logo

trugen jacn

گۇمادىكى بومبا پارتىلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى ھەققىدە قىسمەن مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

 

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا 10 – سېنتەبىر كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىدا يۈز بەرگەن بومبا پارتىلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلار ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى. كۆكتېرەكتىكى ساقچى ۋە كەنت سېكرىتارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن نۆۋەتتە 10 كىشى توغرۇلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى تارقىتىلماقتا. مەلۇم بولىشىچە گۇماندارلاردىن بىرى بومبا پارتىلىغان گەمە ئورۇنلاشقان ھويلىنىڭ ئىگىسى، 30 ياشلار چامىسىدىكى، كىچىك بىر ئاشخانا خوجايىنى ئىكەن. يەنە مەلۇم بولىشىچە، بۇ گۇماندارنىڭ ئايالى 3 ياشلىق بالىسى بار بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى گۇما ناھىسىدىكى شاڭگاڭ بازىرىنىڭ تۆۋەن قەۋىتىدە، يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا، خوتەن ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالدىدا ئاشخانا ئاچقان ئىكەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/guma-partlash-09232016221256.html

Share
937 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.