ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
چاتما مۇلاھىزىلەر
ئاپتورى: كاسسىنى
بىرىنچى:مۇلاھىزە
ئېنتېرنېتقا كىرىپ ئۇزىڭىزگە كېرەكلىك بىر پروگراممىنى كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرمەكچى بولغىنىڭىزدا ئالدىڭىزغا 10 ۋە 20 ۋاراقلىق بىر كېلىشىمنامە چىقىدۇ. سىز بۇ پروگراممىنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۋېلىش ھەلەكچىلىكىدە، بۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇن كېلىشىمنامىنى چالا پۇلا ئوقۇپلا قوشۇلىمەن دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىشقا ئالدىرايسىز
دېمەككى بۇ ئىنسانلارنىڭ كۈچ ئالدىدا ماھىيەتنى تەرك ئېتىشكە رازى بولغانلىقىنىڭ بېشارىتىدىن ئىبارەت. بىلىم كۈچ دەپ كەلدۇق بۇرۇندىن. دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئەگىشىپ تېخنىكىدىن ئىبارەت بۇ كۈچ ئادەملەرنى بويسۇندۇرۇپ كەلدى. كومپىيۇتۇرلىرىمىزغا چۈشۈرۈۋاتقان پروگراممىلارنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بىلەن تولۇق تونۇشماي تۇرۇپ، كېلىشىمگە ھەئە دېيىشىگە مەجبۇر بولۇشىمىز بىزنىڭ كۈچ ئالدىدا ماھىيەتنى يەنى نېمە قىلۋاتقانلىغىمىزنى تەرك ئېتىشىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر نېمىگە ئىمزا ئاتقانلىقىنى ئېنىق بىلمىگەن ھالەتتە ياشايدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار، دۇنيادىكى كۈچلەر ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇۋاتقان بىر جۇغراپىيە ئەتراپىدا ياشىماقتا. بۇ كۈچلەر كىشىلەر خۇددى كومپيۇتېردىن بىر ھۆججەت چۈشۈرگەندە، ئالدىغا چىقىدىغان ئۇزۇن ۋە كېلەڭسىز كېلىشىمگە خالاپ- خالىماي ئىمزا قويغاندەك، بىر كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان مەجبۇرلاشنى ئۇيغۇرلارغا سۇنماقتا. شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئەقىللىق بولۇشى كېرەككى، ئۇزى ئۈچۈن ئانچە مەنپەئەتى بولمىغان ئارتۇقچە پروگراممىلارنى ھاياتىغا چۈشۈرمەسلىگىنى تەۋسىيە قىلىمەن
ئىنسانلار بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كۈچسىز مىللەتلەر سەھنىلەردىكى ئارتىسلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ رولنىڭ قەيىرىدە كۈز يېشى قىلىپ قەيىرىدە كۈلۈمسىرەيدىغانلىغى، قەيىرىدە قەلەندەر بولۇپ قەيىرىدە، شاھزادە بولۇدىغانلىغى پەقەت كۈچلۈكلەر ۋە دىراماتورىك تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ
مەشھۇر دىراماتورگ شېكىسپىرنىڭ خاملەت ناملىق دىرامىسىدا، خاملەت 1-پەردىدە كىلادىوسنى ئۆلتۈرەلمەيتتى. بۇنىڭغا شېكىسپىر رۇخسەت قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خاملەت دانىيەنى تەرك ئېتىپ ھىندىستاندا مۇساپىر بولۇش يولىنى تاللىيالمايتتى. چۈنكى بۇ شېكىسپىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى
خاملەت دىراممىسى شېكىسپىر ۋاپات بولغان 400 يىلدىن بۇيان مانا مۇشۇنداق ئوينۇلۇپ كەلدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق ئوينىلىدۇ. بۇ دىراممىنى ھېچكىممۇ ئۆزگەرتىشكە جور’ئەت قىلالمايدۇ
دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىمۇ داۋاملىق ھالدا شېكىسپىرنىڭ دىراممىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان دىراممىلار ئوينۇلۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن ئافرىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەدە، تۈركىيە ۋە باشقا دوۋلەتلەر دىراممىدا رول ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. رولچىنىڭ قانداق رول ئېلىشى ئەلۋەتتە بۇ دىراممىنى يېزىۋاتقانلارنىڭ سىزىپ بەرگەن چېگرىسى ئىچىدە بولىدۇ. خۇددى خالمەت شېكىسپىرنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقى ئىچىدە مەشھۇر بولغىنىغا ئوخشاش
خىتاي بىلەن تۈركىيە بىر يول، بىر بەلباغ دىراممىسىدا رول ئېلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئافرىندىكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ يېنىدا بولۇشنى جېنىنىڭ بەك ئىستەپ كېتىۋاتقانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن شېھىت بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش كامپانيەسى باشلاتتى. ۋە تۈرك خەلقى شۇنداقلا ئاخبارات ساھەسى ئالدىدا پەقەت تۈركىيەنى ۋاقىتلىق خۇشال قىلىش بەدىلىگە(بەلكى تۈركىيەمۇ ئانچە خوش بولۇپ كەتمىگەن بولۇشى مۈمكىن) ، تۈركىيەنىڭ بىر تەبەسسۇمى ئۈچۈن، كۆپلىگەن دۈشمەننى ئۆزىنىڭ پېشىغا ياماشتۇرۋالدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خاتايدىكى تۈرك ئەسكەرلىرىگە قان بېرىمىز دەپ خاتايغا بېرىپ، چىرايلىق قېنىنى بېرىپلا قايتماي، خەقنىڭ ئەسكەرلىك كىيىمى، خەقنىڭ قورالى بىلەن، تولىمۇ ساددە ۋە ھاياجان قىياپەتتە، درامما يازغۇچى “شېكىسپىر” لارنى ۋە رول ئالغۇچىلارنى شۇنداقلا ئەقىللىق زېرەك ئۇيغۇرلارنىمۇ راھەتسىز قىلىدىغان بىر سەتچىلىك سادىر قىلدى. دېمەككى سىياسىي ئويۇنلار ئۈچۈن دراما يېزىۋاتقان “شېكىسپىر” لار ئۆزلىرىنىڭ رۇخسىتى بولمىغان بۇنداق پىلان سىرتىدىكى قوشۇمچە كۆرۈنۈشلەرنى خالىمايتتى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە يەنە بىر كۆلەڭگە شېكىسپىرلار، بۇ ئىككى كۆرۈنۈشنى بۇ دىراممىنىڭ ئىچىگە مەجبۇرىي كىرگۈزۈپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدە ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇۋېتىش ئويۇنىغا ھازىرلاۋاتاتتى. ياكى بولمىسا 90- يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئېغىر بىرسىياسى كىرزىسقا ئوخشايدىغان يەنە بىر ئويۇننىڭ تۈركىيەدە ئوينۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتى.3- بىر جەھەتتىن، تەقدىرى باشقىلارنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۆزلىرىگە ئوخشاش مەزلۇم بىر مىللەتكە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، سۆزدە مەزلۇم ئۇيغۇر مىللىتى دېگەن بىلەن ھەركەتتە، مەزلۇملارنىڭ يېنىدا ئەمەس بەلكى چوڭ كۈچلەرنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى يۈزلىمىچىلىگىنى غەرب دۇنياسىغا كۆرسىتىپ قويۇۋاتاتتى.4- جەھەتتىن تۈرك ئوردىسى ئەڭ بۈيۈك مۇسۇلمان ئوردىسىدۇر دېگەن گەپلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىشى، باشقا مۇسۇلمان دوۋلەتلىرىىنىڭ نېرۋىلىرىنى راھەتسىز قىلىدىغان گەپ سۆزلەر ئىدى
ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئورنىنى ئوخشۇتۇش توغرا كەلسە، قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ كۈيئوغلى ئىبراھىم پاشاغا ئوخشۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئوسمانلىنىڭ – پادىشاھى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان، ئەسلى كېلىپ چىقىشى رۇم ۋە ياكى ئارناۋۇتلق بولغان ئىبراھىم پاشانى باش ۋەزىر قىلىدۇ، سىڭلىسىنى بېرىدۇ. ئەمما ئاقىۋەتتە ئىبراھىم پاشا، ئوسمانلى خانىدانلىقىنىڭ سەلتەنىتى ۋە يۈكسىلىشىگە بىلىنەر – بىلىنمەس كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ نەۋكەرلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئوسمانلى نىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان غازىدىن ئەردوغان دەۋرىگە قەدەر بولغان بۇ تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا، تۈركلەرنىڭ دۇنيادىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شاھزادە مۇستافاغا ئوخشىغان قانچىلىغان ئوسمانلىنىڭ ئەۋلادلىرىنى، قانچىلىغان كۈيئوغۇللارنى قەتلى قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەگەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ يىلدىن يىلغا دەرىجىدىن تاشقىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان دۇنيادىكى ئىقتىسادى كۈچ تالىشىش ئىستراتېگىيەسى ۋە مەنپەئەتلىرى، دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ئويۇنلىرىدا رولنى ياخشى ئالالمايدىكەن تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى قىلچە رەھىم قىلماستىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىنمۇ يامان ئاقىۋەتلەرگەدۇچار قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ قۇچىقىدىكى “ ئەكە بوۋاق” ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشى، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار، تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى ھەرگىز خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدۇ، دەيدىغان بالىلارچە ساددە قاراشلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىش كېرەك
خاتايدىكى قان بېرىش جەريانىدا خىتايغا قارىشى سوز قىلغانلارنىڭ ئارقا ئارقىدىن تۇتۇقلىنىشى بۇنىڭ بېشارىتىدۇر
رومىئو بىلەن جۇلىيەت شېكىسپىر دىراممىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇۋەپەقىيەتلىك چىققان ۋە سەھنىلەردە ئەڭ كۆپ ئوينالغان دىراممىلارنىڭ بىرى. دىراممىدا، بىر بىرىگە تارىخى دۈشمەن ئىككى ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ. نۆۋەتتە تۈركىيە موڭغۇلىيە دالالىرىدىكى ئەجدادلىرى تەرىپىدىن مەڭگۈ تاش ئەدىبى يادىكارلىقلىرىغا يېزىلغان: “ خىتاينىڭ شېرىن شېكەر ئىپەكتەك يۇمشاق گەپلىرىگە ئىشەنمەڭلار” دېگەن سۆزلىرىنى، شۇنداقلا ئاتا بوۋىلىرىنىڭ تارىخى دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بىر يول بىر بەلۋاغ دىن ئىبارەت بۇ «قىزىل راۋاقتا» ئاشىق ۋە مەشۇقلۇقنىڭ شىرن ئايلىرىنى سۈرمەكتە. خۇددى رومىئو بىلەن جۇلىەتتەك. دۇنيادا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش، شۇنداقلا رايوندا سۆز ساھىبى بولۇش ئەلۋەتتە ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلنى مۇقەررەر بۆسۈپ ئۆتۈشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن كەسكىن، ۋە رەھىمسىز رىقابەت ئۇرۇق تۇغقانچىلىق، مۇسۇلمانلىق كىملىكى ۋە ئادالەتنى تونۇمايدۇ. تارىختا ئادالەت دېگەن بىر نەرسە مەۋجۇت بولمىغان، ھازىرمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ ھەمدە كېلەچەكتىمۇ. ئەگەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تۈركىيە بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ رومىئو بىلەن جۇلىەتنىڭ «شېرىن ئاي» لىرىغا ئازراق دەخلى تەرز يەتكۈزۈپ قويىدىكەن تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى قىلچە رەھىم قىلماي خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار تۈركىيە سىياسىي تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىشى، تۈرك خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئالتۇن تاپانچا ۋە تۈرك مېدالى قاتارلىقلارنىڭ خىتايغا ھەدىيە قىلىنغانلىقلىرىنىمۇ ئېسىدە چىڭ ساقلىشى لازىم. تارخ تەكرارلىنىدۇ. ئەلۋەتتە مەنپەئەتلەرگە تاقىلىپ قالغاندا.
ھىندىستاننىڭ يىللىق نوپۇس ئېشىش مىقتارى 101،2 بۇنىڭ مەنىسى ئەگەر ھىندىستان ئېختىسادى ھەر يىلى 1،2 نىسبەتتە ئۆرلىمىسە ئىشسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. مۇاشلار كەملەپ كېتىدۇ شۇنداقلا ئوتتۇرىچە ياشام سۈپىتى چۇشۈپ كېتىدۇ. ئاران ئاران كېتىۋاتقان ھىندىستان ئوتتۇرا ھال تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكىلەر يوقسۇزلۇققا يۈزلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدى زور تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە. بۇ تاللاش نۇرغۇنلىغان كوڭۇلسىزلىكلەرگە سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن تىبەت مەسىلىسىدە تىبەتتىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى كۆرمەسكە سېلىش بەدىلىگە خىتاي بىلەن ئاپپاق- چاپپاق بولۇپ تىبەتلىكلەرنى نارازى قىلىشى تۇرغان گەپ
بۈگۈن ھىندى ۋاھىزلەر، مۇسۇلمانلار، تۈركلەر،مىللەتچى ياپونلار ۋە خىتتاي كومۇنىستلىرى ناھايىتى نۇرغۇن پەرقلىق قىممەت قاراش ۋە
ئېتىقاتلارغا ئىگە بولسىمۇ ئەمما ئەختىسادى يۈكسىلىشتىن ئىبارەت بىر ئورتاق نۇقتىدا بىر دوقمۇشتا ئۇچراشماقتا. ئۇلارنى رەقىپلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار قىلىۋاتقان نەرسە ئېختىسادى يۈكسىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئۆتكەلدە ئەلبەتتە تۈركىيەمۇ چەتتە قېلىشنى خالىمايدۇ
ھايۋانلاردىكى ئىش بىرلىگى دىگەندە كۆز ئالدىمىزغا دەرھال چۈمۈلە بىلەن ھەرىلەردىكى ھەيران قالارلىق ئىش بىرلىگى يەنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەش كېلىدۇ. ئەمما ئەپسۇسكى چۈمۈلىلەر بىلەن ھەرىلەر قانچە ھەمكارلىشىپ ئىشلىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىجدىماى ھاياتىدا بىر ئۆزگۈرۇش ھاسىل قىلالمايدۇ. يەنى پادىشالىرىنى ئاغدۇرۋېتىپ يېڭى پادىشا سايلاپ چىقالمايدۇ.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ خۇددى چۈمۈلە بىلەن ھەرىلەردەك ئىشلەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجدىمائى ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ. مەسىلە زادى قەيەردە؟
تۈركىيەدىكى ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى خۇددى بىرلەشكەن دۆۋلەتكەن تەشكىلاتى، ياۋرۇپا بىرلىگىگە تەقلىت قىلىپ قويۇۋالغان، ئۆلىمالار بىرلىگى، تەشكىلاتلار بىرلىگى قاتارلىقلار ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەت ئاستىدا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئۈزۈلدۇرمەي كورسۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجدىماى مەنپەەتىگە پايدىلىق بۆسۇش خارەكتىرلىق بىر ئۆزگۇرۈش ھاسىل قىلالمايۋاتقانلىغى بۇنىڭ ئەكسىچە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشام ھاياتى ئۈچۇن خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ يۈز برىشىگە سەۋەپ بولۇپ قەلىۋاتقانلىغى ئوتتۇردا . بۇنىڭ سەۋەبى ئىش بىرلىگىنىڭ ئەقىل، مەردانىلىق، پىلان ۋە ئىستىراتىگىيە دىگەنلەردىن ئۇزاق، ھىسسىيات، ھاياجان ۋە خوشامەتلەرگە يېقىن بولغانلىغىدىن ئىبارەت بولماقتا.
ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۇركىيەدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يولۈنىۋالمىغان ئاساستا تەشكىللىق ۋە سىستىمىلىق ئىش قىلىش ئىمكانىيەتلىرى بار. 2010- يىللىرىدا بولسا كېرەك سابىق تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى سۇمرۇغ تەلۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىر سورىغان، تۇركىيەدە قانچىلىك ئۇيغۇر بار دىگەن سوالغا، 380 مىڭ ئۇيغۇر بار دەپ جاۋاپ بەرگەنلىگى يادىمدا. ئەگەر مەسىلە سان بىلەن ھەل بولىدۇ دەپ قارالغان تەغدىردىمۇ، بۇ سان ئاز سان ئەمەس.
تارىخ، دۇنياغا تەسىر كورسەتكەن نۇرغۇنلىغان ئىش بىرلىگى مىساللىرى بىلەن تولۇپ تۇرۇپتۇ. تارخ بىزگە يەنە،غەلبىنىڭ سانى جىق بولغانلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ئەقلىنى ياخشى ئىشلىتىپ ئىش بىرلىگىنى پۇختا ئېلىپ بارغانلارنىڭ بولىدىغانلىغىدىن ئىبارەت تەجىربىلىرىنى كۆرسۈتۈپ تۇرماقتا.
روملار يۇنانىستاننى كۈچلۈك بولغانلىغى ۋە ياكى سان جەھەتتە دەرىجىدىن تاشىرى بولغانلىغى سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى ئەقىللىق، زىرەك ۋە پىلانلىق ئىش بىرلىگى قىلغانلىغى بىلەن بويسۇندۇرالىغان.
1914-يىلىدا رۇس ئەسىلزادىلىرى، دۆۋلەت خادىملىرى ۋە باي تىجارەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن 3 مىليۇن نوپۇسلۇق چار روسىيە 180 مىليۇن نوپۇسلۇق ئىشچى ۋە دىھقانغا ھوكۈمرانلىق قىلغان ئىدى.بۇ ھۆكۈمران 3 مىليۇن نوپۇس بارلىق كۈچى ۋە قۇدرىتىنى ئەنە ئاشۇ 180 مىليۇن نوپۇسنىڭ ئىش بىرلىگى ئۈچۇن ئىتتىپاقلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاراتقان ئىدى. 1917-يىلىغا كەلگەندە ئاران 23 مىڭ نوپۇسلۇق كومۇنىستلار 3 مىليۇن نوپۇزلۇق رۇس ئەسىلزادىلىرى ھۆكۈمرانلىغىدىكى چار رۇسىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا مۇۋەپپەق بولدى. بېرلىن تەمىنىڭ ئۆرۈلۈشى، رۇمىنىيەنىڭ كومۇنىست دىكتاتۇرى نىكولاي چاۋىشىسكونىڭ ئاغدۇرلىشى قاتارلىقلار،سانى ئىنتايىن ئاز ئەمما تەشكىللەشكە ماھىر بىر گۇرپا ئادەملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.پولونيا، شەرقى گىرمانىيە، ماجارىستان، بۇلغارىستان ۋە چىخوسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆۋلەتلەردىكى سىياسى ئۆزگۈرۇشلەرنى مەيدانغا چىقارغانلارمۇ يەنىلا تەشكىللەشكە ماھىر ئەقىللىق بىر گۇرپا ئادەملەر ئىدى. 2011-يىلىدا مىسىردىكى مۇبارەك ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇشنى نىشان قىلىپ ئوتتۇرغا چىققان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» تەشكىلاتىمۇ باشلىنىشىدا بىر گۇرپا ئادەم ئىدى.ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا، يا ئەقىل ئىدراك ياكى بىلىم قۇرۇلما جەھەتتىن ئۈستۈن ئەمەستى پەقەتلا ئۇلار يۇقۇرى دەرىجىدىكى تەشكىللىگۈچىلەر ۋە پىلانلىغۇچىلار ئىدى.ئۇنداقتا نىمىشكە 380 مىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى بار بولغان تۈركىيەدە خىتايدا بىر ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىشقا تەسىر كۆرسەتكىدەك بىر گۇرپا مەيدانغا كەلمەيدۇ؟ ئۇيغۇر ئىستىراتىگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ 10 يىلدىن بۇيان قاخشاۋاتقىنى دەل مۇشۇ نۇختا بولسا كەرەك.
ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلماقچى بولساق، قانچىلىك ئادەم بىزگە ئەگىشىدۇ؟ دىگەن سوالنى ئەمەس بەلكى بىزگە ئەگەشكەن ئادەملەر بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە ئىش بىرلىگى قىلىپ ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيمىز؟ دىگەن سوالنى كەسكىن قويۇشىمىز كېرەك.تارختىكى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىر كۈچ ئالدىدا خوشامەت قىلمىغانلىغىنى، مەردانە ۋە جەسۇر بولغانلىغىنى، كىچىكلىكتىن زورىيىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىگىنى كۆرۈۋالالايمىز.
مۇلاھىزەمنىڭ داۋامىدا تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدە يەنىمۇ ئىچكىرلەپ توختۇلىمەن
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.