logo

trugen jacn

دونالد ترامپ ئاۋىياماتكا ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسىغا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈردى

 

پىرېزېدېنت دونالد ترامپ ئاۋىياماتكىنىڭ رايوندا ئامېرىكىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى تەھدىتلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تاللاشلارغا تەييار تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

 

دونالد ترامپ ئاۋىياماتكا ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسىغا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈردى

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كورېيە دېڭىزىغا يوللىغان كارل ۋىنسۇن ئاۋىياماتكىسى ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسىغا «ھەر قانداق ئېھتىمالغا قارشى تەييار تۇرۇڭلار!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مەسلىھەتچىسى پالكوۋنىك گېنېرال ھېربېرت مىك ماستېر «Fox News» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، «پىرېزېدېنت دونالد ترامپ ئاۋىياماتكىنىڭ رايوندا ئامېرىكىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى تەھدىتلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تاللاشلارغا تەييار تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى» دېدى.

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيە قوماندانلىقى «PACOM» شىمالىي كورېيە بىلەن يىرىكچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىققاندىن كېيىن، جۈمە كۈنى كارل ۋىنسۇن ئاۋىياماتكىسى ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاۋستېرالىيەدىكى ساياھىتىنى توختىتىپ دەرھال كورېيە دېڭىزىغا قايتىشنى بۇيرىغان ئىدى.

پالكوۋنىك گېنېرال ھېربېرت مىك ماستېر ئامېرىكىنىڭ رايونغا ھەربىي كۈچىنى يوللىشىنىڭ ئېھتىيات يۈزىسىدىن  ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇنداق قىلىش ئېھتىياتلىق قەدەم ئەمەسمۇ؟ شىمالىي كورېيە نۇرغۇن قېتىم ئىغۋاگەرچىلىك پوزىتسىيەسىدە بولدى. بۇ قاراقچى ھاكىمىيەت ھازىر يادرو كۈچكە ئىگە ۋە خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلدى.  بۇ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللاردىن تازىلىشى ئۈچۈن تولىمۇ كېرەكلىك» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى باشلىقى ۋىكتور ئوزېروۋ، «ئامېرىكىنىڭ رايونغا كارل ۋىنسۇن ئاۋىياماتكىسى ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتكەنلىكى شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن قارار ئېلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن» دېگەننى ئىلگىرى سۈردى.

ۋىكتور ئوزېروۋ، رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي مۇئەسسەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنڭىمۇ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

شىمالىي كورېيە ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا بىر تۈركۈم يادرو قورال ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ، خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىلىك كېڭىشى تېگىشلىك جاۋاپ سۈپىتىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ بانكىچىلىق ساھەسى، قورال تىجارىتى، سودا، كان مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى قاتارلىقلارغا قارىتا ئېمبارگولىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 5 – ئاپرىلدا ياپونىيە دېڭىزىدا ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە 6 – مارتتا  4 بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان ۋە بۇ بومبىلاردىن 3 دانىسى ياپونىيەنىڭ سودا رايونىغا چۈشكەن ئىدى.

ئامېرىكا «ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرلىدىغان بومبا سېنىقى» دەپ باھا بەرگەن شۇ قېتىمقى سىناقتىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە بىلەن مۇزاكىرىلەرنى تەخمىنەن بىر يىل داۋاملاشتۇرغان ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى «THAAD»نى جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تىزلەتكەن ئىدى.

 تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى

Share
1642 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.