logo

trugen jacn

گۇمان راستىنلا ئىماننى قاچۇرامدۇ؟

مەمەت ئىمىن

مىكروفۇن ئالدىدا: پەرىزات غەيرەت

بەزىلەرنىڭ خەۋرى بولغاندەك مەن يىقىندا گۇمان قىلىش ۋە گۇمانخورلۇق كىسىلى توغۇرسىدا بىر ماقالا يازغان ۋە پىدائىلار ئىكىرانىدا بۇ ھەقتە بىر لىكسىيە سۆزلىگەن ئىدىم. مەن يىقىندا يوتۇب قانىلىدا كۆرگەن بىر ۋىدىئو، مىنى بۇ جەھەتتە تىخىمۇ چوقۇر ئويلاندۇرۇپ قويدى.
ماقالىنىڭ ئۇلانمىسى:

http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/02/guman-qilish-we-gumanxorluq-kisili.html

لىكسىيەنىڭ ئۇلانمىسى

https://youtu.be/I_DZ3yqctMg

يوتۇب قانىلىدىكى ئۇ ۋىدىئونىڭ ئۇلانمىسى

https://youtu.be/2OZiV7vrR5k


ئۇ ۋىدىئودا چاشقانلارنىڭ ئىنسانلار قۇرۇپ قويغان توزاققا چۈشۈش جەريانىنى كامىراغا ئىلىنغان بولۇپ، گەرچە ئىنسان قوللانغان ئۇسۇل ناھايتى ئاددى بولسىمۇ، بىراق چاشقانلارنىڭ كاللىسى مەلۇم نۇقتىدىن ئەيىتقاندا بەك ئاددى بولغاچقا، ئىنسانلارنىڭ ھىلى مىكىرلىرىنى تەسەۋۇر قىلالمىغان ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ھىچ گۇمان قىلىمىغان، قىرىنداشلىرىنىڭ ئىنسانلار قۇرۇپ قويغان توزاققا چۈشكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ، ئوخشاش قىلتاققا چۈشۈش جەريانى كامەراغا ئىلىنغان. گەرچە چاشقاننىڭ گۇمان قىلىشىغا ھىچكىم چەكلىمە قويمىغان بولسىمۇ، بىراق ئاللاھ چاشقانلارغا ئىنسانلارغا بەرگەن ئەقىل پاراسەتنى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە توزاق قۇرىشىدىن ھىچ گۇمان قىلمىغان. مەن بۇ ۋىدىئونى كۆرگەندىن كىيىن، بىزنىڭ ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قىلىشىمىزنىڭ بەلگۈلۈك سەۋەپلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم، ۋە شۇ سەۋەپتىن گۇمان توغۇرسىدىكى بۇ تىمىنى قايتىدىن تولۇقلاپ يىزىش قارارىغا كەلدىم.
بىزدە ”گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ“ دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. ھەم دىنىمىزدا گۇمان قىلىشنىڭ ناھايتى ئىغىر گۇناھ ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. مەن بۇ يەردە بۇنداق بىر تىمىنى سوئال شەكلىدە ئوتۇرغا قويۇشىمدىن سەۋەپ، ھەرگۈزمۇ گۇمان قىلىشنىڭ ئىغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزۈم ياشىغان ۋە ئۆزۈم بىلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، گۇمان قىلىشنى زادى قانداق چۈشەنسەك، ئۇنى تىخىمۇ توغرا چۈشەنگەن بولىمىز دىگەن توغۇرسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
1949 – يىلى رايۇندا ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەپ ۋەزىيەتنى كونتۇرۇل قىلغۇچى كۈچلەر، ئەخمەتجان قاسىم قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت ئەربابلىرىمىزنىڭ ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى، بىراق كۆپ ساندا كىشىلەر گەرچە قولىدا ئىنىق دەلىل ئىسپاتى بولمىسىمۇ، ئۇلانىڭ ئاپرۇپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قاراشتى. مەنىڭچە بۇنىڭلىق بىلەن بىز ئۇ ۋەقەدىن گۇمان قىلغانلارنىڭ ئىمانىنى كاچتى دىيەلمەيمىز.
2001 – يىلى ئامىركىدا يۈز بەرگەن 11 – سىنتەبىر ۋەقەسىنى ئامىركا ھۆكۈمىتى كۆپلىگەن دەلىل ئىسپاتلار بىلەن ئەلقايدا تەرىپىدىن پەيدا قىلغان تەرورلۇق ۋەقە دەپ ئىلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەر ئۇنى باشقىلارنىڭ ئوينىغان ئوينى دەپ گۇمان قىلىشتى. بۇنىڭدىمۇ بىز ئۇ گۇمان قىلغان كىشىلەر ئىمانىنى يوقاتتى دەپ يەكۈن چىقىرالمايمىز
ھەممىمىز بىلگەندەك ساقچى ياكى رازىۋىتچىكلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى جىنايەت دىلوسىنى ئىنىقلاپ، جىنايەت جاۋاپكارىنى جازالاشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى، بىر ياكى بىر نەچچە جىنايەت گۇماندارى توغۇرسىدا تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىشتىن باشلىنىدۇ. ساقچىلار دىلو تۇرغۇزغاندا، بىر ياكى بىر نەچچە ئىنساننى جىنايەت گۇماندارى قىلىپ تۇرغۇزۇش دىمەك، تىخى دەلىل ئىسپاتى يوق دىمەك؛ ئەگەر دەلىل ئىسپات بولسا ئۇ بىر ياكى بىر نەچچە ئىنسان جىنايەت گۇماندارى ئەمەس، بەلكى جىنايەتچى سۈپىتىدە قولغا ئىلىنىشى مۈمكىن. ساقچىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارى تۇرغۇزۇشتىكى مەخسەت، ھەرگۈزمۇ پىتنە پاسسات پەيدا قىلىش ۋە ياكى گۇمانغا تايىنىپ يەكۈن چىقىرىپ، باشقىلارنى ناھەق جازالاش ئەمەس، بەلكى تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن جىنايەت دىلوسىنى ئىنىقلاپ، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىگە ھەق ئەتكەن جازانى بىرىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن جىنايەت گۇماندارىنى ئاقلاپ، ئۇنى گۇماندىن ساقىت قىلىشتۇر. ساقچىلارنىڭ دىلو ئىشلىشىدە جىنايەت گۇماندارى تۇرغۇزۇش، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە دۆلەتلەردە مەۋجۇت. ئەجىبا ئۇلارمۇ دەلىل ئىسپاتسىز باشقىلارنى جىنايەت گۇماندارى دىگەن قالپاقنى كەيدۈرگەنلىك سەۋەبىدىن، ئىمانىنى يوق قىلارمۇ؟
مەن يۇقارقى بۇ مىساللارنى ئوتۇرغا قويسام، بەلكىم بەزىلەر بىز دەۋاتقان گۇمان قىلىش بۇ ئەمەس دىيىشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن، گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ دەپ قارا قويۇق ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن گۇمان قىلىشنىڭ مەنىسىگە، گۇمان قىلغان كونكىرىت ئەھۋالغا،  گۇمان قىلىشنىڭ مەخسەت مۇددۇئاسى ۋە گۇماننىڭ ئاقىۋىتىگە قارىشىمىز كىرەك.
ئۇنداقتا گۇمان قىلىش دىگەن سۆزنىڭ ھازىرقى زامان پۇخرا تىلىمىزدىكى مەنىسى نىمە؟
گۇمان قىلىش دىگىنىمىز ئىشەنمەسلىك، جەزمەنلەشتۈرەلمەسلىك، كۆڭەلدە سوئال تۇغۇلۇش، ئەقلىدىن ئۆتمەسلىك، تىگىگە يىتەلمەسلىك، ئىھتىياتچان بولۇش، ئالاھىدە دىققەت قىلىش، باشقىلار دەۋاتقان سۆزنى يالغان دەپ قاراش، باشقىلارنى سەمىمى ئەمەس دەپ قاراش، باشقىلارنى يوشۇرۇن ياكى ئوغۇرلۇقچە يامان ۋە قانۇنسىز ئىش قىلدى، جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ قاراش دىگەندەكلەردىن ئىبارەت. بىز كۆپۈنچە ھالدا گۇمان قىلىشنى دەلىل ئىسپاتسىز گۇمان قىلىش دەپ ئىشلىتىمىز. ئەمىلىيەتتە گۇمان دىمەك دەلىل ئىسپات يوق دىمەك. ئەگەر دەلىل ئىسپات بولسا، ئۇ گۇمان بولمايدۇ.
گۇمان دىگىنىمىز، ئىنىق دەلىل ئىسپاتى يوق ئەھۋال ئاستىدا، ئىنسانلارنىڭ بىرىنجى سىزىمىغا ئاساسەن ئوتۇرغا قويغان پەرەز، قىياس ۋە كۆز قاراشتۇر. گۇمان ھەرگۈزمۇ پىتنە پاسسات بىلەن باراۋەر ئەمەس. گۇمان قىلىش دىمەك ھەرگۈزمۇ نوقۇل ھالدا باشقىلارغا قارىسىغا بوھتان چاپلاپ، باشقىلارنى ھاقارەت قىلىش دىگەنلىك ئەمەس. گۇمان قىلىش دىمەك، مەسىلىنىڭ تىگىگە يىتەلمەسلىك، چۈشەنمەسلىك دىمەك؛ ئۇ بەزىدە تىخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىشنىڭ باشلىنىشى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر. گۇماننىڭ 100% توغرا بولۇشى ناتايىن بولغىنىغا ئوخشاش، گۇماننىڭ ھەممىسىنىڭ 100% خاتا بولۇشىمۇ ناتايىن.
ئىلمى تەتقىتقاتتا ئالدى بىلەن مەلۇم ھادىسلەرنىڭ يۈز بىرىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن، مەلۇم پەرەز ۋە قىياس ئوتۇرغا قويىلىدۇ. ئۇ پەرەز ياكى قىياس ئوتتۇرغا قويۇلغاندا، تىخى ھىچقانداق دەلىل ئىسپات بولمىغاچقا، بىز ئۇنى بىر خىل قىياس، پەرەز ياكى گۇمان دەپ قارايمىز. ئۇندىن كىيىن ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ، تەجىربە ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، دەسلەپتە ئوتۇرغا قويغان ئۇ قىياس، پەرەز ۋە گۇمانلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز ياكى ئۇنى خاتاغا چىرىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىمىز.
سىياسى ۋە ۋەزىيەت توغۇرسىدا مۇلاھىزە ئىلىپ بارىدىغانلارمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە ۋە بۇرۇن ئۈگەنگەن بىلىملىرىگە تايىنىپ، كەلگۈسى خەلقارا سىياسەت، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ياكى مەلۇم شەخىسلەرنىڭ كەلگۈسى قىلمىشى توغۇرسىدا مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويىشىدۇ. بۇ جەرياندا  گەرچە ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن بەزى پاكىتلار ئوتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق كەلگۈز توغۇرسىدا چىقىرىلغان يەكەنلەر ئاساسەن شۇ مۇئالاھزە ئىلىپ بارغۇچىلارنىڭ قىياس، تەخمىن ۋە گۇمانىغا ئاساسەن لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق چىقىرلىدۇ.
ئۇندىن باشقا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ بىز گۇمان قىلىشتىن مۇتلەق خالى بولالمايمىز. مەسىلەن، بىز كەچتە سىرىتتىن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، چىراقنى ياندۇرغىنىمىزدا، ئەگەر چىراق يانمىسا، بەلكىم بىز لامپۇشكا كۆيۈپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن، بىخەتەرلىك سىمى كۆيۈپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن دىگەندەك گۇمانلارنى قىلىمىز، ۋە شۇ گۇمانغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئىلىپ بىرىپ، چىراقنىڭ يىقىلماسلىق مەسىلىسىنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلاش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىمىز.
قوسقىمىز ئاغرىپ قالسا، كۆڭلىمىز ئىلىشىپ، قۇسۇپ ياندۇرساق، ئالدى بىلەن يىگەن تاماقتىن گۇمان قىلىمىز. قويغان نەرسىمىزنى تاپالمىساق، بىرلىرىنىڭ ئۇنى ئالغانلىقىدىن ۋە ياكى باشقا يەرگە يۆتكىۋەتكەنلىكىدىن گۇمان قىلىمىز. بىر نەرسىمىزنى يوقۇتۇپ قويساق، ئۆزىمىزنىڭ ئۇنى چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدىن ياكى بىرسىنىڭ ئۇنى ئوغۇرلىۋالغانلىقىدىن گۇمان قىلىمىز. ئاخىردا بەلكىم شۇ گۇمانلىرىمىزنىڭ بىرەسى توغرا بولۇپ چىقىشى مۈمكىن، ياكى ھەممىسى خاتا بولۇپ چىقىشىمۇ مۈمكىن.
ئەگەر بىرسى يىگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىنى ئەكىلىپ، بۇ تاماق دەپ بىزگە بەرسە، ئۇنى ماقۇل دەپ يىيىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن گۇمان قىلىش، ھەرگۈز خاتا ئەمەس. شۇڭا مەلۇم نۇقتىدىن ئەيىتقاندا، گۇمان قىلىش، ئىنسانغا خاس ئەقىل پاراسەت ۋە مۇستەققىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈشنىڭ سىموۋۇلى. گۇمان قىلىشنى قارا قويۇق چەكلەش، مەلۇم نۇقتىدىن ئەيىتقاندا، ئىنسانلارنى مۇستەققىل تەپەككۇر قىلمايدىغان، باشقىلار نىمە دىسە شۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئەيىتقاندا ئەقىل ئىشلەتمەي، مۇستەققىل تەپپەككۇر قىلماي، ھەممە نەرسىگە ۋە ھەممە ئادەمگە قارا قويۇق ئىشىنىش، مەلۇم نۇقتىدىن ئەيىتقاندا، نادانلىق ۋە دۆتلىكنىڭ ئالامىتى.
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مۇنداق بىر ھىكايىنى ئوقۇغۇنۇم ئىسىمدە. بىر ئىدارىنىڭ بىر تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ ئەقلى ئاجىزلىق كىسىلى بولسىمۇ، بىراق ئۆزىگە تەخسىم بولغان خىزمەتنى ناھايتى ئەستايىل قىلىدىكەن؛ ھەتتا ھەرقانداق ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئىشى چىقىپ قالسا، ئۇ ئىككىلەنمەي ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ئەستايىل تاماملايدىكەن؛ باشقىلار پۇرسەرپەرسلىك قىلسىمۇ، ئىشقا كىيىن كىلىپ بالدۇر قايتىپ كەتسىمۇ، ھىچ بىر زامان ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرمايدىكەن؛ ئۆزى توختىماي ئىدارىدىكى بارلىق ئىشخانىلارنى تازلاپ تۇرىدىكەن؛ ھىچ بىر زامان نالە شىكايەت قىلمايدىكەن؛ باشقىلاردىن ئۆزىنى بوزەك قىلىۋاتقىدۇ دەپ گۇمان قىلمايدىكەن. شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن يىل ئىدارىنىڭ ئەمگەك نەمۇنچىسى بولۇپ باھالىنىپتۇ. ئۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ئىدارە رەھبىرى، ئۇ كىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ، ئىدارە پۇل چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئەقلى ئاجىزلىق كىسىلىنى داۋالىتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن، ئۇ كىشى ئاستا ئاستا ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرىدىغان بوپتۇ؛ ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك خىزمەتتىن ئارتۇقىنى قىلمايدىغان بوپتۇ؛ باشقىلار ئۇنىڭغا ”ئىشىم چىقىپ قالدى، مىنىڭ ئورنۇمغا تازلىق قىلىۋەت“ دىسە، بارا بارا ئۇلاردىن ئۆزىنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىدىغان بوپتۇ.
ئەلۋەتتە، مەن بۇ يەردە گۇمان قىلىشنى توغرا دەپ، ئۇنى مەدىلىمەكچى، ۋە باشقىلارنى گۇمان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكچى ئەمەسمەن. بىراق بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ھەرگۈزمۇ سەمىمىيەتلىك ۋە راسچىللىق بىلەن تولغان، ئادىل ۋە غايىۋى دۇنيا بولماستىن، بەلكى كاززاپلىق ۋە ئالدامچىلىق مەۋجۇت بولغان، ئادالەتسىزلىك بار بىر دۇنيا بولغاچقا، ھەر بىر ئىنسان باشقىلارنىڭ ھەق ھوقۇقىغا ۋە شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇپ، ئۆز ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ۋە باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش، سەگەك بولۇش، ئىھتىيات قىلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.
ئەڭ موھىمى، بىز شەخسى ئاداۋىتىمىز سەۋەبىدىن ھىسياتىمىزغا تايىنىپ، باشقىلاردىن قالايمىقان گۇمان قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىتنى پاسسات تەرىماسلىقىمىز كىرەك. ھەم شۇنداقلا باشقىلار نىمە دىسە، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقىنى زىيانغا ئۇچۇرتىشتىن، باشقىلارنىڭ توزاقىغا چۈشۈشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك. ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان ئەقىل پاراسىتىمىزنى جاھىدا ئىشلىتىشىمىز،  مۇستەققىل تەپەككۇر قىلىشىمىز، ئۆز ئۆزىمىزگە، ئۆزىمىز قىلغان گەپ سۆز ۋە ئىش ھەركەتلەرگە مەسۇل بولىشىمىز كىرەك. قىسقىسى گۇمان قىلىش بىلەن ئىشىنىش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلىقنى ياخشى ساقلاپ، گۇمان قىلىشنى، يىشىلمىگەن سىرلارنى يىشىشنىڭ، تىگىگە يەتمىگەن ئىشلارنىڭ تىگىگە يىتىشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىشىمىز كىرەك. بىز پەقەت شۇنداق قىلغىنىمىزدا، ئاندىن خەلقىمىزنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرالايمىز. بىز پەقەت شۇنداق قىلغىنىمىزدا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقىمىزنى قوغدىيالايدىغان بولىمىز. بولمىسا مەن باشتا تىلغا ئالغان ۋىدەئودىكى چاشقانلاردەك، ئىنسانلارنىڭ توزاقىغا چۈشۈپ كىتىشىمىز، باشقىلار سىززىپ قويغان چەمبىرەك ئىچىدىلا ياشىشىمىز مۈمكىن.
2019 – يىلى 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى نىيورۇك  قوشۇمچە: گۇمان قىلىش بىلەن ئىشىنىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت

يۇقارقى گىرافىكتە كۆرسىتىلگەندەك، ئەگەر يالغۇز ئىشىنىش بولۇپ، پەقەت گۇمان قىلىش بولمىغاندا، بىخەستەلىك كىلىپ چىقىشى، ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، بىۋۇدە زىيان تارتىشىمىز مۈمكىن. ئەگەر يالغۇز گۇمان قىلىش بولۇپ، پەقەت ئىشىنىش بولمىغاندا، گۇمانخورلۇق ئەۋجە ئىلىپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئىغىر تەسىر يىتىشى ۋە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۈمكىن. كۈندۈلىك ھاياتىمىزدا، گۇمان قىلىش بىلەن ئىشىنىش ئارىسىدا مۇئاپىق بىر تەڭپۇڭلۇق بولىشى بەك موھىمدۇر. (ئەسكەرتىش: بۇ دىگەنلىك ھەرگۈزمۇ گۇمان قىلىش بىلەن ئىشىنىش ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، ئىشىنىش قانچە كۆپ بولسا، گۇمان قىلىشمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس) 

https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/03/blog-post_31.html

Share
3683 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.