ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنلاڭ تورىنىڭ 5-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە جەمئىيەت كاپالەت ئىدارىسى جەمئىيەتتىن «مللىي بولگۇنچىلەرگە قارشى تۇرۇش»نامىدا 600نەپەر ياللانما ساقچى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتقان.
ئۇقتۇرۇشتا ئۇلارغا بېرىدىغان ئايلىق مۇئاشىنىڭ 6000دىن 8000غىچە ئىكەنلىكى ھەمدە بەشتە كاپالەتكە ئىگە قىلىندىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ ئېلاننى ئاقتۇ بارىن ۋەقەسىنىڭ 27يىللقىغا ئۇدۇل كەلتۇرۇپ ئېلان قىلغانلىقى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
بۇندىن 27يىل ئىلگىلىرى ئاقتۇنىڭ بارىن يېزىسىدا زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلقىدا قوراللىق ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى لەنجۇدىن 10000دىن ئارتۇق خىتاي ئەسكىرىنى يۆتكەپ كەلگەن. ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قوراللانغان 300دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پىدائىيلىرى، مۇنتىزىم قوراللىق خىتاي تاجاۋۇزچى ئەسكەرلىرى بىلەن 7كۈن جەڭ قىلغان
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.