logo

trugen jacn

ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار نېمىنى كۈتىدۇ

ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار نېمىنى كۈتىدۇ

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

بۇ سۇئالغا بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېنىق، دەل، تولۇق جاۋاپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ۋەتەندىكى پەرقلىق قاتلامغا تەۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى پەرقلىق قاتلامغا مەنسۇپ ئۇيغۇرلاردىن كۈتىدىغانلىرى ئوخشىمايدۇ. بۇ ھەقتە تەكشۈرۈشكە ئىمكان يوق. شۇڭا بۇنىڭغا جاۋابەن ھىسلىرىمنى دېمەي ئىلاجىم يوق. مەزكۇر سۇئالغا باغلانغان كەچمىشلەرنى ئەسلىسەم كۆز ئالدىمغا چەتئەللىكلەرنى باشلاپ قەشقەرگە بارغان چاغلىرىم كېلىدۇ. ھەر قېتىم شۇ سېرىق چاچ كۆك كۆزلۈك كىشىلەرگە ھال ئېيتىپ، ئەرزىيەت ۋە كۈلپەتلەرنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلارغا قاراپ بىر تۇرۇپ يىغلىغۇم كەلسە بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كېلەتتى. بۇ ئەجنەبىلەرنىڭ بەزىلىرى ھىچ نەرسىدىن بىخەۋەر تاغچىلار، بەزىلىرى ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، يەنە بەزىلىرى بولسا ساياھەت قىلغىلى كەلگەن كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى بىلمەيتتى، بىلسىمۇ دەرتلىنىپ ئېچىنىپ كەتمەيتتى، ئېچىنغان تەقدىردىمۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىككى جۈملە يازىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇ مەنزىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ۋەتەندىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ھۆر دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىدىن كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان ناھەقچىلىكلەرنىڭ دەۋاگەرى، يۈرەكلەردە بوغۇلغان سادالارنىڭ جاكارچىسى بولسىكەن دەيدۇ.

2016-يىلىنىڭ بېشىدا ۋەتەندە قالغان ئىككى ئوقۇغۇچۇمنىڭ دىن ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە ياكى مىسىرغا بېرىشتىكى ئىككىلىنىشلىرىگە جاۋاپ بېرىپ، كېلىپ چىققان ئاقىۋەت سەۋەپلىك كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇ چاغدا ۋەتەندىكى بىر ئاددى ئوقۇرمەن تەنبىھ بېرىپ «مىسىردىكى شۇ ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق بالا بولمىسا بىزنىڭ دىنىمىزنى ساقلاپ قالىدىغان ئادەم قالمايدۇ» دېگەن ئىدى. ماڭا بۇ سۆز مىسىردىكى ئۇيغۇرلار  ئۈچۈن ئەمەس، چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتىلغاندەك تۇيۇلۇپ تەنبىھنى قوبۇل قىلغان ئىدىم. ۋەتەندە دىنى ئوقۇش قاتتىق چەكلەندى، 2017-يىلى سىنتەبىردىن باشلاپ بارلىق دەرسلەر خىتايچە ئۆتىلىدىغان بولدى. دېمەك، مەزكۇر ئاددى ئوقۇرمەننىڭ 2016-يىلىنىڭ بېشىدا قىلغان ئەندىشىسى راست چىقتى. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنىڭ مائارىپى تەھدىت ئىچىدە، مىللىي مەۋجۇتلۇق يوقۇلۇش خەۋپىدە. شۇڭا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىزدىن تىلىمىز ۋە دىنىمىزغا باغلانغان مىللىي مەۋجۇتلۇقنى چەتئەللەردە ساقلاپ قېلىشىمىزنى كۈتىدۇ.

تەرەققىيات پۇرسىتى ۋەتەندە قالغان بالىلىرىمىز ئېرىشەلمەيۋاتقان بىر ئەنگۈشتەر. مەن دائىم قىيالماي تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئوقۇغۇچىلىرىمنى باش كۆتۈرۈش پۇرسىتى تەگمەي قان تۈكۈرىۋاتقان ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىمەن. پۇرسەت بولمىغانلىقى سەۋەپلىك ئالتۇندەك ئىنى سىڭىللىرىمىز يېقىمسىز فورمىنىڭ، سوغۇق شىرەنىڭ، رەھىمسىز كۆزنەكلەرنىڭ قۇلى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. تەرەققىيات پۇرسەتلىرى چەتئەللەردە ياشاۋاتقانلاردا نىسبەتەن كەڭرى. شۇڭا مېنىڭچە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئېرىشەلمىگەن شۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەن چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىدىن ئۆزى ئېرىشەلمىگەن ئۇتۇقلارنى قازىنىشىنى، ئۆزى مەھرۇم شەرەپلەرنى قۇچۇشىنى، ئۆزىنىڭ قولى يەتمىگەن يۈكسەكلەرگە چىقىپ، كۆزى يەتمىگەن نىشانلارغا يېتىشىنى كۈتىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.

ۋەتەندە قالغان يۈرەك باغرىلىرىمىزنىڭ بىزدىن كۈتىدىغانلىرى بىزنىڭ ئويلاپ يېتەلەيدىغانلىرىمىزدىن كۆپ، بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالماس دەرىجىدە ئېغىر، بىزگە بېغىشلىغان ئۈمىت بىز ھىس قىلىپ باقمىغان تۈستە كۈچلۈك. بىز ناھەق خارلانغان ئۇيغۇرغا دەۋا قىلغۇچى بولالىساق، ئۇلار گىرىپتار بولغان دەرتلەرگە داۋا ئىزدىيەلىسەك، ئۇلارنىڭ تېشىغا تىنالماس پەريادىنىڭ ساداسى بولالىساق، ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە قىرقىلغان مەۋجۇتلۇق كۆچەتلىرىنى كۆكلىتەلىسەك، ئۇلارنىڭ كۆزى يەتمىگەن چوقىلارنى بويسۇندۇرۇپ، «ئەنسىرىمەڭلار مانا بىز بار!» دېيەلىسەك، شۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان، ئۈمىدىنى ئاقلىغان بولىمىز.

Share
1186 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.