logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» نىڭ يېڭى ئىپادىسى – ئائىلە ئەزالىرىنى ئېنىقلاش

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىشىگە ئەگىشىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى يەرلىك تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە تارقىتىلغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئائىت تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ بۇنى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان، دېدى.

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا تارقىتىلغان يېڭى ئۇقتۇرۇشتا شۇ تەۋەلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى يېڭى جەدۋەل بويىچە تولدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەر بىر ئائىلىدىكى كىشىلەر يېڭى جەدۋەلگە ئۆزلىرىنىڭ، ئاتا-ئانا ۋە جورىسىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇشتىن باشقا پەرزەنتلىرى، پەرزەنتلىرىنىڭ جۆرىلىرى، پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەينەن تولدۇرۇشى لازىم ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇ كىشىنىڭ جۆرىسىمۇ خۇددى مۇشۇ تەرىقىدە ئۆزىنىڭ بارچە تۇغقانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر بىر كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، مىللىتى، سىياسىي قىياپىتى، كىملىك نومۇرى، خىزمەت ئورنى ياكى ۋەزىپىسى قاتارلىقلارنى تولدۇرۇش لازىم ئىكەن.

جەدۋەلنى تولدۇرۇش ھەققىدىكى كۆرسەتمە ئىچىدە يەنە جورىسى ياكى پەرزەنتلىرى خىزمەت، ئوقۇش ياكى ئولتۇراقلىشىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن چەتئەلدە بولسا ئۇلارنىڭ مەكتىپى، ئولتۇرۇشلۇق ئادرېسى، خىزمەت ئورنى ھەمدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق مەلۇم قىلىشى لازىم ئىكەن. ئۇنىڭدا يەنە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن پېنسىيىگە چىققانلار ياكى ۋاپات بولغانلار، شۇنداقلا مۇقىم خىزمەت ئورنى يوقلارمۇ بىردەك تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش لازىملىقى ئېيتىلغان. ئۇنىڭدا يەنە بۇ جەدۋەلنى ئەينەن تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئەھۋالنى يوشۇرغانلار بايقالسا ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. بىز بۇ جەدۋەل ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى دەلىللەپ كۆرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى بىرنەچچە ئاھالە كومىتېتىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئۇلار بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى بىردەك رەت قىلدى. ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان مەلۇم ئاھالە كومىتېتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا مەسئۇل خىتاي كادىر بۇ جەدۋەلنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى:

«- ۋەي، ياخشىمۇسىز!

– ۋەي، ياخشىمۇسىز! مەن بىر ئىشنى سوراپ باقاي دېگەن، سىلەر يېقىندا تارقاتقان «ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش» جەدۋىلى يالغۇز بىر قىسىم ئائىلىلەرگە قارىتىلغان ئىشمۇ؟

– بۇنى تولدۇرسىلا بولىدىغۇ. بۇنى ھازىر ھەممە ئائىلىلەر تولدۇرۇپ ئىمزا قويۇۋاتىدۇ.

– ئەمىسە بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇشقا زادى كىم مەسئۇل بولىدۇ؟

– ئۆي ئىگىسى، ئۆيگە مەسئۇل كىشى كىم بولسا شۇ تولدۇرىدۇ.

– ھە، مۇنداق دەڭ. ئۇنداقتا بۇ جەدۋەلنىڭ ئۇيغۇرچىسى بارمۇ؟

– ئۇيغۇرچىسى يوق. بارى مۇشۇ نۇسخا.

– بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟

– ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلارنى ئېنىقلاش. ئومۇمەن ھەر بىر ئائىلىلىكتە ئولتۇرۇۋاتقانلار كىملەر، ئۇلارنىڭ ئېنىق ئەھۋالىنى ئىگىلەش دېگەندەك. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى جەدۋەلگە ئېنىق يېزىش لازىم. بولۇپمۇ ئۆي ھازىر كىمنىڭ نامىدا، كىم ئۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتىدۇ، دېگەننى بەكرەك ئېنىقلاۋاتىمىز.

– بۇ جەدۋەلدە ھەر بىر ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ ئېنىق ئەھۋالى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ تەپسىلىي مەلۇماتلىرىنى سورىغاندەك قىلىدىغۇ؟

– شۇنداق، شۇنداق. شۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىش لازىم. شۇڭا جەدۋەلنى تولدۇرغاندا شۇ كىشى ئۆزىدە قايسى تۈر بار بولسا شۇنى تەپسىلىي يېزىش كېرەك. يوق بولسا يوق دېيىش كېرەك. يەنى ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەينەن يازسىلا بولىدۇ. مەسىلەن، يەنە پاسپورتى بار كىشىلەر شۇ پاسپورت بىلەن قايسى دۆلەتلەرگە بارغانلىقى قاتارلىقلارنى مەلۇم قىلىشى لازىم. مەسىلەن، ئەگەر شۇ كىشى پاسپورت بىلەن فىرانسىيە ياكى ئامېرىكىغا بارغان بولسا شۇنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى، 2016-يىلى فرانسىيەگە بارغان، 2017-يىلى ئامېرىكىغا بارغان دېگەندەك شەكىلدە تولدۇرۇشى لازىم.

– قارىسام بۇ جەدۋەلدە مىللىي تەركىب بويىچە ئايرىپ تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىپتۇ. بۇ نېمە گەپ بولۇپ كەتتى؟

– ئۇنىڭدا باشقا گەپ يوق. جەدۋەلدە شۇنداق تولدۇرۇش لازىم، دېگەندىكىن تولدۇرسىلا بولىدۇ. قايسى مىللەت بولسا شۇ مىللەت ئىكەنلىكىنى تولدۇرسا بولىدۇ. مىللەت دېگەندە باشقا مەزمۇن بولمايدىغۇ. شۇڭا جەدۋەلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ مەنىسى بىلەن كارى بولماي نېمە بولسا شۇنى يېزىش كېرەك. ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، مىللىتى دېگەنلەرنى يېزىش لازىم. ئەگەر خىتاي بولسا خىتاي دەپ، ئۇيغۇر بولسا ئۇيغۇر دەپ، قازاق بولسا قازاق دەپ ئېنىق تولدۇرسا بولىدۇ.»

مەزكۇر جەدۋەلنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا ئۇ ئېلېكترونلۇق جەدۋەل بولۇپ، ئۇنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئائىلە باشلىقى ئىمزا قويىدىكەن. بىز مەسئۇل خادىمدىن «بۇ يالغۇز مۇشۇ رايون تەۋەسىدىلا يولغا قويۇلغان ئىشمۇ» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ ھازىر پۈتۈن شەھەر مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بارلىق كىملىك ھۆججەتلىرىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى قوشۇپ تاپشۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

«- ئۇنداقتا بۇ يالغۇز سىلەرنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتى قىلىۋاتقان ئىشمۇ؟

– ياق، ياق. ھەممەيلەن قىلىۋاتىدۇ، پۈتۈن شەھەر بويىچە بولۇۋاتقان ئىش بۇ. پەقەت شۇ بەزى ئاھالىلەر كومىتېتى بالدۇرراق، بەزى ئاھالىلەر كومىتېتى كېيىنرەك باشلىغان بۇنى. ئىشقىلىپ ھازىر بۇنى ھەممەيلەن قىلىۋاتىدۇ.

– ئەمىسە بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۈرۈكى قاچان توشىدۇ؟

– ئىشقىلىپ بۇنى سوزماي تېزدىن پۈتتۈرۈش لازىم. تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تېزدىن ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئېلىپ كېلىپ تاپشۇرۇۋەتسىلا بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىز قايسى بىناغا كىم مەسئۇل، كىم قايسى بىنادا دېگەنلەردىن خەۋەردار بولالايمىز. شۇڭا تولدۇرۇپ بولغان ھامان ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئەكېلىپ بېرىشى لازىم.

– تاپشۇرغاندا يەنە باشقا قانداق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم؟

– رەسىم بولامدۇ، كىملىك بولامدۇ ھەممىسىنى كۆپەيتىپ تەييار قىلىش لازىم.

– نوپۇس دەپتىرىنىچۇ؟

– ئىشقىلىپ نوپۇس دەپتىرى، كىملىك ۋە باشقا گۇۋاھنامىلەرنى ئېلىپ كەلسە بولىدۇ.

– باشقا كىنىشكىلارنىمۇ ئالغاچ بېرىش كېرەكمۇ؟

– ئىشقىلىپ رەسىم، كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، توي خېتى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالغاچ كەلسە بولىدۇ.»

ئاھالىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورىنى تەپسىلىي ئىگىلەش مەقسەت قىلىنغان بۇنداق جەدۋەلنىڭ تارقىتىلىشى ھەمدە بۇ ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ بارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاھالىلەر كومىتېتىغا توپلاش ھەرىكىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بەلگىلىك غۇلغۇلا قوزغىغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە پىكىر قىلغۇچىلاردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن «خىتاينىڭ بۇ تەدبىرى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى ئاخىرقى مەقسەت قىلغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭچە بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇشتىكى يەنە بىر تەدبىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ئەمما بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلاردىن كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى «ساقچى دۆلىتى» دەپ تەسۋىرلىگەندە مەۋجۇت رېئاللىقنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى رېئاللىق ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان چېكىدىن ئاشقان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تەدبىرلىرىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال پۈتكۈل رايوندىكى ھەممە خەلقنى نىشان قىلمىغان ئىكەن.

مەمەت توختىنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتىدە نېلسون ماندېلا دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانغا قەدەر مەۋجۇت بولغان «ئاپارتېيد» (Apartheid) تۈزۈمى ئارقىلىق تەسۋىرلەش بىرقەدەر مۇۋاپىق ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە «ئاپارتېيد» تۈزۈمى 1994-يىلى بىكار قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جەنۇبىي ئافرىقا پۇقرالىرى ئىرقىي ئالاھىدىلىكى بويىچە ئايرىم-ئايرىم رايونلارغا ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ تۈزۈمدە مىللىي كەمسىتىش، ئايرىمىچىلىق، ئېكىسپلاتتاتسىيە ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئۇچۇرلىرىنى بۇ قەدەر ئىنچىكە شەكىلدە توپلاشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئېلشات ھەسەن بۇ، نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان روھى بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى جىددىي توپلىشى ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىتنى تېخىمۇ ئېغىر بۇرۇختۇملۇققا گىرىپتار قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurlarning-aile-ezalirini-eniqlash-08042017180931.html

Share
1420 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.