logo

trugen jacn
19 فېۋرال 2014

ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺗﻪﻟﻪﭖ

 

çocuklar

u1130-pmmi.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ
ئىلھام ﺗﻮﺧﺘﻰ“ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺗﻪﻟﻪﭖ“ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻻﻳﯩﮭﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفىسورى ﺋﯩﻠﮭﺎﻡﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ”ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺗﻪﻟﻪﭖ“ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩدە، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ، ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ئالتە ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﮬﻪﻡ 12 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐا ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ
ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ئېلان قىلغان ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﯘﻧﯘﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻻﻳﯩﮭﯩﺴﻰ 2010- ﻳﯩﻠﻰ 11-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ، 12-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻐﺎ 200 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتى تورىدا ﺑﯘ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩﻨﯩﯔ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، خەنزۇ، ﺗﯩﺒﻪﺕ، ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﮬﻪﻡ جۇڭگونىڭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ 400 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺯﺍﻟﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﺘﻰ.
ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﻡ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ئالتە ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ 12 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ.
ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﺘﺎ، ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ 1951-ﻳﯩﻠﻰ، 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﻡ 1996-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، جۇڭگو ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ جۇڭگودىكى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ.
ئالتە ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
1.
ﺗﯩﻞ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯘﺗﯘﭘﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ
2.
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﮬﻪﻡ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
3.
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻰ، ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
4.
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ – ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
5.
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﺋﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
6.
ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺧەنزۇ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺴﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ؛ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺵ، ﮬﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﮬﻪﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ.
ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ 12 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﺘﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜى ئالتە مەزمۇن ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ:
1.
ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﮬﻪﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
2.
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﻰ خەنزۇ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯘﺗﯘﭘﻠﯘﻕ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
3.
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺳﻠﻰ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
4.
ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﺳﻠﻰ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ خەنزۇ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
5.
ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﯩﺮﻯ، ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
6.
ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ئەسلى مەنبە: بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تور

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/Ilham-toxti-12012010000525.html/story_main?encoding=arabic

Share
1889 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.