ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
خىتايدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز-ئارا دىئالوگى ناملىق خەلقئارا يىغىن 28-ئاپرېل ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن 2 كىشىگە ۋىزا بەرگەن ئىدى.
لېكىن ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن بىرىنىڭ ۋىزىسىنى ئەتكەس قىلدى. ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىدى. ھىندىستان نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ ۋىزىسىنى ئەتكەس قىلىدۇ؟
ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى د ئۇ ق نى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغان.
ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى» نامىدىكى خىتايدىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز-ئارا دىئالوگىغا د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئىلشات ھەسەن قاتنىشاتتى.
ئەمما ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋىزىسىنى ئەتكەس قىلغان. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ۋىزىسىنىڭ ئەتكەس قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن.
ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ك. س. داتۋالىيە مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ۋىزىنى نېمە ئۈچۈن ئەتكەس قىلغانلىقىغا ئىزاھات بېرىشنى ئوخشاشلا رەت قىلغان.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكاس سۋارۇپ بولسا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن. بىز ھىندىستاننىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ۋىزىنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبىنى سورىغان بولساقمۇ، ئەمما جاۋاب ئالالمىدۇق.
ئەلچىخانىنىڭ بىر خادىمى، «ئاخبارات ئەمەلدارى ھازىر يوق. مەن تېلېفون نومۇرىنى بېرەي، سوئالىڭىز بولسا سىز سەيشەنبە كۈنى شۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ سورىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بۈگۈن بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋىزىسىنى خىتاينىڭ بېسىمىدا بىكار قىلغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئىلشات ھەسەن، ۋىزا خىتاينىڭ بېسىمىدا بىكار قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى خاتالىقىنى تۈزىتىشكە چاقىردى. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە، «ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھىندى خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك» دېدى.
ئىلشات ھەسەن: «ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ بېرىلىپ بولغان رۇخسىتىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىمەن. ھىندىستاننىڭ ئۆزىنىڭ بۇ خىل خاتالىقىنى تونۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈچەيتىپ، مەسىلەن، ئۆز ۋاقتىدا بىزنىڭ ۋەتەندىن ئامالسىز قېچىپ چىققان رەھبىرىمىز ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر بىلەن شۇ چاغدىكى باش مىنىستىرى كۆرۈشۈپ، شۇلارنىڭ تۇرۇشىغا يول قويغان.
دېمەك، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ھىندىستان خەلقىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن ھەم قوللاپ كەلگەن ھىندىستان ھۆكۈمىتى، شۇنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا پاكىستاندىكى جائىشە مۇھەممەت ناملىق قوراللىق گۇرۇھ ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى مەسۇد ئەزھەرنى چەكلەش قارارىنى رەت قىلغان.
ھىندىستان ئوتتۇرىغا قويغان قارار لايىھەسىگە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى قالغان 14 دۆلەتنىڭ ھەممىسى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئىدى.
ئىلشات ھەسەن، خىتاينىڭ مەزكۇر قارارنى رەت قىلىشى ئۇنىڭ «تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
ئىلشات ھەسەن: «خىتاينىڭكىدە مەنتىقە يوق، مەنپەئەت بار. خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلا بولسا، ئۇ مەيلى قانداق ۋەھشىي كۈچ بولسۇن، خىتاي شۇنىڭ تەرىپىدە تۇرىدۇ. دېمەك، خىتايدا ئۆلچەم يوق. خىتاي دائىم غەرب دۇنياسىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىۋاتىدۇ، دەيدۇ. ئەمما ئەڭ چوڭ ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىۋاتقان خىتاينىڭ ئۆزى. چۈنكى، بۇ يەردە خىتاي دەۋاتقان تېررورلۇق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى قىرغىنچىلىقىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەۋىلىشتۈر.»
ئەمما ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ، ھىندىستاننىڭ ۋىزا مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى «نوقۇل خىتاينىڭ بېسىمىغا ئەمەس، كۆپ خىل ئامىلغا باغلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن بۇنىڭدا بىر قانچە ئامىل بار، دەپ قارايمەن. ئەگەر ھىندىستان ئۇيغۇرلارنى بۇ ئىشنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرسە، ئۇ ئامېرىكا بىلەن خىتايغا قارشى بىر سەپ ئۇيۇشتۇرۇۋاتقاندەك تەسىرات پەيدا قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن.
لېكىن، ھىندىستان دۇنيا دېموكراتىيە تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھىندىستانغا شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىق، ئەگەر خىتاي دېموكراتىيەلەشمىسە، تىبەت مەسىلىسى ۋە ھىندىستان چېگراسى ئەمىن تاپمايدۇ. شۇڭا، ئۇ دېموكراتىيىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ھىندىستان كۆپ قۇتۇپلۇق، پارتىيىلەر ئارىسىدىكى سىياسىي كۈرەش ئىنتايىن كەسكىن دۆلەت. ئۇنىڭدا مۇسۇلمان-ھىندى توقۇنۇشى مەۋجۇت. باش مىنىستىر مودىنىڭ بۇرۇنقى شتاتى مۇسۇلمان-ھىندى توقۇنۇشى كەسكىن رايونلارنىڭ بىرى. شۇڭا، ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى بىر خىل ئامىلغا ئەمەس، كۆپ خىل ئامىلغا باغلىق، دەپ قارايمەن.»
«خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز-ئارا دىئالوگى» ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش شتابى جايلاشقان دارامسالادا چاقىرىلغان ئىدى.
پروفېسسور شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، ئەسلى بۇ يىغىن تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئەمەس، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدە ھەر قايسى مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇھلارنى چاقىرىپ، ئەركىن، ئادىل، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلاش جاسارىتى يوقلۇقىنى كۆرسەتتى.
شيا مىڭ: «ئەگەر ئۇ بۇنداق بىر دىئالوگنى ئۇيۇشتۇرۇش توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدا تەڭ -باراۋەر مەيدان، كەمتەر پوزىتسىيە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھازىرقى ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئەسەبىيلىك بىلەن باستۇرۇپ، نۇرغۇن قان تۆكۈلۈش پەيدا قىلىۋاتقان بۇ ئەھۋالدا، ئۇنىڭدا بۇنداق جاسارەت، ھەر خىل تەلەپ ۋە مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگىدەك ئۇنداق ئىشەنچ بار دەپ قارىمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەر قايسى مىللەت، دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز-ئارا دىئالوگ نامىدىكى بۇنداق يىغىنىدا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەلەپلىرىنى، ئارزۇ ۋە ئارمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ.»دېدى.
ھىندىستان شەنبە كۈنى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋىزىسىنى ئەتكەس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئۇ، ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، دولقۇن ئەيسانىڭ «تېررورچى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، «دولقۇن ئەيسا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى، خىتاي ساقچى ئورگىنى قىزىل تىزىملىكتە ئېلان قىلغان تېررورچى. ئۇنى تۇتۇپ ئادالەتكە تاپشۇرۇش ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى» دېگەن ئىدى.
لېكىن دولقۇن ئەيسا خىتاينىڭ ھۇجۇملىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. ئۇ، يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھەر خىل ھۇجۇملار «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنقوغداش يولىدا تىنچ ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەق-ھوقۇق كۈرەشلىرىگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىك» دېگەن
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/dolqun-eysa-04252016153706.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.