logo

trugen jacn

4 – ئاۋغۇستتىكى ئۇھسىنىش

4 – ئاۋغۇستتىكى ئۇھسىنىش
ئىخلاس

ھەر يىلى ئاۋغۇست
ئېيى كىرىشى بىلەن قەلبىمنى ئىختىيارسىز ئىزتىراپ تۇمانلىرى قاپلايدۇ. قويغان، تۇتقىنىمنى بىلمەيمەن. بىئاراملىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تالا – تۈزگە تولا چىقىدىغان بولۇپ قالىمەن. يەلكەمگە بىرسى قوغۇشۇن يۈكلەپ قويغاندەك مۈكچىيىپلا قالىمەن. تولا ئۇف –  ئۇفلايمەن. ئىككى مۇقەددەس ئىسىم لەۋلىرىمدە شىۋىرلىنىپ تۇرىدۇ.
“ … قۇربانجان ھېمىت… ئابدۇراخمان ئازات…“
“ 21 – ئەسىر بىزنىڭ بولىدۇ “ دەپ بىلجىرلاپ تېرىسىگە پاتماي قېلىۋاتقان، ھەممە يەردە تېرە تاراقشىتىپ ھەيۋە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقان خىتتاي ئاتېئىست كوممۇنىستلىرى تۇيۇقسىز تولىمۇ  ئاددىي ئىككى ئىنساننىڭ ۋەھىمىسى ئاستىدا قالدى. تۈمەن دەرياسى زىكىر قىلىۋاتقان بۇ ئىككى ئىسىم چاقماق تېزلىكىدە ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدىكى تەلەتىدىن قان تەپچىرەپ تۇرىدىغان، قورسىقىنىڭ تويغىنىنى سىلاپ بىلىدىغان ئاكابىرلارنىڭ سەھەردىكى گۈزەل چۈشلىرىنى بەرپات قىلىۋەتكەن ئىدى.
قۇربانجان ھېمىت… ئابدۇراخمان ئازات.
2008 – يىلى 4 – ئاۋغۇست سەھەردە، ئۈچ يىللىق تەييارلىقىنىڭ سەمەرىسىنى  تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەركىنلىكنىڭ مىسلىسىز بۇ ئىككى پىداكارى نىشانىغا يادىن چىققان ئوقتەك ئېتىلدى. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق، قويدىن يۇۋاش ئاۋامغا خالىغانچە ھۈرپىيىپ يۈرگەن چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ بۇ تارماق ئەترىتى نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە غەزەپ ۋە   قان ئىچىگە غەرق بولدى. ئون ئالتىسى نەق مەيداندا يەر چىشلىدى. ئون ئالتىسى ئېغىر يارىلاندى. بىرسى دوختۇرخانىدا تارمۇشلىرى تارتىشقىنىچە  شەرەپسىزلەرچە ئۆلدى. ئولىمپىككە قانداق داغدۇغىلىق، ھەشەمەتلىك تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەلقئارا مەتبۇئاتلىرىنىڭ باش بېتىگە چىقىرالماي ھەپسىلىسى پىر بولۇۋاتقان خىتتاي ئاتېئىست كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ “ ئارمىنى“ ئىككى مىسلىسىز قەھرىمانىمىزنىڭ جەڭگىۋار روھى بىلەن ”ئارزۇسىغا يەتكەن“ بولدى. ئامرېكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيەسى، گېرمانىيەنىڭ خەلقئارا رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى ئا ر د ۋەقەدىن بىر سائەتتىن كېيىن ئالتۇن ۋاقىتتا پۈتكۈل دۇنياغا ئېلان قىلدى. ئولىمپىككە 4 كۈن قالغاندا خىتتاي ئاتېئىست ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈستىدە ئەمەس بەلكى، ئىككى بۈيۈك قەھرىمانىمىزنىڭ جەڭگىۋار ياشلىقىنى بەخش ئېتىپ روياپقا چىقارغان، مۇجادىلە تارىخىمىزنىڭ ئەڭ يارقىن ئابىدىسى “ 4 – ئاۋغۇست سەمەن ۋەقەسى “ ئۈستىدە دوكلات بېرىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ئەسەبىلەشكەن ھالدا بۇنى“ تېرورلۇق ھەرىكەت “  دەپ بىلجىرلىدى. ئەمما،  سىياسىي ئانالىزچىلار شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى بولۇپمۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نىكولىس ئەپەندى بۇنى “ قارشىلىق ھەرىكەت “ دەپ باھالىدى. ئەلىمىگە چىدىيالمىغان چىدىماس، نومۇسسىز خىتتاي ئاتېئىست ھۆكۈمىتى 6 – ئاۋغۇستتا ئىككى قەھرىمانىمىزنىڭ ئۆيلىرىنى تۈرتۈش ماشىنىسى بىلەن تۈزلىۋەتتى. نامەرد ۋە ناكەسلەرگە قاراپ تۇرغان قۇربانجاننىڭ ئانىسى ئىبادەت خانىمنىڭ چېھرىدە قىلچىلىك مەيۈسلىنىش يوق ئىدى. ئەكسىچە ئىنىسى ئازات بىلەن ئۇچۇرغان بۇ دېشۋارچىلىقنىڭ كىشىلىك قەدر – قىممىتىنىڭ ئالدىدا ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغاندەك مەغرۇر تۇراتتى. ( قۇربانجان بىلەن ئابدۇراخمانجان نەۋرە تۇققانلار ئىدى. قۇربانجان 33 ياش. ئالىي مەلۇماتلىق، ئابدۇراخمانجان 28 ياش. ئالىي مەلۇماتلىق  ) خىتتاي ئاتېئىست كوممۇنىستلىرى بۇلارنى ئامال بار “ د ئۇ ق “ غا ۋە رابىيە قادىر خانىمغا باغلاپ يەر بىلەن يەكسان قىلىنغان ھەيۋىسىنى ئازراق  قوغداپ قېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەمما، قاپلان يۈرەك بۇ ئىككى ئەزىمەت ئۆزلىرى سادىر قىلغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر كۈندىلا تۆكۈۋەتتى.  ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى  قەشقەر ج خ ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى، مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك مەشھۇر غالچا قادىر جۈجاڭنىمۇ  بوغۇزلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، سوراقچىلارنى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك قىلىۋەتكەنىدى. تەپسىلاتتىن خەۋەر تاپقان ئىككى قولى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىپقىزىل قېنى بىلەن بويالغان قانخور، جاللات ۋاڭ لې چۈەن سوراق ئارخىپىنىڭ ئاشكارلىنىپ كەتمەسلىگىنى دائىرىلەردىن قاتتىق تەلەپ قىلىپ جىددىي ئۇقتۇرۇش يوللاشقا مەجبۇرلاندى. شۇنداق. قەھرىمانلىق ئىلىمدىن كەلسە جاسارەت بولىدۇ. نادانلىقتىن كەلسە جاھالەت بولىدۇ. ئىككى بۈيۈك قەھرىمانىمىز دۈشمىنىنىڭ كىملىكىنى،ماھىيىتىنى ئېنىق بىلىپ يەتكەچكە، نەدە ھۇجۇم قىلىشنى، قانداق ھۇجۇم قىلىشنى ئىنچىكلىك بىلەن  شۇنىڭغا لايىق ئىستىراتىگىيە ۋە تاكتىكا تۈزدى ۋە قوللاندى. بۇ مىللەت يەنە قانداق قەھرىمان ۋە غەيۇرلارنى ئاپرىدە قىلار…
سەھەر. ئۇپۇقتا زۆھرە يۇلتۇزى پارلاپ تۇراتتى. كۆكتە سانسىزلىغان يۇلتۇزلار چاراقلاپ تۇراتتى. “ ھۆرلۈككە ئېرىشىش يولىدا  بىزدىنمۇ ئارتۇق بەدەل تۆلىگەن، بىزدىنمۇ ئارتۇق قەھرىمان يېتىشتۈرۈگەن يەنە بىر مىللەت بارمىدۇ!!! “ جاۋاب ئېنىق ئىدى.  40 – يىللارنىڭ تونۇلغان شائىرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۇستازى ئەنۋەر ناسىرىنىڭ :
“ ئاقارغان يۈز، قىيىلغان قاش، قۇيۇلغان ياش،
كېسىلگەن باش،چۇۋۇلغان چاچ، تۆكۈلگەن قان.
تىلىنغان تەن، تۈرۈلگەن مۇش، كىرىشكەن چىش،
پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان.“
دېگەن مىسرالىرى كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى.
“ ئېھتىمال شۇنداق غەزەپ بىلەن ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغاندا ئىككىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىز پارتىلىغان بولغىيتتى !!! ئەمدى يەنە شۇنداق غەزەپلىك ياشاشقا مەجبۇرلىنىۋاتىمىز. ئەجىبا ئۈچىنچى قېتىملىق  مۇقەددەس ئۇرۇشىمىزنىڭ ئاي – كۈنى تۇغۇلغانمىدۇ كىملەر قوزغار، كىملەر يېتەكچىلىك قىلار… “
ئۇپۇقتىكى زۆھرە يەنە شۇنداق نۇرلۇق يەنە شۇنداق جەزبىلىك چاقناپ تۇراتتى.
2021 – يىلى 4 – ئاۋغۇست. ئىستانبۇل. نەم قاپلىغان سەھەر.

Share
673 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.