logo

trugen jacn

ئاللاھ قەلبىمىزنى بىرلەشتۈرسۇن, دىن تۇغۇلغان تۇيغۇ

 

 

ئاپتورى: نەشتەري

 

  ئاللاھ قەلبىمىزنى بىرلەشتۈرسۇن, دىن تۇغۇلغان تۇيغۇ

 

ئۇيقۇسىز تۈنلىرىمنىڭ بىرىدە «ئاللاھ قەلبىمىزنى بىرلەشتۈرسۇن» ناملىق ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلاپ قالدىم. ئاڭلىغانسېرى ئاڭلىغىم كەلدى، ئاڭلىغانسىرى ئۈن سېلىپ يىغلىغۇم كەلدى، ئاڭلىغانسېرى كۆكتامان ۋاقىرىغىم كەلدى

 

خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىللىتىمىزنى ئوق يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ يوق قىلىش شۇم غەرىزىدە يۈرگۈزىۋاتقان ۋەھشىيانە زوراۋانلىقلىقلىرى دەستىدىن جاندىن ئەزىز ئوغۇل-قىزلىرىدىن جۇدا بولۇپ، بىر كۆزىدىن قان، بىر كۆزىدىن ياش ئېقىۋاتقان باغرى لەختە ئاتا-ئانىلارنىڭ سۇنۇق چىرايى، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ يىتىم قوزىدەك ئەتراپىغا ۋەھىمە ئىچىدە تەلمۈرۈۋاتقان نارەسىدىلىرىمىزنىڭ بىچارە ھالىتى، خىتاي تۇرما-لاگېرلىرىدا فاشىستىك قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىپ، چىدىغۇسىز خورلۇقلارنى تارتىۋاتقان بىگۇناھ ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق نالە-پەريادى كۆز ئالدىمدىن كەتمەي، يۈرۈگۈم ئازاپتىن ئېزىلدى، ۋۇجۇدۇم غەزەپتىن ئوت ئالدى، مۇشتلىرىم ئىختىيارسىز تۈگۈلدى، قەپەزگە بەند شىر-يولۋاس ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئاتقاندەك بىر ياقلارغا ئېتىلغىم كەلدى، ئانا ۋەتىنىم، سۆيۈملۈك مىللىتىمگە ئېزىز جېنىمنى قوش قوللاپ سۇنغۇم كەلدى

 

مىڭلارچە ئاپىرىن، قان-قېرىنداشلىرىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە چىداپ تۇرالمىغان چەت ئەل ئۇيغۇر گەۋدىسى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زۇلۇم-سىتەملىرىگە قارشى ھەيۋەتلىك سەپ تۈزۈپ، قەھرى-غەزەپ بىلەن كۈرەشكە ئاتلاندى. بۇ كۈرەش  ئارقىلىق ھەر قايسى ئەل جامائەتچىلىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىللىتىمىزگە قاراتقان ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتىدىن خەۋەردار بولدى.  ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلىدى.  خىتاي دائىرىلىرىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇنداق ئاسان تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى، ۋەتىنىنىڭ ئازاتلىقى ، مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان قەيسىرانە روھىنى ۋە سۇنماس ئىرادىسىنى كۆرۈپ يەتتى.  بۇ مىسلىسىز مەنزىرىدىن ئىلھاملىنىپ، قېنىم پۇرۇقشىپ قاينىدى، دىلىم سۆيۈنۈپ يايرىدى، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئۈمىد چىرىغىم يېڭىۋاشتىن پەرلەندى

 

لېكىن، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇدىغىنى، سەپ تارتىپ كۈرەشكە ئاتلانغان بۇ قوشۇننىڭ ئىچكىي ئەھۋالىنى ئەقىل بىلەن كۈزەتسەك، خۇددى خام ئىشىلىپ قالغان ئارقاندەك بىر يەرلىرىدىن چۇۋۇلۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز.  ئېچىپ ئېيتقاندا، بۇ سەپتە كىتىۋاتقانلارنىڭ شۇئار بىرلىكى بار، ئەمەل بىرلىكى يوق؛ قولىدا ئەلەم بىرلىكى بار، پۇتىدا قەدەم بىرلىكى يوق. ھەسرىتا، تەلىيى كاج، پىشانىسى تەتۈر، «شۇم چۈجە» بۇ مىللىتىمىزنىڭ گېنىغا يېپىشقان ئۆمسىزلىك، ئىتتىپاقسىزلىق مەرەزلىرى تا بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بۈگۈنكىدەك كۈنلەردىمۇ ئۆز كاساپىتىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن ھەر قانداق ئەقىل ئېگىسىنىڭ يۈرىگى ئېچىشماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.  چۈنكى، بۇ ھال چەت ئەل ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ماھىيەتلىك تەرىپىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ؟

 

توۋا دىمەي ئامال يوق.  تارىخى ئۇ قەدەر ئۇزۇن، مەدەنىيىتى ئۇ قەدەر رەڭدار سۆيۈملۈك مىللىتىمىزدىن شۇنچە نۇرغۇن خانۇ-خاقان، شائىر ياران، ھېكىم لوقمان، قارام پالۋان، غوجا-ئىشان، قازى-كالان، نادان ئىنسانلار چىقىپتۇكى، مىللەتكە ماياك بولغىدەك بىرەر دانىشمەن پادىشاھ، بىرەر ئۇلۇغ داھىي، بىرەر ئاتىغى بار پەيلاسوپ چىقماپتۇ.  بەلكى چىقىدىغان بولسىمۇ  چىققىلى قويمىغاندۇرمىز. ئەمدىچۇ؟  ئەمدى ئۆم بولمىساق ئۆلۈم كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان  بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، بىر باش، بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، يەكدىللىق، كىچىك پىللىق بىلەن، ئوخشاش موقامغا توۋلاپ، ماس  قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، ۋەتەن ۋە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلالامدۇق؟ ئالدىراپ چىچاڭشىماي يۈرىكىمىزگە قولىمىزنى قويۇپ، ۋىجدانىمىزدىن سوراپ كۆرەيلى

 

ئەي ئېزىز قېرىنداشلار، بوغۇزلاپ يىيىشكىلا بۇيرۇلغان ئەڭ ياۋاش ھايۋان قوي جېنىدا بۆرە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا بىر دائىرىگە جەم بولۇپ بېشىغا كەلگەننى تەڭ كۆرىدۇ.  مىللىتىمىز خىتاي چىل-بۆرىلىرىنىڭ قورشاۋىدا قوي پادىسىنىڭ قىسمىتىگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ، بۇ قىسمەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى «مەن» دىن كىچىپ،«بىز» گە كۆچۈش، ۋەتىنىمىزنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش، مىللىتىمىزنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن، بارلىق شەخسى گىنا، غەيرى «خۇما» لىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلاش

 

دەرۋەقە، مۇشۇنچىلىك ئەقەللىي شەرتنى ھازىرلىمىقىمىزمۇ ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيۋاتىدۇ.  قاراپ باقايلى، ماۋۇ ئۆزى ھەممىنى بىلىپ بولغان، ھالبۇكى ئۆزىنى بىر قېتىممۇ بىلىپ باقمىغان «بىلەرمەنلەر» نىڭ ئەلپازىغا: بەزىلىرى ئاۋازىنىڭ ئۈنلۈكلىكى بىلەن ئۆز گېپىنى توغرىغا چىقارسا، بەزىلىرى پايدا ئەلىپ كۆنۈپ قالغان مۇتىھەم، تەلۋىلىكىگە تايىنىپ ئۆز گېپىنى يورغىلىتىۋاتىدۇ؛ بەزىلرى چەتتە تۇرۇۋېلىپ بەلۋاغ باغلاپ چېلىشىۋاتقانلارنى «يانپاشقا ئالالمىدى، كۆتۈرۈپ سالالمىدى» دەپ ئېيىبلەۋاتىدۇ؛ بەزىلىرى خۇددى كارۋان يولىنى توسۇپ توختىماي قاۋايدىغان كاسكىي ئىتلاردەك نىشان بويلاپ كېتىۋاتقانلارنى بىھۇدە قاغاپ تىللاۋاتىدۇ؛  بەزىلىرى بەدەنگە چىققان كۆيدۈرگە چاقىدەك مىللەتنىڭ «تېنىنى» ئاغرىتسا، بەزىلىرى پىتنە -پاساي تۈگمىنىنى توختىماي ئۈگۈتلەپ پىداكارلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتىۋاتىدۇ؛  بەزىلرى جەڭگە ھازىر ئارغىماقلارنىڭ چات ئارىسىغا يېپىشىۋېلىپ چېقىپ ئارام بەرمەيدىغان كانا-كۆكۈيۈنلەردەك كۆڭۈلگە  ئارام بەرمەيۋاتىدۇ؛  بەزىلىرى بەز مارىغان ئوغرى مۈشۈكتەك ھەممە ئىشتا شەخسىي نەپ-مەنپەئەتىنى قوغلىشىۋاتىدۇ؛  بەزىلىرى ھەتتا خىتاي پارتيىسىگە ئالتۇن ھەل بىرىپ، ئالغان پايدىسى ۋە ئالىدىغان نەپلىرى ئۈچۈن «دەسمايە» توپلاۋاتىدۇ؛  بۇنى ئاز دەپ، بەزىلىرى تېخى  تىلىغا كونا پايتىمىنى تەتۈر يۆگەپ، ھەممە ئادەم «كاللا» دەۋاتسا «پاقالچاق» دەپ تىلىنى چايناۋاتىدۇ؛  بەزىلىرى «مەن سىياسىيغا ئارلاشمايمەن» دەپ ئۆزىنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويىۋاتىدۇ. بۇنداقلارغا خىتاب شۇكى، خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىر كۈن داۋام ئېتىدىكەن، ھېچ بىر ئۇيغۇر، قەيەردە، نېمىچى بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر سىياسىدىن بىر كۈنمۇ مۇستەسنا بولالمايدۇ

 

ئاخىرىدا ھەممىمىزگە جاكا بولسۇنكى، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن مۈشكۈل سەپەرگە نىيەت قىلغان ۋىجدان ئىگىلىرى ئۇنداق ئەخلەت-چاۋا، چاكىنا-چۈپرەندىلەرگە ۋاقىت-زېھىن، قەغەز-قەلەم، ئېغىز-كالام زايە قىلماي، مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ، قولنى قولغا تۇتۇپ، نىشانىمىزغا قاراپ توختاپ قالماي ئالغا ماڭايلى

 

يۈرەر كارۋان كۆكرەك كىرىپ كۆزلىگەن مەنزىل تامان

قالۇر ئىتلار گوداڭ ئارا خۇن يالاپ كاپشىپ ھامان

 

«ئاللاھ قەلبىمىزنى بىرلەشتۈرسۇن» گە ئەجرى سىڭدۈرگەن نامى مۇبارەكنىڭ ئۆزىگە نۇسرەت، قەلىمىگە بەرىكەت بەرگەيسەن، ئىلاھىم

 

Share
2840 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.