logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى قارىقاشنىڭ ئارامازار كەنتىدە سابىق كەنت سېكرېتارىنى قولغا ئالغان

 

خىتاي دائىرىلىرى 28‏-ئىيۇن خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسى ئاقساراي يېزىسىنىڭ ئارامازار كەنتىدە پۇقرالارنى ئاممىۋى يىغىنغا چاقىرىپ، مەزكۇر كەنتىنىڭ سابىق سېكرېتارى توختى مەمەتتۇرسۇننى قولغا ئالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، توختى مەمەت تۇرسۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش، ئاممىغا تەھدىت سېلىش، جىنايەتكە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىنىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئاممىۋى يىغىندا قولغا ئېلىنغان ۋە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 1‏-ئايدىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى، «ئىككى يۈزلىمىچى» يەرلىك كادىرلارنى تازىلاش ۋە جازالاش ھەرىكىتى قوزغاپ، نۇرغۇن يەرلىك كادىرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان، پارتىيىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە جازالىغان. خوتەن «ئىككى يۈزلىمىچى» يەرلىك كادىرلارنى تازىلاش ۋە جازالاش ھەرىكىتى ئەڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋىلايەت بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر بۇ يىل 4‏-ئايدا 97 نەپەر يەرلىك كادىرغا چارە كۆرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.بىراق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەرلىك ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلەرنى ئاممىۋى يىغىندا قولغا ئېلىشتەك بۇ خىل ھەرىكىتى، تۇتقۇنلارنىڭ ئادىل سوتلىنىشىغا قارىتا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلماقتىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/aramazar-kent-sekertari-qamaqqa-elindi-06302017193059.html

Share
685 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.