ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، پارىژ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار پارىژدىكى گالېنى باغچىسىغا جەم بولۇپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتايغا قارشى نامايىش قىلىش، خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بۈگۈن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى پارىژدىكى گالېنى باغچىسىغا جەم بولۇپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
پائالىيەتتىن كېيىن مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن تۇرسۇنجان تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.
پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان، پارىژ ئەتراپىدىكى مەلۇم بىر شەھەردە ياشاۋاتقان، قازاقىستاندىن فىرانسىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن رىزۋانگۈل خانىم بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە ۋە ئۆزىنىڭ فىرانسىيە ئۇيغۇر جامائىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى توغرىسىدا توختالدى.
پارىژدا ئېلىپ بېرىلغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە نورۋېگىيەدىن كېلىپ قاتناشقان، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نىغمەت تۇرسۇن ھاجىم پائالىيەت ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.
ئاخىرىدا، بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئايبۈۋى ئەركىن خانىم پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.
ئىگىلىشىمىزچە، پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئەتىگەن سائەت ئون بىر يېرىمدىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگە قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە پارىژ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقان.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.