ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
3. تارىخ ۋە مىللەت
3. تارىخ ۋە مىللەت
يەر شارىدا تېرىسى ھەر خىل رەڭلىك كىشىلەردىن تەخمىنەن ئىككى مىليارد ئادەم ياشايدىغان بولۇپ، ئاق تەنلىكلەردىن بولسا 900 مىليون ئادەم بار. كومتې گوبىنيۇ (Comte Joseph-Arthur de Gobineau) ئۆزىنىڭ 1853-1855-يىللىرى ئېلان قىلغان بىر ئەسىرىدە مۇنداق بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئىنسان نەسلى تۈپ يىلتىزىدىن ئوخشىمىغان ئىرق ياكى ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار جىسمانىي تۈزۈلۈشى، روھىي قابىلىيىتى ۋە خاراكتېردىكى سۈپەتلىرى جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ھەمدە ئارىيان مىللىتى تەبىئىي ھالدا باشقا ھەممە مىللەتلەردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇھىت جەھەتتىكى پايدىلىق شارائىتلار مەدەنىيەتلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. مەسىلەن، مىسىر ۋە يېقىن شەرقنىڭ مەدەنىيەتلىشىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دەريا-ئۆستەڭلەرگە ئوخشاش پايدىلىق مۇھىت شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلىقلاردا ھېچقانداق مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ بېرەلمىگەن. تۈزۈم-قۇرۇلمىلار (institutions) مۇ مەدەنىيەتلىشىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمەيدۇ. يەنى، مەدەنىيەتلىشىش رەڭگارەڭ قۇرۇلما-تۈزۈم ئىچىدە تەرەققىي تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ مىسالى سۈپىتىدە پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى مىسىر بىلەن «دېموكراتىيە» تۈزۈمىدىكى ئافېنا (Athens) نى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، ئاجىزلىشىشى ۋە گۇمران بولۇشىنى شۇنىڭ ئىگىسى بولغان ئىرقنىڭ تەبىئىي ساپاسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان بىر مىللەتنىڭ چېكىنىشىنى ئۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆز مىللىتىدىن چەتنىشى ۋە تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان مىللەت كىشىلىرى بىلەن توي قىلىشقا ئوخشاش سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى، كۈچلۈك مىللەت كىشىلىرى، بېسىۋالغان زېمىندىكى يەرلىك كىشىلەر بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئىندىيانلىقلار بىلەن توي قىلماي ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلىغان ئامېرىكىلىق ۋە كانادالىقلار بىلەن، ئىندىيانلىقلار بىلەن توي قىلىپ ئاجىزلىشىپ كەتكەن لاتىن ئامېرىكا مىللەتلىرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئارىلاشما مىللەتلەردىن تۇغۇلغان كىشىلەرلا «ھەممە مىللەت بىر-بىرى بىلەن قېرىنداش» دېيىش ئارقىلىق مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىرق مەسىلىسىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر بىلەن توي قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنى كومتې گوبىنيۇنىڭ قاراشلىرى.
1899-يىلى، ئۆيىنى گېرمانىيەدە تۇتقان ئەنگلىيەلىك يازغۇچى خيۇستون چامبېرلېين (Houston Stewart Chamberlain) «19-ئەسىرنىڭ ئاساسلىرى» دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلىپ، ئىجادكار ئىرقنىڭ دائىرىسىنى ئارىيانلاردىن تيۇتون (Teutons) لارغا تارايتتى. ئۇ، ئەيسا پەيغەمبەر گېرمانلىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغان، ھەمدە «ئەيسا پەيغەمبەر يەھۇدىي مىللىتىدىن» دەيدىغانلارنى ياكى بىلىمسىز كىشىلەر ۋە ياكى سەمىمىيەتسىز كىشىلەر، دەپ ھېسابلىغان. باشقا كۆپ ساندىكى داڭلىق ئەربابلارمۇ گېرمانلىقلارنى ھازىرقى زامان ئادەملىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مىللەت، دەپ جاكارلىغان. ئادولف گىتلېرمۇ مۇشۇنداق چۈشەنچە ئاساسىدا گېرمانلىقلارنى يەھۇدىيلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تۈگىتىپ، پۈتۈن ياۋروپانى بويسۇندۇرۇش نىشانىغا باشلىغان.
مادىسون گرانت (Madison Grant) ئىسىملىك ئامېرىكىلىق يازغۇچى ئۆزىنىڭ 1916-يىلى ئېلان قىلغان «بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى» ناملىق ئەسىرىدە، مەدەنىيەتلىشىش تارىخىنىڭ بارلىق ئۇتۇقلىرىنى ئارىيانلىقلار ئىچىدىكى «نوردىكس» (Nordics) دېگەن بىر قوۋم ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، دەپ جاكارلىدى. شۇنداقلا تارىختا بولۇپ ئۆتكەن كۈچلۈك ئىرق كىشىلىرىنىڭ كۆپ زېمىنلارنى ئىگىلىۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسىدە نوردىك ئىرق كىشىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تۆھپىسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نوردىك ئىرقىدىن بولغان ۋاراڭگىيان (Varangians) لار رۇسىيەنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭغا 1917-يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ھەمدە نوردىك ئىرقىدىن بولغان ئىنگلىزلار ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەنى مۇستەملىكە قىلىپ، ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ، ئاسىيادىكى ئاساسلىق پورتلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزلىرىنىڭ قاراۋۇللىرىنى ياساپ چىققان.
گرانتنىڭ قارىشىچە، نوردىك قوۋمى بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىدىن ۋاز كەچكەن.
يۇقىرىقىدەك ئىلغار مىللەت نەزەرىيەسىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى بايقاش ئانچە تەس ئەمەس. مەسىلەن، خىتاي زىيالىيلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر ئىچىدە ئۆز مىللىتىدىن كۆپلىگەن سىياسىيون، كەشپىياتچى، ئارتىس، شائىر، ئالىم، پەيلاسوپ ۋە دانىشمەنلەر چىققانلىقىنى سۆزلەيدۇ. مېكسىكىلىق زىيالىيلار كولامبىيا دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئامېرىكا قىتئەسىدە مايان، ئازتېك (Aztec) ۋە ئىنكان (Incan) مەدەنىيەتلىرىنىڭ داڭلىق بىنالىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ھىندىستانلىق زىيالىيلار، بىر تەرەپتىن، ئەيسا پەيغەمبەر دەۋرىدىن 1600 يىل بۇرۇنقى بىر ۋاقىتلاردا ئارىيان ئىرقىغا تەۋە كىشىلەرنىڭ شىمالىي ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي ھىندىستاندىكى قارا تەنلىك دراۋىدىك (Dravidic) ئىرقىدىن مەشھۇر بىناكارلار ۋە شائىرلار چىققانلىقىنى، ھىندىستانلىقلار ياسىغان مادرەس (Madras)، مادۇرا (Madura) ۋە ترىنچىنوپولى (Trichinpoly) بۇتخانىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر بىنالارنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تارىخ بىلەن ئىنسان تېرىسىنىڭ رەڭگى ئوتتۇرىسىدا بىرەر باغلىنىش مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، تېرىسىنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پايدىلىق مۇھىت ئىچىدە يېڭى مەدەنىيەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدۇ.
مىللەت نەزەرىيەسىنى پەقەت ئاق تەنلىكلەرگە ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ بىر قىسىم قىيىنچىلىقلار تۇغۇلىدۇ. سېمىتلار (يەھۇدىي-ئەرەبلەر) ئوزلىرىنىڭ بابىلونىيە (Babylonia) ۋە ئىسلام قاتارلىق كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. يەھۇدىيلار ئىنجىل ۋە خىرىستىيان دىنىنى ياۋروپاغا بەرگەن، ھەمدە … بەرگەن.
ئىلاۋە: مەن كىتابنىڭ مۇشۇ يېرىدىكى بىر مۇھىم جۈملىنى قىسقارتىۋەتتىم. قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئۇ جۈملىنى ئەسلىدىكى كىتابتىن ئوقۇۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مۇسۇلمانلارمۇ تارىختا ئۆزلىرىدىن يېتىشىپ چىققان داڭلىق ھۆكۈمدارلار، ئارتىسلار، شائىرلار، ئالىملار ۋە پەيلاسوپلارنى تىزىپ چىقالايدۇ. غەربىي ياۋروپا 565-1095-يىللىرى بىر «قاراڭغۇ دەۋر»نى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، مۇسۇلمانلار ئاق تەنلىكلەرنىڭ باغداتتىن تارتىپ كوردوۋا (Cordova) غىچە بولغان كۆپلىگەن زېمىنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى يېڭىچە مەدەنىيەت تۈسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى سۆزلىيەلەيدۇ.
مىسىر، گىرېتسىيە ۋە رىمنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىرىنىڭ يىلتىزى شەرقتە بولۇپ، ئۇلارنى جۇغراپىيەلىك پۇرسەتلەر ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىياتلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئۇلارنى ھەرگىزمۇ بىرەر مىللەت بەرپا قىلغان ئەمەس.
مېڭە بىلەن يۈز شەكلىنىڭ ياكى مېڭە بىلەن ئادەم ئېغىرلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق مەدەنىيەتنى مىللەتكە باغلاشقا ئۇرۇنۇش قۇرۇق ئاۋارىچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمىگەنلىكى ئېھتىمال ھاۋا كىلىماتى ۋە جۇغراپىيەلىك شەرت-شارائىتنىڭ يول قويمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئاق تەنلىكلەر بولغان بولسىمۇ ئوخشاش نەتىجە كېلىپ چىققان بولاتتى. مىڭلىغان ئىجتىمائىي توسالغۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا قارىماي، يېقىنقى 100 يىلدەك ۋاقىتنىڭ مابەينىدە ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن قارا تەنلىكلەر ھەر خىل كەسىپلەردە، سەنئەتتە ۋە ئەدەبىياتتا يۇقىرى ئورۇنلارغا چىقتى.
مىللەتنىڭ تارىختا ئوينىغان رولى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيەدىكى چۈشەنچىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس. تارىختا ئوخشىمىغان ئىنسان توپلىرى ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەردىن بىر جايغا كېلىپ، قانلىرىنى، ئەنئەنىسىنى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بىر-بىرىنىڭكى بىلەن ياكى شۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنىڭكى بىلەن ئارىلاشتۇرغان. بۇ خۇددى تۇغۇپ كۆپىيىش جەريانىدا ئىككى ئىنسان توپىنىڭ گېنلىرى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئۆزئارا ئارىلىشىپ كەتكەنگە ئوخشاش. ئوخشىمىغان ئىرقلارنىڭ مۇشۇنداق ئارىلىشىپ كېتىشى ئەسىرلەر جەريانىدا يېڭى ئىنسان نەسلى ياكى يېڭى مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. بۇنداق يېڭى مىللەت ئۆزىگە خاس يېڭى مەدەنىيەتنى، يەنى، يېڭى چىراي شەكلى، يېڭى خاراكتېر، يېڭى تىل، يېڭى ئەدەبىيات، يېڭى دىن، يېڭى ئەخلاق ۋە يېڭى سەنئەتلەرنى بەرپا قىلىدۇ. مىللەت مەدەنىيەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەستىن، مەدەنىيەت مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئەنگلىيەلىكلەر كۆچۈپ بارغان يەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى بىللە ئاپىرىپ، يېڭى ماكانىدا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيسە، ئۇلار ئاشۇ يېڭى يەردە يېڭى مەدەنىيەت پەيدا قىلغان بولمايدۇ. بەلكى ئۇلار يېڭى ماكاندا روھىغا قارىغاندا ئەنئەنىسىنى مۇكەممەلرەك ساقلىغان بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەنئەنىدىكى ئاشۇنداق پەرقلەر مۇھىتنىڭ تەسىرىگە يول بېرىدۇ. ئىسسىق بەلباغدا بىرقانچە ئەۋلاد ياشىغاندىن كېيىن شىمالدىكى مىللەتلەر ئۆزلىرىدە جەنۇبتىكى مىللەتلەرنىڭ خاراكتېرلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ. شىمالغا كۆچۈپ بارغان جەنۇبلۇقلارنىڭ نەۋرىلىرى بولسا شىمالنىڭ مۇھىتىغا كۆنىدۇ.
مۇشۇنداق بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەدەنىيىتى ھازىرمۇ مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. 1700-يىلىدىن 1848-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى فلورىدا ئىشتاتىنىڭ شىمالىدا ئاساسەن ئانگلو-ساكسون (Anglo-Saxon) لار ياشىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتى كونا ئەنگلىيەلىكلەر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى ئەنگلىيە تۇپرىقىغا كۆچۈپ كەلگەن نۇسخىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولدى. 1848-يىلىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئىشىكى ھەممە ئاق تەنلىكلەرگە ئېچىۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن مىللەتلەر شالغۇتلىشىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى باشلاندى. بۇ شالغۇتلىشىش جەريانى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە ئەسىرگىچە داۋام قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئارىلىشىشتىن بىر يېڭى مىللەت ۋۇجۇدقا كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر ئايرىم تىلى، ئايرىم يەرلىك ئەدەبىياتى، ۋە ئايرىم سەنئىتى ۋۇجۇدقا كېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل نەتىجىنىڭ بىر قىسىم ئالامەتلىرىنى ھازىرمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
مىللەتنى يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىگە ئايرىيدىغان كىشىلەر ئىرقنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەلىرىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ، قوبۇل قىلغان تىل، كىيىم-كېچەك، ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق ۋە دىن قاتارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى. ئۇنداق كىشىلەرنى كەڭ كۆلەملىك مائارىپ تەربىيەسىدىن باشقا نەرسە داۋالىيالمايدۇ. تارىخىي بىلىملەر بىزگە شۇنى بىلدۈرىدۇكى، مەدەنىيەتلىشىش كۆپ خىل مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسەن ھەممە مىللەت تۆھپە قوشقان. مەدەنىيەت ھەممە مىللەتنىڭ مىراسى ۋە شاپائىتى (debt) بولۇپ، مەدەنىيەتلەشكەن ئىنسانلارنىڭ روھىنىڭ قانداقلىقى ئۆزىدىن باشقا ئورنى يۇقىرى ياكى ئورنى تۆۋەن ھەر بىر ئىنسانغا قىلغان مۇئامىلىسىدە نامايان بولىدۇ.
ئەسلىدىكى كىتابنىڭ مەن قىسقارتىۋەتكەن جۈملىسى بار بېتى مۇشۇ شۇ.
(داۋامى بار)
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.