن يۇقىرى ئوقۇيالمىغان ئەمما ئابدۇغەنىدەك پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ بانكا خىزمەتچىلىكىگە ئورۇنلاشقان پەننى بىلىم ئىگىسى بىلەن ئىتتىپاقلىشالىغان كىمنى قايسى ئورۇنغا قويۇشنى بىلگەن بىردىنى ئۆلىما.
2-بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 2-قول باشلىغى ئابدۇغەنى كىچىكدىن باشلاپ پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىنكىيىنمۇ بانكا خىزمەتچىلىكىگە ئورۇنلاشقان بىر تۆۋەن سەۋىيەلىك بولسىمۇ بىر زىيالى.
3-بارىن قوزغىلىڭىنىڭ تەشۋىقات مەسئۇلى ئەمەتقارىم ۋە تۇرغۇن قارىملار ھەر ئىككىلىسى دىنى ئۆلىمالار (چۈنكى مەن بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىلەن تۈرمىدە بىللە تۇرغان، ئەمەتقارىم نامازنى ئاشكارە ئوقۇيمەن دەپ ئاتېست ختاي كومۇنېست جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ تاياق زەربىدىن شەھىد قىلىنغان، تۇرغۇن قارىممۇ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىسلامى ئبادەتتىن ۋازكەچمەي ۋاپات بولغان چۈنكى مەن بۇلارنىڭ تېرىك شاھىدى).
4-بارىن قوزغىلىڭېنىڭ ئەسكەر قوماندانى جامالقارىم بۇ كىشى مەيلى دىنى ياكى پەننى مەكتەپلەردە مۇكەممەل بىلىم ئالمىغان ئەمما بارىن قوزغىلىڭى بولۇشتىن بۇرۇن كۇچادىكى ئاتاغلىق دىنى ئالىم (تۈرمىدە شەھىت بولغان) كېرەم قارىمدا دىنى بىلىم ئوقۇۋاتقان
5- مۇھەممەت تۇرسۇن بۇ ئەزمەت كادىر ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ۋە پەننى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ھەربىلىككە بارغان بىرئەسكەر.
دېمەك بۇ قوزغىلاڭدا خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان ھەر ساھە كىشىلىرى ئىچىدىكى ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن–مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتلىرىنى تونۇغان دىنى ئۆلىمالار ۋە زىيالىلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان دىنى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا جىھاد ئىنسانى نۇقتىدىن ئېلىپ ئەيتقاندا ئازاتلىق كۆرىشى تەۋەلىك جەھەتتىن ئومۇمى شەرقى تۈركىستان خەلقىغە مەنسۇپتۇر.
شۇڭا بۇ ئۇلۇغ ھەركەتنىىڭ تەۋەلىك مىۋىسىنى تالاشماستىن بۇ ھەركەتتىن ئۆلگە ۋە ئىلھام ئېلىپ دىنى ئۆلىما ئۇستازلىرىمىز، زىيالى ئالىملىرىمىز ئىتتىپاقلىشىپ ۋەتەن ۋە خەلقنى قۇللۇق ۋە خارلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تېرىشىپ ئەمەلى كۆرەش قىلىشىمىز لازىم.
2019-04-06
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.