logo

trugen jacn

سۇنئى ئەقىل، مىلتىق ۋە قىلىچ:

سۇنئى ئەقىلدىكى بىلىملەر دۇنيادىكى بىلىملەرنىڭ جۇغلانمىسى. ئەمما، سۇنئى ئەقىل شۇ بىلىملەرنى پەيدا قىلغان ياكى يېزىپ قالدۇرغان كىشىلەرنىڭ تىلدىكى كىشىلەرگىلا (تەرەققى قىلغان مىللەت كىشىلىرىگىلا) خىزمەت قىلىدۇ. ئىلىم-پەندە تەرەققى قىلالمىغان، بىلىم تەشۋىقاتىغا قىزىقمىغان مىللەتلەرگە بىۋاستە خىزمەت قىلمايدۇ. شۇڭا، بۇ مىللەتلەر كىلىۋاتقان سۇنئى ئەقىل دۇنياسىدا تەرەققى قىلغان مىللەت كىشىلىرىدەك ئالغا ئىلگىرلىيەلمەي، داۋاملىق قالاق بولۇپ ياشايدۇ ھەم باش ئىگىپ قۇل بولىدۇ. بۇ خۇددى يۈز يىلنىڭ ئالدىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدىكى ۋە كۇچىلاردىكى مىلتىق ياكى قىلىچ تۇتقان مىللەتلەرنىڭ شۇ جەڭلەردىن كىيىنكى تەقدىرىنى ئەسلىتىدۇ. بىزدىكى مىلتىق تۇتقان تۇڭگانلارنىڭ قىلىچ توقماق تۇتقان ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۇقاي قىلىۋەتكىنىگە ئوخشاش. شۇ ۋاقىتتا قەشقەردىكى قىرغىنچىلىق نىيۇيورك گېزىتىدە مەلۇم قىلىنىپتىكەن. مەن ئۇقۇغان.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ ئېچىنىشلىق كەلگۈسى. % 99.45454545454545 دىن كۆپرەك ئۇيغۇرلار ۋەتەندە ياشايدۇ (ۋەتەندىكى نۇپۇسنى 11 مىليۇن دىسەك) . ئۇلارغا خىزمەت قىلىش ھازىرچە مۈمكىن ئەمەس. چەتئەلدىكى ‘تۈت تال’ ئۇيغۇرنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئاشمايدۇ (ۋەتەندىكى نۇپۇسنى 11 مىليۇن دىسەك) . ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىلدا ئىلىم ئالالمايدىغانلىرى بەلكىم (2015-يىللىرى چىققان) 30 مىڭ ئەتراپىدا. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ سۈنئى ئەقىلنىڭ بىلىم دۇنياسىدىن بەھىرلىنىپ، سۈنئى ئەقىلنىڭ رولىنى ھىس قىلىپ، ئۇنى قانداق ئشلىتىشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئۇيغۇرچى سۇئالنى ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ سۈنئى ئەقىلگە يوللاپ، ئىرىشكەن ئېنگىلىزچە جاۋاپنى يەنە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىدىغان قىلدۇق. بىز بۇنى ‘سۈنئى ئەقىل ئىلىم-ئال كۈتۈپخانىسى’ دەپ ئاتىدۇق.

ئەمما بۇ ئۇسۇلغا قىزىقىدىغان ئادەم قانچىلىق تېخى نامەلۇم ھەم ئىشلەتكەنلەرنى بايقىمىدۇق. بىز ‘ئۇيغۇر’ دەپ شۇئار توۋلاپ قەھرىمان بولغۇمىز يوق. بىز ئۇيغۇر يېڭى تارىخىىدكى تۇنجى ھەقسىز كۈتۈپخانا ‘ئىلىم-ئال كۈتۈپخانىسى’ ۋە ھەقسىز ‘ ئۇيغۇر تىلىدا ئېنگىلىز تىلى تەربىلەش مەرگىزى’ نى ئاچقان. ئەمما پۇل خەجلەپ بۇنى تېلىۋىزوردا ئىلان قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا قەھرىمان بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى (بەلكىم) ئۇيغۇر ئەمەس ھۆكىمرانلار تەربىيەلەپ سىڭدۈرىۋەتكەن پىسخىكىسى: ئۆزىمىزنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ئىچىدىن چىقمىغان خەلق قەھرىمانلىرنى يۇقۇتۇش. بۇ ھازىرمۇ شۇنداق. شۇڭا بىزنىڭ قەھرىمان بولغۇمىز يوق.

ئەمما قەھرىمان بولماي تۇرۇپ، بىزنىڭ كونا ئىشتىياقىمىز بۇيىچە بۇ يېڭىدىن بارلىققا كەلتۈرگەن ‘سۈنئى ئەقىللىق ئىلىم-ئال كۈتۈخانىسى’ نى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق يەتكۈزىشنى بىلمىدۇق. قانداق قىلساق بۇلىدۇ؟

ھازىر قىلىچ بىلەن مىلتىق ئەمەس، سۈنئى ئەقىل بىلەن قۇراللىنىدىغان دەۋىر كەلدى. سىز قانداق قىلماقچى؟

https://www.facebook.com/share/p/QhrjBg5XL8iygNZ2/?mibextid=xfxF2i

Share
81 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.