logo

trugen jacn

بىرلىك -ئىتتىپاقلىق مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى

 

 

         ئاپتورى: نەشتەرى

بىرلىك -ئىتتىپاقلىق مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى

 

ئايرىلغاننى ئېيىق يەيدۇ، بۆلۈنگەننى بۆرە—خەلق تەمسىلى

 

بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە مىللىتىمىزگە سۇ بىلەن ھاۋادەك زۈرۈر بولۇۋاتقىنى، قانداقتۇ تۇغۇلمىغان تەخەيگە قانداق مۆلە ئاتىپ، تۆشىنى قانداق ئارغامچىدا تاتىپ، كىم ئاۋۋال مىنىپ، قايسى تەرەپكە چېپىشقا دېگەندەك  بەڭگىنىڭ خىيالىنى قىلىپ ئولتۇرۇش ئەمەس،بەلكى  قانداق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان رەھىمسىز ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتىنى قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئاماللار بىلەن توختىتىپ، مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىش. ئۆمسىزلىك ئۇرۇقى چېچىلىپ كەتكەن ئادەملەر توپىنىڭ ھەر قانداق ئىشى ھەسرەت بىلەن ئاقىۋەتلىنىدۇ، خالاس

كىچىك بالىنىڭ ئۇكىسىمۇ بىلىدىغان بىر ئاددىي ساۋات، بىر تال چىۋىقنى سۇندۇرماق ئاسان، بىر تۇتام چىۋىقنى سۇندۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. دېمەك، بىرلىك- ئىتتىپاقلىقتىن كۈچ ھاسىل بولىدۇ، كۈچتىن غەلبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. «ئايرىلغاننى ئېيىق يەيدۇ، بۆلۈنگەننى بۆرە». بۇ ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھەقىقەتتۇر

 

رېئاللىق بىدىن  يىراق كەلگۈسىگە تەۋە مەسىلە ۋە ئىشلار ئۈستىدە دەتالاش قىلىپ يۈرمەي، « بىر ئاۋاز، بىر قەدەم »، « بەش مىڭ كىشىلىك نامايىش» ۋە  باشقا شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرگە ئوخشاش نان تېگىدىغان نەق ئىشلارنىڭ پىلانلىرى تۈزۈپ، تۈزگەندىمۇ ھې- ھاياجېنۇمىز بىلەن ئەمەس، ئەقىل-ئىدراكىمىز بىلەن تۈزۈپ  ، ئۇنى « بىر ئاۋاز، بىر قەدەم »دە روياپقا چىقىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ

 

چەتئەل ئۇيغۇر گەۋدىسى، مېنىڭ قارىشىمدا، مىللىي ئازاتلىقىنىڭ مەشئەلى، ۋەتەندىكى قان-قېرىنداشلارنىڭ ئۈمىد چىرىقى. ئويلاپ باقايلى، بىزدە ھازىر، ئەسىرلەردىن بۇيان قاتمۇ-قات قۇللۇق كىشەنلىرىنىڭ ئاسارىتىدە ياشاپ ھۆرلۈككە شۇ قەدەر تەشنا بوپكەتكەن سۆيۈملۈك مىللىتىمىزنى يورۇقلۇققا ئېپچىققۇدەك «دەسمايە» تولۇقمۇ؟

ئالايلۇق، تىبەتلەردە ھازىرلىنىپ بولغان ئۇنۋېرسال كۈچ ۋە ھەرتەرەپلىمە ئەۋزەللىك، يەنى مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ھۇلى، قوشۇنى، سىياسىتى، ھاسىلاتى، مۇھىمى خەلقارادىن كېلىدىغان مەنىۋىي مەدەت ۋە ماددىي ياردەملەر بىزدە بارمۇ؟

 

فالۇن, ئەقىدىچىلىرى جېنىدا دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدا خىتاي پارتىيىسىگە قارشى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان دەرت تۆكۈش، پاش قىلىش، قۇترىتىش، كۈچ كۆرسىتىش، نارازىلىق بىلدۈرۈشتەك پائالىيەتچانلىق ۋە ھارماس- تالماس روھ بىزدە بارمۇ؟ -مەن بۇ يەردە پەقەت ئۇلارنىڭ تىنىمسىز تەشۋىقات جەھەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن، ئەقىدىسى باشقا بىر گەپ

 

ئۇلۇغ ئىشقا بۈيۈك بىرلىك لازىم.دىھقان تاغېرىنى دانغا تولدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال خامانغا مۇم قادايدۇ. ئۇلۇغ ئىشقىمۇ مۇستەھكەم «مۇم» كېرەك. بۇ بىزدە بارمۇ؟ بار دېسەك، بالىسى تەتۈر كېلگەن  ئانىنىڭ تۇغۇتىدەك  مىڭ تەستە دۇنياغا كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بار.ئۇنى يۆلەپ ، ئاسراپ، پەرۋىش قىلىپ،  مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ پولات تۈۋرۈكىگە ئايلاندۇرۇش ۋە  ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇش ئەسلى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ھەممە ئۇيغۇرنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى،  ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ئىدى. ئەپسۇس، مىللەت ئۇدۇمىمىزغا مەككىنىڭ رودىپىيىدەك چاپلىشىۋالغان ئىللەتلرىمىز، مېكىياننىڭ ئەمچەكسىز قېلىشىغا زامىن بولغان شۇملۇقلىرىمىز ھېلىھەم ئۆز كاساپىتىنى كۆرسىتىپ، ئەۋج ئېلىۋاتقان كۈرەش يانغىنىنى ئۆچۈرىدىغان ئامىلغا ئايلىنىۋاتىدۇ

 

بىر مىسال، گەدەنگە چىققان سۆگەل سۈپەت «ھۆكۈمەت-پۆكۈمەت»، «تەشكىلات- پەشكىلات» لارنى ئاز دەپ، مىللەتنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشتىمۇ نەلىكنىڭ باش بولۇشى، ئۆزىنىڭ نېمىچى ئاتىلىشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئىش كۆرىدىغان بىر قىسىم ئىش بۇزدىلار دوستنى يىغلىتىپ، دۈشمەننى كۈلدۈرىدىغان تاق پەردە، قوش كۆرۈنۈشلۈك بىر مەيدان ئويۇن تەييارلاۋېتىپتۇ، ھەتتا بويىنى ئۆلچىمەيلا  كىيىدىغان تونلىرىنى تىكتۈرۈشكە ئالدىرىشىۋاتقانمۇ ئوخشايدۇ. توۋا دەپ ياقا تۇتقاندىن باشقا، ئىككى كەلىمە خالىسانە تەۋىسيەمىزنى ئايىمايلى: ھەي قېرىنداشلىئار، سەھنىگە ئالدىراپ ئولتۇرالماي قالغان ئارتىسلاردەك قىلىقلارنى قىلىپ يۈرمەي، بىر چەينەك چاينى دەملەپ قويۇپ،  مۇشۇ كۈنلەردە نېمە پايدىلىق، نېمە زىيانلىق، قانداق قىلىشىم كېرەك دېگەن سۇئاللار ئۈستىدە  بىر قېتىم ۋىجدان كېڭىشى ئۆتكۈزۈپ باقساڭلار. قېنى، ۋىجدانىڭلار نېمە دەيدىكىن؟

 

بەزىدە مەنمۇ غەلىتە خىياللارنى قىلىدىغان بوپقالدىم، بىز ئۇيغۇرلاردىن بىئولوگىيە ساھەسىدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئالىملار چىقىپتۇ، ناۋادا زادىلا بىرلىشەلمىسەك، شۇ ئالىملىرىمىزغا مىللەت نامىدىن مۇراجىئەتنامە سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنى بىرلەشكىلى قويمايدىغان لەنەتلىك گېن تەركىبلىرىنى ۋۇجۇدىمىزدىن تازىلاپ چىقىرىۋېتىدىغان بىرەر دورا كەشىپ قىلىپ، ھەممە ئۇيغۇرغا يېگۈزۈپ باقساق، خۇي- پەيلىمىز ئوڭشىلىپ قالۇرمۇ-يە؟

Share
2111 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.