ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
شۆھرەت ھوشۇر
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا گۇما كونا بازاردا 10 – ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەردىن ساقچى پەرىدەم كۈرەشتىن باشقىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، ۋەقەدە ئۆلگەن ساقچىلاردىن بىرىنىڭ ئابلىكىم ماھمۇت ئىسىملىك گۇما ناھىيىسىدە تونۇلغان دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمى ئىكەنلىكى، يەنە بىر نەپىرىنىڭ بولسا، گۇما بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي قانۇنغا مەسئۇل بازار باشلىقى ئابدۇراخمان خۇدابەردى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
مەلۇم بولۇشىچە، پەرىدە كۈرەش ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىشتا، ئابلىكىم مەخمۇت دېلو مەلۇم قىلىشتا، ئابدۇراخمان خوجامبەردى ساقاللىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ھۇجۇم نىشانى بولغان
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/guma-10172014224305.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.