ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
مەھمەتىمىن ھەزرەت
3. بولۇم: خىتاينىڭ غەربى تۇركىستاندىن كېسۋالغان زىمىنلار ۋە بۇ دولەتلەرگە يايغان ئىستىغبارات تورى
خىتاي، 3 غەربى تۈركىستان دۆلىتىدىن 3438 كۋۋادىرات كىلومېتىر زىمىننى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىغىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
خىتاي تارىخچىلىرى ۋە مەدياسى تەرىپىدىن ئىزچىل ۋە مەقسەتلىك كۈنتەرتىپتە تۇتۇلىۋاتقان بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ رۇسسىيەدە 1 مىليون، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستاندا 700 مىڭ كۋۋادىرات كىلومېتىر زېمىن ئېلىش تەلىپى بارلىقى مەسىلىسى. بېجىڭ بولسا “ دۈشمەننىڭ بىر تال تۈكىنى يۇلساممۇ ئارام” دېگەن نىيەتتە.
قازاقىستان؛ خىتاي، قازاقىستان بىلەن شەرقى تۈركىستان چېگرىسىدىكى ئالاتاغ (ئالاسەنكۇ) يېقىنىدا رۇسچە [54]چارلېس سىرى دەپ ئاتىلىدىغان 220 كۋۋادىرات كىلومېتىر زىمىننى 2003.يىلى خىتايغا رەسمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. چارلېس سىرى ئۇزۇنلۇقى 66 كىلومېتىر، كەڭلىكى 25 كىلومېتىر كېلىدىغان قارىغايلار بىلەن قاپلانغان يېشىل تاغ باغرى بولۇپ، ھەجىمى جەھەتتىن 2 شاڭگاڭغا باراۋەر كېلىدۇ. خىتاي بۇ يەرگە دەرھاللا پۇخراچە كېيىنگەن 60 ئائىلىلىك بىڭتۇەن ئەسكەرلىرىنى يەرلەشتۈرگەن ئىدى. بۇ 60 ئائىلىنىڭ كۆپىيىپ ھازىر قانچە مىڭ بولغانلىغى توغرۇلۇق مەلۇماتىمىز يوق. خىتايلار بۇنىڭغا قارشىلىق ئالاتاغ ئېتەكلىرىدە قازاقىستانغا تەۋە 100 كۋۋادىرات كىلومېتىرلىق تاشلىق ساينىڭ زېمىن داۋاسىنى قىلمايدىغان بولدى خالاس. ( بۇ زىمىنغا خىتاي 1969. يىلى ھۇجۇم قىلىپ بۇ يەردە مىڭلىغان ئەسكىرنىڭ جەسىدىنى قويۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان.ئامما ھېچقاچان خىتايغا تەۋە بولۇپ باققان ئەمەس.) خىتاي 1998. يىلدىن 2005. يىلغىچە قازاقىستاندىن [55]توپلام 1248 كىلومېتىر زېمىن قوپاردى. بىراق قازاقىستان خەلقىنىڭ بۇ يوقۇتۇشتىن بەك خەۋىرى يوق.
رەسىم:خىتاي، قازاقىستاندىنم كېسىۋالغان زىمىن چارلېس سىرى
قىرغىزىستان؛ خىتاي، 2005. يىلى [56] خانتەڭرىنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىدىكى ۋە ئۇزۇن تاش دەرياسىنىڭ باش تەرىپىدىن بولۇپ، قىرغىزىستاندىن جەمئىي 1190 كۋۋادىرات كىلومېتىر زىمىننى قىرغىز رەھبەرلەرنىڭ رازىلىقى بىلەن شەپىسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالدى. قىرغىزىستاننىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن زىمىنى 30 ئاۋمېن (ماكاۋ)غا تەڭ. ئەسلىدە ئادەملەر ئولتۇراقلاشمىغان بۇ يايلاقلارغا خىتاي چىگىرا قىسىملىرىنى يەرلەشتۈرۈپ بۇ ھەربىي پونكىتلىرىدىن قىرغىزىستاننىڭ ئەسكىرى ھەركەتلەرنى كۈزۈتۈپ تۇرماقتا. سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئىسسىق كۆل ۋە ئەتىراپى خاننىڭ دەم ئېلىش يېرى ئىدى. بۈگۈنكى قىرغىزىستاننىڭ كۆپ قىسمى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ زىمىنى ئىدى. خىتاي بۈگۈن، سەئىدىيە خانلىقىغا ئائىت بولغان قىرغىز زېمىنلىرىنى (ئۇ خانلىقنىڭ ئەۋلاتلىرى بۈگۈن بىزنىڭ قۇللىرىمىز، ئۇلار ئىگىللىگەن زېمىنلارمۇ بىزگە ھېساب دېگەن نىيەتتە) تەلەپ قىلماقتا.
رەسىم: ئىشارەتلەنگەن زىمىن قىرغىزىستاندىن كېسىۋېلىنغان
تاجىكىستان؛ خىتاي چىگرا مەسىلىسىدە تاجىكىستانغا ئۇزۇن يىللار بېسىم ئىشلەتتى، ھەم تاجىكىستاننى قەرزگە بوغۇپ تۇرۇپ ئالدىدى. تاجىكىستان پارلامېنتى 2011. يىلى 12. ئايدا قارار قوبۇل قىلىپ، [57]تاجىكىستاننىڭ بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەۋە پامىر تېغى ۋە ئېتەكلىرىدىن 1000 كۋۋادىرات كىلومېتىر زىمىننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. خىتاينىڭ تاجىكىستاندىن تەلەپ قىلغان زىمىنى 28500 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ رەقەم تاجىكىستان زىمىنىنىڭ 5/1 نى تەشكىل قىلىدۇ.خىتاي پۈتۈن بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىنى تەلەپ قىلىدۇ. ( بەدەخشانمۇ ئۆز ۋاقتىدا يەكەن سەئىدىيە خانلىقى چىگراسى ئىچىدىكى زىىمىن ئىدى.) تاجىكىستان ھۈكۈمىتى بەدەخشاننى خىتايغا رەسمى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسىمۇ، بۈگۈن بەدەخشان، بۇ زىمىندا ئەسكىرى بازا قۇرغان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كونتىرولىدا. خىتاي ئارمىيىسى، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە يېڭى كەلگەن 1950. يىللىرىنىڭ بېشىدىكىدەك، بەدەخشاننىڭ كوچىلىرىنى سۈپۈرىدۇ. كوچىلاردا بالىلارنىڭ چېچىنى ئېلىپ قويىدۇ. يوقسۇل ئائىلىلەرگە پۇلسىز يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك تارقىتىپ بېرىدۇ. بەدەخشان دۇكانلىرىدا خىتاي ماللىرى تولۇپ كەتكەن ۋەزىيەتتە. بەدەخشان ئاھالىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى ئەمەس، خىتاي پۇلىنى خەجلەشكە ئادەتلىنىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە تاجىك خەلقى ھازىرچە خەتەرنىڭ پەرقىگە بارغاندەك ئەمەس.
(يەركەنت سەئىدىيە خانلىقى تەرىپىدىن شەرقى تۈركىستان زىمىنىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ۋە مۇسۇلمانلىق بىلەن شەرەپلەنگەن كەشمىرنى، خىتايلار ئۆتمۈشتىكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىگىلىرى بۇگۈن بىزنىڭ تەۋەلىگىمىزدە، ئۇلارنىڭ ئۆز زامانىدا ئىگەللىگەن زېمىنلاردا بىزنىڭ ھەققىمىز بار دەپ، پاكىستانتانغا ئائىت [58]ئازات كەشمىردىن 5000 كۋۋادىرات كىلومېتىر زىمىننى ئۆتكۈزۈۋالدى. شۇ ئاندا بۇ زىمىندا خىتاي ئەسكىرى بازا قۇرۇپ، ھىندىستانغا قارشى ئېغىر تەھدىت ياراتماقتا. تېمىمىز تۈركىستان بولغاچقا خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان چىگرا ئىختىلاپى توغرىسىدا توختالمايمەن.)
بىزگە مەكتەپلەردە، خىتاينىڭ زىمىنىنى 9 مىليون 600 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر دەپ جۇغراپىيە دەرسى ئۆتكەنلىگى ئىسىڭىزدىمۇ؟ بۈگۈنكى مەكتەپلەردىكى دەرسلەردە [59]خىتاينىڭ زىمىنىنى 10 مىليون 420 مىڭ كۋۋادىرات كىلومېتىر دەپ ئوقۇتىدۇ. بۇ زېمىنلار خىتايغا ئاسماندىن چۈشتىمۇ؟
غەربى تۈركىستاندىكى 5 جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەسكىرى كۈچى ۋە خىتاينىڭ بۇ زېمىنلارغا بولغان خىرسى
قازاقىستاننىڭ مۇنتىزىم ئەسكەر سانى 110 مىڭ. ئۆزبېكىستان 65 مىڭ، قىرغىزىستان 16500، تاجىكىستان 6000، تۈركمەنىستان 22000 مۇنتىزىم ئەسكەرگە ئىگە. 5 تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ توپلام ئەسكەر سانى 219500 نەپەر. 2018. يىلى دۆلەتلەرىڭ ھەربى راسخودى مۇنداق؛ [60]قازاقىستان 2.4 مىليارد دولار، ئۆزبېكىستان 2 مىليارد، قىرغىزىستان 240 مىليون، تۈركمەنىستان 200 مىليون، تاجىكىستان 75 مىليون دوللار. توپلام 4 مىليارت 915 مىليون دوللار.
2017.يىللىق خەلقئارالىق ئەسكىرى تەتقىقات مەركىزى [61] ]“Global Fire Power” نىڭ 133 دۆلەتنى سېلىشتۇرغان ئەسكىرى كۈچ تىزىملىكىدە ئۆزبەكىستان 48.قازاقىستان 55. قىرغىزىستان 108، تاجىكىستان 112. قاتاردا يەر ئالغان. ئامما خىتاينىڭ 2018.يىللىق رەسمى ئېلان قىلغان [62]ئەسكىرى راسخودى 175 مىليارد دوللاربولۇپ، مۇستەقىل تەتقىقات شىركەتلىرى خىتاينىڭ يىللىق ئەسكىرى راسخودىنىڭ 300 مىليارت دوللار ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۇرمەكتە. خىتاينىڭ ئەسكىرى راسخودى 5 تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن 61 ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، خىتاي ئەسكىرى كۈچىنىڭ 3/1 قىسمى شەرقى تۈركىستان ۋە شەرقى تۈركىستانغا خوشنا خىتاي ئۆلكىلىرىگە توپلانغان. خىتاي ئەسكىرى كۈچ جەھەتتە ئامېرىكا، رۇسسىيەدىن قالسا 3. قاتاردا يەر ئالىدۇ.
بىر قېتىم زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ قالغان ئادەم، زەھەرنىڭ خۇمارىدىن ۋاز كېچەلمىگەندەك، بۈيۈك دۆلەتلەر، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ زىمىنىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالدىمۇ، تېخىمۇ كۆپ تۇپراق خۇمارىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. خىتاي ئۈچۈن غەربى تۈركىستاننىڭ تەمى شەرقى تۈركىستاندەكلا لەززەتلىك. قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستاننىڭ توپلام نېفت زاپىسى 29 مىليارت توننا. شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان نېفت زاپىسى 30 مىليارد توننا، قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ تەبى گاز زاپىسى توپلىمى 15 ترىليون كۈپمېتىر. شەرقى تۈركىستاننىڭ تەبىئى گاز زاپىسى25ترىليون كۇبمېتىردىن ئارتۇق. خىتاي، شەرقى تۈركىستان نېفت، گازلىرىنى ھېچكىمدىن سورىماستىن، پۇل تۆلىمەستىن قېزىپ چىقىرىدۇ، يۆتكەپ كېتىۋاتقان خىتاينڭ غەربى تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىغا پۇل تۆلەۋىرىشكە قورسىقى ئاغرىماسمۇ؟
بىر دۆلەتنىڭ سانائىتىنى تومۇر دېسەك، ئېنېرگىيە ئۇ تومۇردا ئېقىۋاتقان قاندۇر. تومۇردىكى قان توختىسا نەپەس توختايدۇ. خىتاي، دۇنيانى كونترول قىلىشقا بەل باغلىغان ۋەزىيەتتە. دۇنيانى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېتەرلىك كۈچ لازىم. ئېنېرگىيە كۈچ دېمەكتۇر.
ياۋروپا دۆلەتلىرى 17-18. ئەسىرلەردە قىتئەلەرنى بۆلۈشكەندە خىتاي ئوخلاۋاتاتتى. خىتاي ئەمدى ئويغۇنۇپ قارىسا، باي ئامما پارچە، پارچە ئورتا ئاسىيادىن باشقا چىشى پاتقىدەك يەر يوق. خىتاي پۇرسىتى كېلىپ غەربى تۈركىستانغا ھۇجۇم باشلاشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ئۇچاقلىرى، تانكا، برونىك، رادار ۋە بارلىق ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنى پارالىچ قىلىپ تاشلايدىغان كۈچىنى بۇ دۆلەتلەردە ئاللاقاچان قولغا كەلتۈرۈپ بولدى. بۇ قايسى كۈچ؟ مەن ئاڭلىتاي، سىز ئاڭلاڭ.
خۇۋاۋېي غەربى تۈركىستانغا مەبلەغ سالدىمۇ ياكى بۇ دۆلەتلەرنى جاسۇسلۇق تورىغا چۈشۇردىمۇ؟
ئالدى بىلەن خۇۋاۋېي تېخنىلوگىيە شىركىتىنىڭ قانداق بىر شىركەت ئىكەنلىگىنى بىلىش شەرت. خۇۋاۋېينىڭ قۇرغۇچىسى بولغان [63]رېن جېڭفې خىتاي ئەسكىرى ئىستىغپاراتتا مۈھىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر كوماندىر ۋاختىدا دېڭشاپىڭنىڭ بىۋاسىتە يوليۇرۇقى بىلەن ھەربى كېيىمنى يېشىپ، پۇخراچە كېيىنىپ 1987. يىلى 9. ئايدا شېنجېن شەھرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، [64]بۈگۈن 170 دۆلەتتە پائالىيەت قىلىدۇ. شىركەت قارمىقىدا 180 مىڭ ئىشچى- خىزمەتچى ئىشلەيدۇ، 2018. يىلىق كىرىمى 100 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. خۇاۋېئ دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك 500 شىركەتنىڭ ئىچىدە 72. قاتاردا يەر ئالماقتا. مائاش بىلەن جان بېقىۋاتقان ئەسكەر قانداق قىلىپ قىسقا زاماندا بۇنداق زورايدى؟ دېگەن سوئال كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە كېلىدۇ. رېن جېڭفى خىتاي كومنىنىستىك پارتىسىنىڭ ئەزاسى ۋە كومىنىستىك پارتىيە 12. قۇرۇلتېيى ۋەكىلى.
خۇاۋېي دۇنيا مىقىياسىدا 1500 رايوندا ئىنتېرنېت تورى ۋە خەۋەرلىشىش سىستىمېسى قۇرغان بولۇپ، دۇنيادا ئىنتېرنېت ۋە تېلىفۇندا كۆرۇشكەن ھەر 3 ئادەمنىڭ بىرسى خۇاۋئى تېخنولوگىيىسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىدۇ. خۇاۋېئ تەلېفۇنى ئىگىسىدىن توپلىغان مەلۇماتلارنى ھەر ئايدا بىر قېتىم شاڭخەيدىكى بىر مەركەزگە ئاپتوماتىك يوللاپ تۇرغانلىقى ئامېرىكا ئىستىغپاراتى تەرىپىدىن ئېنىقلىنىپ چىققاندىن كېيىن [65]2014. يىلى خۇئاۋئى تېلىفۇنلىرىنىڭ ئامېرىكىدا سېتىلىشى مەنئى قىلىندى. 2018. يىلى 4. ئايدا [66]ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خۇاۋئى، Z.T.E تېلىفۇن ۋە باشقا بارلىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىردەك مەنئى قىلىندى. خۇاۋەئى شىركىتىنىڭ تېخنىلوگىيە ئوغرلاش جىنايىتىنى توختىتالمىغان ئامېرىكا ئىستىغپاراتى، شىركەت قۇرغۇچى رەنجېڭفېنىڭ قىزى ۋە بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرىكتورى بولغان [67]مېڭ ۋەنجۇ’نى مەخپى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ 2018. يىلى 12. ئاينىڭ 1. كۈنى كانادانىڭ ۋانكوۋېر ئايرىپورتىدا قولغا ئالدى. چۈنكى، مېڭ ۋەنجۇ ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىنى ئوغۇرلاپ ئىرانغا ساتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغان. ھازىرغىچە [68]11 غەرب دۆلىتى خۇئاۋەئى مەھسۇلاتلىرىنى ھۆكۈمەت ۋە ئەسكىرى ئورۇنلاردا ئىشلىتىشنى چەكلىدى. خۇاۋەينىڭ پولشا تارمىقىنىڭ باش دېرىكتورى ۋەي جىڭۋۇ 2019. يىلى 11. يانۋار كۈنى خىتاي ھۈكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئېيىپلىنىپ ۋارشاۋادا قولغا ئېلىندى.ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇرۇن پولشا ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىكىدە مۇھىم ۋەزىپە ئالغان بىر پولشالىقمۇ خۇۋاۋېي ئارقىلىق خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى. خۇۋاۋې پولشادىكى مەركىزىدىن شىمالى ۋە ئورتا ياۋرۇپدىكى 12 دولەتتىكى شوبەلىرىنى باشقۇرىدۇ. خۇۋاۋېي ئوزىلا جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ قالماي، بارغانلىكى دولەتتە خىتايغا خىزمەت قىلغۇچى جاسۇس سېتىۋېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر شىركەت .
خۇاۋېي [69]ئۆزبېكىستانغا 1997. يىلى، [70]قازاقىستانغا 1999.يىلى، [70]قىرغىزىستانغا 2002. يىلى ئۇنىڭدىن كېيىن [72]تاجىكىستانغا كىرگەن بولۇپ، تاجىكىستاننىڭ ئىنتېرنېت، خەۋەرلىشىش سىستېمىسى 100% خۇاۋىينىڭ كونترولىدا. قىرغىزىستاننىڭمۇ ئىنتەرنەت، ئالاقە سىستىمىسى ئاساسەن خۇئاۋىينىڭ ئىلكىدە. ئۆزبەئەكىستاندا ئالاقىلىشىش، تور سىستىمىنىڭ 70% دىن كۆپرەكى خۇاۋەېينىڭ ئىگىدارچىلىقىدا. خۇاۋئى نوقتىلىق ھالدا قازاقىستاندىكى ياتىرىمىغا مەركەزلىشىۋاتىدۇ. پالىيىتى جانلىق. خىتاي ئىستىغپارات ئەمەلدارلىرى بېجىڭدە ئولتۇرۇپ، غەربى تۈركىستاندا ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان بارلىق مەلۇماتلارغا قۇلايلىق بىلەن ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. خىتاي ئارمىيىسى غەربى تۈركىستانغا قارشى ئۇرۇش قوزغاش ۋاقتى سائىتى كەلگەندە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ئۇچاقلىرى، تانك، بىرونىكلىرى، رادار سىستېمىلىرى ۋە پۈتۈن دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت، ئالاقىلىشىش سىستېمىلىرىنى چۈكەرتىۋېتىش ئېھتىمالى تامامەن مۇمكىن. قارىغۇ ئادەم، كۆزى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن مۇشتلىشالامدۇ؟ شۇئاندا [73}قازاقىستان ئارمىيىسى 293 ئۇرۇش ئايروپىلانى، 300 تانكا، 1600 برونىك ماشىنىلىرى، 285 زەمبىرەك ۋە 393 راكىتا ئاتقۇچى قوراللىرىغا ئىگە.(گەرچە بۇ قوراللارنىڭ كۆپۇنچىسى 1970-1980. يىللاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان كونا مودا قۇراللار بولسىمۇ). ئەگەر خىتاي، قازاقىستانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى ۋە بۇ قوراللارنىڭ ئېلىكترۇنلۇق سىستېمىسى چۆكتى دەيلىك، باش قوماندان بىلەن تارماق ئارمىيە قوماندانلىرى، ئۇچاق بىلەن رادار، تانكىلار، بىرونىكلەر،ئارقاسەپ بىلەن ئالدىنقى سەپ… بىر بىرى بىلەن ئالاقىسىز قالسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولىدۇ؟ غەربى تۈركىستاندا توك ئىشلەپچىقىرىش، توك تارقىتىش سىستېمىسى چۆكەرتىلدى، پۇتۇن دولەت بىر،ىككى كۇن قاراڭغۇلۇقتا قالدى دەيلىك، بۇنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟
خۇاۋيدىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر تەھدىت ھېس قىلۋاتىدۇ. خەۋەرلىشىش تېخنولوگىيەسىدە خۇاۋېينىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ بولغان غەربى تۈركىستان دۆلەتلىرىنىڭ تەھدىت ھېس قىلماسلىقى مۇمكىنمۇ؟
خىتاي ئىستىغپارات قانۇنىنىڭ 7. ماددىسىدا ”ھەر بىر خىتاي پۇخراسىنىڭ دولەت ئىستىغپارات تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋەزىپىسى بار.“ دەپ ئىنىق يېزىلغان. غەربى تۇركىستاندىكى مۇتلەق كوپ ساندىكى خىتاي بانكا، شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ، ھەتتا ئىنجىنىر، ئاكېدىمىسيەن، ئىشچى، يەككە تىجارەتچى قىياپىتىدىكى خىتاي پۇخرالىرىنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى بولۇش ئىھتىمالى يوقمۇ؟
خىتاي نېمە ئۈچۈن قازاق، قىرغىزلارنى ئۇمۇمىيۈزلۈك جازا لاگىرىغا سولاشقا جاسارەت قىلدى؟
چىن چۋەن گو 2016. يىلى 8. ئاينىڭ 30.كۈنى شەرقى تۈركىستانغا كەلگەنگە قەدەر خىتاينىڭ “ياۋايىلار ئارقىلىق ياۋايىلارنى باشقۇرۇش “ سىياسىتى، قازاق، قىرغىز قېرىنداش ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشنى ئىزىش، ئۇيغۇرلاردا قازاق، قىرغىز قېرىنداشقا قارشى نەپرەت ئويغۇتۇش مەنتىقى بويىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى. چىن چۇۋەنگوغا بېرىلگەن ۋەزىپە بولسا، قازاق، قىرغىزلارنىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئىزىش، تۈرمە، جازا لاگىرىغا كوللىكىتىپ سولاش ئىدى. خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتىدا شەرقى تۈركىستاندىكى قازاق نوپۇسى 1.5 مىليون. ھازىر تۈرمە، جازا لاگىرلىرىدا زۇلۇم كۆرىۋاتقان قازاقنىڭ سانى 500 مىڭ. ھەر 3 قازاقتىن بىرسى سولاقتا. تاغدىكى قىرغىزلارنى توپلاپ ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولىماقتا.جازا لاگىرىدىكى قىرغىزنىڭ سانى 50 مىڭ. قىرغىز مەھكۇملارنى قىينايدىغان، نازارەت قىلىدىغان گۇندىپايلارنى ئۇيغۇرلاردىن تاللاپ ئىشلەتمەكتە. شۇ ئانكى ۋەزىيەتتە، قازاق، قىرغىز قېرىنداشنىڭ ئەھۋالى ئۇيغۇر قېرىنداشتىن يامان. نېمە ئۈچۈن؟
خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك دەھشەتلىك زۇلۇم قىلسۇن، ئىسلام دىنىغا قانچىلىك ئېغىر زۇلۇم، ھاقارەت قىلسۇن قازاقىستان، قىرغىزىستاننىڭ تۈكى تەۋرەپ قويمىدى. خىتاي، ئۆكۈزنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇيىقى سىقىرىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتتى. چۈنكى ئۇرۇش تەييارلىقىنى تاماملاپ بولغان خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستاندا خىتايغا قارشى رادىكال ھەركەتلەرنىڭ پەيدا بولىشىنى كۈتەتتى. شۇڭا خىتاي بىۋاستە قازاق، قىرغىزلارنى كۈرەش نىشانى قىلىش قارارىغا كەلدى. كېچىكىپ بولسىمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستاندىن نارازىلىق سادالىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەمەس، خەلق ئىچىدىكى ئاجىزلارنىڭ سادالىرى ئىدى. خىتاينىڭ كۈتكىنىمۇ بۇ ئىدى.خىتاي قەرزلىرى بىلەن بوينى باغانغان قازاق، قىرغىز ھۈكۈمەتلىرى سۈكۈتتە قالغانسېرى، قازاق، قىرغىز خەلقلىرىدە ئۆز ھۆكۇمەتلىرىگە قارىشى نارازىلىق ئۇلغۇيىشى تەبىئى ھادىسە ئىدى. نامايىشلار باشلانسا ئەلۋەتتە كونترولسىز تاشقىنلىقلارمۇ بولىدۇ. خىتايغا كۇچى يەتمىگەن خەلقنىڭ بۇ دولەتلەردىكى خىتاي قۇرۇلۇشلىرىغا زىيان سېلىشىنى خىتاي توت كوزى بىلەن كۇتۇۋاتىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرى پىلانلاپ بۇ دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئېنېرگىيە يوللىرىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن. دەل شۇ چاغدا خىتاي ئورتا ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ بۇ دۆلەتلەرگە قارشى ئەسكىرى ھەركەتكە ئۆتۈشكە باشلايدۇ. ياكى تاجىكىستاندا قىلغاندەك بۇ دولەت ھۇكۇمەتلىرى بىلەن كېلشىم قىلىپ ئەسكېرى بازا قۇرۇشنى قولغا كەلتۇرىدۇ . خىتاينىڭ بۇ يامان غەرىزىنى غەربى تۈركىستان دۆلەت رەھبەرلىرى قانچىلىك ھېس قىلالىدى؟ “شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى” بۆرە بىلەن قۇزىنى بىر قوتانغا سولاش تاكتىكىسى ئىكەنلىگىنى غەربى تۈركىستانلىق قېرىنداش چۈشۈنۈپ يەتكەندە بولسا ۋاقىت بەك كېچىككەن بولماسمۇ؟
(ماقالە داۋام قىلىدۇ)
پايدىلانغان مەنبەلەر:
53.中国最后的净土:2003年回归的夏尔西里
54.整个中哈边界谈判,中国增加国土控制面积1248平方公里
58.中国领土其实不是960万,而是1042万平方公里
62.孟晚舟事件的三个层面:中美对抗,民族主义,党内恶斗(陈破空)
63.华为是公司简介
67.封杀华为的第10天,11个国家网络瘫痪
68.华为技术公司完成乌兹别克斯坦CDMA450移动电信网改造项目
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.