logo

trugen jacn
03 مارت 2015

پۇتىننىڭ كېيىنكى نىشانى قازاقىستان

indir

2007-يىلى 6-ئايدا،روسىيە پرېزدېنتى ۋىلادىمىرپۇتىن كېرىمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا،ئەڭ يوقۇرى مۇكاپات《روسىيە فېدىراتسىيە مۇكاپاتى 》نى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان ئالېكساندىرسولژىنستىنگە تەقدىم بەردى.چۈنكى《گۇلاخ تاقىم ئاراللىرى》ناملىق ھىكايىسى ۋەباشقا مەشھۇر ئەسەرلىرىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى زۇلۇم –سىتەملەرنى قورقماي ئېچىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن سولژىنستىن غەرپ دۆلەتلىرىدە ئەڭ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئەرباپقا ئايلىنىپ،گورباچېف بىلەن يېلتسىن يوقۇردا دىيىلگەن ئالى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغاندا بۇيازغۇچى روسىيىنى كومۇنىزىم ۋە ئىمپىرىيە سالاھىيىتىىدىن مەھرۇم قالدۇرغان بۇئىككى رەھبەرگە قىلچە قىزىقماي مۇكاپاتنىمۇ ئالمىغان ئىدى. پۇتىن ئۇ ئىككى رەھبەرگە ئوخشىمىدى.2007-يىلى 88 ياشقا كىرىپ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان بۇيازغۇچى بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە : پۇتىن روسىيىگە” ئاستا-ئاستا گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدۇ“ دېگەن ئىدى.   
    بۇبىر ئورتاقلىق بولۇشى مۈمكىن، پۇتىن كېرىمىل سارىيىدىكى مۇراسىمدا سولژىنستىننى ماختاپ” ئۇ پۈتۈن ھاياتنى ۋەتەنگە بېغىشلىغان “ دېگەن ئىدى.كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي پۇتىن بۇيازغۇچىنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بېرىپ ئۆزىنىڭ روسىيە توغرىسىدا تۈزگەن پىلان-لايىھىلىرىنىڭ ”ھەممە تەرەپتىن يازغۇچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن يەردىن چىقىدىغانلىقى “ نى يازغۇچىغا بىلدۈرگەن ئىدى. يېقىنقى مەزگىلدىكى سىياسىي تەرەقىياتتىن قارىغاندا،ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغان ”چەتئەلدىكى خوشنا دۆلەت “ ياكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇريەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە پۇتىن سولژىنستىننىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىپ كەلدى.ئىلگىركى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى 1-نومۇرلۇق دۈشمىنى ھازىر پۇتىندىن ئىبارەت بىر  ك گ ب خادىمىنىڭ مەنىۋىي داھىسىغائايلاندى.يەنە كېلىپ بۇ  ك گ ب خادىمى سوۋېت ئىتىپاقى دەۋرىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتائاشكارلاپ قويدى.مانا بۇنى تارىخنىڭ مەسخىرىسى دېسەك بولىدۇ.
ئۆز ۋەتىنىنى جېنىدىن ئارتۇق سۆيۈدىغان سولژىنستىن ئۆلۈشتىن خېلى يىللار ئىلگىرىلا،كېيىكى سوۋېت ئىتىپاقى دەۋرىدىكى روسىيە ئۇكرائىنانى ئۆزئىچىگە ئېلىشى كېرەك دەپ يوشۇرۇن بىشارەت بەرگەن ئىدى. سولژىنستىن ئۇكرائىنلارنى مۇسەتەقىل بىر مىللەت دەپ قارىمىغان. ئۇ 1990-يىلى يازغان 《روسىيىنى قايتاقۇرۇش: ئويلىنىش ۋە دەسلەپكى تەكلىپ》دېگەن ماقالىسىدا: ”ئۇكرائىنانى 9-ئەسىرلەردەپەيدا بولغان دۆلەت ھەم ئۇلار رۇس تىللىق مىللەتلەرگە تەۋە ئەمەس دىگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى يېقىنقى ۋاقىتلاردا كەشىپ قىلىنغان سەپسەتە خالاس“ دەپ يازغان ئىدى.
   ئوخشاشلا،پۇتىنمۇ ئۇكرائىنانى تارىخىي ئارقاكۆرۈنۈشى يوق ،تەبئى ھالدا شەكىللەنگەن دۆلەت ئەمەس دەپ قارىغان .2008-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇخارستتا ئېچىلغان باشلىقلاريىغىنىدا،پۇتىن ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى پرېزدېنتى جورجى بۇشقا : ” ھەتتاكى ئۇكرائىنا  بىردۆلەت ئەمەس،ئۇنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرى شەرقىي ياۋروپادا،يەنە كۆپلىگەن زېمىنلىرىنى بىز ھەدىيە قىلغان “ دېگەن ئىدى.
   بۈگۈكى كۈندەپۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتى روسىيىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىغامەركەزلەشتى،بىز سولژىنستىننىڭ ئەسەرلىرىنىكۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ باقساق،بەلكىم پۇتىننىڭ ئەمدىكى زەربە بېرىش نىشانىنىڭقازاقىستان بولۇدىغانلىقنى بىلەلەيمىز. سولژىنستىن قازاقىستانغىمۇ ئۇكرائىناغائوخشاش قاراپ ،قازاقستان ھەقىقى مەنىدىكى مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس،ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنلىرى تارىختا روسىيىگە تەۋە بولغان دەپ كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن.ئۇ ئاشۇ ماقالىسىدا : ”قازاقىستاننىڭ ھازىرقى كەڭ كەتكەن زېمىنى بولسا كومىنستلارنىڭ خالىغانچە بېكىتىشى سەۋەبىدىن شەكىللىنىپ قالغان زېمىنلار ،پەسىل قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدىغان چارۋىچىلار نەگە كۆچۈپ بارسا شۇ يەر قازاقستان زېمىنى بولۇپ قالغان ،بۈگۈنكى كەڭ قازاقستان زىمىنىدا قازاقلارنىڭ نوپۇسى ئومومىي نوپۇسنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ، مانا بۇ ئەڭئېنىق بىر نۇقتا “ دەپ يازىدۇ.
     پۇتىن قازاقىستانغا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدائاشۇنداق سىتىراتىگىيە قوللۇنىۋاتىدۇ.ئۇكرائىنا كىرزىسى تازا ئەۋجىگەچىققاندا،پۇتىن : ”قازاقىستان پرېزدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف  تارىختا ھېچقاچان دۆلەت قۇرۇلۇپ باقمىغان زېمىندا بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقتى “ دەپ قازاق مىللىتىنى  مەسخىرە قىلىدى.
  ئۇكرائىناغا ئوخشاش قازاقىستاندىمۇ نۇرغۇن رۇس ئاھالىلىرى ياشايدۇ،ئۇكرائىنا رۇسلىرىغا ئوخشاش قازاقستاندىكى مىللەتچى رۇسلار قازاقىستاننىڭ بىر قىسمىنى روسىيە زىمىنى دەپ قارايدۇ.سولژېنىستىننىڭ يېزىشىچە،قازاقستاندىكى جەنۇبىي سىبىريە بىلەن جەنۇبىي ئورال رايونىدا ئىلگىرى ئاھالە بەك شالاڭ بولۇپ كېيىن رۇس ئاھالىلىرى،ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدىكى جىنايەتچىلەر،سۈرگۈن قىلىنغانلارئاچقان ئوتتۇرا قىسىم رايونلار بىلەن بىرلىكتە شەكىللەنگەن ئىكەن.
   ئۆزۋەتىنىنى قىزغىن سۆيگۈچى،ئەركىن پىكىرلەرنىڭ ھىمايىچىسى دەپ ئاتالغان سولژېنىستىن كېيىكىلەرگە مەزمۇنى باي ئەمما خىلمۇ-خىل تالاش-تارتىشلاغا تولغان مىراسنى قالدۇرۇپ كەتتى.پۇتىننىڭ ئۇ يازغۇچىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ۋارىسلىقى قىلىشى ۋەئۇنى ئەمەلدە كۆرسۈتىشى– ئۇنىڭ يېڭى بىر ئىمپىرىيە قۇرۇش ئەمەليەتتە كونىنى تىرىلدۈرۈشتەك ئەكسىيەتچىل مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ،ھەرگىزمۇ.يازغۇچىنىڭ پىكىرئەركىنىلىكى دېگەن ئىدىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.مىللەتچى دەپ ئاتالغان سولژېنىستىننى پۇتىن بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ.2014-يىلى 12-ئايدا پۇتىن غەرپنىڭ روسىيەگە قارىتا جازا يۈرگۈزگەنلىكگە قارىتا  سولژېنىستىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ” ۋقتىداروسىيىنى قوغداپ قالدى،بولمىسا ئۇلار بىزنى ئۈزۈل -كېسىل قورقۇتىۋەتكەن بولاتتى  “  دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
  سولژېنىستىن 1990-يىلى يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنش ھارپىسىدا يازغان ماقالىسىدا:روسىيە ھازىر پۈتكۈل دۇنيادىكى قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىپ ،كۈچنى يىغىپ دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلىرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرغاقويدى.ئۇ يەنە روسىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش چاقىرىقىنى چىقاردى.روسىيىنىڭ تۇنجى پرېزدېنتى يېلتسىن ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقى بويىچە ،1991-يىلىئۇكرائىنا پىرېزدېنتى كىراۋچۇك ۋە بېلىروسىيە پارلامنېنت باشلىقى شۇشكېۋىچ بىلەن 《بىلاۋېج كېلىشىمى》گە ئىمزا قويۇپ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ،گورباچېفنى بىكارلاپ قويدى.
       سولژېنىستىن يەنە بىر ماقالىسىدا: ”  نەچچەئەسىرلەردىن بېرى ’رۇسلار‘ دېگەن بۇ ئاتالغۇ كىچىك رۇسلار(ئۇكرائىنلار)،چوڭ رۇسلارۋە ئاق رۇسلار(بېلىيرۇسلار)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ“ دېگەن ئىدى. ئۇ يەنە كەلگۈسىدەئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان  لېكىن يەنە تولۇقلاپ: ” بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ھەقىقەتەن مۇرەككەپ،يەرلىك ئاھالىلەر پەقەت ئالاھىدە بىريەر سۈپىتىدە ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلىيەلىشى مۈمكىن“ دىگەن. پۇتىن قىرىمنى يۇتۇۋىلىپ،ئۇكرائىنانىنىڭ شەرقىگە قاراپ ئىلگىرلىگەندە يوقۇرقى سۆزلەرنى ئېسىدەچىڭ تۇتقان بولۇشى مۈمكىن.
    قازاقىستان ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان،ئۇنىڭ زىمىنى غەربىي ياۋروپا زىمىنىدىن چوڭ،مول تەبئى بايلىق ۋە گۇمانتار بايلىققا ئىگە.ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقستان باشقا سابىق سوۋېت جۇمھۇريەتلىرىگە قارىغاندا نىسبىي تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ دۆلەتتىكى مۇستەبىت رەھبەر نازاربايېفنىڭ سىياسىي تىرىشچانلىقىغامەنسۇپ بولۇپ،ئۇ  ئۆكتىچى گۇرۇھلارنى باستۇرۇش بىلەن سىررتىكى دۈشمەنلىرىنى ئەل قىلىشتا قىلچىمۇ ۋاستە تاللىماي كېلىۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.نازاربايېف ئەزەلدىن پۇتىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بەك ئىھتىيات قىلىدۇ. بىراق كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان تالاش-تارتىشلاغا مەيلى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ھەربىي جەھەتتىن بولسۇن ئاللىجاچان  ئۇرۇق سېلىنىپ بولدى. پۇتىننىڭ رۇسلارنىڭ زىمىنىنى قوغداش بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،يېڭى جاھانگىرلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشى قازاقلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ،نازاربايېف دەۋرى ئاخىرلىشىشى ھامان،قازاقلار روسىيىدىن يۈز ئۆرۈشى مۈمكىن.
     شۈبھىسىزكى بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، خۇددىي ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ھەربىي توقۇنۇشتەك ئەھۋاللار قايتا تەكرارلىنىشى مۈمكىن.پۇتىن قىرىمنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇس بۆلگۈنچى قۇراللىق ئۆكتىچىلەر ماددىي ۋە مەبلەغ جەھەتتىن يۆلەۋاتىدۇ.
      يازغۇچى سولژېنىستىننىڭ غەرپئەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى كەيپىياتىغا بولغان سەسكىنىشى پۇتننىڭكى بىلەن ئوپمو-ئوخشاش.ئۇ 1978-يىلى خارۋارد ئۇنۋېرستىتىدا سۆزلىگەن بىرمەشھۇر نۇتتقىدا،غەرپ مەدىنيىتىدە جەڭگىۋارلىقنىڭ كەمچىللىكىنى،ئاخبارات ئەركىنلىكنىڭ ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچىرمايدىغانلىقىنى.قائىدە- پىرىنسىپ بىلەن شەخسىي ئەركىنلىكنىڭ خاتا يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى تەنقىتلىگەن ئىدى.بۇ نوبىل مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ بىلدۈرىشىچە،ئامېرىكىنىڭ ۋېتنامدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىكەن.ئۇ يەنە  ” كىشى ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن،ئۆلۈمدىنمۇ باش تارتماسلىق كېرەك.يەنەكېلىپ كىشىلەر نەرسىلەرگە چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان جەمئىيەتتە كىشىلەر ئەڭ بولمىغانداشۇنىڭغا رازى بولىدۇ“ دەپ يازغان.
سولژېنىستىن ھەتتا غەرپ جەمئىيىتىنىڭ قانۇن-تۈزۈم كۆزقارشلىرىنى تەنقىتلەپ، روسىيىنىڭ كەلگۈسى رەھبەرلىرىگە خوشامەت قىلىپ  : ” غەرپ ئەللىرىنىپ بولۇپمۇئامېرىكىنىڭ ئەدىليە سېستىمىسىنىڭ بەكمۇ بوشاڭلىقى  كىشىلىك ئەركىنلىككە ئىلھام بېرىش بىلەن بىرگەيەنە مەلۇم كىشىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ،قانۇننىڭ بۇنداق يىپىدىن يىڭنىسىگىچە بولۇپ كېتىشى جەمئىيەتكە پايدىلىق تەسىر ئەكەلمەيدۇ“ دەپ ئوتتۇرغاقويغان.
    ئىزاھات:
ئالېكساندىر سولژىنستىن.(1918- 2008) سوۋېت ئىتتىپاقى  ھەم كېيىنكى روسىيە يازغۇچىسى .ئۇ  « راك كېسەللىكلەر بىناسى» ،«ئۈچىنچى چەمبەر» ،«گۇلاخ تاقىم ئاراللىرى» قاتارلىق مۇنەۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى  1970 – يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغائېرىشكەن يازغۇچى  . سولژىنستىن بولسا «سىتالىننى تەنقىدلىگەن»دېگەن بەدنام بىلەن سەككىز يىل تۈرمىدە ياتقان ، «گۇلاخ تاقىم ئاراللىرى» رومانىداسوۋىت ئىتتىپاقى تۈرمىلىرىنىڭ ئەينى ئەپتى  -بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقىئۈچۈن ،‏ 1974 – يىلى رۇسىيدىنقوغلاندى قىلىنىپ ، 1976 – يىلى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان . سوتسىيالىستىكتۈزۈم بەربات بولغاندىن كېيىنلا سابىق زۇڭتۇڭ يېلىتسىن «دۆلەت ئاتىسى» دەپ نامبېرىپ، سولژېنتىسىننى ئامېرىكىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن.
(作者系美国国防大学国际安全事务学院高级研究员及副教授。听桥译,原刊于美国politico.com,2015年2月10日发布,原题为:“What Putin’s Favorite Guru Tells Us About His Next Target”)
  原文链接:
http://bbs.bagdax.cn/thread-28588-1-1.html
تەرجىمە قىلغۇچى: kunesbay
Share
1986 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.