ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
مەمەت ئىمىن
ھەممىمىز خەۋەردا بولغاندەك، ۋۇخەندىن تارقالغان تاجىسىمان يىڭى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ يۇقۇملۇق كىسەللىك، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تىز تارقىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا ساراسىم پەيدا قىلماقتا. بۇ كىسەلدىن ئەندىشە قىلىشقان نۇرغۇن كىشىلەر، دىقىتىنى ئۇ كىسەلنىڭ مەنبەسىگە ۋە ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىغا مەزكەزلەشتۈرۈپ، ھەر خىل قىياسلارنى ئوتۇرغا قويۇشماقتا. كىسەلنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ئىنىقلاش، كىيىنكى قىتىم ئو خىل كىسەلنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. ھازىر بىز يۈزلەنگەن مەسىلە ئۇ كىسەلنىڭ قايتا سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىش بولماستىن، بەلكى ھازىر مەۋخۇت بولىۋاتقان كزۆز ئالدىمىزدىكى بۇ كىسەلدىن قانداق ساقلىنىش ۋە ئۇنى قانداق كونتۇرۇل قىلىشقا مەركەزلىشىشى كىرەك. چۈنكى بۇ كىسەل مەيلى ئۇ قاچان، قەيەردىن ۋە قانداق پەيدا بولۇشىدى قەتېى نەزەر ئۇ ئاللا بۇرۇن مەۋجۇت بولىۋاتقان ۋە بىزگە تەھدىت ئىلىپ كىلىۋاتقان رىيال بىر مەسەلە.
2020 – يىل 28 – يانۋار كۈنگە قەدەر
ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئاتالغان ۋە تاجىسىمان يىڭى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ يۇقۇملۇق كىسەللىك، 2019 – يىلى 12 – ئاينىڭ بىشىدا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋۇخەندە تارقاشقا باشلىغان بولۇپ، خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ كىسەلنى كونتۇرۇل قىلىش ئۈچۈن، ھەر خىل چارە تەببىرلەرنى قوللۇنۇپ، بۇ كىسەللىكنى ئۆز ئىچىدە يوق قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىسەلنى ئۈنۈملۈك كونتۇرۇل قىلالمىغاچقا، 2020 – يىلى 22 – يانۋار كۈنى، خىتاي داھىرلىرى ئامالسىزلىقتىن ئۇ كىسەلنىڭ مەركىزى بولغان ۋۇخەن ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپدىكى بىر قىسىم شەھەرنى تاقاشتىن ئىبارەت ناھايتى پاسسىپ بىر چارىنى قوللۇنۇشقا مەجبۇرى بولغان.
بۇ كىسەللىك، مەيلى ئۇ نەدىن ۋە قانداق تارقالغان بولۇشىدىن قەتېى نەزەر، بىز بۇ تاجىسىمان يىڭى ۋىرۇسى، ئۇ ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۇنى قانداق كونتۇرۇل قىلىش توغۇرسىدا كۆپ نەرسە بىلمەيمىز. شۇڭا ھازىرغا قەدەر بۇ كىسەللىكنى كونتۇاۇل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان تەببىرلەر، بۇرۇنقى تەجىربىلەرگە ئاساسەن يەكۈنلەپ چىقىلغان تەجىربىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بۇ كىسەلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوتۇرغا قويۇلغان بولماستىن، بەلكى بارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇنۋىرسال ئۇسۇلدىن ئىبارەت. نۆۋەتتە بىز بۇ كىسەلنى كونتۇرۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشتا، ئۇنىڭغا خاس تىخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تاپقىچە، ھازىر مەۋجۇت بولغان يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئۈنۈملۈك دەپ قارالغان چارە تەببىرلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللۇنۇشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. يەنى قولىمىزنى داۋاملىق يۇيۇپ تۇرۇش، بولۇپمۇ ئامماۋى قاتناشنى قوللانغاندا، چوقۇم قولىمىزنى كەم دىگەندە 20 سىكىنۇتتىن ئارتۇق يۇيۇپ تۇرىشىمىز، ئادەم بەك كۆپ يەرگە ئامال بار مارماسلىقىمىز، باشقىلار بىلەن بولۇپمۇ ناتونۇش كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا بارىمىزدا مۇساپە قويىشىمىز، شەخشى بويۇملارنى ئايرىم ىشلىتىشىمىز، ئۆيدىكى كۆپ تۇتىلىدىغان نەرسە كىرەكلەرنى داۋاملىق پاكىزلاپ تۇرىشىمىز كىرەك.
يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يوللار ئارقىلىق ئۆز ئارا يۇقۇدۇ ۋە تارقايدۇ.
نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقۇش ۋە تارقاش. نەپەس يولى ۋە ئۆپكىدە كىسەل پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس ۋە باكتىريەلەر، بىمار ياكى بەدىنىدە ۋىرۇس، باكتىريە ئىلىپ يۈرگىچىلەرنىڭ ئىغىز، بۇرۇندىن چىققان سۇيۇقلۇم دانچىلىرى، خەلپۈك، تۈكرۈكلەر ئارقىلىق ھاۋاغا، تۇرمۇش بويۇملىرىغا ۋە قولغا تارقاپ، ئۇلار ئارقىلىق يىقىن مۇساپىدىكى باشقا ئىنسانلارغا يۇقۇشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامال تارقىغان رايۇنغا بارماسلىق، بىمار ياكى بەدىنىدە ۋىرۇس توشۇغۇچىلاردىن يىراق تۇرۇش، ئارلىقنى كەم دىگەن بىر مىتىردىن يىراق ساقلاش،بىمار ۋە ياكى بەدىنىدە ۋىرۇس توشۇغۇچى چوقۇم ماسكا تاقاش، ھۆتەلگەندە ۋە ھۈسۈرگەندە ئىغىز بۇرنىنى توسۇپ، ئەتىراپتىكى مۇھىتنى بۇلغاشتىن ساقلىنىش، ياخشى كىيىنىش، سوغاق ئۆتۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش، قولنى داۋاملىق يۇيۇپ تۇرۇش كىرەك.
ئىغىز ۋە ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق يۇقۇش ۋە تارقاش. خىگەر، ئۆت، ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستىمىسىدا كىسەل پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس ياكى باكتىريەلار، يىمەك ئىچمەك، بىمارنىڭ ئىغىز بوشلىقى سۇيۇقلىقى ۋە تەرەت ئارقىلىق بۇلغانغان قول، قازان قومۇچ، تەخسە پەخسە، ئىشىپ قالغان تاماق قاتارلىقلار ئارقىلىق باشقىلارغا يۇقۇشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يىمەك ئىچمەك تازلىقىغا ئالاھىدە دىقەت قىلىش، قولنى داۋاملىق يۇيۇپ تۇرۇش، شەخسى بويۇملارنى ۋە قاچا قۇچا قوشۇقلارنى ھەرگۈز ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، باشقىلاردىن ئىشىپ قالغان ۋە ياكى ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان تاماقنى يىمەسلىك كىرەك.
تىرە ۋە شىلىمشىق پەردىلەر ئارقىلىق ئۆز ئارا يۇقۇش ۋە تارقاش. تىرە، قان، لىمفا ۋە جىنسى ئەزالاردا كىسەل پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس ۋە باكتىريەلەر، بىمارنىڭ ۋە ياكى بەدىنىدە ۋىرۇس، باكتىريە ئىلىپ يۈرگىچىلەرنىڭ تىرىسى، قان، تەر قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلىقى، جىنسى سۇيۇقلۇق، ئوراتاق ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بويۇملىرى، بەدەن بىۋاستە سۈركۈلۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، باشقىلارغا يۇقۇشى ۋە تارقىشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن ساقلى ئىش ئۈچۈن شەخسى تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، شەخسى بويۇملارنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، ئىچ كىيىملەرنى باشقىلارنىڭ كيىمى بىلەن بىرگە يۇماسلىق، داۋاملىق قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، كۆزنى قالايمىغان ئۇۋىلىۋاسلىق كىرەك.
جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ۋە تارقاش. تىرە، قان، لىمفا ۋە جىنسى ئەزالاردا كىسەل پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس ۋە باكتىريەلەر، بىمارنىڭ ۋە ياكى بەدىنىدە ۋىرۇس، باكتىريە ئىلىپ يۈرگىچىلەرنىڭ تىرىسى، قان، تەر قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلىقى، جىنسى سۇيۇقلۇق، ئوراتاق ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بويۇملىرى، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش، بەدەن بىۋاستا سۈركۈلۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، باشقىلارغا يۇقۇشى ۋە تارقىشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شەخسى تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، شەخسى بويۇملارنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، قالايمىغان ۋە ياكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلماسلىق كىرەك.
ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئاتالغان بۇ يۇقۇملۇق كىسەل، دەسلەپتە زۇكامغا ئوخشاش كىسەل ئالامىتى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆپكە ياللۇغۇغا تەرەققى قىلىدىغانلىقى، جىگەر ۋە بۆرەك قاتارلىق موھىم ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، بۆرەك زەيىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ كىسەل بۈيۈك ئىھتىمالدا نەپەس يولى ئارقىلىق تارقىلىشى مۈمكىن. شۇڭا ئىنسانلار نەپەس يولىنى مەركەز قىلىپ، بۇ كىسەلدىن مۇدايە ئىلىپ بارماقتا، بۇ دىگەنلىك بۇ كىسەل يىمەك ئىچمەك ۋە باشقا ئامىللار ئارقىلىق يۇقمايدۇ دىمەكلىك ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن، ئادەتتب يۇقۇملۇق كىسەللىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوللۇنۇشقا كىرەك بولغان بارلىق چارە تەببىرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قوللۇنىش توغرا كىلدۇ.
2020 – يىل 28 – يانۋار
قوشۇمچە: بىر پىداكار قىرىندىشىمىز تەرىپىدى تەرجىمە قىلغان يۇقۇملۇق كىسەللىكتىن ساقلىنىش ساۋاتلىرى.
ۋۇخەن ۋىرۇسى: قانداق قىلغاندا ساقلانغىلى بولىدۇ؟
LAURIE GARRET
(ئويچان تەرجىمىسى)
ئاپتور LAURIE GARRETT بولسا خەلقئارا مۇناسىۋەت كېڭىشىنىڭ (Council on Foreign Relations) سابىق يۇقۇرى دەرىجىلىك سەھىيە تەتقىقاتچىسى ۋە پولىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى.
تۆۋەندە مەن سىلەرگە ۋىرۇستىن قوغدىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم 10 خىل چارىسىنى سۆزلەپ بىرەي:
1. ئۆيدىن چىققاندا پەلەي كىيىۋېلىڭ. يەر ئاستى پويىز، ئاپتوبۇس ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۇنى قولىڭىزدىن چىقارماڭ.
2. ناۋادا تاماق يىيىش ياكى بىراۋلار بىلەن قول ئېلىشىش… دېگەندەك ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن، قولىڭىزدىن پەيلەينى سېلىۋېتىشكە توغرا كەلسە، قولىڭىز بىلەن يۈزىڭىزنى ۋە كۆزىڭىزنى تۇتماڭ. يۈزىڭىزنىڭ بىر يەرلىرى ھەر قانچە قىچىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، قولىڭىزنى تەگكۈزمەڭ. پەلەينى قايتا كىيىشتىن بۇرۇن، ئىلمان سۇ ۋە سوپۇن بىلەن قولىڭىزنىڭ بارماقلىرىنى ئارىلاپ پاكىز يۇيۇڭ.
3. پەلەينى پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ، ھەر كۈنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. نەم پەلەينى كىيمەڭ.
4. سېرتتا ماسكا تاقىغاننىڭ پايدىسى يوق، بەلكىم ئۆي ئىچىدىمۇ بەك ئىشقا يارىماسلىقى مۇمكىن. ماسكىلارنىڭ تولىسى بىر- ئىككى قېتىم تاقىغاندىن كېيىن كاردىن چىقىدۇ. بىر ماسكىنى ئودا بىر قانچە كۈن تاقىغاندىن تاقىمىغان ياخشى. چۈنكى ئودا قوللانغاندا، ئاغزىڭىز ۋە بۇرنىڭىزدىن چىققان نەرسىلەر ماسكىنىڭ ئىچكى يۈزىنى باكتېرىيە جەلپ قىلىدىغان سېسىق پۇراق قەۋىتى بىلەن ئورىۋالىدۇ. شۇڭا، مەن ئادەتتە يۇقۇملۇق كىسەل تارقىغان مەزگىلىدە ماسكا تاقاپ كەتمەيمەن. بولمىسا، مەن ھازىرغىچە 30 نەچچە قېتىم يۇقۇملۇق كىسەل تارقالغان رايۇنىدا مەشغۇلات قىلدىم. ماسكا تاقاش ئورنىغا، مەن كىشىلەر توپىدىن يېرىم مىتىر (ئەڭ ياخشىسى 1، 2 مىتىر) ئەتراپىدا يىراق تۇرىمەن. بۇ كۆڭۈلدىكىدەك مۇساپە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىراۋ مېنىڭ يېنىمدا يۈتەلمەكچى ياكى چۈشكۈرمەكچى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ماسكا تاقىۋېلىشىنى سورايمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولغان شالۇكىنىڭ ماڭا چاچراپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ناۋادا ئۇ ماسكا تاقاشنى رەت قىلسا، مەن ئۇ كىشىدىن بىر مىتىر ئۇزاقلىشىمەن ياكى ئۇنىڭ قېشىدىن كېتىمەن. يۇقۇملۇق كىسەل تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە، كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشماڭ ياكى قۇچاقلاشماڭ. زىيادە يېقىنلاشماسلىقنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چىرايلىقچە قارشى تەرەپكە چۈشەندۈرۈڭ.
5. ئۆي ئىچىدە، مۇنچا ۋە ئاشخانىدىكى بارلىق لۆڭگىلەرنى دەرھال تاشلىۋېتىڭ. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان يېڭى ۋە پاكىز لۆڭگىلەرنى ئالماشتۇرۇڭ. ھەر كىشى پەقەتلا ئۆزىنىڭ لۆڭگىسىنى ئىشلەتسۇن، باشقىلارنىڭكىگە چېقىلمىسۇن. پۈتۈن لۆڭگىلەرنى ھەپتىدە ئىككى قېتىپ يۇيۇپ تۇرۇڭ. نەم لۆڭگىلەر ئادەتتىكى زۇكام، يۇقۇملۇق زۇكام، ھەتتا تاجسىمان ۋىرۇسى… قاتارلىق ۋىرۇسلارنىڭ پاناھلىنىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جايىدۇر.
6. ئىشىك تۇتقۇچلىرىغا دىققەت قىلىڭ. ئەگەر ئىشىكنى جەينەك ياكى مۆرىڭىز بىلەن ئېچىپ – تاقىيالىسىڭىز، ئەڭ ياخشى شۇنداق قىلىڭ. تۇتقۇچنى تولغىغاندا، پەلەي كىيىۋېلىڭ ياكى ئۇنى تۇتقاندىن كېيىن قولىڭىزنى پاكىز يۇيۇڭ. ناۋادا ئائىلىڭىزدىن بىرەرسى كېسەل بوپ قالسا، تۇتقۇچنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇڭ. ئوخشاشلا، پەلەمپەي رىشاتكىلىرى، ئۈستەل، تېلېفون، ئويۇنچۇق ۋە كومپىيۇتېر… دېگەندەك قول بىلەن تۇتىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە دىققەت قىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي نەرسە-كېرەكلىرىنى تۇتسىڭىز چاتاق يوق. ناۋادا باشقىلارنىڭ تېلېفون ياكى تاماق قاچىلىرىنى ئېلىشقا ۋە ياكى كومپىيۇتېرلىرىنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىپ قالسا، يۈزىڭىزنى سىلىماسلىققا دىققەت قىلىڭ، ئۇ نەرسىلەرنى تۇتقاندىن كېيىن دەرھال قولىڭىزنى يۇيۇڭ.
7. باشقىلار بىلەن تەڭ تاماق يىگەندە، ھەرگىز چوڭ قاچا ياكى قازاندىن تاماق ئېلىش ئۈچۈن شەخسىي قۇشۇق ياكى چوكىڭىزنى ئىشلەتمەڭ. بالىلىرىڭىزغىمۇ باشقىلاردىن ئېشىپ قالغان سۇنى ئىچمەسلىكنى ياكى باشقىلار بىلەن تەڭ بىر قاچىدا سۇ ئىچمەسلىكنى جېكىلەڭ. ھەر ۋاخ تاماقتىن كېيىن پۈتۈن قازان-قۇمۇچلارنى پاكىز يۇيۇڭ. تازىلىقى ناچار رېستورانلاردىن نېرى تۇرۇڭ.
8. ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ قايسى تۈردىكى ھايۋاندىن كەلگەنلىكى ئېنىقلىنىپ بولغۇچە، ھەر قانداق جانلىق ھايۋان ياكى بېلىق سېتىۋېلىشتىن، ئۆلتۈرۈشتىن ۋە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
9. ھاۋا رايى ياخشى بولسا، ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ ئۆينى ھاۋالاندۇرۇپ تۇرۇڭ. ۋىرۇسلار ھاۋا ئۆتىشىپ تۇرىدىغان يەرلەردە ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ. بىراق، ھاۋا سۇغۇق، ھاۋارايى ناچار بولسا، ئىشىك – دېرىزىلەرنى ھىم تاقاپ ئۆينى ئىسسىق تۇتۇڭ.
10. ئاخىرىدا، ناۋادا قىزىپ قالغان بىرەر دوستىڭىز ياكى ئائىلە ئەزايىڭىزنى بېقىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا، يىم ماسكا تاقىۋېلىڭ، بىئارام بولمىسىلا، ئۇنىڭغىمۇ بىر تال ماسكا تاقاپ قۇيۇڭ. دوستىڭىز ياكى ئۇرۇق – تۇققانلىرىڭىزنىڭ يۈزىدىن كونا ۋە مەينەت ماسكىنى چىقارغاندا، قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ. سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراش ئۈچۈن، ۋىرۇس يۇشۇرۇنغان ماسكىنى پىلاستىك پەلەي بىلەن تۇتۇپ، بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان قاپنىڭ ئىچىگە سېلىڭ. قاپنى پىچەتلىگەندىن كېيىن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاڭ. قولىڭىزغا پەلەي كىيىپ تۇرۇپ، بىمارنىڭ يۈزىنى يىلمان سۇدا سوپۇنلاپ يۇيۇڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز لۆڭگە ياكى پاختا سۈرتكۈچ ئىشلىتىڭ. ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنى قاپ ياكى پلاستىك خالتىغا ئوراپ ئائىلىڭىزنىڭ ئەخلەت توڭىغا تاشلاڭ. بىمار دوستىڭىز ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندا، بەدىنىڭىزنى ئوراپ تۇرىدىغان ئۇزۇن يەڭلىڭ كۆينەك ياكى باشقا كىيىم كىيىۋېلىڭ. كىرلىك، لۆڭگە ۋە قازان – قۇمۇچ… قاتارلىق بىمار كىيىدىغان ياكى تۇتىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى يىلمان سوپۇنلۇق سۇدا پاك – پاكىز يۇيۇپ تۇرۇڭ. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە، بىمارنى ئائىلىڭىزدە ئۇ راھەتسىز بولمايدىغان بىرەر ھۇجرا ياكى بولۇڭدا ئايرىم تۇتۇڭ. مۇھىمى، ئۇ باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئارىلاشمىسۇن. ناۋادا شارائىت يار بەرسە، ئۆينىڭ قارشى تەرىپىدىكى دېرىزىنى ئېچىپ قۇيۇڭ. سالقىن ھاۋا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ تۇرسۇن. ئەگەر ھاۋا بەك سوغۇق بولسا، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ئەلبەتتە. چۈنكى، ھاۋا بەك سوغۇق بولسا، ئۇ چاغدا، دوستىڭىز ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزنىڭ كېسىلى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ.
2020 – يىلى 25 – يانۋار
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.