logo

trugen jacn

پەلەستىننى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا شەرق تىنىچسىزلىغىدا خىتاينىڭ رولى ۋە رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىرى

پەلەستىننى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا شەرق تىنىچسىزلىغىدا خىتاينىڭ رولى ۋە رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىرى

مەمىتىمىن ھەزرەت

1. گاززەدە ئىسرائىلنىڭ مۇسۇلمان قەتلىيامى داۋام قىلىۋاتىدۇ، سۈكۈتتە تۇرىۋاتقان مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ گۇنايى يوقمۇ؟

خاماس (ئىسلامى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى) لىدەرى ئىسمائىل ھانىيە 2024. يىلى 7.ئاينىڭ 31.كۈنى كېچە سائەت 2 دە ئىراننىڭ پايتەختى تىھراندا ئۆلتۈرۈلدى.ھانىيەنىڭ ئۆلۈمى ئىسلام دۇنياسىدا زور ئەكس سادا پەيدا قىلدى.

ئىسمائىل ھانىيە 2024.يىلىنىڭ ئالدىنقى 6 ئاي ئىچىدە تىھرانغا 2 قېتىم كەلگەن بولۇپ، ھەر قېتىم ئەينى بىنادىكى ئەينى ئۆيدە قالغان. بۇ مەلۇماتتىن خەۋەردار بولغان ئىسرائىل جاسۇسلىرى 2 ئاي بۇرۇن بۇ ئۆيگە بومبا يەرلەشتۈرۈپ قويغان. بۇ قېتىم ئىسمايىل ھانىيە، ئىراننىڭ يېڭى سايلانغان دۆلەت رەئىسى مەسۇت پەزەشقىياننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەكلىپكە بىنائەن، ئۆزى تۇرىۋاتقان قاتارنىڭ پايتەختى دۇخادىن تىھرانغا كەلگەن.ئىسمايىل ھانىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىنا، ئىران دۆلەت رەئىسى سارىيىدىن 751 مېتىر ئۇزاقتا ئىكەن. قوغدىنىش جەھەتتىمۇ بىخەتەر يەر دەپ قارالغان. ئامما ئىراننىڭ تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال، بىر دۆلەت بولغانلىقى بىلىنىپ قالدى. چۈنكى، ئىسرائىل ئۇزاقتىن قوماندا تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئىسمائىل ھانىيە ۋە قوغدۇغۇچىسىنى تىھراننىڭ قەلبىدە شېھىت قىلدى.

ئىسمائىل ھانىيەنىڭ جىنازا نامىزى يۈز مىڭلىغان ئىرانلىقلار تەرىپىدىن چۈشۈرۈلدى. ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ سادالىرى يەرۇ-ئاسماننى تىترەتتى. جىنازا قاتارغا يۆتكەلدى. كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن رەھبەرلەر قاتارغا ئۇچتى. دوھادىكى ماتەم مۇراسىمىغا يەنە يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمان قاتناشتى. ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ سادالىرى ئەرشكە قەدەر يۈكسەلدى.
بۇ يىل 4. ئايدا ئىسرائىل،ئىسمائىل ھانىيەنىڭ 3 نەپەر ئوغلى ۋە 3 نەپەر نەۋرىسىنى بومبىلاپ ئۆلتۈرگەن ئىدى،ئىسمائىل ھانىيەنىڭ ئىنىسى 2023.يىلىئى 7. ئۆكتەبىردە ئىسرائىل بومباردىمانى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بۇ ئالىدىن 14 نەپەر كىشى ئۆلگەن.ئىسمائىل ھانىيەنىڭ ئاچىسى 2022.يىلى يەنە ئىسرائىل بومباردىمانى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ھانىيە ئائىلىسىدىن ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ ئىسرائىل ئارمىيەسى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان كىشى سانى 21 نەپەر بولۇپ، .ئىسمائىل ھانىيە، ھانىيە ئالىسىنىڭ 22. شېھىدى بولدى.

ئىسرائىل، 2024.يىلى 7.ئاينىڭ 30.كۈنى لىۋان ھىزبۇللاھ( ئاللاھ پارتىسى) باش ھەربى قۇماندانلىرىدىن بىرى بولغان فۇئاد شۈكۈرنى بومبا تاشلاپ ئۆلتۈرگەنلىگىنى ئېلان قىلدى ۋە 7.ئاينىڭ 31. كۈنى،خاماسنىڭ ھەربىي باش قۇماندانى مۇھاممەد دەئىفئىنىمۇ ئۆلتۈرگەنلىگىنى ئېلان قىلدى.(مۇھاممەد دەئىفئىنىڭ 7.ئاينىڭ 13.كۈنى ئىسرائىل بومبىسى بىلەن شەھىت بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.)
ئىسمايىل ھانىيەنىنىڭ، ئىراننىڭ دۆلەت رەئىسى سارىيىنىڭ يېنىدىكى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان بىر بىنادا سىيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىشى، يەنە كىلىپ، ئىران دۆلەت رەئىسىنىڭ تەخىتكە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىۋاتقان كۈندە، يەنە كېلىپ، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان “ قاراباغ، لىبيەگە گىرگىنىمىزگە(ئەسكەر كىرگۈزگىنىمىزگە) ئوخشاش، ئىسرائىلگىمۇ كىرەلەيمىز.“ دەپ جاكارلىغاندىن 3 كۈن كېيىن، ئىسرائىلنىڭ بۇ جاۋابى، پەقەتلا ئىران، تۈركىيەنىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ غۇرۇر، ئېتىبارىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن قىلغاندەك مەنىنى بېرىپ تۇرىدۇ.

گاززەدە، غەربى شەرىئادا،لىۋاندا مۇسۇلماننىڭ قېنى ئاقمىغان بىر كۈنمۇ يوق. مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلدى؟ جۈمە كۈنلىرى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ شۇئار توۋلاپ نامايىش قىلىپ قويۇشتىن باشقا، ئاققان قاننى توختىتىش، رايوندا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئەمىلى ئىشى يوق. چۈنكى، ئىسرائىل، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قۇمدەك چېچىلاڭغۇ ۋەزىيىتىنىڭ تۈزەلمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.

2.نىمىشقا قوشنا ئەرەب دۆلەتلىرى خاماسقا ياردەم قىلمايدۇ؟

1948. يىلى ئىسرال دۆلىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ بۇگۈنگىچە ھەر قېتىمقى ئەرەپ- ئىسرائىل ئۇرۇشىدا ئىسرائىل غەلىبە قازىنىپ كەلدى، زىمىنىنى كېڭەيتىپ كەلدى.بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ توپلام نۇپۇسىدىن كۆپرەك پەلەستىنلىكلەر چەتئەللەردە مۇلتىجى لاگىرلىرىدا ياشىماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
خاماس 1987. يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، بەك تەسىر كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدى. 1993.يىلى 20. ئاۋغۇست كۈنى ئوسلودا ئىسرائىل بىلەن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلدى.
تىنچلىق كېلىشىمگە قارشى بولغان خاماس تىز يۈكسىلىشكە باشلىدى. 2006. يىلدى سايلامدا خاماس گاززەدە سايلامنى قازاندى. شەھەر ۋە مەھەللە سايلاملىرىدىمۇ خاماس قازاندى. خاماس قىسقا مۇددەت ئىچىدە سۇ، توك، ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. گاززە خەلقىنىڭ تۇرمۇشى تەرتىپكە چۈشۈپلا قالماي، تۇرمۇش سەۋىيسى يۈكسەلدى. قانۇن، تەرتىپ ئورنىتىلدى.قىسقىسى، گاززە خەلقى دېموكراتىيەنىڭ تەمىنى تېتىدى. غەربىي شەرىئادا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىمۇ خاماسقا ئىنتىلىشكە باشلىدى.

پەلەستىنگە قوشنا بولغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بەزىلىرى پادىشالىق تۈزىمىدە، بەزىلىرى جۇمھۇرىيەت بولسىمۇ دىكتاتۇرلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. بۇ دۆلەتلەر گاززەدىكى دېموكراتىيەنىڭ ئاستا- ئاستا يېيىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەختىگە تەھدىت ئەلىپ كېلىش ئىھتىمالى بارلىغىنى ھىس قىلىشقا باشلىغانسىرى، خاماسنى ئۆزلىرىگە تەھدىت ئۇنسۇرى سۈپىتىدە كۆرۈشكە باشلىدى. گاززەنى بىر تەرەپتىن ئىسرائىل، بىر تەرەپتىن مىسىر تۈمۈر قەپەزنىڭ ئىچىگە سۇلاپ قويدى.
پادىشالىق تۈزۈمىدىكى باي مۇسۇلمان ئەرەپ دۆلەتلىرى، گاززەگە ياردەمنى توختۇتۇپلا قالماي (ياردەم قىلغان كۆرۈنۈپ ئاز-تۇلا سەدىقە تاشلاپ بەرگەن بولسىمۇ)،ئاستىرىتتىن خاماسنىڭ يوقۇلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلنى قوللاپ كەلدى.
ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى 2020. يىلى ئىسرائىل بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ ئىسرائىل بىلەن ۋاستىلىق مۇناسىۋىتى بار. قاتار بىلەن ئىسرائىل ئارىسىدا پەردە ئارقىسى مۇناسىۋەت قۇيۇق. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قۇيۇق تىجارى مۇناسىۋەت مەۋجۇت. قاتار- ئىسرائىل ئارىسىدا 2021.يىلى 6. ئاينىڭ 2.كۈنى ئالماس تىجارىتى توغرۇلۇق ئالاھىدە بىر كېلىشىم تۈزۈلگەن ئىدى. تالىبان، خاماس… قاتارلىقلارنىڭ قاتاردا ئىشخانىسى بولىشى، ئامېرىكىنىڭ رۇخسىتى ۋە ماقۇللىغى بىلەن بولغان. چۈنكى،ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ زور ئەسكىرى بازىسى ۋە قوماندانلىق مەركىزى قاتاردا.
قىسقىسى باي ئەرەب دۆلەتلىرى، دېموكراتىيىگە بولغان نەپرىتى تۈپەيلى خاماسنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭلاشقا، خاماس ئىراننىڭ قۇچىقىدا، ئىران بولسا خىتاينىڭ قۇچىقىدا.

ئىسمائىل ھانىيە، ئائىلىسىدىن بۇنچىۋالا كۆپ شېھىت بېرىشىگە قارىماي، ئىسرائىل بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش تەرەپدارى ئىدى. قاتار ۋە تۈركىيە،ئىسمائىل ھانىيەنىڭ ئىستىگى بىلەن خاماس- ئىسرائىل ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچى رولىنى ئويناپ كېلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز تىھراندا سۈيقەتكە ئۇچرىدى. ھانىيەنى ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىققا قارشى كۈچلەر ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا تەھلىللەر بار. يەنى، ئىسمائىل ھانىيەنىڭ ئۆلتۈرلىشىنى خىتاي پىلانلىدى، ئىران ئۆلتۈردى، دىگەن مىش،مىش پاراڭلارمۇ ئورتىغا چىقىشقا باشلىدى.

3.خەلقئارالىق لاھەي ئادالەت سوتىغا ئىسرائىل ھۈكۈمىتى ۋە باش مىنىستىر نەتەنياھۇنى ”ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئېرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىشلىغۈچى“ دەپ ئەيىبلەپ داۋا ئاچقۇچى نىمىشقا بىر مۇسۇلمان دۆلتى ئەمەس؟

2023.يىلى، 7. ئۆكتەبىردىن ھازىرغىچە ئىسرائىل بومباردىمانىدا 40 مىڭ پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.10 پەلەستىنلكنىڭ جەسىدى تېخىچە خارابىلىقنىڭ ئاستىدىن چىقىرىلغىنى يوق.
بۇ مىللى قىرغىنچىلىققا قارشى ھېچبىر مۇسۇلمان دۆلىتى جىددى تەدبىر ئېلىشنى ئويلاشمىدى.ئامما، مۇسۇلمان بولمىغان بىر دۆلەت، يەنى جەنۇبى ئافىرىقا ھۈكۈمىتى،“ ئىسرائىلنىڭ قىلغانلىرى بىر ئېرقى قىرغىنچىق“ دەپ ئەيىپلەپ، بارلىق جىنايەت دەلىللىرىنى توپلاش ئارقىلىق ، گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھرىدىكى خەلقارالىق ئادالەت سوتىغا، نەتەنياھۇ ۋە ئىسرائىل ھۈكۈمىتى ئۈستىدىن داۋا ئاچتى. جەنۇبى ئافىرىقا ھۈكۈمىتى، داۋا ئىلتىماسىغا مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىمزا قويۇشىنى، دەلىللەرنى توپلاشقا ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ، بۇ ھەققانى پائالىيەتكە قېتىلمىدى. (كېيىن داۋانىڭ غەلىبە قىلىش ئىھتىمالىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر قانچە مۇسۇلمان دۆلەت داۋاچى تەرەپتە يەر ئالىدىغانلىغىنى ئىپادىلىگەن بولدى)
ھەتتا، پىدايى بولۇپ گاززەگە كېلىپ يارىدارلارنى داۋالاۋاتقان ئامېرىكىلىق دوختۇر ۋە ھەمشەرىلەر، جو بايدىن ۋە كامەلا ھاررىسقا مەكتۇپ يوللاپ، گاززەدە ئۆلۈم سانىنىڭ مەديادا ئېلان قىلىنغاندىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلدى. قايسى مۇسۇلمان دۆلىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىدا شۇ دوختۇر، ھەمشەرىلەرچىلىك جاسارەت كۆرسىتەلىدى؟
لاھەي ئادالەت سوتى، ئىسرائىل ھۈكۈمەت باش مىنىستىرى نەتەنياھۇنى ”ئېرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىشلىگۈچى باش جىنايەتچى“ دەپ قارار چىقىرىپ، نەتەنياھۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
ئۆلگەن ۋە ئۆلۈۋاتقانلار مۇسۇلمانلار، ئامما ئۇلارغا خەلقارا قانۇن ئالدىدا ئىگە چىقىپ داۋا ئاچقان مۇسۇلمان دۆلتى ئەمەس. بۇ مۇسۇلمان دۇنياسى ئۈچۈن يۈز قىزارتىدىغان بىر ۋەقە بولۇپلا قالماستىن،ئىمانىغا شۆھبە چۈشۈرىدىغان بىر ئەخلاقى جىنايەتتۇر.

4.خىتاينىڭ چاتىرىقى ئاستىنى قوغدىنىش كۈنلۈكى ھېسابلاۋاتقان ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرى ھەقىقەتەن قوغدۇنۇپ قالالامدۇ؟

ئۆزلىرىنىڭ ئەرەب قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن ئەرەب دۆلەتلىرى بەس-بەس بىلەن خىتايغا بېرىپ، خىتايدىن تەلىمات ئېلىپ، خىتاي بۇيرىغان سىزىقتىن چىقماي ئىش قىلىپ كەلمەكتە. (ئەسلىدە ئەقىلنى خىتايدىن ئەمەس، قۇرئاندىن ئېلىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟) ئەرەب دۆلەت رەھبەرلىرى، دىن ئالىملىرى بېيجڭدە، ئۈرۈمچىدە ”خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېرورىستلىرىغا قارشى كۆرىشىنى قەتئى قوللايمىز“ دەپ بايانات بېرىشمەكتە.
بىزنىڭ يادىمىزدىن ھېچ چىقمايدىغىنى شۇكى، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى ماخمۇت ئابباس 2023.يىلى 6.ئاينىڭ 13-16.كۈنلىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى. ئىككى قولى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان شىجىنپېڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ماخمۇت ئابباس 2023.يىلى 6. ئاينىڭ 15.كۈنى شىجىنپېڭ بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىندا ئەينەن مۇنداق دېدى “ ئۇيغۇر مەسىلىسى كىشىلىك ھۇقۇق مەسىلىسى ئەمەس. خىتاينىڭ تېرورىزىمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدۇر.“ ماخمۇت ئابباس بۇ سۆز بىلەنلا توختاپ قالمىدى ”پەلەستىن، شىنجىئاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىدىغان خائىشلارغا قەتئى قارشى تۇرىدۇ.“ دېدى. خىتاي رەھبەرلىرى ۋە خىتاي جورنالىستلار ماخمۇت ئابباسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ ئۇزاق-ئۇزاق ئالقىشلىدى.ماخمۇت ئابباس بېيجىڭغا كېلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىگە بىر زەھەرلىك خەنجەرنى سانجىۋېتىپ كەتتى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىدىكى بۇ يارا قولاي ساقايمايدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى بۇ خىيانەتلەرنى ھېچبىر زامان ئۇنتۇمايدۇ.

China reaffirms commitment to Palestinian state | Middle East Eye

شەرقى تۈركىستاندا 6 يىل داۋام قىلغان مىللى قىرغىنچىلىقتا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلدى، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جازا لاگىرلىرىدا خىتايلار تەرىپىدىن ئېغىر جىسمانى، روھى ئازاپ چەكتۈرۈلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى مۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر دۇزاققا ئايلاندۇرۇلدى. يېقىنقى بىر يىلدىن بېرى خىتايغا سېتىلغان مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىنى، دىنى ئالىملارنى جورنالىستلارنى مېھمان قىلىپ، يانچۇقلىرىغا دوللارنى تولدۇرۇپ قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بۇ مۇسۇلمان سىياقىدىكى ئىنسانلار، ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ، خۇددى ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپ چىققان ئىت كۇچۇكلىرىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارغا قارشى قاۋىشىپ، خىتاي خوجايىنىنى مەمنۇن قىلىپ قايتىشتى.ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرى كۆمۈۋېتىلگەن مەسچىتلەردە ناماز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ دۇئا قىلىشتى.

خىتاي ،2024.يىلى 5.ئاينىڭ 30.كۈنى 22 ئەرەب دۆلەت رەھبەرلىرىنى بېيجىڭدا توپلىغان ئىدى. دىكتاتور شى، خىتاي-ئەرەب خەلقلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ ئورتاق ئىكەنلىگىدىن سۆز ئەتتى ۋە خىتاي-ئەرەپ دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تىجارەتنىڭ 2023.يىلى 398 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىدىن ماختاندى. ئارىدىن 2 ئاي ئۆتە ئۆتمەي،2024.يىلى 7.ئاينىڭ 23. كۈنى خىتاي، خاماس (ئىسلامى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى)، ئەل -فەتىخ (پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى)، ئىسلامى جىھات… قاتارلىق 14 پەلەستىن تەشكىلاتىنى خىتاي بېجىڭدە توپلاپ، ھەر تەشكىلات رەھبەرلىرىگە بىر، بىرلەپ ئىمزا ئاتقۇزۇپ بىرلەشتۈردى. ئىسرائىلغا قارشى بىرلەشمە ھۈكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن پەلەستىن تەشكىلاتلىرىدىن ۋەدە ئالدى.ئاخىرىدا “ بېيجىڭ خىتاپنامىسى“ نى ئېلان قىلدى. خىتاي، ”بېيجىڭ خىتاپنامىسىنى“نى ئېلان قىلىپ 7 كۈندىن كېيىن خاماس لىدەرى ئىسمايىل ھانىيە تىھراندا سۆيقەستكە ئۇچۇرىدى.ھانىيەنىڭ جىنازا نامىزى 8.ئاينىڭ 2.كۈن قاتارنىڭ دوخادا قىلىنغاندا، دۇنيانىڭ بىرمۇنچە دۆلەتلىرىدىن مۇھىم كىشلەر ھازىر بولدى. ھەتتا ئورتادوكوس يەھۇدى خاخاملار (يەھۇدى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ئىماملىرى) مۇ جىنازا نامىزىغا قاتناشتى. ئامما ماخمۇت ئابباس، ئىسمائىل ھانىيەنىڭ جىنازا نامىزىغا بارمىدى، قاتناشمىدى

ئەي، خىتاي، ئۇيغۇر مىللىتىنى قۇمدەك چېچىۋەتكەن، ھەتتا بىر ئائىلە ئۇيغۇرنىمۇ قانچە پارچىغا ئايرىۋەتكەن سەن، پەلەستىن تەشكىلاتلىرىنى ئامېرىكىغا قارشى بىرلەشتۈردۈم، دەپ، خىتاي ۋە دۇنيا مەدياسىنى مەشغۇل قىلغان ئىدىڭ. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەي،پەلەستىن دۆلەت رەئىسى ماخمۇت ئابباس، خاماس لىدەرى ئىسمايىل ھانىيەنىڭ جىنازا نامىزىغا بېرىپمۇ قويمىدى. سەن بىرلەشتۈرگەن پەلەستىن بۇمۇ؟

خىتاي ئەگەر پەلەستىن خەلقىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسە ئىدى، 2007. يىلى خاماس- ئەل فەتىخ ئارىسىدا شىددەتلىك قانلىق ئۇرۇش يۈز بېرىپ 600 ئادەم ئۆلدى، مىڭلىغان كىشى يارىلاندى. خاماس، گاززەدە يۇشۇرنۇپ قالغان ئەل-فەتىخ رەھبەرلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئونلىغان ئەل-فەتىخ رەھبەرلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ،ئېتىپ تاشلىدى. غەربىي شەرىئادا ئەل-فەتىخ خاماسچىلارنى تۇتتى، ئۆلتەردى.ماخمۇت ئابباس، خاماسچىلارنى شەپقەتسىزلىك بىلەن تازىلىۋەتتى. پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئۇرۇش، ئۆزئارا سۈيىقەست ئۇزۇن زامان داۋام قىلدى. نىمىشقا خىتاي ئۇ زامان خاماس،ئەل- فەتىخ رەھبەرلىرىنى بېيجىڭگە ئەكىلىپ ئىتتىپاقلاشتۇرمىدى؟ نىمىشقا بۈگۈن پەلەستىنلىكلەرنىڭ بېشىنى بېيجىڭدا سىلاپ قالدى؟

خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت رەئىسى جىئاڭ زەمىن 2000. يىلى ئىسرائىلنى زىيارەت قىلغاندا، جىئاڭ بىلەن بىللە ئىسرائىلغا كەلگەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئىسرائىل دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىغا “ بىز شىمالدىن ئۇرۇۋاتىمىز، سىلەر جەنۇپتىن ئۇرۇۋاتىسىلەر، مەقسىدىمىز بىر.“ دىگەن. كېيىن بۇ سۆزلەر غەرب مەدياسىدا ئاشكارىلىنىپ قالدى. خىتاي، مۇسۇلمانلارنى يوقۇتۇش نىشانىمىز ئوخشاش. بىز شىمالدىن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇۋاتىمىز، سىلەر، جەنۇپ تەرەپتە ئەرەپ مۇسۇلمانلارنى ئۇرۇۋاتىسىلەر، دىگەن سۆزلەرنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ۋاقىتتىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىسى، بۇگۈنكى خىتاي كومىنىست پارتىسىدۇر.باشلىقلىرى ئالماشقان بولسىمۇ، خىتاي كومىنىستلىرىنىڭ تەبىيىتى ئۆزگەرگىنى يوق. 2000.يىللىرى ئىسرائىل بىلەن دوست بولغان خىتاي، بۇگۈن قانداقچە خاماس بىلەن ”دوست“ بولۇپ قالدى؟

يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكۈنىمىزدەك، خىتاي 22 ئەرەپ دۆلەت رەئىس ۋە باش مىنىستىرلىرىنى بېئىجىڭدا توپلاپ، ئۇلارنى ئامېرىكىغا قارشى كۆپتۈرۈپ ئەۋەتىۋەتتى. پەلەستىنلىك 14 تەشكىلاتنىمۇ شۇ مەقسەتتە بېيجىڭغا چاقىردى. ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرى، خىتاينىڭ چاتىرىقى ئاستىدا بىر قوغدۇنۇش كۈنلىكى ھاسىل قىلغانلىقىدىن بەك مەمنۇدەك كۆرۈنىدۇ.ئەلبەبەتتە خىتاي، ئەرەبلەرنىڭ بۇ ھالىدىن تېخىمۇ خوشال.
ئامما، شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىمكى، ئامېرىكىنىڭ، 11 ئەرەب دۆلىتىدە 46 ئەسكىرى بازىسى بار.بۇلارنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى، بەھرەيىن، كۇۋەيت، ئىئوردانىيە… بۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشالىق دۆلەتلەر. تەختىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چاقىرىپ ئەكەلگەن. ئامېرىكا خالىسا، بىر كېچىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسى تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىۋېتىش كۇچىغا ئىگە.

ABD’nin Ortadoğu Sevdası - Stratejik Ortak
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ”تەمپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىستىراتىگىيەسى“نى قوللىنىش باھانىسىدا، ئىككى پۇتىنى ئىككى كېمىگە قويۇپ تۇرغان بۇ دۆلەتلەر، كۈلەر يۈز،ئامما مۇز قەلپلىك خىتايلارنىڭ تۇزاقلىرىغا چۈشۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىزدەك تۇرىدۇ.

خىتاينىڭ چاتىرىقى ئاستىنى قوغدىنىش كۈنلۈكى ھېسابلاۋاتقان ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرى ھەقىقەتەن قوغدۇنۇپ قالالامدۇ؟ بۇنىڭ مۇمكىن بولۇپ، بولمايدىغانلىقىنى يېقىن كەلگۈسىدە ھەممىمىز كۆرىمىز.

5.خىتاينىڭ مەقسىتى ۋە پىلانى 3. دۇنيا ئۇرۇشىنى ئوتتۇرا شەرىقتە چىقىرىش

ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئامبارگو قويۇشىغا قارىماي، خىتاي، ئىراندىن ھەر كۈنى 1 مىليون 500 مىڭ باك خام نېفىت سېتىۋالماقتا. 2021.يىلدىكى خىتاي-ئىران ئىستىراتىگىيەلىك ئورتاقلىق كېلىشىمدە خىتاي ئىرانغا 25 يىل ئىچىدە400 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى ۋەدە قىلغان.بۈگۈن، ئىران نېفىت ساھەسىنىڭ 40% خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قولىدا.
شۇنداق قىلىپ خىتاي، غەرب دۇنياسى قاتتىق ئامبارگو چەكلىمىسى قويۇۋاتقان ئىراننى مول مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەكتە. خىتاي بۇنىڭ بىلەنلا يېتىڭىنى يوق. ئىراننى زور مىقداردىكى قۇرال- ياراق ۋە ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئىرانغا كەلگەن خىتاي قوراللىرى، ئىراننىڭ قولى بىلەن گاززەگە، لىۋان ھىزبۇللاھقا، سۈرىيە ئەساد رىجىمىگە،يەمەن خۇرسىلىرىگە… تارقىتىلماقتا.
بۇگۈن، ئۆزلىرىنى نېفىت ئىنجىنىرلىرى دەپ ئاتىۋالغان يۈزلىگەن خىتاي ھەربىي ئىنجىنىرلىرى ئىراندا، ئىران ھەربىي تەخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز تەر تۆكمەكتە. ھازىرغىچە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئىراننىڭ قولى ئارقىلىق گاززەنى، لىۋان ھىزبۇللاھنى، ئەساد سۈرىيەسىنى، يەمەن خۇرسىلەرىنى قوراللاندۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي، بۈگۈن ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ، پەلەستىنلىك تەشكىلاتلارنى بېيجىڭدا توپلاپ “ بىرلەشسەڭلار ھەربىي ۋە ماددى ياردەم بىزدىن“ دەپ ئاشكارە جاكارلىماقتا. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى توپ-توپ قىرىپ تاشلاۋاتقان خىتاي، ئەرەپ، ئەجەم مۇسۇلمانلىرىنى ياخشى كۆرەمدۇ؟

خىتاينىڭ مەقسىتى، ئىراننى مۇمكىنغا قەدەر كۈچلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرقنى تىنچسىزلىق پاتقىقىغا سۆرەپ كىرمەك، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى ئوتتۇرا شەرققە جەلپ قىلىپ تۇرۇش. ئورتا ۋەدىدە 3. دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە پارتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇ نىشاندا شىجىنپېڭ بىلەن نەتەنياھۇنىئىڭ پىلانى بىر نوقتىدا بىرلىشىدۇ.

ئىسرائىل باش مىنىستىرى نەتەنياھۇنىڭ مەقسىتى، ئىراننى ئۇرۇشقا سۆرەپ كېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراننى بومباردىمان قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. ئىران بۇ تۇزاقنى كۆرگىنى ئۈچۈن پۈتۈن ئىنتىقام تۈيغۇلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ جىم تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، مۇمكىنغا قائەدەر، خاماس، ھىزبۇللا ۋە خۇرىلەرنى ئالدىنقى سەپكە يوللاپ، ئۆزى ئارقا سەپ ياردىمىنى قىلىشتىن ئىبارەت بىرىنچى پىلانىنى ئىشقا سېلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

شىجىنپېڭنىڭ ئىران ھەققىدىكى مەقستىمۇ، نەتەنياھۇ بىلەن ئوپ- ئوخشاش. خىتاي ھۈكۈمىتىمۇ ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتىدۇ. ئوتتورا شەرق ئوت دېڭىزىغا ئايلانسا، ئامېرىكا پاسىفىك ئوكيانىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى ئوتتۇرا شەرىققە يۆتكەيدۇ-دە، خىتاي تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت قازىنىدۇ.
خىتاي، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئەسكىرى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئاجىزلاش باسقۇچىغا كىرگەندە، پاسىفىك ۋە ئورتا ئاسىيادا كەڭەيمىچىك تاجاۋۇزچىلىغىنى باشلاش خام خىيالىدا.

6.بۇگۈنكى ۋەزىيەتتىن ئۇيغۇرلارغا بىرەر پايدا چىقامدۇ؟

دۇنيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي بىلەن بىر سەپتە. ئۇيغۇر مىللىتى يالغۇز ۋە يېتىم. گاززەگە ئىگە چىقمىغان ئەرەپ مۇسۇلمانلىرىنىڭ، خىتاي بىلەن بىرلىشىپ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ئۈچۈن ئەسكىرى ياردەم قىلىمىغانلىقىغا شۈكرى دېيىشىمىز لازىم. ئامما، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىشەنگەن ئاللاھى بار.

شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ختايدا تىنچسىزلىق باشلىنىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ. خۇددى خىتاي 14 پەلەستىن تەشكىلاتىنى بېئىجىڭدە توپلاپ، ئۇلارغا ھامى بولغاندەك، كۈنى كەلگەندە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قۇرال تۇتۇپ كۈرەش قىلغۇچى جىھاتچى تەشكىلاتلارنى بىر ئارىغا توپلىغۇچى كۈچلۈك پايتەخىتمۇ ئوتتۇرىغا چقىپ قالىدۇ. ئەنە شۇ كۈن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پۇت-قولى دىر،دىر تىترەيدىغان كۈن بولىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىتى كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىنى يوقاتماي ياشىسىلا، ئاللاھنىڭ قوياشى بىر كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ تۇغۇلىدۇ.ئۇ كۈن بەلكى ئەتە، بەلكى ئەتىدىنمۇ يېقىن.

2024.يىلى 8. ئاينىڭ 5. كۈنى

Share
937 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.