2018-يىلى 13- دىكابىر كۈنى ئىستانبۇل شەھەر ئۇنۋىرستىتىدا « شەرقىي تۈركستاندىن ئەسلىملە: جمجىت قىرغىنچلىق » دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا لاگىرنىڭ تىرىك شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بىك ئاكا ۋە گۈلباھار جېلىل ھەدە قاتناشتى ۋە لاگىرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. يىغىنغا 70-80 گە يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ كۆپنچىسى تۈركىيە ۋەتەندىشى بولمىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىدى.
ئۆمەر بىك ئاكا : مەن بىر ئەركەك ، مەن ھون ئەۋلادى ، دادام ماڭا ئەركىن دۇنيادا خەلقىڭنىڭ داۋسىنى قىل دېدى.
باشتا ئۆمەر بىك ئاكا لاگىردا كۆرگەنلىرىنى ۋە ئونىڭدىن ھىس قىلغانلىرىنى سۆزلىدى . ئو ئۆزى ئېلىپ كەلگەن زەنجىر بىلەن ئۆزىنىڭ پۇت قولىنى باغلاپ ، لاگىردىكىلەرنىڭ ئاشۇنداق ھالەتتە سولىندىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئو يەنە ئالايتەن شۇ جۈمىللەرنى سۆزلەپ ئۆتتى :
ـــــ مەن قازاقستان ۋەتەندشى بولغان ئەھۋالدا مېنى تۇتۇپ سولىدى ۋە موشۇنداق موئامىلە قىلدى. خىتايغا ۋەتەنداش بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق باشقا تۈرك قېرنداشلارنىڭ نىمە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى موشۇنىڭدىن پەرەز قىلالايسىلەر ……مەن سىلەرگە ئەپسانە، رىۋايەت ياكى فانتازىيلىك فىلىم ئاڭلاتمايۋاتىمەن ، بۇلار شەرقىي تۇركستاندا 21-ئەسىردە بولىۋاتقان رىئاللىقتۇر . سىلەر ئوقۇغۇچىلار ئەقىللىق، غورورىڭلار بار ، سىلەر مېدىيادا بۇ زۇلۇملارنى ئاڭلىتىڭلار…… خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنى ياخشى ئەھۋال دەپ قارايدىغانلار بار بولشى مۇمكىن ، مەن سىلەرگە دەپ قوياي، خىتاي دۇنياغا تەھدىت . يىپەك يولى قۇرلۇشى دەپ غەربىي تۈركستان ۋە ئوتترا شەرق دۆلەتلىرىنى قەرز قىلىپ بولدى ۋە ئەتە ئۆگۈن ئولارنىڭ ھاكىميتىنى قولغا كىرگۈزۈش ئارقلىق دىكتاتۇرلىقىنى ئويەردىمۇ قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە شۇ چاغدا ئولارنىڭ كەلگۈسى شەرقىي تۈركستانلىقلارنىڭ بۈگۈنى بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ھازىردىن تارتىپ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىنشى كېرەك …….. خىتاي لاگىردىكلەرنى تەربىيلەۋاتقانلىقىنى ، تىل ۋە تېخنىك ئۈگتۋاتقانلىقنى دەۋاتىدۇ . مەن ئۆزۈم قازاقستاندىكى بىر ساياھەت شىركىتنىڭ مودىرى ، ئىشلىرىم شۇنداق ياخشى ئىدىم ، يېنمدىكى گۈلباھار خانىم خىتاي ـ قازاقستان ئارسىدا توشۇش شىركىتى بار ئايال . بىز ھەر ئىككىمىز موۋاپىقيەت قازانغان ، بىزگە خىتاي نىمە تېخنىكىنى ئۆگىتىدۇ ، ھاجىتى بارمۇ. ئەسلىي ئىش بۇنداق ئەمەس ، ئو يەردە خىتايچىنى سۇدەك بىلدىغان ، سىلەردەك ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى شۇنداقلا داڭلىق كارخانچىلار بار.مەقسەد تەربىيلەش ئەمەس …….
(باشقا مەزمۇنلار ئۆمەربىك ئاكىنىڭ باشقا گۇۋاھلىقلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن قىسقارتىلدى)
ئو سۆز قىلىپ بولغاندىن كىين ئوقۇغۇچىلار سوئال سورىدى . بىرنچى سوئالنى بىر قىز ئوقۇغۇچى سورىدى .
سوئال : خىتاينىڭ بۇ زۇلۇملىرىغا قارشى جىھاد ئېلىپ بېرىش مۇمكىنمۇ ؟ بىز مۇسۇلمانلار نىمە قىلالايمىز؟
جاۋاپ : (ئۆمەر بىك ) جىھاد قىلىش ئىمكانىيتى يوق دىيەرلىك ، چۈنكى پەرق بەك چوڭ . ھازىرچە سىلەر تۈركلەر ، مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ئىنسانلار بىز ئۈچۈن مېدىيا ئۇرشى قىلىپ بىرەلەيسىلەر . بىزنىڭ ۋەزىيتىمىز تۇغرلۇق جىق خەۋەر تارقىتىڭلار ۋە باشقىلارغا سۆزلەڭلار.
ئىككىنچى سۇئال : سىزنى قانداق قىلىپ قويۇپ بەردى ؟ قويۇپ بەرگەندە نېمە دېدى؟
جاۋاپ: مەن قازاقستان پۇقراسى بولغانلقىم ئۈچۈن قويۇپ بەردى. مېنى سولۋالغاندىن كىين يېقىنلىرىم جىم تۇرمىدى. مېنى قويۇپ بەرگەندە ماڭا ھىچكىمگە ھىچنمە دېمەسلىگىمنى ، بولمسا ئولارنىڭ ھەر خىل شەكلىدە ئۆچ ئالايدىغانلقىنى دېدى. مەن ئولارنى بىيجىڭغا ئەرز قىلدىغانلىقمنى دېدىم . ئولار بولسا ، بىزدە پۇل جىق ، يەنە بىرى ئەرىز قىلپمۇ ئاقتۇرالمايسەن دېدى. داداممۇ ماڭا بىيجڭغا بارساڭ ھەم بارغىلى قويمايدۇ ھەم ئولار ئوخشاش ، شۇڭا ئەركىن دۇنياغا چىقىپ ئەرز قىل دېدى . خىتاي دائىرلىرى مېنى ئائىلەم بىلەن تەھدىد قىلدى ، لىكىن مەن خەلقىم ئۈچۈن يەنىلا بۇ زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى تاللىدىم .
3- سۇئال : سىز بۇنداق ئوچۇق ئاشكارا سۆزلەشتىن قورقمدىڭىزمۇ ؟سىزنىڭ بۇ جاسارىتىڭىزگە نىمە سەۋەب بولدى ؟
جاۋاپ: بىرنچى ، مەن بىرئەركەك ، مەن ئاتاـ ئانامغا ، خەلقمگە ئىگە چىقشىم كېرەك .ئىككىنچى ، مېنىڭ تومۇرۇمدا ئېقۋاتقىنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمنىڭ يەنى ھونلارنىڭ قېنى، شۇڭا مەن توخۇ يۈرەك ، قورقۇنچاق ئەمەس . ئۈچنچى ، بۇ زۇلۇملارنى ئاشكارلاش مېنىڭ رەھمەتلىك دادامنىڭ ۋەسىيتى. شۇڭا مەن بو يولنى تاللىدىم ھەم قورقمايمەن .
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆمەر بىك ئاكىنىڭ گېپى ۋە سوئاللار موشۇ يەردە ئاخىرلاشتى .
باھارگۈل ھەدە: مەن لاگىر ئىچدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ، بولۇپمۇ مەن بىلەن بىر كامىردا ياتقان قىز ئاياللارنىڭ ۋەسىيتى ، ئىلتىجاسى سەۋەبىدىن بۇ يولنى تاللىدىم .
ئىككىنچى بولۇپ باھارگۈل جېلىل ھەدە گۇۋاھلىق بەردى . ئو گەرچە جىق تەييارلىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىنى سۆزلەپ بولالمىدى. باھارگۈل ھەدە سۆزىنىڭ ئەڭ بېشدىلا ، مەن خىتاينىڭ زۇلۇم زىندانلىرىدا ئېزلۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ۋە قازاقنىڭ سالىمنى ئېلىپ كەلدىم ، دېدى ۋە يىغلاپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى چىقىپ ئونى قۇچاقلىدى.
ئو لاگىرنىڭ ناچار شارائىتىنى تىلفۇنىدىكى رەسملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاڭلاتتى ۋە تىلفۇننى تىڭشىغۇچىلارنىڭ كۆرشىگە بەردى ، ھەممە بىر قېتمدىن كۆرۈپ چىقتى. ئونىڭ دېيشچە ، خىتاي دائىرلىرى ئونى ئالداپ شەرقىي تۈركستانغا چاقىرغان ۋە تۇتقۇن قىلغان . ئائىلسىگە ئونىڭ تېرورچى دەپ قارلاپ يازغان خىتايچە بىر ئەيپنامىنى بەرگەن . بۇ ئەيپنامىگە ئونىڭ باللىرىمۇ ئىشەنمىگەن . خىتايلار ئونى كېچىلەپ سوراق قىلىپ تېرورچى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلشقا قىستىغان ، لىكىن گۈلباھار ھەدە ئىزچىل رەت قىلغان . ئونىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان ۋە خىتاي كىملىك نومىرى بەرگەن . يەنە تېخى ئىسمىنى خىتايچە تەلەپپۇزدا يېزىپ قويغان . كىملىك نۇمىرى بېرشنىڭ سەۋەبىنى بۇ يەرگە پەقەت خىتاي پۇقرالىرىنلا قامىغانلىقىنى كۆرستىش بولسا كېرەك دېدى.
ئو لاگىردا بولغان مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلىدى . بىر كۈنى بىر ياشانغان ئايال خىتاي دائىرلىرىنىڭ جازاسى سەۋەبىدىن ئايلىنىپ كەتكەن ۋە 25 ياشلىق بىر قىز ئو ئايالنىڭ يىنغا بېرىپ يۆلىگەن . بۇنى كۆرگەن خىتاي ساقچىللىرى ئوقىزنى تىللاپ بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن . باشتا قىيا ـ چىيا ئاۋاز ئاڭلانغان ۋە ئونىڭدىن كىين ئاۋاز بېسقىپ قالغان . بۇ قىز بىر ھەپتىدىن كىين كامىرغا قايتىپ كەلگەن ۋە نەچچە كۈنگىچە ئەسلىگە كىلەلمەي ساراڭدەك بولۇپ قالغان. بىرقانچە كۈندىن كىين ئەسلىگە كىلىپ نىمە ئىشلار بولغىننى سۆزلەپ بەرگەن . قىزنىڭ دېيشچە، خىتايلار ئونى ئېگىزلىكى 6 مىتر ، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلىقى پەقەت بىر مىتردىنلا كېلدىغان قاراڭغۇ كامىرغا سولىغان بولۇپ ئۇرۇپ قىينىغان . كۈندە بىر ئستاكان سوغۇق سۇ بىلەن بىر قارا موما بەرگەن . ئوقىز مومىنى يىمىگەن ، كەچتە ناھايتى يوغان قارا چاشقانلار ئو مومىنى يىيىش ئۈچۈن كەلگەن . ئۇخلاپ ئويغانسا چاشقانلار باشلىرىدا ، قۇچاقلىرىدا مېڭىپ يۈرگەن . شۇڭا ئو چاشقاننىڭ ئۆزىنى چىشلەپ قويشىدىن قورقۇپ ئاساسەن ئۇخلىمغان …
گۈلباھار ھەدىنىڭ دېيشچە ، خىتاي لاگىرغا 14 ياشتىن 80 ياشقىچە ئاياللارنى قارا قويۇق سولىغان بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى تۇغۇتلۇق قىزلارمۇ تۇتۇلغان . ئولارغا قارتا ھىچقانداق تىببىي ياردەم قىلنمغان بولۇپ ، بالىلىرىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمگەن قىزلار سۈتلىرىنى سېغىپ ئولتۇرغان . بۇنىڭدىن باشقا خىتايلار ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن ئولارنى قىپيالىڭاچ قىلىپ تەكشۈردىغان بولۇپ ، ئولارنىڭ بىر نەرسە تىقۋالغان ياكى تىقۋالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يالىڭاچ ھالەتتە ئۈچ قېتمىدىن زوڭزىيىپ ئوتۇرۇپ قوپۇشنى تەلەپ قىلدىكەن. ئو يەردە ھىچكىمنىڭ مۇنچىغا چۈشۈشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ ، بۇ سەۋەبتىن ئاياللارنىڭ بەدىنى كىرلىشىپ ، چاچلىرى پاخپىيىپ پىتلىشىپ كەتكەن . شۇڭا خىتاي ھەممسىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۋەتكەن …
خىتاي دائىرلىرى ئەڭ ئاخىرىدا ئونى قويۇپ بىردىغان چاغدا ئونى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ، يۈزلىرىنى ۋە قوللىرىنى مايلاپ ياخشى كۈتكەن. ئونىڭ چېچى ئو يەردىكى زۇلۇم تۈپەيلىدىن ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ ،بۇنىڭغا قارتا خىتايلار ئونىڭ چېچىنى قارا قىلىپ بويىغان. ئاخىرىدا پاسپورتىنى قولىغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ ، قارسا خىتاي ۋىزسىنى بىر يىل ئۇزارتىپ قويغان . گۈلباھار ھەدە بۇنىڭ سەۋەبىنى شۇنداقلا خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرۇش سەۋەبى توغرۇلۇق يازما ھۆججەت دېگەندەك بىرنەرسە بېرشنى تەلەپ قىلغان . خىتاي دائىرلىرى ھىچقانداق نەرسە يېزىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ، ئۆزنىڭ قازاقستانغا قايتىپ ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا نۇرمال تىجارەت ئىشلىرىنى بىجىرىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلىشى كىرەكلىكىنى شۇڭا ۋىزسىنى ئۇزارتىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان.
گۈلباھار ھەدىنىڭ دېيشچە ، لاگىردا ئۆزى بىلەن بىر كامىردا تۇرغان قىز ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئونىڭ ھامان بىركۈنى چىقىپ كىتەلەيدىغانلىقىنى ، شۇڭا ئەركىن دۇنياغا چىققاندا چوقۇم لاگىردىكى زۇلۇملارنى ۋە شەرقىي تۈركستاننىڭ ۋەزىيتىنى خەلقئاراغا ئاڭلتىشنى تاپلىغان ۋە ئۆتۈنگەن. ئو قازاقستانغا قايتىپ كەلگەندىن كىين بىر ئايغىچە ھەر كۈنى كاللىسىغا لاگىردىكى قىزـ ئاياللارنىڭ قىيا ـ چىيالىرى ۋە ئولارنىڭ ئىلتىجالىرى كىرۋالغان ۋە شۇڭا ھىچ ئىككلەنمەي خىتاينىڭ زۇلۇمىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلتىش يولىنى تاللىغان. ئو بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ يىغلاپ كەتتى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كىلىپ ئو ئىككەيلەن بىلەن كۆرۈشتى. گۈلباھار ھەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشكەندە كۆز ياشلىرىنى تۇتۋالالمىدى. ئۆمەر بىك ئاكىمۇ ھەممىسى بىلەن ئامبۇردەك قوللىرى مەھكەم قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ۋە يىراق كۆرمەي كەلگنىڭلارغا رەھمەت دەپ كۆزلىرىنى نەملىدى….
شۇنداق ، كىم كىمگە رەھمەت ئېيتشى كېرەك ؟ ۋەتەن ئۈچۈن ، زۇلۇم چېكۋاتقان خەلقى ئۈچۈن مال ـ بىساتى ۋە يۇرتىنى تەرك ئېتىپ ھەر يەردە چېپىپ يۈرۈپ سۆزلەۋاتقان ئولار بىزگە رەھمەت ئېيتامدۇ؟ توغرىسى ، بىز ئولارغا رەھمەت ئېيتشىمىز كېرەك . لىكىن ئولاردىكى ئاشۇ كىچىك پىئللىق ۋە پىداكارلىق خېلى خېلى كىشىلەردە تېپلماسلىقى مۇمكىن . مىللەت سەكراتتا ياتسا ھىچ ئىش قىلماقتا يوق ھىچكمنى ياراتماي يۈرگەنلەرگە قاراڭ ۋە بۇلارغا قاراڭ
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.
http://iuyghur.com/?p=9243