ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئۇيغۇر دۈشمەنلىرىدىن يەنە ئاگاھلاندۇرىمەن
بۈگۈن 2018.يىلى 5.ئاپىرىل كۈنى بارىن قەتلىئامنىڭ 28 يىلى تولغان خاتىرە كۈنىدۇر. 28 يىل بۇرۇن بۈگۈنكى كۈندە بارىن خەلقى خىتاي قۇراللىق قىسمى ۋە بىڭتۇەن تەرىپىدىن بۆشۈكتىكى بۇۋاقلارغىچە قىرىپ تاشلانغان قارا كۈن. ئىستانبۇلدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارىن قەتلىئام مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلۇسلىغى ئالدىدا نامايىش قىلىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيەت رۇخسىتى، ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ۋە ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق نامايىشلىرى تۈركىيىدە ھېچبىر زامان چەكلىنىپ باققان ئەمەس. نېمە ئۈچۈن بۈگۈن چەكلەندى؟ ئۇيغۇرلار، تۈركىيە – خىتاي دوستلۇقىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندىمۇ؟ ياق. تۈركىيە ئاللاھتىن قالسا ئۇيغۇرلارنى قەتئى ھىمايە قىلىدىغان يېگانە دۆلەت. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ماتەم كۈنىنى خالىغان يەردە خاتىرلەشكە رۇخسەت قىلىنمىدى؟ بۇ سوئالنى بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزدىن سورىشىمىز كېرەك. سەۋەپنى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تەكرار خاتىرلىتىشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن؛ سۇرىيەنىڭ تۈركىيە چىگىرىسى بولغان ئاپرىن دېگەن يەردە تېرورچىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تۈرك ئارمىيىسىدىن ھال سۇراش ئۈچۈن 2018.يىلى 3.ئاينىڭ 10. كۈنى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىن چېگرا رايونى بولغان ھاتايغا باردى. بۇ ھەقىقەتەن تەقدىرگە لايىق بىر پا’ئالىيەت ئىدى. بىراق بۇ يەردە مەقسەتكە تامامەن خىلاپ بولغان قىسقا بىر ۋېيدىيو چىكىلىپ تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى. ۋېيدىيودا ھەربىي كېيىم كېيگەن، بوينىغا پىلىمۇت ئېسىۋالغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى راۋان بولمىغان خىتاي تىلىدا خىتايغا قارشى گەپلەرنى قىلىدۇ. كۆرۈنۈشكە تۈركىيەنىڭ بايرىقى، تۈرك ئەسكەرلىرىمۇ چۈشۈپ قالغان. بىر تۈرك كوماندىرنىڭ ”ئەمدى بولدى قىل، بولدى قىل.“ دېگەن تۈركچە ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارغا بۈيۈك بىر تۇزاق قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ بەدەلنىڭ بەك ئېغىر بولىدىغانلىغىنى دەرھال ئىدىراك قىلىپ يەتكەن بولساممۇ، بۇ ۋېيدىيونى يېغىۋېلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. مەن ۋېيدېيودا سۆزلىگەن ۋە يېنىدا ھاياجان بىلەن تۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەيىبلىمەيمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پايدىلىق ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەچكە بۇ ئىشنى قىلدى. بىراق، بۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە- سۇرىيە چېگىرىسىغا ئاپارغان، ئۇ ۋېيدىيونۇ چىكىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ قويۇپ ئۆزلىرى بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ئىچىگە كىرمىگەن مەككارلار، ۋېيدىيونىڭ تۈركىيە ۋە دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كىلدىغان زىيىنىنى ياخشى بىلىدىغانلار ئىدى. خىتاي دۆلىتى بۇ ۋېيدىيو ھەققىدە تۈركىيە دۆلىتىگە رەسمى نوتا تاپشۇرغان. مانا بۇ خاتالىقنىڭ تۇنجى بەدىلىنى ئۇيغۇرلار بۈگۈن 5. ئاپىرىل كۈنى ئوتەۋاتىدۇ. خىتايدىن ئۇيغۇرلارنى قوغداپ كەلگەن تۈركىيە دۆلىتى، بۇگۈن ئۇيغۇرلاردىن خىتاينى قوغداش ئۈچۈن نامايىشچى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىنلىشىشىنى رەسمى ھۆججەت تارقىتىش ئارقىلىق چەكلىدى ۋە نامايىش قىلدۇرمىدى
خىتاينىڭ چەتئەلدىكى كۆزگە كۆرۈنمەس قارا قوللىرى ھەر يەردە ئۇيغۇرنىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مەنپەتنى زەھەرلەشتىن ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ. قانداق دەمسىز؟ رۇتەرس خەۋەر ئاگىنىتلىغى 2018.يىلى 2.ئاينىڭ 8.كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋىلايىتىدە تالىباننىڭ بىر ھەربىي مەشىق مەيدانىنى بومبىلغانلىقى، بومباردىماندا قۇراللىق 3 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى شەرقى تۇركىستانلىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكى خەۋەر قىلدى. بۇ خەۋەرنى باھانە قىلغان خىتاي، دەرھال تاجىكىستانغا زور مىقداردا پارا بېرىپ،تاجىكىستاننىڭ بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاشقورغانغا چېگرىداش بولغان شەرمۇق دېگەن يەردە ھەربىي بازا قۇردى. 2. ئاينىڭ 15. كۈنىدىن باشلاپ خىتاي قۇراللىق قىسىملىرى بۇ تاغلىق رايوننى كونتىرول ئاستىغا ئېلىپلا قالماي، بۇ يەردىن ئافغانىستاننىڭ ۋاخان كارىدورىدىمۇ نازارەت ئاستىغا ئالدى. بىر قانچە ئۇيغۇرنى ۋەياكى ئۇيغۇر قىياپىتىگە كىرگەن كىشىلەرنى ئافغانىستاندا ئىشىت ۋەيا تالىباننىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈۋەتكەن خەلقئارالىق جاسۇسلار گۇرۇھى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تاجىكىستان زىمىنىغا كىرىپ يەرلىشىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەردى
خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدا بېيجىڭدا بىر مەخپى كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىمدە خىتاي ئافغانىستاننىڭ ۋاخان كارىدورىدا ھەربىي بازا قۇرىدىغان يەر كىراسى ئۈچۈن ئافغانىستانغا زور مىقداردا پۇل تۈلىگەن. بىراق ئامېرىكىنىڭ قەتئى قارشى چىقىشى بىلەن خىتاينىڭ غەرىزى ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن ئىدى. خىتاينىڭ چەتئەللىكلەردىن تەشكىل تاپقان “مۇجاھىت” قىياپىتىگە كىرىۋالغان جاسۇسلار گۇرۇھى، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە “ئافغانىستانغا ئۇيغۇر جىھاتچى يوللاش” پائالىيىتى بىلەن جىددى مەشغۇل بۇلۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە 2018.يىلى 31. مارت كۈنى ئافغانىستاننىڭ پاجۋوك خەۋەر ئاگىنىتلىغى، بەدەخشان ۋىلايىتىنىڭ مىراۋاب راغاك دېگەن يەردە ئافغان قۇراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن “كۆكچە -18” نامىدا ئېلىپ بەرىلغان بىر قېتىملىق ئەسكىرى ئوپىراسسىيەدە 7 ئىسيانچىنى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 13 نىڭ يارىدارلانغانلىغىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەردە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ 2 نەپىرى جۇڭگولۇق ئۇيغۇر دىيىلگەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلاردىن بىرسىنىڭ ئىسمى مۇستافا دىيىلگەن بولۇپ، مۇستافانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلاردىن بىرسى بولغانلىغى يېزىلغان. بۇ خەۋەرنى ئەينى كۈنى خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان خۇۋەنچىيۇ رىباۋ (گۇلۇبال ۋاقتى) گېزىتى باش سەھىيپىدە ئېلان قىلدى ۋە ئارقىدىنلا خىتاينىڭ بارلىق تور گېزىتلىرى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كىرگۈزۈشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇمۇمىيۈزلۈك چۇقان سالدى
خىتاينىڭ چەتئەلدىكى قۇدىرەتلىك قارا قوللىرى ئۇدا 3 يىل ئۇيغۇرلارنى سۈرىيەگە سۆرەپ كىرىپ بىر قىسمىنى “ئىراق-شام ئىسلام خەلپىلىگى” (ئىشىت) نامىدىكى خەلقئارالىق تەرۆرىست گۇرۇپپىنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈۋېتىش مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈگۈن ۋەتەندە ئۇمۇمىيۈزلۈك قىرىلىپ كىتىشىگە دۇنيانىڭ كۆز يۇمۇپ تۇرىشىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشىتقا چېتىشلىق مىللەت سۈپىتىدە كۆرسىتىشىنىڭ زەھەرلىك تەسىرى ئىنتايىن زور بولماقتا. خىتاي ئورتا ئاسىيا دۆلەتلەرگە ئەسكەر كىرگۈزۈشنىڭ بانىسىغا ئاساس تېپىش ئۈچۈن ئاز ساندا بولسىمۇ بىر قىسىم “جىھاتچى”ئۇيغۇرلارنى شەرقى تۈركىستان چېگراسىغا يېقىن ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پەيدا قىلىشقا تەقەززالىق بىلەن ئىھتىياجى بار. خىتاي 6 ئايدا بىر دىگۇدەك تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۈرۈمچىدە، بېيجىڭدە مېھمان قىلىپ تۇرىدۇ. تالىباننىڭ دۇبەيدىكى ئوفىسىنىڭ كىراسىنى خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ ئۆتەۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ. خىتاي، تالىبان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يوشۇرمايدۇ. “بىز تالىبان بىلەن كابۇل ھۈكۈمىتى ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئويناۋاتىمىز” دېگەن چۈمپەردە بىلەن ھەقىقى نىيىتىنى يۇشۇرۇپ كەلمەكتە. شۇڭا تالىبان ئۇزۇنغا سۇزۇلغان بۇ ئۇرۇش دەۋرىدە ھېچبىر زامان ئۇيغۇر جىھاتچىلارنىڭ شەرقى تۈركىستان چېگرىسىغا يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت بەرمىدى. تالىبانغا قارشى ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتكەن دۆلەت سانى 48 بولۇپ، موڭغۇلىيە، قازاقىستان… قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتكەن دولەتلەر تىزىملىكىدە يەر ئالغان. تۈرك ئەسكەرلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بەرى كابۇلنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيا دۈشمەن كۆرگەن تالىباننىڭ ئارىسىغا كېرىپ تۇرۇپ ئۆلۈپ تۈگىشىمىز، خەلقىمىز خىتانىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقىغا ئۇچىرىشى مۇمكىنكى، ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. “ئىراق-شام ئىسلام خەلپىلىگى” (ئىشىت) بولسا، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە قالغان قىلىپ ئىشلىتىپ تۈگىتىشتىن باشقا نىيىتى بولمىغان بىر تېرورلۇق تەشكىلاتى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىشىت ھېچبىر يەردە، ھېچقاچان خىتايغا قارشى ئەڭ ئاددى بىر ھەربىي ھەرىكەت قىلمىدى، قىلمايدۇ. ئىشىت سۇرىيە ۋە ئىراقتا ئەڭ كۈچەيگەن زامانلاردا خىتايدا تىجارى پائالىيەت بىلەن ياشايدىغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئەرەب بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشىتنى قۇرال ۋە ئارقا سەپ ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى كۆپلىگەن ئەرەب قۇرال سودىگەرلىرىمۇ بار ئىدى. ئىشىتنىڭ خىتايدا بىر بومبا پارتلاتقانلىغىنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ئۇيغۇر بارمۇ؟ ئىشىتنىڭ قولىدىكى قوراللارنىڭ 70% دىن كۆپرەكى خىتاينىڭ قۇراللىرى ئىكەنلىگى ئىسپاتلانغان. خىتاي قۇرال زاۋۇتلىرى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى خەلقارالىق قۇرال سودا يەرمەنكىلىرىدە، مۆرىسىدە قويۇپ ئاتىدىغان ۋە تانكا پاچاقلايدىغان كىچىك تىپتىكى راكىتالارنى تونۇشتۇرغان كىتاپچىلاردا “ سۈرىيە ئارمىيىسىگە ئائىت 3000 تانكىدىن يېرىمىنى بۇ راكىتا پاچاقلاپ تاشلىغان.” دەپ ئاشكارا يازدى. مەن بۇ توغرۇلۇق 2 يىل بۇرۇن پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تۈركچە ماقالىلىرىمدە يازغان ۋە دۇنياغا تەكرا،تەكرار پەرياد قىلغان ئىدىم. خىتاي بۇ قۇراللارنى پاكىستان، كامبۇدژا… قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئىشىتقا سېتىپ، قارشىلىقىدا ئىشىتتىن نېفىت ئالغان بولسىمۇ “قۇرال بىزنىڭ بولىشى مۇمكىن. ئامما ئىشىتقا بىز ساتمىدۇق” دەپ ئىشنىڭ ئىچىدىن چىقىۋالدى
ئەزىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم! خىتاينىڭ زۇلىمىدىن قېچىپ چىقىپ، ۋەتەندە قىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىپ جەڭ مەيدانلىرىدا شېھىت بولۇشقا نىيەت باغلىغان قەھرىمان ئۇيغۇر قىز، يىگىتلەر! مەن سىلەرنى خىتاينىڭ قارا گۇرۇھىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرىپ ماقالە يېزىشىم بىلەنلا ماڭا غالجىر ئىتلارنىڭ ھۇجۇمى باشلاندى. تۆھمەتلەر يامغۇردەك يېغىپ كەتتى. ماڭا قانداق سۈيقەست بولىشىدىن قەتئى نەزەر سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئۇيغۇر دۈشمەنلىرى، ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تۇيۇق يولغا باشلاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىدى، ئاز بىر قىسىم كۈچىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىش ئارقىلىق قالغان كۈچىمىزنى ئۈمىتسىزلىك ئىچىگە چۈشۈرۈپ تارقىتىۋېتىش. بۈگۈن ئۇيغۇرلار بار كۇچىنى زايا قىلماي ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىشىتقا، تالىبانغا ئەگىشىشنىڭ خىتايغا ئەگىشىشتىن پەرقى يوقتۇر. بۇ يوللارنىڭ كىلەچەگى قاراڭغۇ. بىز ماڭىدىغان پارلاق ۋە داغدام يول ئۇزاققا قالماي بىزگە ئېچىلىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى دىھقان مىللەت. دىھقانلار يازدا بۇغداينى دەل پىشقاندا ئورايدۇ. بىر ھەپتە بۇرۇن ئورىسىڭىز بۇغداي پۈچەك بولۇپ قالىدۇ، ھوسۇل ئالالمايسىز. بىر ھەپتە كېيىن قالسىڭىز بۇغداي دانلىرى ئېتىزغا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. يەنە ھۇسۇلسىز قالىسىز. بىز ئەگەر دېھقان بالىلىرى بولىدىغان بولساق دىھقانچىلىك ئەقلىمىز بولسۇن. بىز ئۈچۈن بۈگۈن سەبىر قىلىشنىڭ ئۆزى جىھاتتۇر. ئالدامچىلارنىڭ، ئادەم بىدىكلىرىنىڭ يالغان ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ ياكى تۈرمۇش قىيىنچىلىقلىرىغا چىدىماي ئۆزەڭلەرنى ھالاك قىلىدىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنيادا يېتىم قالدۇرىدىغان ھەرقانداق خاتا يولغا ماڭماڭلار
كۈچ ئۇمۇت دېمەكتۇر. مەۋجۇت ئادەم كۈچىمىزنى ئىسراپ قىلماي ساقلاپ قالالىساقلا پۇرسەت ھامان يېتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈنلەر ئۇزاق قالمىدى. بۇ كۈنلەر بەلكى ئەتە، بەلكى ئەتىدىنمۇ يېقىن
يىل 2018-4.ئاينىڭ 5. كۈنى
مەنبە
美军炸毁阿富汗“东突”训练营
Chinese rebels among 7 dead in Badakhshan offensive
阿富汗传来大消息:“东突”重要头目被打死了
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.