logo

trugen jacn

چەتئەللەردىن قايتقان بىر قىسىم كىشىلەر جازالاندى

 

سەيشەنبە كۈنى-27-ئىيۇن رادىيومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى قارىماينىڭ مايتاغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق دىلمۇرات ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى تۇيۇقسىز ئاختۇرۇلۇپ، ئۆزى بىر توپ قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان تىجارەتچى مەخسۇت مەترېھىمنىڭ قارىماينىڭ مايتاغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىنىسى مەخمۇت مەترېھىممۇ 4-ئاي مەزگىلىدە تۈركىيە ساياھىتىدىن قايتىپ كېلىشى بىلەنلا تۇتقۇن قىلىنغان.

چەتئەللەرگە چىقىپ قايتىپ كەلگەنلەرنى ئاختۇرۇش قازاقلارغىمۇ قارىتىلغان بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بورچىن ناھىيىسىدىكى قازاق مىللىتىدىن بولغان ماناپخان ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، يېقىندا 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماناپخان قازاقىستاندىن قايتىشىدا چەتئەلدە نەشر قىلىنغان قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك چېگرادىكى تەكشۈرۈشتە تۇتقۇن قىلىنغان، چېگرادا توسۇپ قېلىنغان ماناپخان ئىككى ئوغلىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى دەرھال خىتاي چېگراسىدىن ئايرىلىشقا بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ ئۆيدە نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇۋاتقاندا ئۆي ئاختۇرۇشقا كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. يېقىندا ئاتا-بالا ئۈچەيلەنگە «قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملارنى ئېلىپ كىرگەن» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ،7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ تۈركىيەگە بېرىپ ساياھەتتە بولغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇش ۋە قازاقىستاندا تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن قايتىپ كەلگەن قازاقلارنىڭ خىتاي پاسپورتىنى يىغىۋېلىش، قازاقىستان يېشىل كارتىسىنى تارتىۋېلىش، گۇمانلىق دەپ قارالغانلارنى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىش شامىلى باشلانغان بولۇپ، رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا، چەتئەللەردىكى مەزگىلىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشكىلات ياكى پائالىيەتچىلەر بىلەن ئالاقىدە بولغان، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىلىرى تارقاتقان» دېگەن گۇمانلار سەۋەب بولغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-weziyiti-06272017170925.html

Share
668 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.